كۈيلەرنىڭ كۈيى
1
«كۈيلەرنىڭ كۈيى» ــ سۇلايماننىڭ كۈيى.  
 
بىرىنچى قىسىم ــ مۇھەببەتنىڭ باشلىنىشى •••• {1:2-5:1} •••• بىرىنچى خاتىرە ــ توي كۈنى ئۈستىدە بولغان ئويلار {1:2-2:7} •••• بىرىنچى ئويلىنىش ــ شۇلامىت سۇلايماننىڭ ئوردىسىدا ــ توي زىياپىتىگە تەييارلىنىش {2:1-8:1} •••• شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ
«ئۇ ئوتلۇق ئاغزى بىلەن مېنى سۆيسۇن؛
چۈنكى سېنىڭ مۇھەببىتىڭ شارابتىن شېرىندۇر.
خۇشپۇراقتۇر سېنىڭ ئەتىرلىرىڭ؛
قۇيۇلغان پۇراقلىق ماي سېنىڭ نامىڭدۇر؛
شۇڭلاشقا قىزلار سېنى سۆيىدۇ.
كۆڭلۈمنى ئۆزۈڭگە مەھلىيا قىلغايسەن ــ
بىز ساڭا ئەگىشىپ يۈگۈرەيلى!
ــ پادىشاھ مېنى ئۆز ھۇجرىلىرىغا ئەكىرگەي!»
 
يېرۇسالېم قىزلىرى سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ
«بىز سەندىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمىز؛
سېنىڭ مۇھەببەتلىرىڭنى شارابتىن ئارتۇق ئەسلەپ تەرىپلەيمىز».
 
شۇلامىت «يېرۇسالېم قىزلىرى»غا جاۋاب قىلىدۇ
«ئۇلار سېنى دۇرۇسلۇق بىلەن سۆيىدۇ».
ــ «قارا تەنلىك بولغىنىم بىلەن چىرايلىقمەن، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى!
بەرھەق، كېدارلىقلارنىڭ چېدىرلىرىدەك،
سۇلايماننىڭ پەردىلىرىدەك قارىمەن.
ماڭا تىكىلىپ قارىماڭلار،
چۈنكى قارىدۇرمەن،
چۈنكى ئاپتاپ مېنى كۆيدۈردى؛
ئانامنىڭ ئوغۇللىرى مەندىن رەنجىگەن؛
شۇڭا ئۇلار مېنى ئۈزۈمزارلارنى باققۇچى قىلدى؛
شۇڭا ئۆز ئۈزۈمزارىمنى باقالمىغانمەن».


 
شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ
«ھەي، جېنىم سۆيگىنىم، دېگىنە،
پاداڭنى قەيەردە باقىسەن؟
ئۇنى كۈن قىيامىدا قەيەردە ئارام ئالغۇزىسەن؟
ھەمراھلىرىڭنىڭ پادىلىرى يېنىدا چۈمپەردىلىك ئاياللاردەك يۈرۈشۈمنىڭ نېمە ھاجىتى؟»

 
سۇلايمان شۇلامىتنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ
«ئى قىز-ئاياللار ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى، ئەگەر سەن بۇنى بىلمىسەڭ،
پادامنىڭ باسقان ئىزلىرىنى بېسىپ مېڭىپ،
پادىچىنىڭ چېدىرى يېنىدا ئۆز ئوغلاقلىرىڭنى ئوزۇقلاندۇرغىن».

 
ئىككىنچى ئويلىنىش ــ توي زىياپىتىدىكى داستىخان ئۈستىدە بولغان ئويلار •••• سۇلايمان شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ
«ئى سۆيۈملۈكۈم، مەن سېنى پىرەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىغا قېتىلغان بىر بايتالغا ئوخشاتتىم؛
10 سېنىڭ مەڭزىلىرىڭ تىزىلغان مۇنچاقلار بىلەن،
بوينۇڭ مارجانلار بىلەن گۈزەلدۇر.
11 بىز ساڭا كۈمۈش كۆزلەر قۇيۇلغان،
ئالتۇندىن زىبۇ-زىننەتلەرنى ياساپ بېرىمىز».
 
شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ
12 «پادىشاھ توي داستىخىنىدا ئولتۇرغىنىدا، سۇمبۇل مەلھىمىم پۇراق چاچىدۇ؛
13 مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم، ئۇ ماڭا بىر مونەك مۇرمەككىدۇر،
ئۇ كۆكسلىرىم ئارىسىدا قونۇپ قالىدۇ؛
14 مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا ئەن-گەدىدىكى ئۈزۈمزارلاردا ئۆسكەن بىر غۇنچە خېنە گۈلىدەكتۇر».
 
ئۈچىنچى ئويلىنىش ــ توي ھۇجرىسىدا بولغان ئويلار   {1:15-2:7} •••• سۇلايمان شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ
15 «مانا، سەن گۈزەل، ئامرىقىم!
مانا، سەن شۇنداق گۈزەل!
كۆزلىرىڭ پاختەكلەرنىڭكىدەكتۇر!»
 
شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ
16 «مانا، سەن گۈزەل، سۆيۈملۈكۈم؛
بەرھەق، يېقىملىق ئىكەنسەن؛
بىزنىڭ ئورۇن-كۆرپىمىز يېشىلدۇر؛
17 ئۆيىمىزدىكى لىملار كېدىر دەرىخىدىن،
ۋاسىلىرىمىز ئارچىلاردىندۇر.
 
 
1:1 «شەرھ» ــ بۇ ماۋزۇ «كۈي-ناخشىلار ئارىسىدىكى ئەڭ ئېسىل كۈي-ناخشا» دېگەن مەنىدە. سۇلايمان جەمئىي 1005 كۈي-ناخشا يازغان («1پاد.» 32:4). 1:1 1پاد. 4‏:32 1:2 «ئۇ ئوتلۇق ئاغزى بىلەن مېنى سۆيسۇن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئاغزىدىكى سۆيۈشلىرى بىلەن سۆيسۇن!». «چۈنكى سېنىڭ مۇھەببىتىڭ شارابتىن شېرىندۇر» ــ «مۇھەببىتىڭ» ئىبرانىي تىلىدا كۆپلۈك شەكلىدە بولۇپ (مۇھەببەتلىرىڭ) مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئىپادە-ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 2-4-ئايەتنىڭ شەرھى: مۇشۇ يەردە شۇلامىت توينىڭ بىرىنچى زىياپىتى ئۈچۈن تەييارلىنىدۇ. نىكاھ مۇراسىمى ئاللىقاچان ئۆتكۈزۈلگەن: 2-ئايەتتە قىزىق يېرى شۇكى، شۇلامىت بايانىنى پەقەت «ئۇ» بىلەن باشلايدۇ ــ كىم ئىكەنلىكىنى دېمەيدۇ! چۈنكى سۆيگۈچى كىشىگە نىسبەتەن ھەردائىم پەقەت بىردىنبىر «ئۇ» بار! 1:3 «بىز ساڭا ئەگىشىپ يۈگۈرەيلى! ــ بۇ سۆزلەرنى شۇلامىتنىڭكى، بىراق «يېرۇسالېم قىزلىرى»نى ئۆزى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «بىز ساڭا ئەگىشىپ يۈگۈرەيلى!» ئېيتىدۇ. 1:4 «بىز سەندىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمىز؛ سېنىڭ مۇھەببەتلىرىڭنى شارابتىن ئارتۇق ئەسلەپ تەرىپلەيمىز» ــ بەزى ئالىملار بۇ سۆزلەرنى «شۇلامىت»قا ئېيتىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن يېرۇسالېم قىزلىرى شۇلامىتقا قولداش بولۇپ ئۇ ۋە سۇلايمان ئۈچۈن خۇشال بولۇۋاتىدۇ. 1:5 «ئۇلار سېنى دۇرۇسلۇق بىلەن سۆيىدۇ» ــ بۇ ئايەتتە شۇلامىت سۆز قىلىدۇ. ئاۋۋالقى گەپنى ئۇ سۇلايمانغا ئېيتىدۇ. «ئۇلار» ــ مۇشۇ يەردە يېرۇسالېم قىزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 1:6 «5-6-ئايەت شەرھى» ــ يېرۇسالېم قىزلىرىنىڭ سۇلايماننى تەرىپلىشى شۇلامىتقا ئۆزىنىڭ «قارا تەنلىك» ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭدىن بىر ياكى بىرقانچە قېتىم رەنجىپ ئۇنى ئۈزۈمزارلاردا ئىشلەشكە ئەۋەتكەن. ئۈزۈمزارلاردا سايە ئاز بولغاچقا ئۇ «قارا تەنلىك» بولۇپ قالغان. ئىبرانىي تىلىدا «مەندىن رەنجىدى» ۋە «مېنى كۆيدۈردى» دېگەن ئىبارىلەر ئوخشاش. «ئۆز ئۈزۈمزارىمنى باقالمىغانمەن» ــ بۇ بەلكىم كۆچمە مەنىدە بولۇپ: «مەن ھەردائىم دالادا بولغاچقا، ئۆزۈمنى ئاسراش، ئۆزۈمنىڭ گۈزەللىكىمنى ساقلاش-بېزەش، پەردازلاش ۋاقتىم يوق ئىدى» دېگەنلىكتۇر. كېدارلىقلار چارۋىچى خەلق ئىدى، ھەردائىم چېدىرلاردا تۇراتتى. ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى قاپقارا بولسا كېرەك. بىراق «سۇلايماننىڭ پەردىلىرى» بولسا قارا ياكى توق رەڭلىك بولغىنى بىلەن، بىراق شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە چىرايلىق گۈل-نۇسقىلىرى بار ئىدى. 1:7 «7-ئايەت شەرھى» ــ شۇلامىت ھازىر ئۇلارنىڭ ئاۋۋالقى مۇھەببەتلەشكەن كۈنلىرىنى ئەسلىتىدۇ. شۇ چاغلاردا سۇلايمان پادىشاھ ئەل-يۇرتلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن پادىچى قىياپىتىدە شۇلامىتنىڭ يۇرتى، يەنى گالىلىيەگە كەلگەن بولسا كېرەك. شۇڭا شۇلامىت سۇلايماننى ئاددىي بىر پادىچى ئىكەن دەپ ئويلىغان. شۇلامىت ئۇنىڭغا كۆيۈپ ئۇنى ئىزدىگەندە، ئۇ پادىلار كۆپ بولغان يەرلەردە (سۇلايماننىڭ «ھەمراھلىرى» بولغان باشقا پادىچىلار بار يەرلەردە) ئايلىنىپ يۈرگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىنى، شۇنداقلا ئۆزىنى ئىزاغا قويماسلىق ئۈچۈن، شۇلامىت ئۆزى بىرنەچچە قوزىنى ئېلىپ (8-ئايەت)، پادىچىنىڭ قىياپىتىدە ئۆز چىرايىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن چۈمپەردە تارتىۋالغان. بىراق شۇنداق نىقابلىنىش بىلەن ئۇنىڭ قىياپىتى پاھىشە ئايالنىڭكىگە ئوخشاپ قالغان (توي قىلىۋاتقان قىزلار چۈمپەردە ئارتقاندەك، پاھىشە ئاياللار شۇ چاغدا چۈمپەردە ئارتاتتى. ئۇلار شۇ تۇرقىدا ئەرلەرگە: «مەن بۈگۈن كېچە سەن بىلەن توي قىلغۇدەكمەن» دەپ ئىپادىلەيتتى ۋە ھەمدە ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى يوشۇرالايتتى، ئەلۋەتتە). ئەگەر ئۇ «سۆيگەن پادىچى» ئۆز پادىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسا، بۇنداق ئاۋارىچىلىك ياكى سەتلىكنىڭ ھاجىتى يوق بولاتتى، ئەلۋەتتە. «كۈن قىيامدا» پادىسى ھېچ كۆچمەي، مۇقىم بىر جايدا مىدىرىماي يېتىشى مۇمكىن. «...يېنىدا چۈمپەردىلىك ئاياللاردەك يۈرۈشۈمنىڭ نېمە ھاجىتى؟» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «نېمىشقا تېنەپ كەتكەن بىرسىدەك چۆرگىلەپ يۈرەي؟». 1:8 «ئى قىز-ئاياللار ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى، ئەگەر سەن بۇنى بىلمىسەڭ،...» ــ بەزى ئالىملار، بۇ جاۋابنى «يېرۇسالېمنىڭ قىزلىرى» بەرگەن، دەپ قارايدۇ. «پادىچىنىڭ چېدىرى يېنىدا ئۆز ئوغلاقلىرىڭنى ئوزۇقلاندۇرغىن» ــ ياكى «پادىچىلارنىڭ چېدىرلىرى يېنىدا ئۆز ئوغلاقلىرىڭنى ئوزۇقلاندۇرغىن». 8-ئايەتنىڭ شەرھى: بۇ ئايەتنى شەرھلەش تەس. بىزنىڭچە مەنىسى بەلكىم تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ. سۇلايمان پادىشاھنىڭ جاۋابىنىڭ كۆچمە مەنىسى بار. پادىشاھنىڭ «مېنىڭ پادام»ى قويلار ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل يەھۇدىي خەلقى، «پادامنىڭ ئىزلىرى» بولسا پۈتۈن ئىسرائىلنىڭ ھېيت-بايرام ۋاقىتلىرىدا يېرۇسالېمغا چىققان ئىزلىرىدۇر، دېمەكچى. شۇڭا جاۋابنىڭ كۆچمە مەنىسى: «سەن ماڭا تېگەي دېسەڭ، ئەمدى ئۆز يۇرتۇڭنى تاشلاپ، يات يۇرتتا، يات ئەھۋالدا، يەنى پايتەخت يېرۇسالېمدا (سۇلايماننىڭ «چېدىرى»دا، يەنى ئۇنىڭ ئوردىسىدا، دېمەك) تۇرۇشقا رازى بولۇشۇڭ كېرەك» دېگەنلىكتۇر. «ئۆز ئوغلاقلىرىڭنى ئوزۇقلاندۇرغىن» دېگەن سۆز، بەلكىم «ماڭا تەگسەڭ، سېنىڭمۇ «باشقىلارنى بېقىش» مەسئۇلىيىتىڭ بولىدۇ» دېگەنلىكتۇر. 1:11 «(9-11-ئايەت) شەرھى» ــ قەدىمكى زامانلاردا، ئوتتۇرا شەرقتىكى مەملىكەتلەردە ئاتلار ئىنتايىن قەدرىلىنىپ، «ئۇلاغ» ئورنىدا ئىشلىتىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئادەمنىڭ ھەمراھى دەپ قارالغان؛ سۇلايمان ئۆزى ئاتلارغا بەك ئامراق ئىدى. مىسىرنىڭ ئاتلىرى بولسا ئەڭ ئېسىل ئىدى؛ پىرەۋننىڭ ئاتلىرى مىسىرنىڭ ئەڭ ئېسىل ئېتى بولۇپ، چىرايلىق جابدۇلاتتى، ئەلۋەتتە. شۇنىڭدەك ئايەتنىڭ يەنە بىر نۇسقىسى بار؛ مىسىردىكى جەڭ ھارۋىلىرىنى تارتقان ئاتلار ئادەتتە بايتاللار ئەمەس، ئايغىرلار ئىدى؛ شۇڭا سۇلايمان بۇ ئوخشىتىشى بىلەن، بەلكىم ئۆزىنىڭ شۇلامىت بىلەن بىللە بولغىنىدىن ھاياجانلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 1:12 «سۇمبۇل مەلھىمىم پۇراق چاچىدۇ» ــ «سۇمبۇل» ئوتتۇرا شەرقتىكى ناھايىتى خۇشپۇراقلىق بىرخىل ئۆسۈملۈك. 1:13 «مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم، ئۇ ماڭا بىر مونەك مۇرمەككىدۇر» ــ «مۇرمەككى» بىرخىل ئەتىر. ئاياللار ئۇنى كىچىككىنە بىر مونەك قىلىپ باغلاپ بوينىغا ئېسىپ قويسا، ئۇ پۈتۈن كۈن خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ. 1:14 «... ئەن-گەدىدىكى ئۈزۈمزارلاردا ئۆسكەن بىر غۇنچە خېنە گۈلىدەكتۇر» ــ قانائاندا (پەلەستىندە) «ئەن-گەدى»نىڭ ئۈزۈمزارلىرى ئەڭ ئېسىلدۇر. 1:15 «(15-ئايەت) شەرھى» ــ «كۆزلىرىڭ پاختەكلەردەك گۈزەل» ــ ياكى «كۆزلىرىڭ پاختەكلەرنىڭكىدەك گۈزەل»؛ ياكى «پاختەكلەرنىڭ گۈزەل تەبىئىتى ئەكس ئەتكەندەك» ياكى «پاختەكلەرنىڭ قاناتلىرى جەۋلان قىلغاندەك شۇلامىتنىڭ كۆزلىرى ئويناپ تۇراتتى»، دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بار. ئوتتۇرا شەرقتە قىزلار بۈگۈنگە قەدەر يۈز قىسمىدىن سىرت بەدىنىنىڭ باشقا جايلىرىنى دېگۈدەك كىيىم-كېچەك بىلەن ئورىۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن، قىز-يىگىتلەر بىر-بىرى بىلەن سۆزلەشكەندە قىزنىڭ كۆزلىرى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئەلۋەتتە. ئىزاھات: ــ مۇشۇ ئايەتتە ۋە تۆۋەندە، «ئامرىقىم» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا دوستلۇق دېگەن ئۇقۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇلامىت سۇلايماننى ۋە سۇلايمان شۇلامىتنى بۇ سۆز بىلەن ئۆزئارا «دوست» دەپ ئاتايدۇ. دوستلۇق ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى؛ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇنىڭ ئۈستىدە توختىلىمىز.