5
ئازابلىق كۈنلەردە مەسىھ تۇغۇلىدۇ ۋە ئىسرائىلنى قۇتقۇزىدۇ
ئەمدى ئۆزۈڭلار قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يىغىلىڭلار، ئى قوشۇن قىزى؛
چۈنكى بىرسى بىزنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛
ئۇلار ئىسرائىلنىڭ ھاكىم-سوراقچىسىنىڭ مەڭزىگە ھاسا بىلەن ئۇرىدۇ؛
(سەن، ئى بەيت-لەھەم-ئەفراتاھ، يەھۇدادىكى مىڭلىغان شەھەر-يېزىلار ئارىسىدا ئىنتايىن كىچىك بولغان بولساڭمۇ،
سەندىن مەن ئۈچۈن ئىسرائىلغا ھاكىم بولغۇچى چىقىدۇ؛
ئۇنىڭ ھۇزۇرۇمدىن چىقىشلىرى قەدىمدىن،
يەنى ئەزەلدىن بار ئىدى)  
شۇڭا تولغاق تۇتقان ئايال تۇغۇپ بولغۇچە،
ئۇ ئۇلارنى دۈشمەنلىرىگە تاشلاپ قويىدۇ؛
شۇ چاغدا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان قالدىسى ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ.
ئۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ كۈچى بىلەن،
پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نامىنىڭ ھەيۋىتىدە پادىسىنى بېقىشقا ئورنىدىن تۇرىدۇ؛
شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەزمۇت تۇرۇپ قالىدۇ؛
چۈنكى ئۇ شۇ چاغدا يەر يۈزىنىڭ قەرىلىرىگىچە ئۇلۇغ دەپ بىلىنىدۇ.
ۋە بۇ ئادەم ئارام-خاتىرجەملىكىمىز بولىدۇ؛
ئاسۇرىيەلىك زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە،
ئوردىلىرىمىزنى دەسسەپ چەيلىگەندە،
بىز ئۇنىڭغا قارشى يەتتە خەلق پادىچىسىنى،
سەككىز قابىلىيەتلىك يېتەكچىنى چىقىرىمىز؛
ئۇلار ئاسۇرىيە زېمىنىنى قىلىچ بىلەن،
نىمرودنىڭ زېمىنىنى ئۆتكەللىرىدە خارابە قىلىدۇ؛
ۋە ئاسۇرىيەلىك زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە،
چېگرىمىز ئىچىنى چەيلىگەندە،
ئۇ ئادەم بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ.
ۋە ياقۇپنىڭ قالدىسى نۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا پەرۋەردىگاردىن چۈشكەن شەبنەمدەك بولىدۇ،
چۆپ ئۈستىگە ياغقان يامغۇرلاردەك بولىدۇ؛
بۇلار ئىنسان ئۈچۈن كېچىكمەيدۇ،
ئادەم بالىلىرىنىڭ ئەجرىنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ.
ياقۇپنىڭ قالدىسى ئەللەر ئارىسىدا،
يەنى نۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا ئورماندىكى ھايۋانلار ئارىسىدىكى شىردەك بولىدۇ،
قوي پادىلىرى ئارىسىدىكى ئارسلاندەك بولىدۇ؛
شىر ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن،
ھېچكىم قۇتقۇزۇپ ئالالمىغۇدەك چەيلەپ دەسسەيدۇ،
تىتما-تىت قىلىپ يىرتىۋېتىدۇ.
قولۇڭ كۈشەندىلىرىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈلىدۇ،
بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
10 شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،
مەن ئاراڭلاردىن بارلىق ئاتلىرىڭنى ئۈزۈپ تاشلايمەن،
جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن.  
11 زېمىنىڭدىكى شەھەرلىرىڭنى يوقىتىمەن،
بارلىق ئىستىھكاملىرىڭنى غۇلىتىمەن.
12 سېھىرلەرنى قولۇڭدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن؛
سىلەردە پالچىلار بولمايدۇ.
13 مەن ئويما مەبۇدلىرىڭنى،
«بۇت تۈۋرۈك»لىرىڭلارنى ئوتتۇرۇڭدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن؛
سەن ئۆز قولۇڭنىڭ ياسىغىنىغا ئىككىنچى باش ئۇرمايسەن.
14 ئاراڭدىن «ئاشېراھ»لىرىڭنى يۇلۇۋېتىمەن،
ۋە شەھەرلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن؛
15 ۋە ماڭا قۇلاق سالمىغان ئەللەرنىڭ ئۈستىگە ئاچچىق ۋە دەرغەزەپ بىلەن ئىنتىقامنى يۈرگۈزىمەن.
 
 
5:1 «ئەمدى ئۆزۈڭلار قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يىغىلىڭلار» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمدى ئۆز-ئۆزۈڭلارنى كېسىپ تىلەڭلار!» (دېمەك، قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن). «... قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يىغىلىڭلار، ئى قوشۇن قىزى» ــ «قوشۇن قىزى» دېگەن سىرلىق سۆز يېرۇسالېمدىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسكەر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈرۈشى مۇمكىن. «چۈنكى بىرسى بىزنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ ھاكىم-سوراقچىسىنىڭ مەڭزىگە ھاسا بىلەن ئۇرىدۇ» ــ بۇ «مۇھاسىرە» بەلكىم ئىككى مۇھاسىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن: (1) ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ يېرۇسالېمغا بولغان مۇھاسىرىسى؛ شۇ چاغدا بىرسى ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ «مەڭزىگە ھاسا بىلەن ئۇرغان»مىكىن؟ (2) ئاخىرقى زاماندىكى «نۇرغۇن ئەللەر»نىڭ مۇھاسىرىسى (11:4-13نى كۆرۈڭ). بۇ ئىككى تەھلىل توغرا بولسا ئايەتنىڭ ئىككىنچى جۈملىسىدىكى «ئۇ»: (1) ئاسۇرىيە پادىشاھىنى ۋە كېيىن: (2) ئاخىرقى زاماندىكى دەججالنى كۆرسىتىدۇ. 5:2 «سەن، ئى بەيت-لەھەم-ئەفراتاھ، يەھۇدادىكى مىڭلىغان شەھەر-يېزىلار ئارىسىدا ئىنتايىن كىچىك بولغان بولساڭمۇ، سەندىن مەن ئۈچۈن ئىسرائىلغا ھاكىم بولغۇچى چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ ھۇزۇرۇمدىن چىقىپ-كىرىشلىرى قەدىمدىن، يەنى ئەزەلدىن بار ئىدى» ــ دېمىسەكمۇ، بۇ مەسىھ ئەيسانى كۆرسىتىدۇ. ئۇ: (1) «بەيت-لەھەم» دېگەن كىچىك يېزىدا تۇغۇلغان؛ (2) شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ خۇدانىڭ «كالامى» بولۇپ، خۇدا ئۇنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەممە مەۋجۇداتلارنى ياراتقانىدى («يـۇھ.» 1:1-4)، مەسىھ ئۇنىڭ يېنىدىن «ئەزەلدىن تارتىپ» خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بەجا كەلتۈرۈشكە چىقىپ-كىرىپ تۇرغانىدى. 5:2 مات. 2‏:6؛ يـۇھ. 7‏:42؛ يار.3‏:8؛ 7‏:12؛ 14‏:18؛ 16‏:7؛ مىس.3‏:4؛ يـۇھ. 13‏:3 5:3 «ئۇ ئۇلارنى دۈشمەنلىرىگە تاشلاپ قويىدۇ» ــ ياكى «ئۇلارنى تاشلاپ قويىدۇ». «شۇڭا تولغاق تۇتقان ئايال تۇغۇپ بولغۇچە، ئۇ ئۇلارنى (دۈشمەنلىرىگە) تاشلاپ قويىدۇ» ــ دېمەك، بېشارەت بويىچە «مەسىھ» تۇغۇلغۇچە خۇدا ئىسرائىلنى يات ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا تاپشۇرىدۇ، ئۇلار باشقا ئەللەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇرىدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇلار جاپا ۋە ئازاب تارتىدۇ. «شۇ چاغدا ئۇنىڭ (مەسىھنىڭ) قېرىنداشلىرى بولغان قالدىسى ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ» ــ ئايەتكە قارىغاندا مەسىھنىڭ تۇغۇلۇشى خۇداغا سادىق بولغان بىر «قالدىسى»، يەنى «ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى» پەلەستىن زېمىنىغا قايتىپ كېلىشى بىلەن باغلىق؛ تارىختىن بىلىمىزكى، خۇدانىڭ «قالدىسى»نىڭ «قايتىپ كېلىش»ى مەسىھ تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ئىدى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520يىلى). 5:5 يەش. 9‏:5 5:6 «ئۇلار ئاسۇرىيە زېمىنىنى قىلىچ بىلەن، نىمرودنىڭ زېمىنىنى ئۆتكەللىرىدە خارابە قىلىدۇ» ــ «نىمرود» بولسا بابىل شەھىرىنىڭ ئاساسچىسى ئىدى. «ئاسۇرىيەلىك زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، چېگرىمىز ئىچىنى چەيلىگەندە، ئۇ ئادەم بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ» ــ ئاخىرقى زاماندا مەسىھ ئىسرائىلنى (ئۇلار توۋا قىلغاندىن كېيىن) بارلىق دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ. 5:7 «ۋە ياقۇپنىڭ قالدىسى ۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا پەرۋەردىگاردىن چۈشكەن شەبنەمدەك بولىدۇ، چۆپ ئۈستىگە ياغقان يامغۇرلاردەك بولىدۇ؛ بۇلار ئىنسان ئۈچۈن كېچىكمەيدۇ، ئادەم بالىلىرىنىڭ ئەجرىنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ» ــ بۇ ئوخشىتىشنىڭ ئاساسىي مەنىسى: «ئادەملەرنىڭ ھەرقانداق ئىش-پائالىيەتلىرى شەبنەم ۋە يامغۇرغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئۇلار چۈشۈشى ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتىنى كۈتمەيدۇ. شەبنەم ۋە يامغۇر بەرىبىر پەقەت خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چۈشىدۇ»؛ كەلگۈسىدە خۇدا ئۆز مېھىر-شەپقىتى بىلەن ياقۇپ جەمەتىنى دۇنيادىكى بارلىق ئەللەرنى (ئۇلار ھېچ ئىش-پائالىيەتلەرنى قىلمايلا) ئويغىتىدىغان ۋە يېڭىلايدىغان بىر بەرىكەت قىلىدۇ. 5:8 «شىر ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن، ھېچكىم قۇتقۇزۇپ ئالالمىغۇدەك چەيلەپ دەسسەيدۇ، تىتما-تىت قىلىپ يىرتىۋېتىدۇ» ــ «ئۇلار» مۇشۇ يەردە «ئورماندىكى ھايۋانلار» ۋە «قوي پادلىرى»نى (دېمەك، يات ئەللەرنى) كۆرسەتسە كېرەك. 5:10 «مەن ئاراڭلاردىن بارلىق ئاتلىرىڭنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن» ــ خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرغان پەرمانلىرى بويىچە، ئىسرائىللار ئارىسىدىكى ئاتلار ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆپەيتىشكە بولمايدۇ. خۇدانىڭ مەقسىتى شۈبھىسىزكى، ئۆز خەلقىنىڭ ئاتلارغا، ھارۋىلارغا ئەمەس، بەلكى خۇدا ئۆزىگىلا تايىنىشىدىن ئىبارەتتۇر («قان.» 16:17، «زەب.» 7:20، «يەش.» 1:31نىمۇ كۆرۈڭ). 5:10 ھوش. 14‏:4 5:11 «زېمىنىڭدىكى شەھەرلىرىڭنى يوقىتىمەن، بارلىق ئىستىھكاملىرىڭنى غۇلىتىمەن» ــ خۇدانىڭ بۇ ئىشتا بولغان مەقسىتى بارلىق ئاتلارنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى يوقىتىش مەقسىتىگە ئوخشاش بولۇشى كېرەك ــ ئىسرائىلنى پەقەت ئۆزىگىلا تاياندۇرۇشتۇر. 5:14 «ئاراڭدىن «ئاشېراھ»لىرىڭنى يۇلۇۋېتىمەن» ــ «ئاشېراھ»لار بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلىكلەر ئىدى. دەرەخلەر بۇت شەكلىگە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. «ۋە شەھەرلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن» ــ «شەھەرلىرىڭ»نىڭ باشقا بىر تەرجىمىسى: «قانلىق قۇربانگاھلىرىڭ».