5
شۇلامىت سۇلايمانغا جاۋاب بېرىدۇ
«مەن ئۆز بېغىمغا كىردىم،
مېنىڭ سىڭلىم، مېنىڭ جۆرەم؛
مۇرمەككەمنى تېتىتقۇلىرىم بىلەن يىغدىم،
ھەرە كۆنىكىمنى ھەسىلىم بىلەن يېدىم؛
شارابىمنى سۈتلىرىم بىلەن ئىچتىم».
 
«دوستلىرىم، يەڭلار!
ئىچىڭلار، كۆڭلۈڭلەر خالىغانچە ئىچىڭلار، ئى ئاشىق-مەشۇقلار!»
 
ئىككىنچى قىسىم {5:2-8:14} •••• ئەر-ئاياللىق مۇھەببەتتىكى ياخشىلىنىشلار ــ مۇھەببەتنىڭ يېڭى ئىپادىلىرى •••• تۆتىنچى خاتىرە ــ مۇھەببەتنى رەت قىلىش توغرىسىدىكى بىر چۈش ــ ئۇ توغرۇلۇق ئويلىنىشلار {5:2-6:9} •••• سەككىزىنچى ئويلىنىش ــ شۇلامىتنى باسقان قورقۇنچلۇق چۈش {5:2-6:3} •••• شۇلامىت سۆز قىلىدۇ ــ ئۇنى قارا باسىدۇ
«مەن ئۇخلاۋاتاتتىم، بىراق كۆڭلۈم ئويغاق ئىدى: ــ
 
ــ سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازى!
مانا، ئۇ ئىشىكنى قېقىۋاتىدۇ: ــ
ــ «ماڭا ئېچىپ بەر، ئى سىڭلىم، ئى ئامرىقىم؛
مېنىڭ پاختىكىم، مېنىڭ غۇبارسىزىم؛
چۈنكى بېشىم شەبنەم بىلەن،
چاچلىرىم كېچىدىكى نەملىك بىلەن ھۆل-ھۆل بولۇپ كەتتى!»
 
«مەن تۆشەك كىيىملىرىمنى سېلىۋەتكەن،
قانداقمۇ ئۇنى يەنە كىيىۋالاي؟
مەن پۇتلىرىمنى يۇدۇم،
قانداقمۇ ئۇلارنى يەنە بۇلغاي؟»
سۆيۈملۈكۈم قولىنى ئىشىك تۆشۈكىدىن تىقتى؛
مېنىڭ ئىچ-باغرىلىرىم ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەتتى؛
سۆيۈملۈكۈمگە ئېچىشقا قوپتۇم؛
قوللىرىمدىن مۇرمەككى،
بارماقلىرىمدىن سۇيۇق مۇرمەككى تېمىدى،
تاقاقنىڭ تۇتقۇچلىرى ئۈستىگە تېمىدى؛
سۆيۈملۈكۈمگە ئاچتىم؛
بىراق سۆيۈملۈكۈم بۇرۇلۇپ، كېتىپ قالغانىدى.
ئۇ سۆز قىلغاندا روھىم چىقىپ كەتكەنىدى؛
ئۇنى ئىزدىدىم، بىراق تاپالمىدىم؛
ئۇنى چاقىردىم، بىراق ئۇ جاۋاب بەرمىدى؛
شەھەرنى ئايلىنىدىغان جېسەكچىلەر مېنى ئۇچرىتىپ مېنى ئۇردى، مېنى يارىلاندۇردى؛
سېپىللاردىكى كۆزەتچىلەر چۈمپەردەمنى مەندىن تارتىۋالدى.
ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، سۆيۈملۈكۈمنى تاپساڭلار،
ئۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟
ئۇنىڭغا، سۆيگىنىڭ: «مەن مۇھەببەتتىن زەئىپلىشىپ كەتتىم! ــ دېدى، دەڭلار».

 
يېرۇسالېم قىزلىرى شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ
«سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقا بىر سۆيۈملۈكتىن قانداق ئارتۇق يېرى بار،
ئى، ئاياللار ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى؟
سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقا بىر سۆيۈملۈكتىن قانداق ئارتۇق يېرى بار؟ ــ
سەن بىزگە شۇنداق تاپىلىغانغۇ؟».
 
شۇلامىت جاۋاب بېرىدۇ
10 «مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئاپئاق ۋە پارقىراق، يۈرەكلىك ئەزىمەت،
ئون مىڭ ئارىسىدا تۇغدەك كۆرۈنەرلىكتۇر؛
11 ئۇنىڭ بېشى ساپ ئالتۇندىندۇر،
بۇدۇر چاچلىرى ئاتنىڭ يايلىدەك،
تاغ قاغىسىدەك قارا.
12 ئۇنىڭ كۆزلىرى ئېقىنلار بويىدىكى پاختەكلەردەك،
سۈت بىلەن يۇيۇلغان،
يارىشىقىدا قويۇلغان؛
13 ئۇنىڭ مەڭزىلىرى بىر تەشتەك پۇراقلىق ئۆسۈملۈكتەكتۇر؛
ئاينىغان يېقىملىق گۈللۈكتەك؛
ئۇنىڭ لەۋلىرى نىلۇپەر،
ئۇلار سۇيۇق مۇرمەككىنى تېمىتىدۇ؛
14 ئۇنىڭ قوللىرى ئالتۇن تۇرۇبىلار،
ئىچىگە بېرىل ياقۇتلار قۇيۇلغان.
قورسىقى نەقىشلىك پىل چىشلىرىدىن ياسالغان،
كۆك ياقۇتلار بىلەن بېزەلگەن.
15 ئۇنىڭ پۇتلىرى مەرمەر تۈۋرۈكلەر،
ئالتۇن ئۈستىگە تىكلەنگەن.
ئۇنىڭ سالاپىتى لىۋاننىڭكىدەك،
كېدىر دەرەخلىرىدەك كۆركەم-ھەيۋەتلىكتۇر.
16 ئۇنىڭ ئاغزى بەكمۇ شېرىندۇر؛
بەرھەق، ئۇ پۈتۈنلەي گۈزەلدۇر؛
بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم، ــ
بەرھەق، بۇ مېنىڭ ئامرىقىم،
ئى يېرۇسالېم قىزلىرى!»

 
 
5:1 «مەن ئۆز بېغىمغا كىردىم، ... مۇرمەككەمنى تېتىتقۇلىرىم بىلەن يىغدىم، ھەرە كۆنىكىمنى ھەسىلىم بىلەن يېدىم؛ شارابىمنى سۈتلىرىم بىلەن ئىچتىم» ــ سۇلايمان شۇلامىتنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تولۇق مۇھەببەتلىشىدۇ. «دوستلىرىم، يەڭلار! ئىچىڭلار، كۆڭلۈڭلەر خالىغانچە ئىچىڭلار، ئى ئاشىق-مەشۇقلار!» ــ بۇ سۆزلەرنى بەلكىم يېرۇسالېم قىزلىرنىڭكىدۇر. ئۇلار (ياكى توي قولداشلىرى) ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ مۇھەببەتتىن ھۇزۇرلىنىشلىرىنى تولۇق قوللايدۇ. ئۇلارنىڭ (يېرۇسالېم قىزلىرىنىڭ) قوللىشى بىلەن خۇدانىڭ ھەربىر ئەر-ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببىتىنى، جۈملىدىن جىنسىي مۇھەببىتىنى تەستىقلايدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆزى بۇ ئىشلارنى ياراتقان. 5:2 توپ. 5‏:3 5:6 «ئۇ سۆز قىلغاندا روھىم چىقىپ كەتكەنىدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بۇرۇلۇپ كەتكەندە روھىم چىقىپ كەتكەنىدى». 5:8 «(2-8-ئايەت) شەرھى» ــ شۇلامىت قارا باسقان بۇ چۈشنى كۆرگەندە سۇلايمان بىلەن ئاللىقاچان توي قىلغان بولسا كېرەك. ئۇنىڭ چۈشىدە بولغان ئىنكاسى ۋە تەقەززاسىنى 17:2دە ۋە 1:4-3دە خاتىرىلەنگەن بىرىنچى چۈشىدىكى پوزىتسىيەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. بەلكىم چۈش شۇلامىتنىڭ ھاياتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى، يەنى ئۇنىڭ سۇلايمان بىلەن ئەمەلىي مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن؛ چۈشتە كۆرۈنگەن بەزى ئىشلار، شۈبھىسىزكى، سۇلايماننىڭ مۇھەببىتىنىڭ، بولۇپمۇ جىنسىي مۇھەببەت جەھەتتە شۇلامىتقا بولغان تەلەپلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سۆيگىنىنىڭ مۇھەببىتىگە ياكى مۇھەببىتىنىڭ تەلەپلىرىگە ئانچە سەزگۈر بولمايدىغان بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. بۇ سەزگۈرسىزلىك ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى؛ شۇلامىتنىڭ چۈشىدە سۇلايمان كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شۇلامىت چۈش كۆرۈش بىلەن مۇھەببەتنىڭ قىممەتلىكىنى بىلىپ يېتىپ، ئىشلارنى ياخشىلايدۇ. يەنە مۇھىم بىر ئىش دىققىتىمىزگە ئەرزىيدۇكى، چۈشتە ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشتا، سۇلايمان (ئەركەك بولغىنى بىلەن، پادىشاھ بولغىنى بىلەن، پەيغەمبەر بولغىنى بىلەنمۇ) ھېچقاچان شۇلامىتنى «مۇھەببەت»كە زورلىمايتتى، بەلكى شۇلامىتنىڭ ئۆزى بىلەن مۇھەببەتلىشىشىنى تەلەپ قىلاتتى. 7-ئايەتتە: چۈشىدىكى جېسەكچىلەر ئۇنى پاھىشە ئايال دەپ قارىغاچقا، ئۇنىڭغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىپ، چۈمپەردىنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالىدۇ. 5:10 «مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئاپئاق ۋە پارقىراق، يۈرەكلىك ئەزىمەت،...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سۆيۈملۈكۈمنىڭ يۈزىنىڭ ئاق يېرى ئاپئاق، قىزىل يېرى قىپقىزىل...». 5:12 «يارىشىقىدا قويۇلغان» ــ ياكى «ياقۇتلاردەك بېزەشكە بېكىتىلگەن». 5:13 «ئۇنىڭ مەڭزىلىرى بىر تەشتەك پۇراقلىق ئۆسۈملۈكتەكتۇر؛ ئاينىغان يېقىملىق گۈللۈكتەك؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى نىلۇپەر، ئۇلار سۇيۇق مۇرمەككىنى تېمىتىدۇ» ــ ئايەتنىڭ ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش سەل تەس، باشقا تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن. نېمىلا بولمىسۇن تېتىتقۇ ۋە خۇشپۇراقلىق ئۆسۈملۈك باغلىرى ئوتتۇرا شەرقتە ئىنتايىن ئاز ئىدى، قىممەتلىك ئىدى. 5:16 «ئۇنىڭ ئاغزى بەكمۇ شېرىندۇر» ــ بۇ بەلكىم گەپ-سۆزلىرىنىڭ تاتلىقلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «(9-16-ئايەت) شەرھى» ــ شۇلامىت ھازىر باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆيگىنىنى ماختاشتىن ھېچ تارتىنمايدۇ. ئۇ ھازىر «قورام تاشتا يوشۇرۇنغان پاختەك»تىن كۆپ دادىل بولۇپ كەتتى!