10
ئاخىرقى زامانلاردىكى ۋەقەلەر ــ داۋامى
پەرۋەردىگاردىن «كېيىنكى يامغۇر» پەسلىدە يامغۇرنى تەلەپ قىلىڭلار؛ پەرۋەردىگار چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارغا مول يامغۇرلارنى، شۇنىڭدەك ھەربىرىگە ئېتىزدا ئوت-چۆپلەرنى بېرىدۇ. چۈنكى «ئۆي بۇتلىرى» بىمەنە گەپلەرنى ئېيتقان، پالچىلار يالغان «ئالامەت»لەرنى كۆرگەن، تۇتۇرۇقسىز چۈشلەرنى سۆزلىگەن؛ ئۇلار قۇرۇق تەسەللى بېرىدۇ. شۇڭا خەلق قوي پادىسىدەك تېنەپ كەتتى؛ ئۇلار پادىچىسى بولمىغاچقا، ئازار يېمەكتە.  
مېنىڭ غەزىپىم پادىچىلارغا قوزغالدى؛ مەن مۇشۇ «تېكە» يېتەكچىلەرنى جازالايمەن؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز پادىسىدىن، يەنى يەھۇدا جەمەتىدىن خەۋەر ئېلىشقا كەلدى؛ ئۇ جەڭدە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك ئېتىدەك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن يەنى يەھۇدادىن «بۇرجەك تېشى»، ئۇنىڭدىن «قوزۇق»، ئۇنىڭدىن «جەڭ ئوقياسى»، ئۇنىڭدىن «ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى» چىقىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جەڭدە، دۈشمەنلەرنى كوچىلاردىكى پاتقاقنى دەسسىگەندەك چەيلەيدىغان پالۋانلاردەك بولىدۇ؛ ئۇلار جەڭ قىلىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىللىدۇر؛ ئۇلار ئاتلىق ئەسكەرلەرنىمۇ يەرگە قارىتىپ قويىدۇ. مەن يەھۇدا جەمەتىنى كۈچەيتىمەن، يۈسۈپنىڭ جەمەتىنى قۇتقۇزىمەن؛ مەن ئۇلارنى قايتىدىن ئولتۇراقلىشىشقا قايتۇرىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەتنى كۆرسىتىمەن. ئۇلار مەن ھېچقاچان تاشلىۋەتمىگەندەك بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارمەن؛ مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن. ئەفرائىمدىكىلەر پالۋاندەك بولىدۇ، كۆڭۈللىرى شاراب كەيپىنى سۈرگەنلەردەك خۇشاللىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بالىلىرى بۇنى كۆرۈپ خۇشاللىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۆڭلى پەرۋەردىگاردىن شادلىنىدۇ.
مەن ئۈشقىرتىپ، ئۇلارنى يىغىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىمەن؛ ئۇلار ئىلگىرى كۆپىيىپ كەتكەندەك كۆپىيىدۇ. مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىدا ئۇرۇقتەك چاچىمەن؛ ئاندىن ئۇلار مېنى يىراق جايلاردا ئەسلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالىلىرى بىلەن ھايات قېلىپ، قايتىپ كېلىدۇ. 10 مەن ئۇلارنى قايتىدىن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ كېلىمەن، ئاسۇرىيەدىنمۇ چىقىرىپ يىغىمەن؛ ئۇلارنى گىلېئاد ۋە لىۋان زېمىنىغا ئېلىپ كىرگۈزىمەن؛ يەر-زېمىن ئۇلارنى پاتقۇزالماي قالىدۇ.
11 شۇنداق قىلىپ، ئۇ جەبىر-جاپا دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، دېڭىزدىكى دولقۇنلارنى ئۇرىدۇ؛ نىل دەرياسىنىڭ تەگلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ؛ ئاسۇرىيەنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرى پەس قىلىنىدۇ، مىسىردىكى شاھانە ھاسىمۇ يوقىلىدۇ.
12 مەن ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئارقىلىق كۈچەيتىمەن؛ ئۇلار ئۇنىڭ نامىدا ماڭىدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار.
 
 
10:1 «پەرۋەردىگاردىن «كېيىنكى يامغۇر» پەسلىدە يامغۇرنى تەلەپ قىلىڭلار» ــ بۇ دۇئا يۇقىرىقى بېشارەت بىلەن باغلىنىشلىق؛ زىرائەتلەر ۋە ئۈزۈملەرگە يامغۇر كېرەك، ئەلۋەتتە. «كېيىنكى يامغۇر» بولسا پەلەستىندە 3- ياكى 4-ئايدا ياغىدۇ، ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇش ھالقىلىق رولىنى ئوينايدۇ. بۇ يامغۇرلار بولمىسا ھېچ ھوسۇل بولمايدۇ. 10:2 «ئۆي بۇتلىرى» ــ (ئىبرانىي تىلىدا «تەرافىم») پال بىلەن «يول كۆرسىتىدىغان» بىرخىل بۇتلار ئىدى. 10:2 توپ. 5‏:6 10:4 «ئۇنىڭدىن، يەنى يەھۇدادىن «بۇرجەك تېشى»، ئۇنىڭدىن «قوزۇق»...» ــ «يەنى يەھۇدادىن» دېگەن سۆزلەرنى تەرجىمە يولىدا قوشۇپ كىرگۈزدۇق. ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «ئۇنىڭدىن» دېيىلىدۇ. 9-ئايەتتە «يەھۇدا جەمەتى» كۆزدە تۇتۇلغان بولغاچقا، 10-ئايەتنى شۇنداق تەرجىمە قىلدۇق. مەسىھ «يەھۇدادىن» چىقىدۇ، ئەلۋەتتە. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «يەنى خۇدادىن». «ئۇنىڭدىن ... «بۇرجەك تېشى»، .. «قوزۇق»، .. «جەڭ ئوقياسى»، .. «ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى» چىقىدۇ» ــ بۇ تۆت نامنىڭ ھەممىسى «مەسىھ-قۇتقۇزغۇچى»نىڭ ئۇنۋانلىرى بولىدۇ. بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىرى بويىچە «مەسىھ» چوقۇم يەھۇدانىڭ ئەۋلادى بولۇشى كېرەك ئىدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. «ئۇنىڭدىن» دېگەننى بەزى ئالىملار «خۇدادىن» دېگەن مەنىدە، دەپ قارايدۇ. 10:9 «مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىدا ئۇرۇقتەك چاچىمەن؛ ...» ــ ياكى «مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىدا ئۇرۇقتەك چاچىدىغان بولسام،...». 10:11 «ئۇ جەبىر-جاپا دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، دېڭىزدىكى دولقۇنلارنى ئۇرىدۇ» ــ «ئۇ» ــ خۇدانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.