2
داۋامى
مەن بولسام شارۇن ئوتلىقىدىكى زەپىران، خالاس؛
جىلغىلاردا ئۆسكەن بىر نىلۇپەر، خالاس!»
 
سۇلايمان شۇلامىتقا جاۋاب بېرىدۇ
«تىكەن-جىغانلار ئارىسىدىكى نىلۇپەردەك،
مانا ئىنسان قىزلىرى ئارىسىدا مېنىڭ ئامرىقىم شۇنداقتۇر!».
 
شۇلامىت سۇلايمان توغرۇلۇق سۆز قىلىدۇ
«ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدا ئۆسكەن ئالما دەرىخىدەك،
ئوغۇل بالىلار ئارىسىدىدۇر مېنىڭ ئامرىقىم.
ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا دىلىم ئالەمچە سۆيۈنۈپ ئولتۇردۇم؛
ئۇنىڭ مېۋىسى ماڭا شېرىن تېتىدى؛
ئۇ مېنى شارابخانىغا ئېلىپ كىردى؛
ئۇنىڭ ئۈستۈمدە كۆتۈرگەن تۇغى مۇھەببەتتۇر.
مېنى كىشمىش پوشكاللار بىلەن قۇۋۋەتلەڭلار؛
ئالمىلار بىلەن مېنى يېڭىلاندۇرۇڭلار؛
چۈنكى مۇھەببەتتىن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛
ئۇنىڭ سول قولى بېشىم ئاستىدا،
ئۇنىڭ ئوڭ قولى مېنى سىلاۋاتىدۇ.
ئى يېرۇسالېم قىزلىرى،
جەرەنلەر ۋە دالادىكى ماراللارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن،
سىلەرگە تاپىلايمەنكى،
مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە،
ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!»




 
ئىككىنچى خاتىرە: مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن كۈنلەر ئۈستىدىكى ئويلار {3:5-2:8} •••• تۆتىنچى ئويلىنىش ــ سۇلايماننىڭ ئەتىيازدا شۇلامىتنى يوقلاپ كەلگىنى توغرۇلۇق ئويلار {2:9-2:8} •••• شۇلامىت سۇلايمان توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ
«سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازى!
مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ!
تاغلاردىن سەكرەپ،
ئېدىرلاردىن ئويناقلاپ كېلىۋاتىدۇ!
مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم جەرەن ياكى ياش بۇغىدەكتۇر؛
مانا، ئۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ تېمىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ؛
ئۇ دېرىزىلەردىن قارايدۇ،
ئۇ پەنجىرە-پەنجىرىلەردىن ماراپ باقىدۇ».
 
سۇلايمان شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ
10 «مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
«ئورنۇڭدىن تۇر، ئامرىقىم، مېنىڭ گۈزىلىم، مەن بىلەن كەتكىن؛
11 چۈنكى مانا، قىش ئۆتۈپ كەتتى،
يامغۇر يېغىپ تۈگىدى، ئۇ كېتىپ قالدى؛
12 يەر يۈزىدە گۈللەر كۆرۈندى؛
ناخشىلار سايراش ۋاقتى كەلدى،
زېمىنىمىزدا پاختەكنىڭ ساداسى ئاڭلانماقتا؛
13 ئەنجۈر دەرىخى قىشلىق ئەنجۈرلىرىنى پىشۇرماقتا،
ئۈزۈم تاللىرى چېچەكلەپ ئۆز پۇرىقىنى چاچماقتا؛
ئورنۇڭدىن تۇر، مېنىڭ ئامرىقىم، مېنىڭ گۈزىلىم، مەن بىلەن كەتكىن!
14 ئاھ مېنىڭ پاختىكىم، قورام تاش يېرىقى ئىچىدە،
قىيا دالدىسىدا،
ماڭا ئاۋازىڭنى ئاڭلاتقايسەن،
چۈنكى ئاۋازىڭ شېرىن، جامالىڭ يېقىملىقتۇر!»

 
شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ
15 «تۈلكىلەرنى تۇتۇۋالايلى،
يەنى ئۈزۈمزارلارنى بۇزغۇچى كىچىك تۈلكىلەرنى تۇتۇۋالايلى؛
چۈنكى ئۈزۈمزارلىرىمىز چېچەكلىمەكتە».
 
شۇلامىت يېرۇسالېم قىزلىرىغا سۆز قىلىدۇ
16 «سۆيۈملۈكۈم مېنىڭكىدۇر، مەن ئۇنىڭكىدۇرمەن؛
ئۇ نىلۇپەرلەر ئارىسىدا پادىسىنى بېقىۋاتىدۇ».
 
شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ
17 «تاڭ ئاتقۇچە،
كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە،
ماڭا قاراپ بۇرۇلۇپ كەلگىن، ئى سۆيۈملۈكۈم،
ھىجرانلىق تاغلىرى ئۈستىدىن سەكرەپ كېلىدىغان جەرەن ياكى بۇغىدەك بولغىن!».
 
 
2:1 «(1:2-16:1-ئايەت) شەرھى» ــ ئۆي-ھۇجرا بايان قىلىنغان سۆزلەرگە قارىغاندا، سۇلايمان شۇلامىت ئۈچۈن ئۆز يۇرتىنى ئەسلىتىدىغان ئالاھىدە بىر ئۆينى ياكى ھۇجرىنى ياسىغان (شۇلامىت گالىلىيەلىك بولۇپ، ئۇنىڭ يۇرتىدا كېدىر، ئارچا ۋە قارىغاي دەرەخلىرى كۆپ ئىدى). باشقا بەزى ئالىملار بۇ ئايەتلەرنى، سۇلايمان بىلەن شۇلامىتنىڭ ئورمانلار ئارىسىدا مۇھەببەتلەشكىنىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق يېرۇسالېم ئەتراپىدا مۇنداق كېدىر، ئارچا ئورمانلىرى يوق ئىدى. ئاخىردا شۇلامىت ئۆزىنى «بەك ئاددىي» دەپ ھېس قىلىپ، ئۆزىنى ئوتلاقتا بولىدىغان كىچىك ھەم «ئاددىي» ئىككى گۈلگە ئوخشىتىدۇ. 2:2 «(2-ئايەت) شەرھى» ــ سۇلايمان شۇلامىتنىڭ ئوخشىتىشىنى تىلغا ئېلىپ، ئەسىچە بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭغا نىسبەتەن زەپىران ياكى نىلۇپەر «ئاددىي» بولسىمۇ، ئىنتايىن چىرايلىق ئىدى: ــ «ماڭا نىسبەتەن سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوق، باشقا قىزلارنى سەن بىلەن (تىكەنلەر ۋە نىلۇپەر ئوتتۇرىسىدىكىدەك) ھېچقانداق سېلىشتۇرغۇچىلىكى يوقتۇر». 2:3 كۈي. 8‏:5 2:4 «ئۇنىڭ ئۈستۈمدە كۆتۈرگەن تۇغى مۇھەببەتتۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ ماڭا مۇھەببەت بىلەن قارىدى». 2:5 «مېنى كىشمىش پوشكاللار بىلەن قۇۋۋەتلەڭلار؛ ئالمىلار بىلەن مېنى يېڭىلاندۇرۇڭلار» ــ قەدىمكى زامانلاردا كىشمىش پوشكاللار ۋە ئالمىلار جىنسىي مۇھەببەتنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە، دەپ قارىلاتتى. 2:7 «مۇھەببەتنىڭ ۋاقتى-سائىتى بولمىغۇچە، *ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ۋاقتى-سائىتى بولمىغۇچە، سۆيۈملۈكۈمنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار! «(3-7-ئايەت) شەرھى» ــ 3-ئايەتتە شۇلامىت سۇلايماننىڭ تەرىپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنى «»گە ئوخشىتىدۇ. ئالما دەرىخى ئەسلى پەلەستىن زېمىنىدا ئۆسمەيدۇ، پەقەت باشقا يۇرتلاردىن ئېلىپ كېلىنىپ بەزى يەرلەردە ئالاھىدە تىكىلگەن. شۇڭا ئالما دەرىخى ناھايىتى ئەتىۋارلىق ئىدى، كۆرگەنلا ئادەمنى ئىنتايىن خۇش قىلىۋېتەتتى. بەزى ئالىملار «ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا دىلىم ئالەمچە سۆيۈنۈپ ئولتۇردۇم، ئۇنىڭ مېۋىسى ماڭا شېرىن تېتىدى» دېگىنى شۇلامىتنىڭ سۇلايمان بىلەن بولغان جىنسىي مۇھەببەتلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. باشقىلار بۇنى مۇھەببەتنىڭ ھەر تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. نېمىلا بولمىسۇن ئالما مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى؛ «كىشمىش پوشكاللار» دېگىنى بولسا، جىنسىي مۇھەببەتنى قوزغايدىغان يېمەكلىك ھېسابلىناتتى. 7-ئايەت (مۇھەببەتنىڭ ۋاقتى-سائىتى توغرىسىدا) ئۈستىدە ئۈچ مۇھىم پىكىر بار: (1) مۇھەببەتنىڭ ئۆز تەبىئىي جەريانى بولىدۇ، باشقىلار ئۇنى بالدۇر قوزغىماقچى بولسا زىيان يەتكۈزىدۇ؛ (2) (ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە) ئۆز جورىسىدا قىزغىن مۇھەببەتنى قوزغىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ؛ (3) جىنسىي مۇھەببەتكە قانائەت قىلىشنىڭ ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنى قوزغاشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇ «ئىمكانىيەت» (ئا) پەقەت نىكاھ قىلىنغان ئەھۋالدا بولۇشى (ئە) ئىككى تەرەپكە مۇۋاپىق ۋاقىت بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە. بىزنىڭچە ئايەت بەلكىم بۇ ئۈچ مەنىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2:9 «(8-9-ئايەت) شەرھى» ــ مۇشۇ ئايەتلەردە (9-8) شۇلامىت بەلكىم سۇلايماننىڭ كۆڭلى ئۆزىگە چۈشكەن، ئۆزىنى «جەرەن، بۇغا»نىڭ سۈرئىتىدە قوغلىغان كۈنلەرنى ئەسلەيدۇ. سۇلايمان شۇلامىتنى يوقلىغىلى، ئۇنىڭ بىلەن ئەتىيازلىق مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىشقا ھەمراھ بولۇشقا تەكلىپ قىلغىلى كەلدى (تۆۋەندىكى 10-17-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ). جەرەنلەر، بۇغىلارمۇ كونا زامانلاردا مۇھەببەتنىڭ سىمۋوللىرى ئىدى. 2:14 «(12-14-ئايەت) شەرھى» ــ سۇلايمان گالىلىيەدىكى ئىشلىرىنى قويۇپ قويۇپ، شۇلامىتنى يەنە يوقلاپ بېرىپ، ئۇنى ئەتىيازلىق مەنزىرىدىن بىللە ھۇزۇرلىنىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. يېڭىلا ئۆتۈپ كەتكەن قىش بولسا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى قىلچە سوۋۇتمىدى. 12-ئايەت ئۈستىدە؛ «سايراش ۋاقتى كەلدى» دېگەن ئىبارە ئىككى بىسلىق بولۇپ، ئىككىنچى مەنىسى: «چاتاش ۋاقتى كەلدى». بۇ ئىككى بىسلىقلىقى بەلكىم قەستەن ئىشلىتىلگەن. 13-ئايەت ئۈستىدە؛ پاختەكلەر ئىنسانغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇلايىم قۇش دەپ ھېسابلىنىدۇ، بىراق «تارتىنچاق» بولىدۇ. سۇلايمان شۇلامىتنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئاڭلىماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى «قورام تاش يېرىقى ئىچىدە تۇرغان پاختەك»كە ئوخشىتىدۇ. ئۇ سۇلايماننىڭ مۇھەببىتى ئىچىدە مۇتلەق بىخەتەر؛ ئۇ ھەرگىز سۆزلىرىدىن رەنجىمەيدۇ. ئۇنىڭ جاۋابى تۆۋەندە كۆرۈلىدۇ (15-ئايەت). 2:15 «(15-ئايەت) شەرھى» ــ تۈلكىلەر ئۈزۈمزارلاردا تۆشۈكلەرنى ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە كولاپ، ئوۋ ئىزدەپ تال يىلتىزلىرىغا كۆپ زىيان يەتكۈزىدۇ. بىراق بۇ يەردىكى «ئۈزۈمزار»، شۈبھىسىزكى، ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە بەزى توسالغۇ ياكى دەخلى بولغان ئىشلارنى بايقاپ، دەرھال بۇ ئىشلارنى (مەيلى «كىچىك» بولسىمۇ) بىر تەرەپ قىلايلى دەپ ئۆتۈنىدۇ. ئۇلار شۇ چاغدا تېخى ئەر-خوتۇب بولمىسىمۇ، بۇنداق توسالغۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش بالدۇرلۇق قىلمايتتى. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە توسالغۇ بولغان ناھايىتى چوڭ بىر ئىش سۇلايماننىڭ ئۆز خىزمىتى ۋە ئېغىر مەسئۇلىيىتى بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇلامىت «ئۆزۈم سۇلايماننى بۇ خىزمىتىنى خاتىرجەملىك بىلەن ئورۇنداشقا تولۇق قويۇۋېتىشىم كېرەك» دەپ چۈشىنىدۇ. «نېمىشقا سەن شۇنچە كۆپ ۋاقىت ئىشلەيسەن، سەن ماڭا ۋاقتىڭنى ئاجراتمايسەن، سەن مېنى سۆيمەيسەن» دېگەندەك پوزىتسىيە كۆپ ئەر-خوتۇنلارنىڭ مۇھەببىتىنى بۇزۇپ كەلمەكتە. شۇڭا تۆۋەندىكى 16-ئايەتتە، بىز سۇلايماننىڭ ئۆز خىزمىتىنى خاتىرجەملىك بىلەن قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. شۇلامىت ئۇنى: «ئىش بىلەن ئالدىراش بولغىنىڭ بىلەن، سەن يەنىلا مېنى سۆيىسەن!» دېگەندەك تولۇق ئىشەنچ بىلەن سۇلايماننى ئۆز ئىشىغا قويۇۋەتكەن ئوخشايدۇ. 2:16 «(16-ئايەت) شەرھى» ــ شۇلامىت يېرۇسالېم قىزلىرىغا، ئۆزىنىڭ سۇلايماننىڭ مۇھەببىتى ئىچىدە «قورام تاش يېرىقى ئىچىدە تۇرغان پاختەك»تەك تولىمۇ بىخەتەر ئىكەنلىكى توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىدۇ. سۇلايمان ئۆزىنىڭ «پادا بېقىش» ئىشلىرى بىلەن خاتىرجەم شۇغۇللىنىدۇ. 2:17 «(17-ئايەت) شەرھى» ــ يۇقىرىقى ئايەتتە بىز «مۇھەببەتنىڭ ئىشەنچى»نى كۆردۇق. ھازىر «مۇھەببەتنىڭ جىددىي تەلىپى»نى كۆرىمىز ــ خۇددى «تېزراق ئىشىڭنى تۈگىتىپ يېنىمغا قايتىپ كەل!» دېگەندەك. ئىزاھات: «ھىجرانلىق تاغلىرى ئۈستىدىن...» ياكى ««بېتەر» تاغلىرى ئۈستىدىن...». «بېتەر تاغلىرى» دېگەن تاغلار بىزگە نامەلۇم؛ شۇڭا تەرجىمىمىزدىكىدەك «ئايرىۋېتىش» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.