22
رەبنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى
مات. 26‏:1-5، 14-16؛ مار. 14‏:1-2، 10-11؛ يـۇھ. 11‏:45-53
ئەمدى پېتىر نان ھېيتى («ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يېقىنلىشىپ قالغانىدى. باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى ئۆلۆمگە مەھكۇم قىلىشقا ئامال ئىزدەپ يۈرەتتى؛ چۈمكى ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى.  
شۇ پەيتتە ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان، ئىشقارىيوت دەپ ئاتالغان يەھۇدانىڭ كۆڭلىگە شەيتان كىردى. ئۇ بېرىپ باش كاھىنلار ۋە ئىبادەتخانا پاسىبان بەگلىرى بىلەن ئەيسانى قانداق قىلىپ ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. ئۇلار ئىنتايىن خۇش بولۇپ، يەھۇداغا پۇل بېرىشكە كېلىشتى. يەھۇدا ماقۇل بولۇپ، ئۇنى خالايىقتىن ئايرىم قالغاندا ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەشكە كىرىشتى.
 
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ كەچلىك زىياپىتى
مات. 26‏:17-25؛ مار. 14‏:12-21؛ يـۇھ. 13‏:21-30
ئەمدى پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى يېتىپ كەلگەنىدى. شۇ كۈنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاتاپ قۇربانلىق قوزا سويۇلاتتى.   شۇنىڭ بىلەن ئەيسا پېترۇس بىلەن يۇھانناغا:
ــ بېرىپ بىزگە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قوزىسىنى بىرگە يېگىلى تەييارلاڭلار، ــ دەپ ئۇلارنى ئەۋەتتى.
ــ قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇلار. 10 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ شەھەرگە كىرسەڭلار، مانا ئۇ يەردە كوزىدا سۇ كۆتۈرۈۋالغان بىر ئەر كىشى سىلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئۇ كىرگەن ئۆيگە كىرىڭلار. 11 ۋە ئۆي ئىگىسىگە: «ئۇستاز: ــ مۇخلىسلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانخانا ئۆي قەيەردە؟ــ دەپ سوراۋاتىدۇ» دەڭلار. 12 ئۇ سىلەرنى باشلاپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى رەتلەنگەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى كۆرسىتىدۇ. مانا شۇ يەردە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭلار.
13 شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى بېرىۋىدى، ھەممە ئىشلار ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇلار شۇ يەردە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاشتى. 14 ئەمدى ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە، ئەيسا داستىخاندا ئولتۇردى؛ ئون ئىككى روسۇل ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇشتى. 15 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا:
ــ مەن ئازاب چېكىشتىن ئىلگىرى، سىلەر بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بۇ تامىقىغا ھەمداستىخاندا بولۇشقا تولىمۇ ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. 16 چۈنكى سىلەرگە ئېيتايكى، بۇ ھېيت زىياپىتىنىڭ ئەھمىيىتى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، مەن بۇنىڭدىن قايتا يېمەيمەن، ــ دېدى.
17 ئاندىن ئۇ بىر جامنى قولىغا ئېلىپ، تەشەككۈر ئېيتتى ۋە مۇخلىسلىرىغا:
ــ بۇنى ئېلىپ ئاراڭلاردا تەقسىم قىلىپ ئىچىڭلار. 18 چۈنكى شۇنى ئېيتايكى، مۇندىن كېيىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى كەلمىگۈچە، ھەرگىز ئۈزۈم شەربىتىدىن قەتئىي ئىچمەيمەن، ــ دېدى.
 
«رەبنىڭ زىياپىتى»
19 ئاندىن ئۇ بىر تال ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى ۋە ئۇنى ئوشتۇپ، ئۇلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ: ــ بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار، ــ دېدى.  
20 ئۇ شۇنىڭدەك تاماقتىن كېيىنكى جامنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
ــ بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىمدا بولغان يېڭى ئەھدىدۇر.
21 لېكىن مانا، مېنى تۇتۇپ بەرگۈچىنىڭ قولى مېنىڭ بىلەن بىر داستىخاندىدۇر. 22 ۋە ئىنسانئوغلى دەرۋەقە ئۆزى توغرىسىدا بېكىتىلگەندەك ئالەمدىن كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي!
23 ئاندىن مۇخلىسلار بىر-بىرىدىن:
ــ ئارىمىزدا زادى كىم مۇشۇنداق ئىشنى قىلىشى مۇمكىن؟ ــ دەپ مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتىشتى.
 
مۇخلىسلارنىڭ مەرتىۋە ھەققىدە مۇنازىرىلىشىشى
24 ئەمدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ سانىلىشىمىز كېرەك دېگەن تالاش-تارتىش پەيدا بولدى. 25 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ ئەللەردىكى پادىشاھلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ئىدارە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھوقۇقدارلىرى «خەلقپەرۋەر» دەپ ئاتىلىدۇ.    26 بىراق سىلەر شۇنداق بولماڭلار؛ بەلكى ئاراڭلاردىكى ئەڭ مەرتىۋىلىكى ئۆزىنى ئەڭ كىچىكىدەك ھېسابلىسۇن ۋە يېتەكچى بولغانلار ھەممەيلەنگە خىزمەتكاردەك بولسۇن.  27 كىم مەرتىۋىلىك، داستىخاندا ئولتۇرغانمۇ ياكى داستىخاندىكى كۈتكۈچىمۇ؟ داستىخاندا ئولتۇرغىنى ئەمەسمۇ؟ بىراق مەن بولسام ئاراڭلاردا خىزمىتىڭلاردا بولغۇچى كۈتكۈچىدەكتۇرمەن.
28 سىلەر بولساڭلار، بېشىمغا سىناقلار كەلگەندە باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن بىللە ھەمراھ بولغانسىلەر. 29 ۋە خۇددى ئاتام ماڭا پادىشاھلىق ھوقۇقى بېكىتكەندەك، مەن سىلەرگىمۇ شۇنداق بېكىتىمەن. 30 شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىسىلەر.  
 
ئەيسانىڭ پېترۇسنىڭ ئۆزىدىن تانىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىشى
مات. 26‏:31-35؛ مار. 14‏:27-31؛ يـۇھ. 13‏:36-38
31 رەب يەنە پېترۇسقا:
ــ «ئەي سىمون، سىمون! مانا، شەيتان ھەممىڭلارنى خۇددى بۇغداي تاسقىغاندەك تاسقاپ سىناشنى تىلىگەن.    32 لېكىن ئېتىقادىڭ يوقىمىسۇن دەپ ساڭا دۇئا قىلدىم. ئەمدى سەن توۋا قىلىپ تۈز يولغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنى مۇستەھكەملىگىن» ــ دېدى.
33 ــ ئى رەب، ــ دېدى پېترۇس، ــ مەن سەن بىلەن بىللە زىندانغا تاشلىنىپ، بىللە ئۆلۈمگە بېرىشقا تەييارمەن!
34 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئى پېترۇس، ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن خوراز چىللىغۇچە، سەن «ئۇنى تونۇمايمەن» دەپ مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، دېدى.
  
 
ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىنى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇشى
35 ئاندىن، ئۇ ئۇلاردىن:
ــ سىلەرنى ھەميانسىز، خۇرجۇنسىز ۋە كەشسىز سەپەرگە ئەۋەتكىنىمدە سىلەرنىڭ بىرەر نەرسەڭلار كەم بولۇپ قالغانمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ ياق، دېدى.  
36 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا: ــ لېكىن ھازىر ھەر كىمنىڭ ھەميانى بولسا، ئۇنى ئالسۇن؛ شۇنداق ھەم خۇرجۇنى بولسا، ئۇنى ئالسۇن ۋە بىر كىمنىڭ قىلىچى بولمىسا، چاپىنىنى سېتىپ بىردىن قىلىچ ئالسۇن. 37 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇ جىنايەتچىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن سۆز مەندە چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. چۈنكى مېنىڭ توغرامدىكى بارلىق ئىشلار تولۇق ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ ــ دېدى.  
38 ــ ئى رەب، قارىغىن، بۇ يەردە ئىككى قىلىچ بار ئىكەن، دېدى ئۇلار.
ــ بولدى، يېتىدۇ! ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.
 
ئەيسانىڭ زەيتۇن تېغىدا دۇئا قىلىشى
مات. 26‏:36-46؛ مار. 14‏:32-42
39 ئاندىن ئۇ چىقىپ، ئادىتى بويىچە زەيتۇن تېغىغا يول ئالدى؛ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. 40 ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا ئۇ ئۇلارغا:
ــ ئازدۇرۇلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى.
41 ئاندىن، ئۇلاردىن بىر تاش ئېتىمىچە نېرىراق بېرىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ:
42 ــ ئى ئاتا، خالىساڭ، بۇ قەدەھنى مەندىن ئېلىپ كەتكەيسەن. لېكىن مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن ــ دەپ دۇئا قىلدى؛ 43 ۋە ئاسماندىن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ ئۇنى قۇۋۋەتلەندۈردى. 44 ئۇ قاتتىق ئازابتا تولغىنىپ تېخىمۇ ئىخلاسلىق بىلەن دۇئا قىلىۋەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى. 45 ئاندىن دۇئاسىنى تۈگىتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇخلىسلىرىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ غەمگە چۆكۈپ ھالسىزلىنىپ مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋىدى، ئۇلارغا:
46 ــ ئۇخلاپ قالغىنىڭلار نېمىسى؟ ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوپۇپ دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى.
 
ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى
مات. 26‏:47-56؛ مار. 14‏:43-50؛ يـۇھ. 18‏:3-11
47 ئۇنىڭ سۆزى تېخى ئاياغلاشماستىنلا، بىر توپ ئادەملەر پەيدا بولدى. ئۇلارنى باشلاپ كەلگۈچى ئون ئىككەيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا دېگەن كىشى ئىدى؛ ئۇ ئەيساغا سالام بېرىپ سۆيگىلى قېشىغا باردى.
48 ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ ئەي يەھۇدا، بىر سۆيۈش بىلەن ئىنسانئوغلىنى تۇتۇپ بېرەرسەنمۇ؟ ــ دېدى.
49 ۋە ئەيسانىڭ ئەتراپىدىكىلەر نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ: ــ ئى رەب، قىلىچ بىلەن ئۇرايلىمۇ؟ ــ دېدى. 50 ۋە ئۇلاردىن بىرى قىلىچىنى كۆتۈرۈپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىۋەتتى.    51 بىراق ئەيسا بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بولدى، توختا! ــ دېدى؛ ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ قۇلىقىغا تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتتى.
52 ئەيسا ئۆزىنى تۇتقىلى كەلگەن باش كاھىنلار، پاسىبان بەگلىرى ۋە ئاقساقاللارغا قاراپ:
ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ كەپسىلەرغۇ؟ 53 مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم، سىلەر قول سالمىدىڭلار. ھازىر بۇ سىلەرگە تەۋە بولغان ۋاقىت-سائەتتۇر ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىدۇر ــ دېدى.
 
ئەيسانىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنىشى ۋە پېترۇسنىڭ ئەيسادىن تېنىشى
مات. 26‏:57-58، 69-75؛ مار. 14‏:53-54، 66-72؛ يـۇھ. 18‏:12-18، 25-27
54 ئۇلار ئەيسانى تۇتۇۋېلىپ، باش كاھىننىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىشتى. پېترۇس يىراقتىن ئەگىشىپ ماڭدى. 55 ئەمدى ئۇلار ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوت يېقىپ چۆرىسىدە ئىسسىنىپ ئولتۇرغاندا، پېترۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئولتۇردى. 56 ئاندىن ئوتنىڭ نۇرىدا ئۇنىڭ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن بىر دېدەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ: ــ بۇ ئادەممۇ ئەيسا بىلەن بىللە ئىدى، ــ دېدى.
57 لېكىن ئۇ تېنىپ: ــ ئەي خوتۇن، ئۇنى تونۇمايمەن! ــ دېدى.
58 ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە بىرەيلەن ئۇنى كۆرۈپ: ــ سەنمۇ ئۇلاردىن ئىكەنسەن، ــ دېدى. لېكىن پېترۇس: ــ ئەي بۇرادەر، ئۇنداق ئەمەسمەن! ــ دېدى.
59 ئاندىن بىر سائەتچە ئۆتكەندە باشقا بىرەيلەن: ــ دەرھەقىقەت، بۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى؛ چۈنكى ئۇمۇ گالىلىيەلىكتۇر، ــ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.
60 لېكىن پېترۇس:
ــ ھەي بۇرادەر، نېمە دەۋاتقىنىڭنى بىلمەيمەن! ــ دېدى. ۋە ئۇنىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، خوراز چىللىدى. 61 ئەمدى رەب كەينىگە بۇرۇلۇپ، پېترۇسقا تىكىلىپ قاراپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن پېترۇس رەبنىڭ سۆزىنى، يەنى: «بۈگۈن خوراز چىللاشتىن ئىلگىرى سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەنلىكىنى يادىغا كەلتۈردى. 62 ۋە ئۇ تاشقىرىغا چىقىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
 
ئەيسانىڭ ئالىي كېڭەشمىدە سوتلىنىشى
مات. 26‏:67-68؛ مار. 14‏:65
63 ئەمدى ئەيسانى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلار ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا ۋە ساۋاپ-دۇمبىلاشقا باشلىدى؛ 64 ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ ئۇنىڭدىن: ــ سېنى ئۇرغان كىمدۇ؟ قېنى، بېشارەت بەرگىن! ــ دەپ سوراشتى 65 ۋە ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھاقارەتلەرنى ياغدۇردى.
66 تاڭ ئاتقاندا، خەلق ئاقساقاللىرى، يەنى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يىغىلىشتى. ئۇلار ئۇنى ئۆز كېڭەشمىسىگە ئېلىپ بېرىپ 67 ئۇنىڭدىن: ــ
ئېيتە، سەن مەسىھمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن:
ــ سىلەرگە ئېيتساممۇ، قەتئىي ئىشەنمەيسىلەر. 68 سىلەردىن بىرەر سوئال سورىسام، ھېچ جاۋاب بەرمەيسىلەر. 69 لېكىن بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىنسانئوغلى ھەممىگە قادىرنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ، ــ دېدى.  
70 ــ ئۇنداقتا، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن-دە؟ ــ دېيىشتى ئۇلار.
ئۇ: ــ دېگىنىڭلاردەك مەن شۇدۇرمەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى.
71 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار:
ــ ئەمدى باشقا گۇۋاھچىلىقنىڭ بىزگە نېمە ھاجىتى؟ چۈنكى ئۆزىمىز ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققىنىنى ئاڭلىدۇق! ــ دېيىشتى.

 
 
22:1 مىس. 12‏:15؛ مات. 26‏:2؛ مار. 14‏:1. 22:2 «...چۈمكى ئۇلار خەلقنىڭ غەزىپىدىن قورقاتتى» ــ كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ خەلقتىن قورقۇشىنىڭ سەۋەبى، خەلقنىڭ مەسىھنى قوللايدىغانلىقىدىن؛ شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قول سالالماي، بەلكى رىملىقلارنىڭ ئالدىدا ئەيساغا ئەرز قىلىپ ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلماقچى. 22:2 زەب. 2‏:2؛ يـۇھ. 11‏:47؛ روس. 4‏:27. 22:3 مات. 26‏:14؛ مار. 14‏:10؛ يـۇھ. 13‏:27. 22:7 «ئەمدى پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى يېتىپ كەلگەنىدى» ــ «پېتىر نان ھېيتى» يەتتە كۈن ئۆتكۈزۈلەتتى. تۇنجى كۈنى «ئۆتۈپ كېتىش بايرىمى» (ئىبرانىي تىلىدا «پاسخا» ھېيتى) ئىدى. بۇ كۈنى، يەھۇدىيلار قويلارنى ئىبادەتخانىغا ئاپىرىپ سويۇپ، ئاندىن ئۆيىدە پېتىر نان بىلەن يەيتتى («مىس.» 1:12-20، «لاۋ.» 4:23-8نى كۆرۈڭ). 22:7 مات. 26‏:17؛ مار. 14‏:12،13. 22:10 «مانا ئۇ يەردە كوزىدا سۇ كۆتۈرۈۋالغان بىر ئەر كىشى سىلەرگە ئۇچرايدۇ» ــ قانائاندا (پەلەستىندە) ئەر كىشىلەر بۈگۈنگە قەدەر ئادەتتە سۇ كۆتۈرمەيدۇ. 22:14 مات. 26‏:20؛ مار. 14‏:17. 22:15 «تولىمۇ ئىنتىزارلىق بولۇپ كەلگەنىدىم» ــ گرېك تىلىدا «ئىنتىزارلىق بىلەن ئىنتىزار قىلدىم». 22:16 «بۇ ھېيت زىياپىتىنىڭ تولۇق ئەھمىيىتى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، مەن بۇنىڭدىن قايتا يېمەيمەن» ــ تەۋراتتىكى بارلىق ھېيتلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆزى بىر بېشارەتتۇر، ھەممىسى مەسىھنىڭ پادىشاھلىقىدا تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. «لاۋىيلار» 23-باب ۋە «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 22:18 «...ئۈزۈم شەربىتىدىن قەتئىي ئىچمەيمەن» ــ گرېك تىلىدا «... ئۈزۈم تېلىنىڭ مېۋىسىنىڭ شەربىتىدىن قەتئىي ئىچمەيمەن». 22:19 «مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار» ــ گرېك تىلىدا «مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنداق قىلىڭلار». 22:19 مات. 26‏:26؛ مار. 14‏:22؛ 1كور. 11‏:23،24. 22:20 «تاماقتىن كېيىنكى جام» ــ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيت»تىكى زىياپەت دائىم بېكىتىلگەن ئالاھىدە بىر تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزىلىدۇ. «تاماقتىن كېيىنكى جام» «ئۈچىنچى جام» بولىدۇ. «بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىمدا بولغان يېڭى ئەھدىدۇر» ــ مەسىھ ئېيتقان بۇ «يېڭى ئەھدە» يەرەمىيا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تەۋراتتا ۋەدە قىلىنغان ئاجايپ «يېڭى ئەھدە»دۇر («يەر.» 31:31-34 ھەم «ئەز.» 25:36-27نى، شۇنداقلا يەرەمىيادىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ). بۇ يېڭى ئەھدە «مەسىھنىڭ قېنىدىدۇر» دېگەننىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر مەنىسى باردۇر، مۇشۇ ئەھدە مەسىھنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇد-ھاياتىغا پۈتۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئەھدىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈشكە بولغان قەتئىي نىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. 22:21 مات. 26‏:23؛ مار. 14‏:18؛ يـۇھ. 13‏:21. 22:22 زەب. 41‏:9؛ يـۇھ. 13‏:18؛ روس. 1‏:6. 22:25 «ئەللەردىكى پادىشاھلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ئىدارە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھوقۇقدارلىرى «خەلقپەرۋەر» دەپ ئاتىلىدۇ» ــ شۇ چاغدا ۋە دۇنيانىڭ پۈتكۈل تارىخىدا «خەلقپەرۋەر» دەپ ئاتالغانلار ئەمەلىيەتتە «ئىسمى بار، جىسمى يوق»لاردەك «خەلقپەرۋەر»نىڭ ئەكسى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. مەسىھنىڭ بۇ ئىشنى كۆرسەتكەنلىكى، ئېتىقادچىلار ھەتتا مۇشۇنداق ئابرۇينىمۇ ئىزدىمەسلىكى كېرەك، ھەرقانداق «ئابرۇيپەرەسلىك» قىلىشتىن تولىمۇ يىراقلىشىشى كېرەك، دېگەنلىكتۇر، دەپ ئويلايمىز. 22:25 مات. 20‏:25؛ مار. 10‏:42. 22:26 لۇقا 9‏:48؛ 1پېت. 5‏:3. 22:27 مات. 20‏:28؛ يـۇھ. 13‏:14؛ فىل. 2‏:7. 22:29 لۇقا 12‏:32. 22:30 «ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىسىلەر» ــ ياكى «ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر». 22:30 مات. 19‏:28؛ ۋەھ. 3‏:21. 22:31 «ئەي سىمون، سىمون!» ــ مۇقەددەس كىتابتا، بىرسىنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى ياكى بىر جاينىڭ نامىنى تەكرار ئىككى قېتىم چاقىرىشى ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «شەيتان ھەممىڭلارنى خۇددى بۇغداي تاسقىغاندەك تاسقاپ سىناشنى تىلىگەن» ــ «تىلىگەن» دېگەن بۇ سۆز خۇدا شەيتاننىڭ تەلىپى بويىچە مۇشۇنداق قىلىشىغا يول قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 22:31 1پېت. 5‏:8. 22:34 «بۈگۈن خوراز چىللىغۇچە، سەن «ئۇنى تونۇمايمەن» دەپ مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» ــ «بۈگۈن» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، يەھۇدىيلار ئۈچۈن «بۇ كۈن» «كېچە» بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىھ بۇ سۆزلەرنى كېچىدە ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېيتقان ۋەقەلەر ئاشۇ كېچىدە، تاڭ ئاتمايلا يۈز بېرىدۇ. گرېك تىلىدا ئۇنىڭ سۆزلىرى ئىنكار شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ: «سەن بۈگۈن «ئۇنى تونۇمايمەن» دەپ ئۈچ قېتىم مەندىن تانماي تۇرۇپ خوراز چىللىمايدۇ». 22:34 مات. 26‏:34؛ مار. 14‏:30؛ يـۇھ. 13‏:38. 22:35 «سىلەرنى ھەميانسىز، خۇرجۇنسىز ۋە كەشسىز سەپەرگە ئەۋەتكىنىمدە سىلەرنىڭ بىرەر نەرسەڭلار كەم بولۇپ قالغانمۇ؟» ــ 3:9 ۋە 3:10-4نى كۆرۈڭ. 22:35 مات. 10‏:9؛ مار. 6‏:8؛ لۇقا 9‏:3. 22:36 «لېكىن ھازىر ھەر كىمنىڭ ھەميانى بولسا، ئۇنى ئالسۇن؛ شۇنداق ھەم خۇرجۇنى بولسا، ئۇنى ئالسۇن ۋە بىر كىمنىڭ قىلىچى بولمىسا، چاپىنىنى سېتىپ بىردىن قىلىچ ئالسۇن» ــ بۇ سىرلىق ئەمما مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 22:37 «ئۇ جىنايەتچىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ» ــ ياكى «ئۇ ئاسىيلىق قىلغۇچىلار قاتارىدا سانىلىدۇ». بۇ بېشارەت «يەش.» 12:53دە تېپىلىدۇ. «مېنىڭ توغرامدىكى بارلىق ئىشلار تولۇق ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ» ــ «مېنىڭ توغرامدىكى بارلىق ئىشلار» بولسا پەقەت تەۋراتتىكى مەسىھنى ئالدىنئالا ئوچۇق ئېيتقان بېشارەتلەر بولۇپلا قالماي، بەلكى تەۋراتتا مەسىھنى كۆرسىتىدىغان بارلىق بۇيرۇلغان قۇربانلىقلار، ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ھەمدە تەۋراتتا خاتىرىلەنگەن بارلىق تارىخىي «بېشارەتلىك ۋەقەلەر»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 22:37 يەش. 53‏:12؛ مار. 15‏:28. 22:38 «ئى رەب، قارىغىن، بۇ يەردە ئىككى قىلىچ بار ئىكەن» ــ مۇشۇ خىل «قىلىچ» قىسقا بولۇپ، يەنە «پىچاق» ھېسابلانغىلى بولىدۇ. «بولدى، يېتىدۇ! ــ دېدى ئەيسا ئۇلارغا» ــ مۇشۇ ئايەت ئۈستىدە 37-ئايەت بىلەن «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 22:39 مات. 26‏:36؛ مار. 14‏:32؛ يـۇھ. 8‏:1؛ 18‏:1. 22:41 مات. 26‏:39؛ مار. 14‏:35. 22:42 «بۇ قەدەھنى مەندىن ئېلىپ كەتكەيسەن» ــ «بۇ قەدەھ» ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. تەۋراتتا «قەدەھ» دەل شۇ مەنىدە بولۇپ، «زەب.» 8:75، «يەش.» 17:51، 22، «يەر.» 15:25 ۋە باشقا كۆپ يەرلەردە خۇدانىڭ غەزىپىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا مەسىھ مۇشۇ يەردە ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈپ، خۇدانىڭ غەزىپىنى ئىچىشكە تەييار تۇرىدۇ. 22:44 يـۇھ. 12‏:27؛ ئىبر. 5‏:7. 22:47 مات. 26‏:47؛ مار. 14‏:43؛ يـۇھ. 18‏:3. 22:50 «...ئۇلاردىن بىرى قىلىچىنى كۆتۈرۈپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىۋەتتى» ــ بۇ نامەلۇم مۇخلىس پېترۇس ئىدى («يۇھ.» 10:18، «مات.» 51:26، «مار.» 47:14). 22:50 مات. 26‏:51؛ مار. 14‏:47. 22:52 مات. 26‏:55؛ مار. 14‏:48. 22:53 «ھازىر بۇ سىلەرگە تەۋە بولغان ۋاقىت-سائەتتۇر ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىدۇر» ــ «قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىدۇر» ــ دېمەك، شۇ چاغدا خۇدا شەيتاننىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋە مەسىھىگە بولغان نەپرىتىنى باش كاھىنلار ۋە باشقا ھۆكۈمدارلاردىن ئىبارەت شۇ رەزىل ئادەملەر ئارقىلىق نامايان قىلىشىغا يول قويغانىدى. «1كور.» 8:2»نى كۆرۈڭ. 22:54 مات. 26‏:57؛ مار. 14‏:53؛ يـۇھ. 18‏:12،24. 22:55 مات. 26‏:69؛ مار. 14‏:54،66؛ يـۇھ. 18‏:16،25. 22:59 «دەرھەقىقەت، بۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى؛ چۈنكى ئۇمۇ گالىلىيەلىكتۇر» ــ مۇشۇ كىشى پېترۇسنىڭ گالىلىيەلىك ئىكەنلىكىنى بەلكىم ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ياكى بولمىسا يەرلىك كىيىم-كېچىكىدىن بىلىپ يەتكەن بولسا كېرەك. 22:61 مات. 26‏:34،75؛ مار. 14‏:72؛ يـۇھ. 13‏:38؛ 18‏:27. 22:63 ئايۇپ 16‏:10؛ يەش. 50‏:6؛ مات. 26‏:67؛ مار. 14‏:6؛ يـۇھ. 19‏:3. 22:66 زەب. 2‏:2؛ مات. 27‏:1؛ مار. 15‏:1؛ يـۇھ. 18‏:28. 22:69 «ھەممىگە قادىرنىڭ ئوڭ يېنىدا...» ــ گرېك تىلىدا «خۇدانىڭ قۇدرىتىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە». «زەب.»، 1:110نى كۆرۈڭ. زەبۇردىكى بۇ بېشارەتلىك سۆزلەر مەسىھنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇلار ئۆزلىرى ئەيسانى سوتلاۋاتىمىز، دەپ ئويلاتتى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىنسانئوغلى بولۇپ ئاخىر بېرىپ ئۇلارنىڭ سوتچىسى بولىدۇ. 22:69 دان. 7‏:9؛ مات. 16‏:27؛ 24‏:30؛ 25‏:31؛ 26‏:64؛ مار. 14‏:62؛ روس. 1‏:11؛ 1تېس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. 22:70 «دېگىنىڭلاردەك مەن شۇدۇرمەن!» ــ «دېگىنىڭلاردەك» گرېك تىلىدا بۇ سۆزنىڭ «شۇنداق، لېكىن ئەمەلىيەت دەل سىلەرنىڭ ئويلىغىنىڭلاردەك ئەمەس» دېگەن پۇرىقى چىقىدۇ. 22:71 «ئەمدى باشقا گۇۋاھچىلىقنىڭ بىزگە نېمە ھاجىتى؟ چۈنكى ئۆزىمىز ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققىنىنى ئاڭلىدۇق!» ــ ئۇلارنىڭ مەسىھگە قاراتقان ئەرز-شىكايىتى: ــ «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېگىنىڭ «كۇپۇرلۇق قىلغىنىڭ»، دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ھەقىقىي «كۇپۇرلۇق قىلغۇچى» ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇشى كېرەك. شۇڭا مەسىھ ئۆزى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇلارغا «باشقا گۇۋاھلىق» كېرەك بولمىدى! ھالبۇكى، يەھۇدىي خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ قانۇنى ئاستىدا تۇرغاچقا، ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن رىم ھاكىمىيىتى ئالدىدا باشقا بىرەر ئەرز-شىكايەتنى تېپىشى كېرەك. بۇ تۆۋەندىكى بابتا (2:23) كۆرۈنىدۇ.