2
جەبىر-زۇلۇم ئۈستىگە چۈشىدىغان جازا
ئورنىدا يېتىپ قەبىھلىكنى ئويلايدىغانلارغا ۋە يامانلىق ئەيلىگۈچىلەرگە ۋاي!
پەقەت ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلسىلا، ئۇلار تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئۇنى ئادا قىلىدۇ؛
ئۇلارنىڭ ئاچكۆز كۆزى ئېتىزلارغا چۈشسىلا، ئۇلار زوراۋانلىق قىلىپ بۇلىۋالىدۇ؛
ئۆيلەرگىمۇ قىزىقىپلا قالسا، بۇلارنىمۇ ئېلىپ كېتىدۇ؛
ئۇلار باتۇر كىشىنىمۇ جەمەتى بىلەن بۇلايدۇ،
ئادەمنى ئۆز مىراسلىرى بىلەن قوشۇپ چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالىدۇ.  
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
مانا، مەن بۇ ئائىلىگە قاراپ، بويۇنلىرىڭلاردىن چىقىرالمايدىغان يامان بىر بويۇنتۇرۇرقنى ئويلاپ تەييارلىۋاتىمەن؛
سىلەر ئەمدى گىدىيىپ ماڭمايسىلەر؛
چۈنكى شۇ كۈنلەر يامان كۈنلەر بولىدۇ.
شۇ كۈنى ئۇلار سىلەر توغراڭلاردا تەمسىلنى تىلغا ئېلىپ،
ئېچىنىشلىق بىر زار بىلەن زارلايدۇ: ــ
«بىز پۈتۈنلەي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندۇق!؛
ئۇ خەلقىمنىڭ نېسىۋىسىنى باشقىلارغا بۆلۈۋەتتى؛
ئۇنى مەندىن شۇنچە دەھشەتلىك مەھرۇم قىلدى!
ئۇ ئېتىزلىرىمىزنى مۇناپىققا تەقسىم قىلىپ بەردى!
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى ئارىسىدىن،
سىلەردە چەك تاشلاپ زېمىن ئۈستىگە تانا تارتىپ نېسىۋە بۆلگۈچىدىن بىرسىمۇ قالمايدۇ.
 
ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن رەنجىشى
ئۇلار: «بېشارەت بەرمەڭلار!» ــ دەپ بېشارەت بېرىدۇ!
ئەگەر پەيغەمبەرلەر بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بېشارەت بەرمىسە، ئەمدى بۇ ئار-نومۇس بىزدىن ھەرگىز كەتمەيدۇ!
  
ئى ياقۇپ جەمەتى،
«پەرۋەردىگارنىڭ روھى سەۋر-تاقەتسىزمۇ؟
بۇ ئىشلار راست ئۇنىڭ قىلغانلىرىمۇ؟» ــ دېگىلى بولامدۇ؟
مېنىڭ سۆزلىرىم دۇرۇس ماڭغۇچىغا ياخشىلىق كەلتۈرمەمدۇ؟
بىراق تۈنۈگۈنلا مېنىڭ خەلقىم ھەتتا دۈشمەندەك ئورنىدىن قوزغالدى؛
سىلەر خاتىرجەملىكتە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ تونىنى ئىچ كىيىملىرى بىلەن سالدۇرۇۋالىسىلەركى،
ئۇلارنى خۇددى ئۇرۇشتىن قايتقانلاردەك كىيىمسىز قالدۇرىسىلەر.
خەلقىم ئارىسىدىكى ئاياللارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىللىق ئۆيلىرىدىن قوغلايسىلەر؛
ئۇلارنىڭ ياش بالىلىرىنى سىلەر مېنىڭ گۈزەل گۆھىرىمدىن مەڭگۈگە مەھرۇم قىلىسىلەر.
10 ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ نېرى كېتىڭلار؛
چۈنكى ھالاكەتنى،
يەنى ئازابلىق بىر ھالاكەتنى كەلتۈرىدىغان ناپاكلىق تۈپەيلىدىن،
بۇ يەر سىلەرگە تەۋە ئارامگاھ بولمايدۇ.
11 ئەگەر بىھۇدىلىكتە، يالغانچىلىقتا يۈرگەن بىرسى يالغان گەپ قىلىپ: ــ
«مەن شاراب ۋە ھاراققا تايىنىپ سىلەرگە بېشارەت بېرىمەن» ــ دېسە،
مانا، ئۇ شۇ خەلققە پەيغەمبەر بولۇپ قالىدۇ!
 
خۇدانىڭ «ئىسرائىلنىڭ قالدىسى»غا بولغان ۋەدىسى
12 مەن چوقۇم سېنى بىر پۈتۈن قىلىپ ئۇيۇشتۇرىمەن، ئى ياقۇپ؛
مەن چوقۇم ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى يىغىمەن؛
مەن ئۇلارنى بوزراھدىكى قويلاردەك،
ئۆز يايلىقىدا يىغىلغان بىر پادىدەك جەم قىلىمەن؛
ئۇلار ئادىمىنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭلۇققا تولىدۇ.
13 بىر «بۆسۈپ ئۆتكۈچى» ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ماڭىدۇ؛
ئۇلار بۆسۈپ چىقىپ، قوۋۇققا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن چىقتى؛
ئۇلار بۆسۈپ چىقتى،
يەنى قوۋۇققا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن چىقتى؛
ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئۇلارنىڭ ئالدىدا،
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭىدۇ.
  
 
 
2:2 «.. باتۇر كىشىنىمۇ جەمەتى» ــ ياكى «... باتۇر كىشىنىمۇ ئۆيى». 2:2 يەش. 5‏:8 2:3 ئام. 5‏:13 2:4 «ئۇ (پەرۋەردىگار) ئېتىزلىرىمىزنى مۇناپىققا تەقسىم قىلىپ بەردى!» ــ «مۇناپىق» بەلكىم ئۆز ئەھدىسىدە ھېچ تۇرمايدىغان ئاسۇرىيە پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ. 2:5 قان. 32‏:8، 9 2:6 «ئۇلار: «بېشارەت بەرمەڭلار!» ــ دەپ بېشارەت بېرىدۇ! ئەگەر پەيغەمبەرلەر بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بېشارەت بەرمىسە، ئەمدى بۇ ئار-نومۇس بىزدىن ھەرگىز كەتمەيدۇ!» ــ بۇ ئايەتتە «بېشارەت بېرىش» دېگەن پېئىلنىڭ يەنە بىر تەرجىمىسى: «شال چېچىش» (كىنايىلىك گەپ). باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى؛ (1) «بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بېشارەت بەرمەسلىك كېرەك!» (ئۇلار دەيدۇ) «ئەمدى ئار-نومۇس (بىزدىن) ھەرگىز كەتمەيدۇ!» (مىكاھ دەيدۇ)؛ (2) «دەرۋەقە ئۇلار (پەيغەمبەرلەر) بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بېشارەت بېرىشكە توختايدۇ! ئەمدى ئار-نومۇس بىزدىن كەتمەيدۇ!». 2:6 يەش. 30‏:10؛ ئام. 7‏:16 2:7 «ئى ياقۇپ جەمەتى، «پەرۋەردىگارنىڭ روھى سەۋر-تاقەتسىزمۇ؟ بۇ ئىشلار راست ئۇنىڭ قىلغانلىرىمۇ؟» ــ دېگىلى بولامدۇ؟» ــ دېمەك، ئىسرائىل (شۈبۇھىسىزكى، ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرى بىلەن): «خۇدا بىزنى سۆيىدۇ، بىز خۇدانىڭ ئالاھىدە خەلقى، ئۇ بىزگە ھەرگىز يامانلىقنى يەتكۈزمەيدۇ» ــ دەۋېرىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئى «ياقۇپ جەمەتى» دەپ ئاتالغۇچى، پەرۋەردىگار سەۋر-تاقەتسىزمۇ؟ بۇلار (بۇ يامان ئىشلار) ئۇنىڭ قىلغانلىرىمۇ؟». 2:8 «... سىلەر خاتىرجەملىكتە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ تونىنى ئىچ كىيىملىرى بىلەن سالدۇرۇۋالىسىلەركى، ئۇلارنى خۇددى ئۇرۇشتىن قايتقانلاردەك كىيىمسىز قالدۇرىسىلەر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خۇددى ئۇرۇشتىن قايتىۋاتقانلاردىن ئالغاندەك سىلەر ئۇلارنىڭ تونىنى ئىچ كىيىملىرى بىلەن ئېلىپ بۇلىسىلەر» (ئۇرۇشتىن قايتقانلار بولسا خاتىرجەملىكتە ماڭىدۇ، ئەلۋەتتە). 2:9 «مېنىڭ گۈزەل گۆھىرىم» ــ (ياكى «مېنىڭ زىبۇزىننىتىمدىن») ــ بەلكىم قانائان زېمىنىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. 2:11 «مەن شاراب ۋە ھاراققا تايىنىپ سىلەرگە بېشارەت بېرىمەن...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىرسى «شاراب ھەم ھاراقنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بېرىمەن» دېسە، ئۇ مۇشۇ خەلققە تازا مۇۋاپىق بىر پەيغەمبەر بولىدۇ». 2:12 «ئۆز يايلىقىدا يىغىلغان بىر پادىدەك جەم قىلىمەن؛ ئۇلار ئادىمىنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭلۇققا تولىدۇ» ــ بەزى ئالىملار «ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكى»نى دۈشمەنلەرنىڭ كۆپلۈكى، دەپ قارايدۇ. بىراق بىر پادا قويلار جەم قىلىنغىنىدا، بەرىبىر چوڭ «ۋاراڭ-چۇرۇڭ» كۆتۈرىلىدۇ. 2:13 «بىر «بۆسۈپ ئۆتكۈچى» ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ماڭىدۇ؛ ئۇلار بۆسۈپ چىقىپ، قوۋۇققا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن چىقتى؛ ئۇلار بۆسۈپ چىقتى، ... ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئۇلارنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭىدۇ» ــ بۇ ئۇلۇغ بېشارەت خۇدانىڭ يەھۇدانى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىدىن قۇتقۇزىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ بىزنىڭچە بېشارەت يەنە ئىككى قېتىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىز ئۇ توغرۇلۇق يەنە ئازراق شەرھلەيمىز. 2:13 يەش. 32‏:4-5؛ 52‏:12؛ ھوش. 1‏:11؛ زەك. 12‏:8؛ مات. 3‏:5؛ 11‏:11-14؛ يـۇھ. 10‏:2-4