9
«بۈيۈك ئىسكەندەر»نىڭ تاجاۋۇزى توغرۇلۇق بېشارەتلەر
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىدىن يۈكلەنگەن بېشارەت ــ خادراك زېمىنى ۋە دەمەشق ئۈستىگە قونىدۇ (چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى ئادەملەر ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئۈستىدىدۇر)؛ ئۇ بۇلارغا چېگرىداش بولغان خاماتقا، تۇر ۋە زىدون ئۈستىگىمۇ قونىدۇ. تۇر تولىمۇ «دانا» بولغاچقا، ئۆزى ئۈچۈن قورغان قۇرغان، كۈمۈشنى توپىدەك، ساپ ئالتۇننى كوچىلاردىكى پاتقاقتەك دۆۋىلەپ قويغان. مانا، رەب ئۇنى مال-دۇنياسىدىن ئايرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ كۈچىنى دېڭىزدا يوق قىلىدۇ؛ ئۇ ئوت تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ.
ئاشكېلون بۇنى كۆرۈپ قورقىدۇ؛ گازامۇ كۆرۈپ ئازابلىنىپ تولغىنىپ كېتىدۇ؛ ئەكرونمۇ شۇنداق، چۈنكى ئۇنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدى توزۇپ كېتىدۇ؛ پادىشاھ گازادىن يوقاپ كېتىدۇ، ئاشكېلون ئادەمزاتسىز قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاشدودتا ھارامدىن بولغان بىرسى تۇرىدۇ؛ مەن فىلىستىيلەرنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرىنى يوقىتىمەن. مەن ئاغزىدىن قانلارنى، ئۇنىڭ ھارام يېگەن يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى چىشلىرى ئارىسىدىن ئېلىپ كېتىمەن؛ ئاندىن قېلىپ قالغانلار بولسا، ئۇلار خۇدايىمىزغا تەۋە بولۇپ، يەھۇدادا يولباشچى بولىدۇ؛ ئەكروننىڭ ئورنى يەبۇس قەبىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. مەن قوشۇن تۈپەيلىدىن، يەنى ئۆتۈپ كەتكۈچى ۋە قايتىپ كەلگۈچى تۈپەيلىدىن ئۆز ئۆيۈم ئەتراپىدا چېدىرىمنى تىكتۈرىمەن؛ ئەزگۈچى قايتىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتمەيدۇ؛ چۈنكى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆزىتىمەن.
 
زىئوننىڭ پادىشاھى مەسىھ كېلىدۇ!
زور شادلان، ئى زىئون قىزى!
تەنتەنەلىك نىدا قىل، ئى يېرۇسالېم قىزى!
قاراڭلار، پادىشاھىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ؛
ئۇ ھەققانىي ۋە نىجاتلىق بولىدۇ؛
كەمتەر-مۆمىن بولۇپ،
مادا ئېشەككە، يەنى ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىدۇ؛  
10 شۇنىڭ بىلەن مەن جەڭ ھارۋىلىرىنى ئەفرائىمدىن،
ئاتلارنى يېرۇسالېمدىن مەھرۇم قىلىۋېتىمەن؛
جەڭ ئوقياسىمۇ ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
ئۇ بولسا ئەللەرگە خاتىرجەملىك-تىنچلىقنى جاكارلاپ يەتكۈزىدۇ؛
ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېڭىزدىن دېڭىزغىچە،
ئەفرات دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە بولىدۇ.
11 ئەمدى سېنى بولسا، ساڭا چۈشۈرۈلگەن ئەھدە قېنى تۈپەيلىدىن، مەن ئاراڭدىكى مەھبۇسلارنى سۇسىز ئورەكتىن ئازادلىققا چىقىرىمەن.  
12 مۇستەھكەم جايغا قايتىپ كېلىڭلار، ئى ئارزۇ-ئۈمىدنىڭ مەھبۇسلىرى! بۈگۈن مەن جاكارلاپ ئېيتىمەنكى، تارتقان جازالىرىڭنىڭ ئەكسىنى ئىككى ھەسسىلەپ ساڭا قايتۇرىمەن. 13 چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن يەھۇدانى ئوقيادەك ئېگىلدۈردۈم، ئەفرائىمنى ئوق قىلىپ ئوقياغا سالدىم؛ مەن ئوغۇل بالىلىرىڭنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن، ئى زىئون ــ ئۇلار سېنىڭ ئوغۇل بالىلىرىڭغا قارشى جەڭ قىلىدۇ، ئى گرېتسىيە! ئى زىئون، مەن سېنى پالۋاننىڭ قولىدىكى قىلىچتەك قىلىمەن. 14 پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئوقى چاقماقتەك ئېتىلىپ ئۇچىدۇ. رەب پەرۋەردىگار كاناينى چالىدۇ؛ ئۇ جەنۇبتىكى دەھشەتلىك قارا قۇيۇنلارنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش قىلىدۇ. 15 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن مۇداپىئە بولىدۇ؛ ئۇلار سالغا تاشلىرىنى كۇكۇم قىلىپ، دەسسەپ چەيلەيدۇ؛ ئۇلار ئىچىۋېلىپ، شاراب كەيپىنى سۈرگەنلەردەك قىيقاس-سۈرەن كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار قانغا مىلەنگەن قۇربانگاھنىڭ بۈرجەكلىرىدەك، قانغا تولدۇرۇلغان قاچىلاردەك بولىدۇ.
16 شۇ كۈنى پەرۋەردىگار بولغان ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۇلارنى ئۆزۈم باققان پادام بولغان خەلقىم دەپ بىلىپ قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار تاج گۆھەرلىرىدەك ئۇنىڭ زېمىنى ئۈستىدە كۆتۈرۈلىدۇ. 17 شۇنچە زوردۇر ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، شۇنچە قالتىستۇر ئۇنىڭ گۈزەللىكى! زىرائەتلەر يىگىتلەرنى، يېڭى شاراب قىزلارنى ياشنىتىدۇ!
 
 
9:1 «خادراك زېمىنى» ــ كونا تارىخنامىلەر بويىچە، «خادراك» دېگەن رايون دەمەشق شەھىرىگە يېقىن بولغان، بىراق دەل قايسى جاي ئىكەنلىكىنى ھازىر بىلمەيمىز. «چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى ئادەملەر ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئۈستىدىدۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرىنىڭ كۆزى پەرۋەردىگارغا قارايدۇ». 9:2 «ئۇ ، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ بېشارىتى بۇلارغا چېگرىداش بولغان خاماتقا، تۇر ۋە زىدون ئۈستىگىمۇ قونىدۇ» ــ «بۈيۈك ئىسكەندەر» مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 332-يىلى جەنۇب تەرەپكە يۈرۈش قىلىپ مۇشۇ يەرلەرنى بىر-بىرلەپ ئىگىلىۋالغان. 9:4 «مانا، رەب ئۇنى مال-دۇنياسىدىن ئايرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ كۈچىنى دېڭىزدا يوق قىلىدۇ؛ ئۇ ئوت تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ» ــ بۇ ئايەتنى «بۈيۈك ئىسكەندەر» ئەمەلگە ئاشۇرغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرى 332-يىلى ئۇ تۇرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتكەن. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ). «ئۇنىڭ كۈچىنى دېڭىزدا يوق قىلىدۇ» دېگەنلىكنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ (يەنى رەب) ئۇلارنىڭ دېڭىزدىكى كۈچىنى يوق قىلىدۇ» 9:6 «شۇنىڭ بىلەن ئاشدودتا ھارامدىن بولغان بىرسى تۇرىدۇ؛ مەن فىلىستىيلەرنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرىنى يوقىتىمەن» ــ ئىسكەندەر تۇرنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن فىلىستىيەگە قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. 5- ۋە 6-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان (ئاشكېلون، گازا، ئەكرون، ئاشدود) شەھەرلەر فىلىستىيەدىكى بەش چوڭ شەھەرنىڭ تۆتى. بۇ جەڭلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى ئۈچۈن «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 9:7 «مەن ئاغزىدىن قانلارنى، ئۇنىڭ ھارام يېگەن يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى چىشلىرى ئارىسىدىن ئېلىپ كېتىمەن؛ ئاندىن قېلىپ قالغانلار بولسا، ئۇلار خۇدايىمىزغا تەۋە بولۇپ،...» ــ «خۇدايىمىزغا» دېگەن سۆزگە قارىغاندا مۇشۇ ئايەتلەردىكى سۆزلىگۈچى مەسىھنىڭ ئۆزى بولۇشى كېرەك. «...ئەكروننىڭ ئورنى يەبۇس قەبىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ» ــ تولۇق ئايەتنىڭ مەنىسى: (1) فىلىستىيلەر ئەمدى بۇتلارغا ئاتالغان قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنىمۇ، گۆشىنىمۇ يېمەيدىغان بولىدۇ. (2) فىلىستىيلەر خۇداغا تەۋە بولۇپ يەھۇدا ئارىسىدا (يەبۇس قەبىلىسىدىكىلەردەك) ھۆرمەتلىك مەرتىۋىگە ئىگە بولىدۇ (ھازىرقى «پەلەسىتىنلىكلەر» فىلىستىيلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇشى مۇمكىن). «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 9:8 «مەن قوشۇن تۈپەيلىدىن، يەنى ئۆتۈپ كەتكۈچى ۋە قايتىپ كەلگۈچى تۈپەيلىدىن ئۆز ئۆيۈم ئەتراپىدا چېدىرىمنى تىكتۈرىمەن؛ ئەزگۈچى قايتىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتمەيدۇ؛ چۈنكى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆزىتىمەن» ــ «بۈيۈك ئىسكەندەر» زالىم بولغىنى بىلەن، مىسىرغا ھۇجۇم قىلىشقا ماڭغاندا («ئۆتۈپ كەتكەندە») ياكى مىسىرنى ئىشغال قىلىپ «قايتىپ كەلگەندە» (گەرچە يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا نۇرغۇنلىغان بايلىقلار بولسىمۇ)، يېرۇسالېمغا ھېچ ھۇجۇم قىلمىغان. بۇ تارىخنىڭ ئەڭ چوڭ سىرلىرىدىن بىرىدۇر. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 9:9 «ۇ ھەققانىي ۋە نىجاتلىق بولىدۇ» ــ باشقا تەرجىمىلىرى: «ئۇ نىجاتنى ئېلىپ كېلىدۇ»، «ئۇ قۇتقۇزۇلغان بولىدۇ» ياكى «ئۇ غەلىبىلىك بولىدۇ». «قاراڭلار، پادىشاھىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ... مادا ئېشەككە، يەنى ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىدۇ؛» ــ بۇ تولۇق بېشارەت ئەيسا مەسىھنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. ئىنجىل، «ماتتا» 21-باب، «ماركۇس» 11-باب، «لۇقا» 19-باب، «يۇھاننا» 12-بابلارنى كۆرۈڭ. 9:9 زەك. 2‏:10؛ مات. 21‏:4-5؛ يـۇھ. 12‏:12-16 9:10 «شۇنىڭ بىلەن مەن جەڭ ھارۋىلىرىنى ئەفرائىمدىن، ...مەھرۇم قىلىۋېتىمەن؛ ... ئۇ ، يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھ مەسىھ بولسا ئەللەرگە خاتىرجەملىك-تىنچلىقنى جاكارلاپ يەتكۈزىدۇ؛ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېڭىزدىن دېڭىزغىچە، ئەفرات دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە بولىدۇ» ــ دېمىسەكمۇ، بېشارەت ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا تۇنچى كېلىشىدىن (9-ئايەت) ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىگە ئاتلاپ ئۆتىدۇ. بېشارەتنىڭ قالغىنى ئاخىرقى زامانلارنى كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 9:11 «ئەمدى سېنى بولسا، ساڭا چۈشۈرۈلگەن ئەھدە قېنى تۈپەيلىدىن، مەن ئاراڭدىكى مەھبۇسلارنى سۇسىز ئورەكتىن ئازادلىققا چىقىرىمەن» ــ بۇ سىرلىق بېشارەتنىڭ ھەم روھىي ھەم جىسمانىي جەھەتلىرى بولۇشى كېرەك. ئىشىنىمىزكى، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىلەن تۈزگەن «يېڭى ئەھدە» يەھۇدىيلارنى، ئەللەرنىمۇ ھەرخىل «گۇناھ ئورىكى»دىن قۇتقۇزالايدۇ ھەم كەلگۈسىدىمۇ بۇنىڭ سەۋەبىدىن خۇدا يەھۇدىيلارنى ھەرخىل جىسمانىي قىينچىلىقلاردىنمۇ قۇتقۇزىدۇ. 9:11 مات. 26‏:28؛ لۇقا 22‏:20؛ رىم. 9‏:3، 4؛ رىم. 11‏:25، 26، 27؛ 1كور. 11‏:25؛ ئىبر. 9‏:19، 20، .21 9:12 «مۇستەھكەم جايغا قايتىپ كېلىڭلار، ئى ئارزۇ-ئۈمىدنىڭ مەھبۇسلىرى!» ــ «ئارزۇ-ئۈمىدنىڭ مەھبۇسلىرى» بەلكىم بۇ تولىمۇ قىسقارتىلغان گەپ بولۇشى مۇمكىن، مەنىسى: ««خۇدانىڭ قالدىسى» خۇدانىڭ نۇرغۇن ۋەدىلىرى ئالدىدا ئۈمىدۋار بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكى، شۇنداقلا ئۈمىدسىزلىنىشى تۈپەيلىدىن گۇناھنىڭ مەھبۇسلىرى بولۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر «مۇستەھكەم جاي»ى خۇدانىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە. 9:14 ناھ. 2‏:6 9:15 «... ئۇلار (قانغا) مىلەنگەن قۇربانگاھنىڭ بۈرجەكلىرىدەك، قانغا تولدۇرۇلغان قاچىلاردەك بولىدۇ» ــ بۇ ئوخشىتىش ئىسرائىلنىڭ جەڭگە بولىدىغان زوق-كەيپىنىڭ شاراب ئىچكەن ئادەمنىڭكىدەك بولىدىغانلىقىنى ياكى دۈشمەنلەردىن تۆكۈلگەن قاننىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ. قۇربانگاھ ئۈستىدىكى قۇربانلىقلارنىڭ قانلىرىنى ئېلىشقا بىرنەچچە قاچىلارنى تەييارلاش كېرەك ئىدى، ئۇلار ئەلۋەتتە قان بىلەن لىق تولدۇرۇلاتتى ۋە قۇربانگاھنىڭ بۇرجەكلىرى قانغا مىلىنىپ كېتەتتى. تولۇق بۇ بېشارەت بەلكىم (1) ئىسرائىلنىڭ گرېتسىيە زالىملىرى ئۈستىدىن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3- ۋە 2-ئەسىردە) بولغان ئاجايىب غەلىبىلىرىنى ۋە (2) ئاخىرقى زاماندىكى دەججالنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بولىدىغان ئۇرۇشلارنى كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 9:17 «شۇنچە زوردۇر ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، شۇنچە قالتىستۇر ئۇنىڭ گۈزەللىكى!» ــ ياكى، «نېمىدېگەن ئەزىز! نېمىدېگەن گۈزەل!».