8
روزا تۇتۇش توغرۇلۇق قويۇلغان سوئال ۋە ئۈمىد بەرگۈچى جاۋاب
ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ زىئونغا باغلىغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم قايناپ تاشتى؛ مېنىڭ ئۇنىڭغا باغلىغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە غەزىپىم قايناپ تاشتى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن زىئونغا قايتىپ كەلدىم، يېرۇسالېمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماكانلىشىمەن؛ يېرۇسالېم «ھەقىقەت شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تېغى «مۇقەددەس تاغ» دەپ ئاتىلىدۇ. ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قېرى بوۋاي-مومايلار يەنە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا ئولتۇرىدىغان بولىدۇ؛ كۈنلىرى ئۇزۇن بولۇپ، ھەربىرى ھاسىسىنى قولىدا تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ؛ شەھەرنىڭ كوچىلىرى ئويناۋاتقان ئوغۇل-قىز بالىلار بىلەن لىق تولىدۇ. ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بۇ ئىش شۇ كۈنلەردە بۇ خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ كۆزىگە ئاجايىب كارامەت كۆرۈنىدىغىنى بىلەن، ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە كارامەت كۆرۈنەمدۇ؟» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ئۆز خەلقىمنى شەرقىي زېمىنلاردىن، غەربىي زېمىنلاردىن قۇتقۇزىمەن؛ مەن ئۇلارنى ئېلىپ كېلىمەن، ئۇلار يېرۇسالېمدا ماكانلىشىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، مەن ھەقىقەت ۋە ھەققانىيلىقتا ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن».
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى سېلىنغان كۈنىدە ھازىر بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ كۈنلەردە بايان قىلىنىۋاتقان مۇنۇ سۆزلەرنى ئىشىتىۋاتىسىلەر، مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قولۇڭلار كۈچلۈك قىلىنسۇن! 10 چۈنكى شۇ كۈنلەردىن ئىلگىرى ئىنسان ئۈچۈن ئىش ھەققى يوق، ئات-ئۇلاغ ئۈچۈنمۇ ئىش ھەققى يوق ئىدى؛ جەبىر-زۇلۇم تۈپەيلىدىن چىققۇچى ياكى كىرگۈچى ئۈچۈن ئامان-ئېسەنلىك يوق ئىدى؛ چۈنكى مەن ھەربىر ئادەمنى ئۆز يېقىنىغا دۈشمەنلەشتۈردۈم؛ 11 بىراق مەن بۇ خەلقنىڭ قالدىسىغا بۇرۇنقى كۈنلەردىكىدەك بولمايمەن، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ 12 چۈنكى ئۇرۇق ھوسۇللۇق بولىدۇ، ئۈزۈم تېلى مېۋىلەيدۇ، تۇپراق ئۈندۈرمىلىرىنى بېرىدۇ، ئاسمانلار شەبنەملىرىنى بېرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ خەلقنىڭ قالدىسىغا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىگە قىلدۇرىمەن. 13 شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، سىلەر ئەللەر ئارىسىدا لەنەت بولۇپ قالغىنىڭلارنىڭ ئەكسىچە، ئى يەھۇدا جەمەتى ۋە ئىسرائىل جەمەتى، مەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، سىلەر ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت بولىسىلەر؛ قورقماڭلار، قوللىرىڭلار كۈچلۈك قىلىنسۇن!
14 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىغاندا مېنىڭ سىلەرگە يامانلىق يەتكۈزۈش ئويىدا بولغىنىم ۋە شۇ جازا يولىدىن يانمىغىنىمدەك ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ 15 مەن ھازىر، مۇشۇ كۈنلەردە يەنە يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا جەمەتىگە ياخشىلىق يەتكۈزۈش ئويىدا بولدۇم؛ قورقماڭلار. 16 مۇشۇ ئىشلارغا ئەمەل قىلىڭلار: ــ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارغا ھەقىقەتنى سۆزلەڭلار؛ دەرۋازىلىرىڭلاردا ھەقىقەتكە، ئامان-تىنچلىققا ئۇيغۇن ھۆكۈملەرنى يۈرگۈزۈڭلار؛    17 ھېچكىم كۆڭلىدە ئۆز يېقىنىغا يامانلىق ئويلىمىسۇن؛ ھېچقانداق يالغان قەسەمگە شېرىك بولماڭلار؛ چۈنكى مەن دەل بۇلارنىڭ ھەممىسىگە نەپرەتلىنىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار.
18 ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
19 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «تۆتىنچى ئايدىكى روزا، بەشىنچى ئايدىكى روزا، يەتتىنچى ئايدىكى روزا ۋە ئونىنچى ئايدىكى روزا يەھۇدا جەمەتىگە خۇشاللىق ۋە شاد-خۇراملىق، بەختلىك ئىبادەت سورۇنلىرى بولىدۇ؛ شۇڭا ھەقىقەت ۋە خاتىرجەملىك-تىنچلىقنى سۆيۈڭلار.
20 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «نۇرغۇن قوۋملار ۋە كۆپ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى يەنە مۇشۇ يەرگە كېلىدۇ؛ 21 بىر شەھەردە تۇرۇۋاتقانلار باشقا بىر شەھەرگە بېرىپ ئۇلارغا: «پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات تىلەشكە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە تېز بارايلى؛ مەنمۇ بارىمەن!» ــ دەيدىغان بولىدۇ. 22 كۆپ قوۋملار ۋە كۈچلۈك ئەللەر پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات تىلەشكە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە يېرۇسالېمغا كېلىدۇ.
23 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «شۇ كۈنلەردە ھەرخىل تىلدا سۆزلەيدىغان ئەللەردىن ئون نەپەر ئادەم چىقىپ يەھۇدىي بىر ئادەمنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭغا: «بىز سەن بىلەن بارايلى؛ چۈنكى خۇدانى سەن بىلەن بىللىدۇر، دەپ ئاڭلىدۇق» ــ دەيدۇ.
 
 
8:2 زەك. 1‏:14 8:6 «ۇ ئىش شۇ كۈنلەردە بۇ خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ كۆزىگە ئاجايىب كارامەت كۆرۈنىدىغىنى بىلەن، ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە كارامەت كۆرۈنەمدۇ؟» ــ دېمەك، ئادەملەر ئۈچۈن ئاجايىب كارامەت بولغان ئىشلار خۇدا ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىشلار. 8:9 «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى سېلىنغان كۈنىدە سۆزلىگەن پەيغەمبەرلەر» ــ ھاگاي ۋە زەكەرىيا. بۇ ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغان «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلىنىڭ سېلىنىشى» ئىككى يىل بۇرۇن («ئەزرا» 1:5-2) بولغان بولسا كېرەك. 8:12 «ئۇرۇق ھوسۇللۇق بولىدۇ» ــ ياكى «ئۇرۇققا خاتىرجەملىك-ئامانلىق بولىدۇ». 8:13 «سىلەر ئەللەر ئارىسىدا لەنەت بولۇپ قالغىنىڭلار» ــ بۇ سۆزنىڭ بەلكىم ئۈچ تەرىپى بار. (1) سۈرگۈن بولغان يەھۇدىيلار ئۆزلىرى لەنەتكە قالدۇرۇلغان؛ (2) ئۇلار باشقىلارغا لەنەت بولۇپ ئۇلارغا بالا-قازا كەلتۈرگەن؛ (3) ئۇلارنىڭ نامى (ئىسرائىل، يەھۇدىي) لەنەتنى بىلدۈرگەن. خۇدا مۇشۇ ئۈچ ئەۋالنىڭ ھەربىرىنى دەل ئۇلارنىڭ ئەكسىگە ئايلاندۇرىدۇ. «سىلەر ئۇلارغا (ئەللەرگە) بەخت-بەرىكەت بولىسىلەر» ــ خۇدا ئەسلىدە ئىبراھىم پەيغەمبەرگە: «سەن ۋە ئەۋلادىڭ ھەربىر ئەل-مىللەتكە بەخت-بەرىكەت بولىسەن» دەپ ۋەدە قىلغان. ئىسرائىل ئىتائەتسىزلىكتىن مۇشۇ بەرىكەتنى لەنەتكە ئايلاندۇرغان. 8:16 «دەرۋازىلىرىڭلاردا ھەقىقەتكە، ئامان-تىنچلىققا ئۇيغۇن ھۆكۈملەرنى يۈرگۈزۈڭلار» ــ ئاقساقاللار شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئولتۇرۇپ، سوت ۋە ھۆكۈم قىلاتتى. 8:16 ئ‍ەف. 4‏:25 8:17 زەك. 5‏:3، 4؛ 7‏:10. 8:19 «تۆتىنچى ئايدىكى روزا، بەشىنچى ئايدىكى روزا، يەتتىنچى ئايدىكى روزا ۋە ئونىنچى ئايدىكى روزا يەھۇدا جەمەتىگە خۇشاللىق ۋە شاد-خۇراملىق، بەختلىك ئىبادەت سورۇنلىرى بولىدۇ» ــ بۇ «روزىلار» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»نى كۆرۈڭ. 8:20 يەش. 2‏:2؛ يەر. 16‏:19؛ مىك. 4‏:1؛ زەك. 8‏:2. 8:23 «شۇ كۈنلەردە ... ئەللەردىن ئون نەپەر ئادەم چىقىپ يەھۇدىي بىر ئادەمنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭغا: «بىز سەن بىلەن بارايلى؛ چۈنكى خۇدانى سەن بىلەن بىللىدۇر، دەپ ئاڭلىدۇق» ــ دەيدۇ» ــ بۇ ئىش خۇدانى ئىزدەنگەن «يات ئەللەر»نىڭ ھەرىكەتلىرىگە بىر مىسال بولىدۇ.