23
ئەيسانىڭ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا سوتلىنىشى
مات. 27‏:1-2، 11-14؛ مار. 15‏:1-5؛ يـۇھ. 18‏:28-38
ئاندىن كېڭەشمىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. ئۇ يەردە ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ:
ــ ئۆزىنى مەسىھ، يەنى پادىشاھ دەپ ئاتىۋېلىپ، خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ ۋە قۇترىتىپ، قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇشنى توسقان بۇ ئادەمنى بايقاپ ئۇنى تۇتتۇق، ــ دېيىشتى.   
پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
ئۇ: ــ ئېيتقىنىڭدەك، ــ دەپ جاۋاب بەردى.  
ئاندىن پىلاتۇس باش كاھىنلار بىلەن كۆپچىلىككە:
ــ بۇ ئادەمدىن بىرەر شىكايەت قىلغۇدەك ئىشنى تاپالمىدىم، ــ دېدى.
لېكىن ئۇلار تېخىمۇ قەتئىي ھالدا:
ــ ئۇ گالىلىيەدىن تارتىپ تاكى بۇ يەرگىچە، پۈتكۈل يەھۇدىيەدىمۇ تەلىم بېرىش بىلەن خەلقنى قۇترىتىدۇ.
 
ئەيسا ھېرود خاننىڭ ئالدىدا
پىلاتۇس «گالىلىيە» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ:
ــ بۇ كىشى گالىلىيەلىكمۇ؟ ــ دەپ سورىدى ۋە ئۇنىڭ ھېرود خاننىڭ ئىدارە قىلغان ئۆلكىدىن كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ھېرودقا يوللاپ بەردى (ئۇ كۈنلەردە ھېرودمۇ يېرۇسالېمدا ئىدى).
ھېرود ئەيسانى كۆرگەندە ئىنتايىن خۇشال بولدى. چۈنكى ئۇ ئۇزۇندىن بېرى ئۇنىڭغا دائىر كۆپ ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن بىر مۆجىزە كۆرۈش ئۈمىدىدە بولۇپ، ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدەۋاتاتتى. ئۇ ئەيسادىن كۆپ سوئاللارنى سورىدى، لېكىن ئۇ ھېرودقا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى.
10 باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېقىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھە دەپ ئەرز-شىكايەت قىلىۋاتاتتى. 11 ھېرود خان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇنى خارلاپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭغا شاھانە تون-كىيىم كىيدۈرۈپ، ئۇنى يەنە پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇرۇپ يوللىدى.
12 مانا شۇ كۈندىن باشلاپ، پىلاتۇس بىلەن ھېرود دوست بولۇپ قالدى؛ چۈنكى ئىلگىرى ئۇلار ئارىسىدا ئاداۋەت بولغانىدى.
 
ئەيسانىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى
مات. 27‏:15-26؛ مار. 15‏:6-15؛ يـۇھ. 18‏:39-40؛ 19‏:1-16
13 ۋالىي پىلاتۇس باش كاھىنلارنى، يەھۇدىي ھۆكۈمدارلارنى ۋە خالايىقنى يىغىپ، 14 ئۇلارغا:
ــ سىلەر بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن «خەلقنى ئازدۇرىدۇ ۋە قۇترىتىدۇ» دەپ شىكايەت قىلىپ ئۇنى ئالدىمغا تارتىپ كەلدىڭلار. مانا، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئۇنى سوراق قىلغىنىم بىلەن، ئۇنىڭدىن سىلەر شىكايەت قىلغان جىنايەتلەردىن بىرىنىمۇ تاپالمىدىم. 15 ھېرودمۇ تاپمىدى؛ چۈنكى مەن سىلەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتىم. مانا، ئۇنىڭدا ئۆلۈمگە لايىق ھېچقانداق جىنايەت يوق ئىكەن. 16 شۇڭا مەن ئۇنى جازالاپ، ئاندىن قويۇپ بېرىمەن، ــ دېدى 17 (ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، يەھۇدىي مەھبۇسلاردىن بىرىنى ئۇلارغا قويۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى). 18 لېكىن كۆپچىلىك تەڭلا چۇقان سېلىشىپ:
ــ بۇنى يوقىتىڭ! بىزگە بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! ــ دېيىشتى 19 (بارابباس بولسا شەھەردە توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكى ۋە قاتىللىق قىلغانلىقى ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغان مەھبۇس ئىدى). 20 شۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئەيسانى قويۇپ بېرىشنى خالاپ، كۆپچىلىككە يەنە سۆز قىلغىلى تۇردى. 21 لېكىن ئۇلار جاۋابەن يەنە چۇقان سېلىشىپ:
ــ كرېستلىگىن، ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىراشتى.
22  پىلاتۇس ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارغا:
ــ نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە يامانلىق قىلغان؟ مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈمگە لايىق ھېچ جىنايەت تاپالمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى جازالاپ، قويۇپ بېرىمەن، ــ دېدى.
23 بىراق ئۇلار يەنىلا ھە دەپ چۇقان سېلىشىپ: «ئۇ كرېستلەنسۇن!» دەپ تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭ ھەمدە باش كاھىنلارنىڭ چۇقانلىرى ئاخىر كۈچلۈك كەلدى. 24 پىلاتۇس ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئادا قىلىنسۇن دەپ ھۆكۈم چىقاردى. 25 ۋە ئۇلارنىڭ تىلىگىنىنى، يەنى توپىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە قاتىللىق ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغاننى قويۇپ بېرىپ، ئەيسانى ئۇلارنىڭ خاھىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
 
ئەيسانىڭ كرېستلىنىشى
مات. 27‏:32-44؛ مار. 15‏:21-32؛ يـۇھ. 19‏:17-19
26 ۋە ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشى سەھرادىن كېلىۋاتاتتى؛ ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭدۇردى. 27 ئەيسانىڭ كەينىدە زور بىر توپ خەلق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئېچىنىپ يىغا-زار كۆتۈرۈشىۋاتقان ئاياللارمۇ ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. 28 لېكىن ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇلارغا:
ــ ئەي يېرۇسالېمنىڭ قىزلىرى! مەن ئۈچۈن يىغلىماڭلار، بەلكى ئۆزۈڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ئۈچۈن يىغلاڭلار! 29 چۈنكى سىلەرگە شۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇكى، كىشىلەر: «تۇغماسلار، بالا كۆتۈرمىگەن قورساقلار ۋە ئېمىتمىگەن ئەمچەكلەر بەختلىكتۇر!» ــ دېيىشىدۇ. 30 شۇ چاغدا كىشىلەر تاغلارغا: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگە: «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ نىدا قىلىشىدۇ.    31 چۈنكى ئادەملەر ياپيېشىل دەرەخكە شۇنداق ئىشلارنى قىلغان يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخكە نېمە ئىشلار بولار؟! ــ دېدى.  
32 ئىككى جىنايەتچىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغىلى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېلىپ كېلىنگەنىدى. 33 ۋە ئۇلار «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئۇنى ۋە يەنە ئىككى جىنايەتچىنى، بىرىنى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە يەنە بىرىنى سول يېنىدا كرېستكە تارتتى.    34 ئەيسا:
ــ ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، ــ دېدى.
لەشكەرلەر چەك تاشلاپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى. 35 خالايىق قاراپ تۇراتتى، يەھۇدىي ھۆكۈمدارلارمۇ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا دىمىغىنى قېقىپ مەسخىرە قىلىپ: باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر ئۇ راستتىن خۇدانىڭ مەسىھى، ئۇنىڭ تاللىۋالغىنى بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقسۇن! ــ دېيىشتى.
36 لەشكەرلەرمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ، يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا سىركە تەڭلەپ:
37 ــ ئەگەر سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولساڭ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باق! ــ دېيىشتى.
38 ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تاختايغا گرېكچە، لاتىنچە ۋە ئىبرانىيچە ھەرپلەر بىلەن: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى.  
39 ئۇنىڭ بىلەن بىللە كرېستكە تارتىلغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ:
ــ سەن مەسىھ ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزە! ــ دېدى.
40 بىراق يەنە بىرى ئۇنىڭ گېپىگە تەنبىھ بېرىپ: سەن ئۆزۈڭ ئوخشاش ھۆكۈمنىڭ تېگىدە تۇرۇپ خۇدادىن قورقمامسەن؟ 41 بىزنىڭ جازالىنىشىمىز ھەقلىق، چۈنكى ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتتۇق؛ لېكىن بۇ كىشى ھېچقانداق ناتوغرا ئىش قىلمىغانغۇ! ــ دەپ جاۋاب بەردى. 42 ئاندىن، ئۇ ئەيساغا:
ــ ئى رەب، پادىشاھلىقىڭ بىلەن كەلگىنىڭدە، مېنى ياد قىلغىن، ــ دېدى.
43 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بەرھەق، مەن ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، ــ دېدى.
 
ئەيسانىڭ ئۆلۈمى
مات. 27‏:45-56؛ مار. 15‏:33-41؛ يـۇھ. 19‏:28-30
44 ھازىر ئالتىنچى سائەت بولۇپ، پۈتۈن زېمىننى توققۇزىنچى سائەتكىچە قاراڭغۇلۇق باستى.    45  قۇياش نۇرىنى بەرمىدى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى توساتتىن ئوتتۇرىسىدىن يىرتىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى.    46 ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا قىلغاندىن كېيىن: ــ ئى ئاتا! روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم، ــ دېدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى.  
47 ئۇ يەردە تۇرغان يۈزبېشى يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن دۇرۇس ئادەم ئىكەن! ــ دەپ خۇدانى ئۇلۇغلىدى.
48 ۋە بۇ مەنزىرىنى كۆرۈشكە يىغىلغان بارلىق خەلق يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ كۆكرەكلىرىگە ئۇرۇپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى. 49 ۋە ئۇنى تونۇيدىغان بارلىق كىشىلەر ۋە گالىلىيەدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئاياللار يىراقتا تۇرۇپ، بۇ ۋەقەلەرگە قاراپ تۇردى.
 
ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى
مات. 27‏:57-61؛ مار. 15‏:42-47؛ يـۇھ. 19‏:38-42
50‏-51 ۋە مانا شۇ يەردە كېڭەشمىدىكىلەردىن يۈسۈپ ئىسىملىك بىرى بار ئىدى. ئۇ ئۆزى ئاقكۆڭۈل ۋە ئادىل ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە ۋە قىلغىنىغا قوشۇلمىغانىدى. ئۆزى يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئارىماتىيا دېگەن بىر شەھەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى تەلمۈرۈپ كۈتەتتى. 52 ئۇ ئۆزى پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى؛ 53 ۋە ئۇنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ كاناپ بىلەن كېپەنلەپ، قورام تاشتىن ئويۇپ ياسالغان، ھېچكىم قويۇلمىغان بىر قەبرىگە دەپنە قىلدى. 54 بۇ «تەييارلىق كۈنى» بولۇپ، شابات كۈنى يېقىنلىشىپ قالغانىدى.

55 ۋە ئۇنىڭ بىلەن گالىلىيەدىن كەلگەن ئاياللار يۈسۈپكە ئەگىشىپ، قەبرىنى ۋە ئۇنىڭ جەسەتىنىڭ قانداق قويۇلغىنىنى كۆردى. 56 ئاندىن يېنىپ بېرىپ ئەتىرلەر ۋە خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى تەييار قىلدى ۋە تەۋراتتىكى ئەمر بويىچە شابات كۈنى ئارام ئېلىشتى.
 
 
23:1 مات. 27‏:2؛ مار. 15‏:1؛ يـۇھ. 18‏:28. 23:2 «قەيسەر» ــ رىم ئىمپېراتورى. «...خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ ۋە قۇترىتىپ، قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇشنى توسقان بۇ ئادەمنى بايقاپ ئۇنى تۇتتۇق» ــ «(ئۇ) قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇشنى توسقان» دېگەن شىكايەت يالغان، ئەلۋەتتە. 20:20-26نى كۆرۈڭ. شىكايەت «سىياسىي جەھەتتىكى» بولۇپ، ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئۇ خەلقنى قۇترىتىۋاتىدۇ، «ئاممىۋىي تەرتىپ»نى بۇزدى؛ (2) خەلقنىڭ باج-سېلىق بېرىشىگە يول قويمىدى؛ (3) ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلدى (دېمەك، رىم ئىمپېراتورىغا قارشى چىققان). 23:2 مات. 17‏:25؛ 22‏:21؛ مار. 12‏:17؛ لۇقا 20‏:25؛ روس. 17‏:7؛ رىم. 13‏:7. 23:3 «پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئېيتقىنىڭدەك، ــ دەپ جاۋاب بەردى» ــ «ئېيتقىنىڭدەك» گرېك تىلىدا بۇ سۆزنىڭ «شۇنداق، لېكىن ئەمەلىيەت دەل سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك ئەمەس» دېگەن پۇرىقى چىقىدۇ. 23:3 مات. 27‏:11؛ مار. 15‏:2؛ يـۇھ. 18‏:33. 23:7 لۇقا 3‏:1. 23:8 لۇقا 9‏:7. 23:12 روس. 4‏:27. 23:13 مات. 27‏:23؛ مار. 15‏:14؛ يـۇھ. 18‏:38؛ 19‏:4. 23:15 «ھېرودمۇ تاپمىدى» ــ ياكى «ھېرود ئۇنى (بىزگە) قايتۇرۇۋېتىپتۇ». 23:16 «شۇڭا مەن ئۇنى جازالاپ، ئاندىن قويۇپ بېرىمەن» ــ بۇ «جازالاش» بەلكىم قامچىلاش بولاتتى. بۇ سۆزلەر ئوقۇرمەنلەرگە غەلىتە تۇيۇلىشى مۇمكىن. بىراۋدا جىنايەت بولمىسا، نېمىشقا ئۇنى جازالايدۇ؟ مۇنداق ئادالەتسىزلىك رىم ئىمپېرىيەسى تۈزۈمىدە بەك كۆپ ئىدى. ئۇلار دېلونى سۈرۈشتە قىلغاندىمۇ ئادەمنى قامچىلايتتى («روس.» 24:22نى كۆرۈڭ). لېكىن مۇشۇ يەردە پىلاتۇسنىڭ ئەيسانى مۇنداق «قامچىلايمەن» دېيىشىنىڭ مەقسىتى پەقەت يەھۇدىي چوڭلارنى بىر ئاز رازى قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى، خالاس. 23:17 مات. 27‏:15؛ مار. 15‏:6؛ يـۇھ. 18‏:39. 23:18 روس. 3‏:14. 23:22 «شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى جازالاپ، قويۇپ بېرىمەن» ــ 16-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. 23:24 مات. 27‏:26؛ مار. 15‏:15؛ يـۇھ. 19‏:16. 23:26 «ۋە ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشى سەھرادىن كېلىۋاتاتتى؛ ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭدۇردى» ــ باشقا ئىنجىل بايانلىرىدىن بىلىمىزكى، بۇنىڭ سەۋەبى ئەيسانىڭ ھالسىراپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى «مات.» 32:27، «مار.» 21:15 ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ. 23:30 «شۇ چاغدا كىشىلەر تاغلارغا: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگە: «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ نىدا قىلىشىدۇ» ــ خۇدانىڭ غەزىپى شۇنچە دەھشەتلىك بولىدۇكى، كىشىلەر ئۇنىڭدىن قېچىش ئۈچۈن ھەرقانچە قورقۇنچلىق ئامال-چارە بولسىمۇ، خالايدۇ. «ھوش.» 8:10 ۋە «ۋەھىي» 16:6نى كۆرۈڭ. 23:30 يەش. 2‏:19؛ ھوش. 10‏:8؛ ۋەھ. 6‏:16؛ 9‏:6. 23:31 «چۈنكى ئادەملەر ياپيېشىل دەرەخكە شۇنداق ئىشلارنى قىلغان يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخكە نېمە ئىشلار بولار؟!» ــ بۇ سىرلىق بېشارەت بەلكىم: «مەن گۇناھسىز، مېھرىبان بولۇپ خۇدانىڭ جازا قوراللىرى بولغان چەتئەللىكلەرنىڭ قولىدا شۇنچە كۆپ ئازاب تارتقان يەردە، كەلگۈسىدە سىلەردەك گۇناھقا پاتقانلارنى ئۇلار قانداق جازالار؟» دېگەندەك. 23:31 يەر. 25‏:29؛ 1پېت. 4‏:17. 23:32 يـۇھ. 19‏:18. 23:33 ««باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جاي» ــ «باش سۆڭەك» گرېك تىلىدا «كالۋارىي»، ئىبرانىي تىلىدا «گولگوتا». 23:33 مات. 27‏:33،38؛ مار. 15‏:22؛ يـۇھ. 19‏:18. 23:34 زەب. 22‏:18؛ مات. 27‏:35؛ مار. 15‏:24؛ يـۇھ. 19‏:23؛ روس. 7‏:60؛ 1كور. 4‏:12. 23:38 «ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تاختايغا گرېكچە، لاتىنچە ۋە ئىبرانىيچە ھەرپلەر بىلەن: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى» ــ رىملىقلار بۇ سۆزلەرنى ئەيسابى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن يازغان، ئەلۋەتتە. شۈبھىسىزكى، پىلاتۇس بۇ ئارقىلىق يەھۇدىيلارنىمۇ مەسخىرە قىلماقچى ياكى ئەيىبلىمەكچى بولغان؛ بىراق خۇدا بولسا بۇ ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرسەتكەن («يۇھ.» 19:19-22نى، «زەب.» 10:76نى كۆرۈڭ). 23:38 مات. 27‏:37؛ مار. 15‏:26؛ يـۇھ. 19‏:19. 23:43 «بەرھەق، مەن ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن» ــ رەبنىڭ: «سەن «بۈگۈن» مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن» دېگەن مۇشۇ سۆزى بەزىلەرنىڭ: «ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن دوزاخقا چۈشكەن» دېگەن بىدئەت تەلىمىنىڭ تولىمۇ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ توغرۇلۇق ئازراق توختىلىمىز. 23:44 «ئالتىنچى سائەت...توققۇزىنچى سائەت» ــ «ئالتىنچى سائەت» چۈش بولۇپ، «توققۇزىنچى سائەت» چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ. يەھۇدىيلار ۋاقىتنى ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن باشلاپ ھېسابلايتتى (مەسىلەن، ئۇلاردا «بىرىنچى سائەت» بىزدە سائەت يەتتە بولاتتى). 23:44 مات. 27‏:45؛ مار. 15‏:33. 23:45 «ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى توساتتىن ئوتتۇرىسىدىن يىرتىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى» ــ «مات.» 51:27دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. 23:45 مات. 27‏:51؛ مار. 15‏:38. 23:46 «ئەيسا... تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى» ــ ياكى «ئەيسا... روھىنى چىقاردى». گرېك تىلىدا «روھ» ۋە «تىنىق» بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «زەب.» 5:31نى كۆرۈڭ. مۇشۇ ئايەتتىكى بىرىنچى «قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا قىلىش»ى بەلكىم «يۇھ.» 30:19دە خاتىرىلەنگەن. 23:46 زەب. 31‏:5؛ مات. 27‏:50؛ مار. 15‏:37؛ يـۇھ. 19‏:30؛ روس. 7‏:59. 23:47 مات. 27‏:54؛ مار. 15‏:39. 23:50‏-51 مات. 27‏:57؛ مار. 15‏:43؛ يـۇھ. 19‏:38. 23:53 مات. 12‏:40؛ 26‏:12؛ 27‏:59؛ مار. 15‏:46؛ يەش.53‏:9 23:54 «بۇ «تەييارلىق كۈنى» بولۇپ، شابات كۈنى يېقىنلىشىپ قالغانىدى» ــ «تەييارلىق كۈنى» شابات كۈنى (دەم ئېلىش كۈنى، شەنبە كۈنى)نىڭ ھارپا كۈنىدۇر. دەم ئېلىش كۈنىدە كىشىلەرنىڭ «ئىش قىلماسلىق»ى ئۈچۈن ھارپا كۈنىدە تاماق ئېتىلىشى ۋە باشقا كېرەكلىك خىزمەتلەرنى ئالدىنئالا قىلىۋېلىشى كېرەك ئىدى ــ شۇڭا ئالدىنقى كۈنى «تەييارلىق كۈنى» دەپ ئاتىلاتتى. تەۋرات كالېندارى بويىچە «پېتىر نان ھېيتى»نىڭمۇ بىرىنچى كۈنى («نىسان»، يەنى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى) «شابات كۈنى» دەپ ھېسابلىنىشى كېرەك ئىدى («لاۋ.» 6:23-7). شۇڭا ئۇنىڭ ھارپا كۈنىمۇ «تەييارلىق كۈنى» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ «نىسان» ئاينىڭ 14-كۈنى ئىدى. شابات كۈنى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ھەپتىنىڭ بارلىق كۈنلىرىگە ئوخشاشلا كەچقۇرۇن باشلىنىدۇ. 23:55 لۇقا 8‏:2. 23:56 «ئاياللار ئەتىرلەر ۋە خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى تەييار قىلدى» ــ «بۇيۇملار» ــ ياكى «مەلھەملەر». بۇ بۇيۇملارنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ مەقسىتى جەسەتنىڭ ئۈستىگە چېچىپ ئۇنىڭ چىرىپ كېتىشىنى ئاستىلىتىشتىن ئىبارەت ئىدى.