4
يەتتىنچى ئويلىنىش ــ توي كېچىسى •••• سۇلايمان شۇلامىتقا سۆز قىلىپ ئۇنى ماختايدۇ
«مانا، سەن گۈزەل، سۆيۈملۈكۈم!
مانا، سەن گۈزەل!
چۈمپەردەڭ كەينىدە كۆزلىرىڭ پاختەكلەردەك ئىكەن،
چاچلىرىڭ گىلېئاد تېغى باغرىدا ياتقان بىر توپ ئۆچكىلەردەكتۇر.
چىشلىرىڭ يېڭىلا يۇيۇلۇشتىن چىققان قىرقىلغان بىر توپ قويلاردەك؛
ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشكېزەك تۇغقانلاردىن،
ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر.
لەۋلىرىڭ پەرەڭ تال يىپتەك،
گەپلىرىڭ يېقىملىقتۇر؛
چۈمبىلىڭ كەينىدە چېكىلىرىڭ پارچە ئاناردۇر.
بوينۇڭ بولسا،
قورالخانا بولۇشقا تەييارلىغان داۋۇتنىڭ مۇنارىدەكتۇر،
ئۇنىڭ ئۈستىگە مىڭ قالقان ئېسىقلىقتۇر؛
ئۇلارنىڭ ھەممىسى پالۋانلارنىڭ سىپارلىرىدۇر.

ئىككى كۆكسۈڭ خۇددى ئىككى مارالدۇر،
نىلۇپەر ئارىسىدا ئوزۇقلىنىۋاتقان جەرەننىڭ قوشكېزەكلىرىدەكتۇر؛
تاڭ ئاتقۇچە،
كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە،
مەن ئۆزۈمنى مۇرمەككە تېغىغا،
مەستىكى دۆڭىگە ئېلىپ كېتىمەن.
سەن پۈتۈنلەي گۈزەل، ئى سۆيۈملۈكۈم،
سەندە ھېچ داغ يوقتۇر».
 
سۇلايماننىڭ تەكلىپى
«لىۋاندىن مەن بىلەن كەلگىن، ئى جۆرەم،
مەن بىلەن لىۋاندىن كەلگىن ــ
ئاماناھ چوققىسىدىن قارا،
سېنىر ھەم ھەرمون چوققىلىرىدىن،
يەنى شىرلار ئۇۋىلىرىدىن،
يىلپىزلارنىڭ تاغلىرىدىن قارا!»  
 
سۇلايماننىڭ سۆزىنىڭ داۋامى
«سەن كۆڭلۈمنى ئالامەت سۆيۈندۈردۈڭ، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم،
كۆزۈڭنىڭ بىر لەپ قىلىپ قارىشى بىلەن،
بوينۇڭدىكى مارجاننىڭ بىر تال ھالقىسى بىلەن،
كۆڭلۈمنى سۆيۈندۈردۈڭ.
10 سېنىڭ مۇھەببىتىڭ نېمىدېگەن گۈزەل،
ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم!
سېنىڭ مۇھەببەتلىرىڭ شارابتىن شۇنچە شېرىن!
سېنىڭ ئەتىرلىرىڭنىڭ پۇرىقى ھەرقانداق تېتىتقۇدىن پەيزىدۇر!
11 لەۋلىرىڭ، ئى جۆرەم، ھەرە كۆنىكىدەك تېمىتىدۇ،
تىلىڭ ئاستىدا بال ۋە سۈت بار؛
كىيىم-كېچەكلىرىڭنىڭ پۇرىقى لىۋاننىڭ پۇرىقىدۇر؛
12 سەن پېچەتلەنگەن بىر باغدۇرسەن، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم!
ئېتىكلىك بىر بۇلاق، يېپىقلىق بىر فونتاندۇرسەن.
13 شاخلىرىڭ بولسا بىر ئانارلىق «ئېرەن باغچىسى»دۇر؛
ئۇنىڭدا قىممەتلىك مېۋىلەر،
خېنە سۇمبۇل ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن،
14 سۇمبۇللار ۋە ئىپارلار،
كالامۇس ۋە قوۋزاقدارچىن،
ھەرخىل مەستىكى دەرەخلىرى،
مۇرمەككە، مۇئەتتەر بىلەن ھەممە ئېسىل تېتىتقۇلار بار.
15 باغلاردا بىر فونتان سەن،
ھاياتلىق سۇلىرىنى بېرىدىغان، لىۋاندىن ئاقىدىغان بىر بۇلاقسەن».
16 «ئويغان، شىمالدىكى شامال؛
كەلگىن، ئى جەنۇبتىكى شامال!
مېنىڭ بېغىم ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەي؛
شۇنىڭ بىلەن تېتىتقۇلىرى سىرتقا پۇراق چاچىدۇ!
سۆيۈملۈكۈم ئۆز بېغىغا كىرسۇن!
ئۆزىنىڭ قىممەتلىك مېۋىلىرىنى يېسۇن!»
 
 
4:1 «چۈمپەردەڭ كەينىدە كۆزلىرىڭ پاختەكلەردەك ئىكەن» ــ توي قىلىدىغان كۈنىدە قىز چۈمپەردە ئارتىدۇ. 4:2 «ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر» ــ ياكى «ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى تۇغماستۇر». 4:4 «قورالخانا بولۇشقا تەييارلىغان داۋۇتنىڭ مۇنارىدەكتۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەلەمپەيلىك قىلىنغان داۋۇتنىڭ مۇنارىدەكتۇر». «ئىزاھات» ــ كونا زامانلاردا «ۋەتەندىن ئايرىلغان لەشكەرلەر» مەلۇم شەھەرگە ياكى مەملىكەتكە قايىل بولغاندا، شۇ شەھەرگە بولغان سادىقلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قالقانلىرىنى شەھەرنىڭ سېپىلىدا ياكى مۇنارلىرىدا ئېسىپ قوياتتى («ئەز.» 11:27نى كۆرۈڭ). شۇڭا سۇلايماننىڭ بۇ سۆزلىرى: «سېنىڭ گۈزەللىكىڭ شۇنداقكى، مىڭ لەشكەرنىڭ قايىللىقىغا، سادىقلىقىغا ئېرىشكۈدەكتۇر» دېگەن مەنىدە. يەنە كېلىپ بەلكىم شۇلامىتنىڭ بوينىغا كۆپلىگەن مارجانلار ئېسىقلىق بولۇشى مۇمكىن. «سىپار» كىچىك قالقاندۇر. 4:6 «تاڭ ئاتقۇچە، كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە، مەن ئۆزۈمنى مۇرمەككە تېغىغا، مەستىكى دۆڭىگە ئېلىپ كېتىمەن» ــ سۇلايمان بەلكىم پۈتۈن كېچى شۇلامىتنىڭ تولۇق بەدىنىدىن ھۇزۇرلانماقچى. 4:8 «(8-ئايەت) شەرھى» ــ بەزى ئالىملار، بۇ سۆزلەر جىنسىي مۇھەببەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىپادىلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار بولغىنى بىلەن، بىز يەنە بۇ سۆزلەرنى سۇلايماننىڭ سۆيۈملۈكى بىلەن بىللە ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ كەڭ زېمىنى ۋە ھەيۋىتىگە ھەرمون تېغى (پەلەستىندىكى ئەڭ ئېگىز تاغ)نىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىلىرىدىن نەزەر سېلىشقا بولغان ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن، دەپ قارايمىز. سۇلايماننىڭ بۇ تەكلىپى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ شۇ يەرلەرنى ماكان قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن خەتەرلىك ئىش بولىدۇ، ئەلۋەتتە! 4:8 يـۇھ. 17‏:24؛ ئ‍ەف. 1‏:15-23 4:10 «سېنىڭ مۇھەببىتىڭ نېمىدېگەن گۈزەل، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم!» ــ سۇلايمان شۇلامىتنى «سىڭلىم» دەپ چاقىرىدۇ (12-ئايەتتىمۇ): ــ (1) قەدىمكى زاماندىكى بەزى شېئىرلاردا ئاشىق-مەشۇقلار بىر-بىرىنى «ئاكا، سىڭلىم» دەپ چاقىراتتى؛ (2) ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى جەمىئىيەتلەردە مۆتىۋەر كىشىلەر ئۆز ئەمرىگە ئالماقچى بولغان قىزغا جەمىئىيەتنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىدىن ئورۇن ئالغۇزۇش ئۈچۈن ياكى نىكاھىنى تېخىمۇ «كاپالەتلىك» قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئاۋۋال «سىڭلىم» دەپ «بېقىۋالاتتى». 4:11 «كىيىم-كېچەكلىرىڭنىڭ پۇرىقى لىۋاننىڭ پۇرىقىدۇر» ــ «لىۋاننىڭ پۇرىقى» ئورمانلىقلارنىڭ خۇش پۇرىقى، ئەلۋەتتە. 4:12 «سەن پېچەتلەنگەن بىر باغدۇرسەن، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم! ئېتىكلىك بىر بۇلاق، يېپىقلىق بىر فونتاندۇرسەن» ــ سۇلايماننىڭ شۇلامىتنى ماختىشى شۇكى، شۇلامىت ئۆزىنى ھېچقانداق باشقا ئادەمگە بەرمەي، پەقەت بولغۇسى ئەر ئۈچۈن پاك ساقلاپ كەلدى. 4:13 «ئۇنىڭدا قىممەتلىك مېۋىلەر، خېنە سۇمبۇل ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن،...» ــ ئەتىرلەر توغرۇلۇق: «سۇمبۇل» بىرخىل خۇشپۇراقلىق ئۆسۈملۈك. 4:14 «سۇمبۇللار ۋە ئىپارلار، كالامۇس ۋە قوۋزاقدارچىن، .... مۇرمەككە، مۇئەتتەر بىلەن...» ــ ئەتىرلەر توغرۇلۇق: «كالامۇس» بىرخىل قومۇشقا ئوخشايدىغان ئۆسۈملۈكتىن چىقىدۇ. «مۇرمەككە» ۋە «قوۋزاقدارچىن» ئادەتتە مەلۇم دەرەخلەرنىڭ قوۋزىقىدىن ئېلىنىدۇ. «مۇئەتتەر» بىرخىل ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرماقلىرىدىن ئېلىنىدۇ. 4:15 «لىۋاندىن ئاقىدىغان بىر بۇلاقسەن» ــ ياكى «لىۋاندىن ئاقىدىغان بىر قۇدۇقسەن». «(9-15-ئايەت) شەرھى» ــ 11-15-ئايەتلەردە سۇلايمان سۆيۈملۈكىنى چىرايلىق باغچىغا، ھەتتا «ئېرەن باغچىسى» («بېھىش»)نىڭ ئۆزىگە ئوخشىتىدۇ. ئۇ يەنە شۇلامىتنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىن ھۇزۇرلانماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 4:16 «(16-ئايەت) شەرھى» ــ شۇلامىت سۇلايماننىڭ دېگىنىدەك ئۆزىنى ئۇنىڭغا تولۇق بەرمەكچى بولۇپ، مۇھەببەتلىشىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. «شىمال شامىلى» بولسا سالقىن، ئادەمنى يېڭىلاندۇرىدۇ؛ «جەنۇب شامىلى» بولسا ئادەمنى ئىللىتىپ راھەت بېرىدۇ. (پەلەستىن ئۈچۈن «شەرق شامىلى» قورقۇنچلۇق، ھەممە نەرسىنى قۇرۇتىۋېتىدۇ).