4
ئاخىرقى زامانلاردىكى يېرۇسالېم
بىراق ئاخىرقى زاماندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ بېشى بولۇپ بېكىتىلىدۇ،
ھەممە دۆڭ-ئېگىزلىكتىن ئۈستۈن قىلىنىپ كۆتۈرۈلىدۇ؛
بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ.  
نۇرغۇن قوۋم-مىللەتلەر چىقىپ بىر-بىرىگە: ــ
«كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا،
ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كېلەيلى؛
ئۇ ئۆز يوللىرىدىن بىزگە ئۆگىتىدۇ،
ۋە بىز ئۇنىڭ ئىزلىرىدا ماڭىمىز» ــ دېيىشىدۇ.
چۈنكى قانۇن-يوليورۇق زىئوندىن،
پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى يېرۇسالېمدىن چىقىدىغان بولىدۇ.
ئۇ بولسا كۆپ خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ،
ئۇ كۈچلۈك ئەللەر، يىراقتا تۇرغان ئەللەرنىڭ ھەق-ناھەقلىرىگە كېسىم قىلىدۇ؛
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى،
نەيزىلىرىنى ئورغاق قىلىپ سوقۇشىدۇ؛
بىر ئەل يەنە بىر ئەلگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ،
ئۇلار ھەم يەنە ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ؛
بەلكى ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ،
ۋە ھېچكىم ئۇلارنى قورقاتمايدۇ؛
چۈنكى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق ئېيتتى.  
بارلىق خەلقلەر ئۆز «ئىلاھ»ىنىڭ نامىدا ماڭسىمۇ،
بىراق بىز خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئەبەدىلئەبەدگىچە ماڭىمىز.
شۇ كۈنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن مېيىپ بولغۇچىلارنى،
ھەيدىۋېتىلگەنلەرنى ۋە ئۆزۈم ئازار بەرگەنلەرنى يىغىمەن؛  
ۋە مېيىپ بولغۇچىنى بىر «قالدى»،
ھەيدىۋېتىلگەننى كۈچلۈك بىر ئەل قىلىمەن؛
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار زىئون تېغىدا ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ،
شۇ كۈندىن باشلاپ مەڭگۈگىچە.  
ۋە سەن، ئى پادىنى كۆزەتكۈچى مۇنار،
ــ زىئون قىزىنىڭ ئېگىزلىكى، پادىشاھلىق ساڭا كېلىدۇ: ــ
ــ بەرھەق، ساڭا ئەسلىدىكى ھوقۇق-ھۆكۈمرانلىق كېلىدۇ؛
پادىشاھلىق يېرۇسالېم قىزىغا كېلىدۇ.
 
شەرەپتىن ئىلگىرى بولغان ئازاب
ئەمدى سەن ھازىر نېمىشقا نىدا قىلىپ نالە كۆتۈرىسەن؟
سەندە پادىشاھ يوقمىدى؟
سېنىڭ مۇشاۋىرىڭمۇ ھالاك بولغانمىدى،
ئايالنى تولغاق تۇتقاندەك ئازابلار سېنى تۇتۇۋالغانمىدى؟
10 ئازابقا چۈش، تولغاق تۇتقان ئايالدەك تۇغۇشقا تولغىنىپ تىرىشقىن، ئى زىئون قىزى؛
چۈنكى سەن ھازىر شەھەردىن چىقىسەن،
ھازىر دالادا تۇرىسەن،
سەن ھەتتا بابىلغىمۇ چىقىسەن.
سەن ئاشۇ يەردە قۇتقۇزۇلىسەن؛
ئاشۇ يەردە پەرۋەردىگار ساڭا ھەمجەمەت بولۇپ دۈشمەنلىرىڭدىن قۇتقۇزىدۇ.
11 ۋە ھازىر نۇرغۇن ئەللەر: ــ «ئۇ ئاياغ ئاستى قىلىنىپ بۇلغانسۇن!
كۆزىمىز زىئوننىڭ ئىزاسىنى كۆرسۈن!» ــ دەپ ساڭا قارشى جەڭ قىلىشقا يىغىلىدۇ؛
12 بىراق ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئويلىرىنى بىلمەيدۇ،
ئۇنىڭ نىشانىنى چۈشەنمەيدۇ؛
چۈنكى ئۆنچىلەرنى خامانغا يىغقاندەك ئۇ ئۇلارنى يىغىپ قويدى.
13 ئورنۇڭدىن تۇرۇپ خاماننى تەپ، ئى زىئون قىزى،
چۈنكى مەن مۈڭگۈزۈڭنى تۆمۈر، تۇياقلىرىڭنى مىس قىلىمەن؛
نۇرغۇن ئەللەرنى سوقۇپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن؛
مەن ئۇلارنىڭ غەنىمىتىنى پەرۋەردىگارغا،
ئۇلارنىڭ مال-دۇنيالىرىنى پۈتكۈل يەر-زېمىن ئىگىسىگە بېغىشلايمەن.  
 
 
4:1 «ئاخىرقى زاماندا» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا». «بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ» ــ تەۋرات ھەم زەبۇردا «(يات) ئەللەر» ھەم «خەلقلەر» بولسا ئادەتتە ئىسرائىلدىن باشقا بارلىق خەلقلەرنى، يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ. «مىكاھ» دېگەن كىتابتا «يات ئەللەر» ياكى «خەلق-مىللەتلەر» دېيىلسە، ھەردائىم مۇشۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 4:1 يەش. 2‏:2-5 4:3 «... ئۇ بولسا كۆپ خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ... ئۇلار ھەم يەنە ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ» ــ يەشايا پەيغەمبەر ئۆز كىتابىدا مۇشۇ ئايەتلەرنى (1-3نى) نەقىل كەلتۈرىدۇ («يەش.»، 2:4). 4:4 «ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ» ــ بۇنىڭ كۆچمە مەنىسى بەلكىم ھەر كىشى ھەر ئادەم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، ئاچكۆزلۈك قىلمايدۇ، دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن. 4:4 1پاد. 5‏:5 4:6 «مەن مېيىپ بولغۇچىلارنى، ھەيدىۋېتىلگەنلەرنى ۋە ئۆزۈم ئازار بەرگەنلەرنى يىغىمەن» ــ «مېيىپ بولغۇچى»، «ھەيدىۋېتىلگەنلەر» ۋە «ئۆزۈم ئازار بەرگەنلەر» دېگەن سۆز ئايالچە رودتىكى ئىسىملاردۇر؛ شۈبھىسىزكى، بۇ ئىسرائىلنىڭ پاناھسىز ئاجىز قىزدەك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «مېيىپ بولغۇچى» دېگەن سۆز بەلكىم ھەزرىتى ياقۇپ پەلەستىنگە قايتقان چاغنى، خۇدانىڭ ئۇنىڭ جاھىللىقىنى بىر تەرەپ قىلىپ مېيىپ قىلغاندىن كېيىنكى كۆرسەتكەن شەپقىتىنى ئەسكە كەلتۈرىدۇ («يار.» 32-باب). 4:6 قان. 30‏:3، 4، 5 4:7 «شۇ كۈندىن باشلاپ مەڭگۈگىچە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھازىردىن باشلاپ مەڭگۈگىچە». 4:7 دان. 7‏:14؛ زەف. 3‏:19؛ لۇقا 1‏:33 4:8 «پادىنى كۆزەتكۈچى مۇنار» ــ بەلكىم يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىن پۈتكۈل ئىسرائىل («خۇدانىڭ پادىسى»)نىڭ ئۈستىگە كۈزەتچى، باققۇچى بولۇش مەسئۇلىيىتى بار ئىدى. «بەرھەق، ساڭا ئەسلىدىكى ھوقۇق-ھۆكۈمرانلىق كېلىدۇ؛ پادىشاھلىق يېرۇسالېم قىزىغا كېلىدۇ» ــ دېمەك، ئىسرائىل يەنە پادىشاھلىق بولىدۇ، بىراق پادىشاھ خۇدا ئۆزى (مەسىھ ئۇنىڭ ۋەكىلى بولغاچقا) بولىدۇ (7-ئايەت). 4:9 يەر. 8‏:19 4:10 «ئازابقا چۈش، تولغاق تۇتقان ئايالدەك تۇغۇشقا تولغىنىپ تىرىشقىن، ئى زىئون قىزى؛ چۈنكى سەن ھازىر شەھەردىن چىقىسەن، ھازىر دالادا تۇرىسەن، سەن ھەتتا بابىلغىمۇ چىقىسەن» ــ ئىسرائىل ئاسۇرىيە تەرىپىدىن ئاندىن بابىل (ئاندىن كېيىن يەنە گرېك ۋە رىم ئىمېرىيەسى) تەرىپىدىن ئازاب تارتىدۇ. مىكاھ ئۇلارغا: بۇ ئازابلارنى خۇدادىن كەلگەن «تولغاق ئازابلىرى» دەپ بىلگەن بولساڭلار، ئەمدى ھەقىقىي پادىشاھ ۋە مۇشاۋىر (9-ئايەت) ئاراڭلاردىن تۇغۇلۇشى كېرەك، دەيدۇ. دەرۋەقە مەسىھ ئەيسا ئۇلار رىم ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئازاب تارتقاندا تۇغۇلدى. 4:12 يەر. 51‏:33 4:13 «ئورنۇڭدىن تۇرۇپ خاماننى تەپ، ئى زىئون قىزى، چۈنكى مەن مۈڭگۈزۈڭنى تۆمۈر، تۇياقلىرىڭنى مىس قىلىمەن؛ نۇرغۇن ئەللەرنى سوقۇپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن...» ــ 11-13-ئايەتتىكى ئىشلار ئىسرائىل بابىلدىن قۇتقۇزۇلۇپ (10-ئايەت) قانائانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۈز بېرىشى كېرەك. ۋەھىي مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3- ۋە 2-ئەسىردە «ماككابىيلار» دەۋرىدە قىسمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنى بىلەن، تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئاخىرقى زامانلاردا بولۇش كېرەك. 4:13 زەك. 4‏:14؛ 6‏:5