3
بەشىنچى ئويلىنىش ــ شۇلامىت قايتا-قايتا كۆرگەن «ئايرىلىش» توغرۇلۇق بىر چۈش {3:1-3:5}
«ئورۇن-كۆرپەمدە يېتىپ، كېچە-كېچىلەردە،
جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدەپ تەلمۈرۈپ ياتتىم؛
ئىزدىدىم، بىراق تاپالمايتتىم؛
مەن ھازىر تۇرۇپ، شەھەرنى ئايلىناي؛
كوچىلاردا، مەيدانلاردا،
جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدەيمەن» ــ دېدىم؛
ئىزدىدىم، بىراق تاپالمايتتىم؛
شەھەرنى چارلىغۇچى جېسەكچىلەر ماڭا ئۇچرىدى، مەن ئۇلاردىن: ــ
«جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى كۆردۈڭلارمۇ؟» ــ دەپ سورىدىم.
ــ ئۇلاردىن ئايرىلىپلا جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى تاپتىم؛
ئۇنى ئانامنىڭ ئۆيىگە،
ئۆز قورسىقىدا مېنى ھامىلىدار بولغاننىڭ ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىرمىگۈچە،
ئۇنى تۇتۇۋېلىپ قەتئىي قويۇپ بەرمەيتتىم».

 
شۇلامىت يېرۇسالېم قىزلىرىغا سۆز قىلىدۇ
«ئى يېرۇسالېم قىزلىرى،
جەرەنلەر ۋە دالادىكى ماراللارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن،
سىلەرگە تاپىلايمەنكى،
مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە،
ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار».
 
ئۈچىنچى خاتىرە: ئەر-ئايال بولۇپ بىرلىشىش ئۈستىدىكى ئويلىنىشلار {3:6-5:1} •••• ئالتىنچى ئويلىنىش ــ تويغا سەپەر {3:6-3:11} •••• يېرۇسالېم قىزلىرى سۆز قىلىدۇ
«بۇ زادى كىم، چۆل-باياۋاندىن كېلىۋاتقان؟
ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىدەك،
مۈرمەككى ھەم مەستىكى بىلەن پۇرىتىلغان،
ئەتىرپۇرۇشنىڭ ھەرخىل ئىپار-ئەنبەرلىرى بىلەن پۇرىتىلغان؟»
 
شۇلامىت قىزلارغا جاۋاب بېرىدۇ
«مانا، ئۇنىڭ تەختىراۋانى،
ئۇ سۇلايماننىڭ ئۆزىنىڭدۇر؛
ئەتراپىدا ئاتمىش پالۋان يۈرىدۇ،
ئۇلار ئىسرائىلدىكى باتۇرلاردىندۇر.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قىلىچى تۇتۇقلۇق،
جەڭ قىلىشقا تەربىيىلەنگەنلەردۇر؛
تۈنلەردىكى ۋەسۋەسىلەرگە تەييار تۇرۇپ،
ھەممىسى ئۆز قىلىچىنى يانپىشىغا ئاسىدۇ».
 
شۇلامىت سۆزلىرىنى داۋام قىلىدۇ ــ سۇلايماننىڭ توي كېچىسىگە تەييارلىغان كارىۋىتى
«سۇلايمان پادىشاھ ئۆزى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر شاھانە سايىۋەنلىك كارىۋات ياسىغان؛
لىۋاندىكى ياغاچلاردىن ياسىغان.
10 ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى كۈمۈشتىن،
يۆلەنچۈكى ئالتۇندىن،
سېلىنچىسى بولسا سۆسۈن رەختتىن؛
ئىچى مۇھەببەت بىلەن بېزەلگەن،
يېرۇسالېم قىزلىرى تەرىپىدىن.
11 چىقىڭلار، ئى زىئون قىزلىرى،
سۇلايمان پادىشاھقا قاراپ بېقىڭلار،
توي بولغان كۈنىدە،
كۆڭلى خۇشال بولغان كۈنىدە،
ئانىسى ئۇنىڭغا تاجنى كىيگۈزگەن قىياپەتتە ئۇنىڭغا قاراپ بېقىڭلار!»





 
 
3:1 توپ. 5‏:3 3:4 «(1-4-ئايەت) شەرھى» ــ بىزنىڭچە 1-4-ئايەتلەر شۇلامىت سۇلايماندىن ئايرىلغان ۋاقىتتا قايتا-قايتا («كېچە-كېچىلەردە») كۆرگەن بىر چۈشنى بىلدۈرىدۇ (قىشتا بولۇشى مۇمكىن). بۇ كۆزقاراش توغرا بولسا مۇشۇ ئايەتلەردىن بىز «مۇھەببەتنىڭ ئازابلىرى»نى كۆرىمىز. سۇلايماندىن ئايرىلىش شۇلامىت ئۈچۈن ئازابلىق ئىش بولۇپ، بۇ چۈشنى قوزغاپ چىقاردى. بىراق بۇ چۈش يەنىلا خۇدادىن كەلگەن ئوخشايدۇ، چۈنكى تۆۋەندىكى 6-11-ئايەتلەردە، سۇلايماننىڭ ئۇنى تويغا ئېلىپ كېتىشكە كەلگەنلىكى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ چۈشتىن يەنە شۇنى بىلەلەيمىزكى، شۇلامىت گالىلىيەدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، سۇلايمان ئۆزىدىن ۋاقىتلىق (قىشتا) ئايرىلغان ۋاقىتتا، چوڭقۇر ئويلىنىدۇ ۋە يېرۇسالېمدا ئۇچرايدىغان بارلىق سىناقلارغا يۈزلىنىشكە تەييار تۇرىدۇ. ئۇ سۇلايمانغا ياتلىق بولۇشقا تەييار ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ سۇلايمان بىلەن توي قىلىپ، يېرۇسالېمدا تۇرغاندا ئۇنى: «ئۇ پەقەت «پاھىشە ئايال»دەك سۇلايماننىڭ بايلىقلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياتلىق بولغان، خالاس، دېگۈچىلەرمۇ ئاز بولمايدۇ. چۈشتە كۆرۈلگەن «جېسەكچىلەر» شۇنداق گۇماندا بولغان كىشىلەرگە ۋەكىل بولۇشى مۇمكىن. لېكىن چۈشتە ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان گۇمانلىرىغا پىسەنت قىلماي، يەنىلا سۇلايماننى ئىزدەيدۇ. 3- ۋە 4-ئايەتتە شۇلامىتنىڭ چۈشىدە تارتقان دەردى كۆرۈنىدۇ: خۇددى ئۇ: «يارىمنى تاپاي دەپ شەھەرنى ئايلىناي» دېگىنىدەك، لېكىن نەتىجىسى ئەكسىچە بولۇپ، ئۇنىڭغا «شەھەرنى ئايلىنىدىغان» كۆزەتچىلەر ئۇچراپ قالىدۇ (ئىبرانىي تىلىدا «تاپتى»). بەلكىم چۈشىدە ئۇلار شۇلامىتتىن: «نېمىشقا بۇ قىز تۈن كېچىدە ئايلىنىدۇ؟ پاھىشە ئايال ئوخشايدۇ» دەپ گۇمانلانغان بولۇشى مۇمكىن (بۇنداق ئىش ئىككىنچى قېتىم چۈشىدە يەنە كۆرۈنىدۇ ــ 5-باب، 2-7-ئايەتلەردە). 3:5 «(5-ئايەت) شەرھى» ــ شۇلامىت مۇھەببەتنىڭ دەردىنى تېتىپ باققاندىن كېيىن، «مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت-سائىتى»نىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ بىلىپ يەتتى. 3:6 «(6-ئايەت) شەرھى» ــ بۇ ئايەت سۇلايماننىڭ شۇلامىتنى يۇرتى گالىلىيەدىن تويغا ئېلىپ كېلىشىنى، يەنى سۇلايمان ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن تەختىراۋانغا ئولتۇرۇپ، يېرۇسالېمغا سەپەر قىلغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك (7-ئايەتنى كۆرۈڭ). 3:8 «(7-8-ئايەت) شەرھى» ــ سۇلايمان شۇلامىتنى يېرۇسالېمغا، يەنى تويغا بىخەتەر ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، شۇ ئاتمىش لەشكىرىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىكىدە تەختىراۋان بىلەن كەلگەن. 3:11 «(-11-9ئايەت) شەرھى» ــ يەھۇدىيلارنىڭ تويلىرى ئۇيغۇرلانىڭ تويىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئاساسەن 5 باسقۇچى بار: ــ (1) توختام ــ ئادەتتە يىگىتنىڭ ئەلچىسى ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن توختام تۈزىدۇ. سۇلايمان ئۆز-ئۆزىگە ئەلچى بولۇپ شۇلامىتنىڭ ئاكىلىرى بىلەن توختام قىلغان ئوخشايدۇ (-4ئويلىنىشنى كۆرۈڭ). (2) تويغا سەپەر. يىگىت ئۆزى قىزنى تويغا ئاپىرىشقا كېلىدۇ. (3) نىكاھ مۇراسىمى (6- ۋە 12-ئويلىنىشنى كۆرۈڭ) (4) توي زىياپىتى (بەزى ۋاقىتلاردا بىر ھەپتىگە سوزۇلىدۇ) (1- ۋە 2-ئويلىنىشنى كۆرۈڭ) (5) توي كېچىسى (3- ۋە 7-ئويلىنىشنى كۆرۈڭ) بەزى ئالىملار، بۇ «كارىۋات»نى سۇلايماننى كۆتۈرىدىغان «تەختىراۋان» ياكى «شاھانە ھارۋا» دەپ قارايدۇ. بىراق بىزنىڭچە بۇ تەختىراۋان يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىبرانىي تىلىدىكى 9-ئايەتتىكى «ئاپپىرىيون» دېگەن، سايىۋەنلىك كارىۋاتنى كۆرسەتسە كېرەك.