6
يېرۇسالېم قىزلىرى سۆزلەيدۇ
«سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭ نەگە كەتكەندۇ،
قىز-ئاياللار ئارىسىدا ئەڭ گۈزەل بولغۇچى؟
سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭ قەيەرگە بۇرۇلۇپ كەتتى؟
بىز سەن بىلەن بىللە ئۇنى ئىزدەيلى!»
 
شۇلامىت ئۇلارغا جاۋاب بېرىدۇ
«مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئۆز بېغىغا چۈشتى،
تېتىتقۇ ئوتياشلىقلارغا چۈشتى.
باغلاردا ئوزۇقلىنىشقا،
نىلۇپەرلەرنى يىغىشقا چۈشتى.
مەن مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭكىدۇرمەن،
ۋە سۆيۈملۈكۈم مېنىڭكىدۇر؛
ئۇ ئۆز پادىسىنى نىلۇپەرلەر ئارىسىدا باقىدۇ»
 
توققۇزىنچى ئويلىنىش ــ سۇلايماننىڭ شۇلامىتقا قايتىپ كېلىشى ــ شۇلامىتنى قايتا ماختىشى {6:4-6:9} •••• سۇلايمان شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ
«سەن گۈزەل، ئى سۆيۈملۈكۈم، تىرزاھ شەھىرىدەك گۈزەل؛
يېرۇسالېمدەك يېقىملىق،
تۇغلارنى كۆتۈرگەن بىر قوشۇندەك ھەيۋەتلىكتۇرسەن؛
ئاھ، كۆزلىرىڭنى مەندىن كەتكۈزگىن!
چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن غالىب كېلىۋاتىدۇ؛
چاچلىرىڭ گىلېئاد تېغى باغرىدا ياتقان بىر توپ ئۆچكىلەردەكتۇر.
چىشلىرىڭ يېڭىلا يۇيۇلۇشتىن چىققان قىرقىلغان بىر توپ قويلاردەك؛
ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشكېزەك تۇغقانلاردىندۇر؛
ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر؛
چۈمبىلىڭ كەينىدە چېكىلىرىڭ پارچە ئاناردۇر.
ئاتمىش خانىش، سەكسەن كېنىزەكمۇ بار؛
قىزلار ساناقسىز؛  
بىراق مېنىڭ پاختىكىم، غۇبارسىزىم بولسا بىردىنبىردۇر؛
ئانىسىدىن تۇغۇلغانلار ئىچىدە تەڭداشسىز بولغۇچى،
ئۆزىنى تۇغقۇچىنىڭ تاللىغىنىدۇر.
قىزلار ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتاشتى،
خانىشلار ۋە كېنىزەكلەرمۇ كۆرۈپ ئۇنى ماختاشتى».
 
بەشىنچى خاتىرە ــ يېزىدا دەم ئېلىش ــ گالىلىيەگە قايتىش {6:10-8:14} •••• ئونىنچى ئويلىنىش ــ ««ماھانائىم»، يەنى «ئىككى بارگاھ» ئۇسسۇلى» {6:10-7:10} •••• يېرۇسالېم قىزلىرى سۆز قىلىدۇ
10 «تاڭ سەھەر جاھانغا قارىغاندەك،
ئايدەك گۈزەل، ئايدىڭدەك روشەن،
ئىللىق قۇياشتەك يورۇق،
تۇغلارنى كۆتۈرگەن قوشۇنلاردەك ھەيۋەتلىك بولغۇچى كىمدۇر؟»
 
شۇلامىت يېرۇسالېم قىزلىرىغا سۆز قىلىدۇ
11 «مېغىزلار بېغىغا چۈشتۈم،
جىلغىدىكى گۈل-گىياھلارنى كۆرۈشكە،
ئۈزۈم تېلىنىڭ بىخلىغان-بىخلىمىغانلىقىنى كۆرۈشكە،
ئانارلارنىڭ چېچەكلىگەن-چېچەكلىمىگەنلىكىنى كۆرۈشكە؛
12 بىراق بىلە-بىلمەي،
جېنىم مېنى كۆتۈرۈپ،
ئېسىل خەلقىمنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىگە قويغانىكەن».
 
يېرۇسالېم قىزلىرى يەنە شۇلامىتنى ماختاپ سۆز قىلىدۇ
13 «قايتقىن، قايتقىن، ئى شۇلامىت ــ
قايتقىن، قايتقىن، بىزنىڭ ساڭا قارىغۇمىز باردۇر!»
 
«سىلەر شۇلامىتنىڭ نېمىسىگە قارىغۇڭلار بار؟»
 
«“ئىككى بارگاھ” ئۇسسۇلغا چۈشكەن ۋاقتىدىكىدەك ئۇنىڭغا قارايمىز!»

 
 
6:1 «سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭ نەگە كەتكەندۇ، قىز-ئاياللار ئارىسىدا ئەڭ گۈزەل بولغۇچى؟ .... بىز سەن بىلەن بىللە ئۇنى ئىزدەيلى!» ــ يېرۇسالېم قىزلىرىنىڭ 9:5-ئايەتتىكى مازاق ۋە گۇمانلىرى پۈتۈنلەي يوقىدى. 6:3 «(-3-2ئايەت) شەرھى» ــ ئادەتتە بۇ مۇھەببەت شېئىرىدە «باغ» شۇلامىتنىڭ بەدىنىنى ياكى ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ يەردە «باغ» سۇلايمان شۇلامىتقا مۇھەببىتىنى كۆرسەتمەكتە، ئۇنىڭ بەدىنىدىن يەنە ھۇزۇرلانماقتا، دەپ قارايمىز. شۇلامىتنىڭ سۇلايماننىڭ ئۆزىگە باغلىغان مۇھەببىتىگە ئىشەنچى كامىل: 16:2دە ئۇ: «سۆيۈملۈكۈم مېنىڭكىدۇر، مەن ئۇنىڭكىدۇرمەن» دەيدۇ؛ ھازىر ئۇنىڭغا نىسبەتەن سۆيگىنىنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا تەۋە بولغانلىقى ئەڭ مۇھىم ئىشتۇر. «ئۇ ئۆز پادىسىنى نىلۇپەرلەر ئارىسىدا باقىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ نىلۇپەر ئارىسىدا ئوزۇقلىنىدۇ». بىراق نېمىلا بولمىسۇن بۇنىڭ كۆچمە مەنىسى تەرجىمىمىزنىڭكىدەك بولىدۇ ــ دېمەك، سۇلايمان شۇلامىتنىڭ بەدىنىدىن ھۇزۇرلانماقتا. 6:4 «سەن گۈزەل، ئى سۆيۈملۈكۈم، تىرزاھ شەھىرىدەك گۈزەل» ــ تىرزاھ شەھىرى ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. سۇلايماننىڭ دەۋرىدىن كېيىن ئۇ ئىسرائىلنىڭ شىمالىي پادىشاھلىقىنىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى بولدى («1پاد.» 15-باب). 6:6 «ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر» ــ ياكى «ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى تۇغماستۇر». 6:8 «ئاتمىش خانىش، سەكسەن كېنىزەكمۇ بار؛ قىزلار ساناقسىز» ــ «خانىش»لار تولۇق ئايال دەرىجىسىدە، «كېنىزەكلەر» ھەرەمدىكى «كىچىك خوتۇن» دەرىجىسىدە، «قىزلار» كەلگۈسىدىكى كېنىزەكلەر ئىدى. بۇلارنىڭ سانلىرىغا قارىغاندا سۇلايمان پادىشاھلىقىنىڭ دەسلىپىدىلا شۇلامىتنى ئۆز ئەمرىگە ئالغانىدى. كېيىن ئۇنىڭ 700 ئايالى، 300 كېنىزىكى بولغان («1پاد.» 11-بابنى كۆرۈڭ). بىز بۇ ئىش ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 6:8 1پاد. 11‏:3 6:9 «(9-4-ئايەت) شەرھى» ــ سۇلايماننىڭ بۇ قېتىمقى شۇلامىتنى ماختىغان بەزى سۆزلىرى توي كېچىسىدىكىگە ئوخشاش بولغىنى بىلەن، يېڭىدىن قوشۇلغان ماختاشلىرى تېخىمۇ كۈچلۈك. ئۇ يەنە شۇلامىتنى قەدىرلەيدۇ، تېخىمۇ ماختايدۇ. سۇلايماننىڭ ئۇنىڭغا باغلىغان مۇھەببىتى ئۇنىڭ «ئۆلچەمگە يەتكەنلىكى»گە ئاساسلانغان ئەمەس. 6:10 «(10-ئايەت) شەرھى» ــ شۇلامىت ھازىر سۇلايماننىڭ مۇھەببىتىنىڭ تەسىرىدە ئىشەنچكە تولغان، كۈچلۈك زات بولۇپ چىقتى. «تاڭ سەھەر جاھانغا قارىغاندەك» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «تاڭ سەھەردەك نۇرلۇق كۆرۈنگەن،...» 6:12 «(12-11-ئايەت) شەرھى» ــ شۇلامىت يەنە كەمتەرلىك بىلەن بۇنداق ماختاشلارغا جاۋاب بېرىدۇ؛ ئۇ بىردىنلا خانىش بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆز خەلقىگە باغلىغان ھۆرمىتى بۇرۇنقىدەكلا چوڭقۇردۇر («مېنىڭ ئېسىل خەلقىم»، دەيدۇ). ئۇ تۇيۇقسىز سەھرالىق قىز سالاھىيىتىدىن خانىشلىق ئورنىغا چىققاندا ھېچ ئادەتلىنەلمىگەن. ئەكسىچە، ئۇ شۇ ئەتىگەندىلا «جىلغىدىكى گۈل-گىياھلارنى كۆرۈشكە، مېغىزلار بېغىغا چۈشكەن» ئىدى، چۈنكى بۇلار بەلكىم ئۇنىڭغا ئۆز يۇرتى گالىلىيەنى ئەسلىتىدۇ. 12-ئايەتنى ئىبرانىي تىلىدا چۈشىنىش بەك تەس، باشقا كۆپ تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ مەنىسى بىزنىڭچە قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈلۈشى بىلەن باغلىقتۇر. 6:13 «سىلەر شۇلامىتنىڭ نېمىسىگە قارىغۇڭلار بار؟» ــ بۇ سۆزلەرنى شۇلامىت ئېيتىدۇ. «“ئىككى بارگاھ” ئۇسسۇلغا چۈشكەن ۋاقتىدىكىدەك ئۇنىڭغا قارايمىز!» ــ بۇ سۆزلەرنى يېرۇسالېم قىزلىرى ئېيتىدۇ. «ئىككى بارگاھ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماھانائىم» دېگەن يەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «ئىككى بارگاھ» ئۇسسۇل بەلكىم مۇھەببەتنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئۇسسۇل ئىدى. ئىزاھات: ــ قىز مۇشۇ يەردە «شۇلامىت» (شۇلاملىق قىز) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ بەلكىم گالىلىيەدىكى «شۇنەم» دېگەن شەھەردىن كەلگەن. «شۇنەم» كېيىن «شۇلەم» دەپ ئاتالغان. «شۇلامىت» ياكى «شۇلاملىق» دېگەننىڭ باشقا بىر مەنىسى «سۇلايمان خانىم»؛ يەنى بىر مەنىسى «كامىل بولغۇچى». مۇشۇ يەردە ئۇ يەنە ماختاشلارغا كەمتەرلىك بىلەن جاۋاب بېرىدۇ.