3
بېشارەتلەر 2-قاتار •••• يېتەكچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
مەن مۇنداق دېدىم: «ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ ھاكىملىرى،
ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى!
ئادىل ھۆكۈمنى بىلىش سىلەرگە خاس ئەمەسمۇ؟
2‏-3 ئى ياخشىلىقنى ئۆچ كۆرگۈچى،
يامانلىقنى ياخشى كۆرگۈچىلەر ــ
سىلەر ئۆز خەلقىمدىن تېرىسىنى،
ئۇستىخانلىرىدىن گۆشىنى يۇلىدىغان،
ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيدىغان،
تېرىسى سويۇلغۇچە ئۈستىدىن ساۋايدىغان،
ئۇستىخانلىرىنى چاقىدىغان،
ئۇلارنى قازانغا تەييارلىغاندەك،
داشقازاندىكى گۆشنى توغرىغاندەك توغرايسىلەر!
بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىدۇ،
بىراق ئۇ ئۇلارنى ئاڭلىمايدۇ؛
ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىكى ھەر تۈرلۈك قەبىھلىكى ئۈچۈن،
ئۇ چاغدا ئۇ يۈزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ يوشۇرىدۇ!».
 
ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ئازدۇرغۇچى پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ
(ئۇلار چىشلىرى بىلەن چىشلەيدۇ،
«ئامان-تىنچلىق!» دەپ ۋارقىرايدۇ،
كىمەركىم ئۇلارنىڭ گېلىنى مايلىمىسا،
شۇلارغا قارشى ئۇرۇش ھازىرلايدۇ!)  
ــ شۇڭا سىلەرنى «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرمەيدىغان بىر كېچە،
پال سالغىلى بولمايدىغان قاراڭغۇلۇق باسىدۇ؛
پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن قۇياش پاتىدۇ،
كۈن ئۇلار ئۈستىدە قارا بولىدۇ؛
«ئالامەت كۆرۈنۈشنى كۆرگۈچىلەر» شەرمەندە بولىدۇ،
پالچىلار يەرگە قارىتىلىدۇ؛
ئۇلارنىڭ ھەممىسى كالپۇكلىرىنى توسۇپ يۈرىدۇ؛
چۈنكى خۇدادىن ھېچ جاۋاب كەلمەيدۇ.
بىراق مەن بەرھەق پەرۋەردىگارنىڭ روھىدىن كۈچكە تولغانمەن،
ياقۇپقا ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى،
ئىسرائىلغا ئۇنىڭ گۇناھىنى جاكارلاش ئۈچۈن،
توغرا ھۆكۈملەرگە ھەم قۇدرەتكە تولغانمەن.
بۇنى ئاڭلاڭلار، ئۆتۈنىمەن، ئى ياقۇپ جەمەتىنىڭ ھاكىملىرى،
ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى!
ئادىل ھۆكۈمگە ئۆچ بولغانلار،
بارلىق ئادالەتنى بۇرمىلايدىغانلار،
10 زىئوننى قان تۆكۈش بىلەن،
يېرۇسالېمنى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن قۇرىدىغانلار!  
11  زىئوننىڭ ھاكىملىرى پارىلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدۇ،
كاھىنلار «ئىش ھەققى» ئۈچۈن تەلىم بېرىدۇ؛
«پەيغەمبەرلەر» پۇل ئۈچۈن پالچىلىق قىلىدۇ؛
بىراق ئۇلار «پەرۋەردىگارغا تايىنار»مىش تېخى،
ۋە: ــ «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا ئەمەسمۇ؟
بىزگە ھېچ يامانلىق چۈشمەيدۇ» ــ دېيىشىدۇ.
12 شۇڭا سىلەرنىڭ ۋەجەڭلاردىن زىئون تېغى ئېتىزدەك ئاغدۇرۇلىدۇ،
يېرۇسالېم دۆڭ-تۆپىلىك بولۇپ قالىدۇ،
«ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلاردەكلا بولىدۇ، خالاس.

  
 
 
3:1 «مەن مۇنداق دېدىم: «ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ ھاكىملىرى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى! ... » ــ 1-4-ئايەتتە سۆزلىگۈچى بەلكىم پەيغەمبەر ئۆزى. «ياقۇپ» ۋە «ئىسرائىل» مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، ئىككى پادىشاھلىقنى تەڭ كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ ئايەتكە قارىغاندا، چىرىكلىشىش مەملىكەتلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورۇنلىرىغا ۋە سوتخانىلىرىغا سىڭىپ كىرگەنىدى؛ بىراق ئۇ پادىشاھى ھەزەكىيانى تىلغا ئالمايدۇ؛ ھەزەكىيا ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، ئۇ ئۆزى مۇشۇ گۇناھلاردىن خالىي بولغان. 3:5 «كىمەركىم ئۇلارنىڭ گېلىنى مايلىمىسا، ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كىمەركىم ئۇلارنىڭ ئاغزىغا بىر نەرسە سالمىسا،..». 3:5 مىك. 2‏:11 3:6 يەر. 15‏:9؛ يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ ئام. 8‏:9 3:7 «ئۇلارنىڭ ھەممىسى كالپۇكلىرىنى توسۇپ يۈرىدۇ...» ــ كالپۇكلارنى توسۇش ئادەتتە خىجىللىقنى بىلدۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇسا پەيغەمبەرگە بېرىلگەن مۇقەددەس قانۇن بويىچە يۇقۇملۇق كېسەل بولغان ئادەملەر ئۆزىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن كالپۇكلىرىنى توسۇپ «ناپاك، ناپاك!» دەپ ۋارقىرىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئايەت بۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ ناپاك سۆزلىرىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 3:9 ئام. 5‏:7؛ 6‏:12 3:10 «زىئوننى قان تۆكۈش بىلەن، يېرۇسالېمنى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن قۇرىدىغانلار!» ــ شۈبھىسىزكى، يېرۇسالېمدا نۇرغۇن ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەر پەيدا بولغانىدى. بىراق ھەممىسى ئادالەتسىزلىككە تايىنىپ ياسالغان. 3:10 ئ‍ەز. 22‏:27؛ زەف. 3‏:3 3:11 ««پەيغەمبەرلەر» پۇل ئۈچۈن پالچىلىق قىلىدۇ؛...» ــ خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرى ھەرگىز پالچىلىق ئىشلىرىنى قىلمايدۇ، ئەلۋەتتە. ھەقىقىي پەيغەمبەرلەرنىڭ خىزمەتلىرى بىلەن «پالچىلىق»نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ پەرقلەر توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. 3:12 ««ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلاردەكلا بولىدۇ، خالاس» ــ مىكاھ ئۆز دەۋرىدىكى «مۇقەددەس ئۆي» ياكى «ئىبادەتخانا» دېمەيدۇ ــ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۇ پەقەت ئاددىي بىر «ئۆي» بولۇپ قالدى. بۇ ئايەتتىكى بېشارەت بەلكىم ھەزەكىيا پادىشاھنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. يۈز يىلدىن كېيىن ئوردىدىكى ئەمىرلەر بېشارەتنىڭ ھەزەكىياغا بولغان تەسىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆز پادىشاھى يەھوئاكىمغا بېشارەتنى نەقىل كەلتۈرىدۇ («زىئون تېغى ئېتىزدەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم دۆڭ-تۆپىلىك بولۇپ قالىدۇ»)، شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان (تەۋرات، «يەرەمىيا» 26-باب). «يۇقىرى جايلار» دېگىنى كىنايىلىك گەپتۇر. چۈنكى يەھۇدادىكىلەر ھەردائىم «يۇقىرى جايلار»دا بۇتخانىلارنى سېلىپ شۇ يەردە بۇتلارغا چوقۇنغان. لېكىن شۇ چاغلاردا يېرۇسالېم بۇتقا چوقۇنغان جايدەك «ھارام» بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭدەك ئورمانلىقنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئاز-پاز چېلىقىدىغان بىر قىسمىدىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس! 3:12 مىك. 3‏:12