21
تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى ھەممىسىنىڭكىدىن كۆپ
مار. 12‏:41-44
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، بايلارنىڭ ئۆز سەدىقىلىرىنى ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە ساندۇقىغا تاشلىغىنىنى كۆردى.   ئۇ يەنە ساندۇققا ئىككى تىيىننى تاشلاۋاتقان بىر نامرات تۇل ئايالنىمۇ كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ تاشلىغىنى ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئاشقانلىرىدىن ئىئانە قىلىپ، خۇداغا ئاتىغان سادىقىلەرگە قوشۇپ تاشلىدى؛ لېكىن بۇ ئايال نامراتلىقىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلىپ تاشلىدى.
 
كەلگۈسى توغرىسىدىكى بېشارەت
مات. 24‏:1-14؛ مار. 13‏:1-13
ۋە بەزىلەر ئىبادەتخانىنىڭ نەپىس تاشلار ۋە خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر بىلەن قانداق بېزەلگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتاتتى. ئۇ:
ــ سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق نەرسىلەرگە نىسبەتەن، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ھەتتا بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالدۇرۇلماي، ھەممىسى گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى.
ئۇلار ئۇنىڭدىن:
ــ ئۇستاز، بۇ دېگەنلىرىڭ قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدىغان قانداق ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى:
ــ ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى تولا كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» ۋە «ئاشۇ ۋاقىت يېقىنلاشتى!» دەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرمەڭلار.   سىلەر ئۇرۇش ۋە توپىلاڭلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاۋۋال يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار، زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس.
10 ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
ــ بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ.    11 جاي-جايلاردا شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر، ئاچارچىلىقلار ۋە ۋابالار بولىدۇ، يەر يۈزىدە ۋەھشەتلەر ۋە ئاسماندا ھەيۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ. 12 بىراق بۇ ھەربىر ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، كىشىلەر سىلەرگە قول سېلىپ تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ سوراقلىرىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ، 13 ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىڭلار چىقىدۇ. 14 ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەرزگە قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا ئالدىنئالا ھېچ ئويلانماسلىققا قەلبىڭلاردا قەتئىي نىيەت قىلىڭلار. 15 چۈنكى مەن سىلەرگە بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار رەددىيە ۋە رەت قىلالمىغۇدەك پاساھەتلىك تىل ۋە دانىشمەنلىك ئاتا قىلىمەن. 16 ھەتتا ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يار-بۇرادەرلىرىڭلارمۇ سىلەرگە خائىنلىق قىلىپ تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇلار ئاراڭلاردىكى بەزىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ.    17 سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. 18 ھالبۇكى، بېشىڭلاردىكى بىر تال چاچمۇ ھالاك بولمايدۇ! 19 سەۋر-چىداملىق بولغىنىڭلاردا، جېنىڭلارغا ئىگە بولالايسىلەر.
 
يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن بېشارەت
مات. 24‏:15-21؛ مار. 13‏:14-19
20 ــ لېكىن يېرۇسالېمنىڭ دۈشمەن قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قاپتۇ، دەپ بىلىڭلار. 21 ئۇ چاغدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن، شەھەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلار ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتسۇن، يېزىلاردا تۇرۇۋاتقانلار شەھەرگە كىرمىسۇن. 22 چۈنكى شۇ چاغ «ئىنتىقام جازاسىنى تارتىدىغان كۈنلەر»دۇر؛ شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس يازمىلاردا بارلىق پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.  
 
23 ئەمدى شۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى بۇ زېمىندا ئېغىر قىسچىلىق بولىدۇ ۋە ئەرشتىكى غەزەپ بۇ خەلقنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ؛ 24 ئۇلار قىلىچنىڭ بىسىدا يىقىتىلىدۇ ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ، بارلىق ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ «يات ئەللەرنىڭ ۋاقتى» توشقۇچە، يېرۇسالېم يات ئەللەرنىڭ ئاياغ ئاستىدا قالىدۇ.  
 
مەسىھنىڭ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە
مات. 24‏:29-31؛ مار. 13‏:24-27
25 ــ قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلاردىمۇ ئالامەتلەر بولىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئارىسىدا دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ گۈلدۈرلىشىدىن ۋە دولقۇنلارنىڭ داۋالغۇشلىرىدىن پاراكەندىچىلىك بولىدۇ. 26 ئادەملەر قورقۇپ، يەر يۈزىگە كېلىدىغان ئاپەتلەرنى ۋەھىمە ئىچىدە كۈتۈپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ؛ چۈنكى ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. 27 ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن بىر بۇلۇت ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
28 لېكىن بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا، قەددىڭلارنى رۇسلاپ بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، چۈنكى بۇ سىلەرنى ئازاد قىلىشتىكى نىجات يېقىنلاشتى، دېگەنلىكتۇر.
 
ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىش
مات. 24‏:32-35؛ مار. 13‏:28-31
29 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:
ــ ئەنجۈر دەرىخى ۋە باشقا بارلىق دەرەخلەرگە قاراڭلار. 30 ئۇلارنىڭ يېڭىدىن بىخلانغاندا ئۇلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلار يازنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. 31 شۇنىڭدەك، بايا دېيىلگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېقىن قالغالنلىقىنى بىلىڭلار. 32 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. 33 ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.  
 
ھوشيار بولۇڭلار
34 ــ لېكىن ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلاركى، كۆڭۈللىرىڭلار ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە تىرىكچىلىكنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشمىسۇن، شۇ كۈنى ئۈستۈڭلارغا تۇيۇقسىز چۈشمىسۇن.    35 چۈنكى ئۇ گويا تۇزاقتەك بارلىق يەر يۈزىدە ھەربىر تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 36 شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتلاردا ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرۇپ ئىنسانئوغلى ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇرۇشقا لايىق ھېسابلىنىش ئۈچۈن ھەردائىم دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى.  
37 ئەمدى ئۇ كۈندۈزلىرى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى، ئاخشاملىرى شەھەردىن چىقىپ، كېچىنى زەيتۇن تېغى دەپ ئاتالغان تاغدا ئۆتكۈزەتتى. 38 ۋە بارلىق خەلق ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغىلى تاڭ سەھەردە ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلەتتى.
 
 
21:1 «ئۇ... بايلارنىڭ ئۆز سەدىقىلىرىنى ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە ساندۇقىغا تاشلىغىنىنى كۆردى» ــ «ئىئانە ساندۇقى» دېگەن سۆز ئادەتتە گرېك تىلىدا «خەزىنە»نى كۆرسىتىدۇ. لېكىن مۇشۇ يەردە ئىبادەتخانىدىكى خەزىنە ئۈچۈن سەدىقىلەر يىغىلىدىغان جاي، بەلكىم چوڭ بىر ساندۇقنى كۆرسەتسە كېرەك. 21:1 2پاد. 12‏:10؛ مار. 12‏:41. 21:2 «ئۇ يەنە ساندۇققا ئىككى تىيىننى تاشلاۋاتقان بىر نامرات تۇل ئايالنىمۇ كۆردى» ــ بۇ «تىيىن» (گرېك تىلىدا «لەپتون») «دېنارىئۇس»نىڭ 1/128ى بولۇپ، بىر ئىشلەمچىنىڭ بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى ئىچىدە «ئالتە مىنۇت»لۇق پۇلىغا باراۋەر. 21:3 2كور. 8‏:12. 21:5 مات. 24‏:1؛ مار. 13‏:1. 21:6 1پاد. 9‏:7؛ مىك. 3‏:12؛ لۇقا 19‏:44. 21:8 «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن» ــ «مانا ئۆزۈم مەسىھدۇرمەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «ئاشۇ ۋاقىت» ــ قىيامەت كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. 21:8 يەر. 29‏:8؛ مات. 24‏:4؛ ئ‍ەف. 5‏:6؛ كول. 2‏:18؛ 2تېـس. 2‏:2؛ 1يۇھ. 4‏:1. 21:10 «بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا (شۇنداقلا گرېك تىلىدا) بۇ ئىبارە دۇنيا بويىچە كېڭەيگەن ئۇرۇشلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («يەش.» 2:19، «2تار.» 3:15-6دە بۇ تۇراقلىق ئىبارە توغرۇلۇق مىساللار بار. 21:10 يەش. 19‏:2. 21:11 «يەر يۈزىدە ۋەھشەتلەر ۋە ئاسماندا ھەيۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ» ــ گرېك تىلىدىكى ئەينى تېكىستتە «يەر يۈزىدە» دېگەن سۆز يوق. بىراق بىزنىڭچە ھېلىقى «ھەيۋەتلىك ئالامەتلەر» ئاسماندا بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەندىن كېيىن، «ۋەھشەتلەر» بولسا چوقۇم «يەر يۈزىدە» بولۇشى كېرەك. 25-ئايەتنمۇ كۆرۈڭ. 21:12 مات. 10‏:17؛ 24‏:9؛ مار. 13‏:9؛ يـۇھ. 16‏:2؛ روس. 4‏:3؛ 5‏:18؛ 12‏:4؛ 16‏:24؛ ۋەھ. 2‏:10. 21:13 «... بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىڭلار چىقىدۇ» ــ «گۇۋاھلىق بېرىش» مۇشۇ يەردە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش، خۇدانىڭ نىجاتى رەب ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق دۇنياغا كەلدى، دەپ جاكارلاشتىن ئىبارەت. 21:14 مات. 10‏:19؛ مار. 13‏:11. 21:15 مىس. 4‏:12؛ يەش. 54‏:17؛ مات. 10‏:19؛ روس. 6‏:10. 21:16 «خائىنلىق قىلىپ تۇتۇپ بېرىدۇ» ــ بۇ بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 21:16 مىك. 7‏:6؛ روس. 7‏:59؛ 12‏:2. 21:17 مات. 10‏:22؛ مار. 13‏:13. 21:18 1سام. 14‏:45؛ 2سام. 14‏:11؛ 1پاد. 1‏:52؛ مات. 10‏:30. 21:19 «سەۋر-چىداملىق بولغىنىڭلاردا، جېنىڭلارغا ئىگە بولالايسىلەر» ــ بۇ ئايەتتە «جان» ياكى جىسمانىي ھايات ياكى ئادەمنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىنى، شۇنداقلا روھىي ھاياتىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە ئىنساننىڭ روھىي ھاياتىدىكى ئەمەلىي جەھەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بىرسىدە روھىي ھايات بار بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنى تۇتالايدىغان، تۈرلۈك روھىي ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرالايدىغان بولىدۇ ــ مەسىلەن، ئۆزىدە بار بولغان ئەنسىرەشلەر، قورقۇنچلار، شەھۋانىي ھەۋەسلەر قاتارلىقلارنى مەسىھگە بويسۇندۇرالايدۇ (مەسىلەن، «2كور.» 5:10، «1تېس.» 4:4نى كۆرۈڭ). 21:20 دان. 9‏:27؛ مات. 24‏:15؛ مار. 13‏:14. 21:22 «ئىنتىقام جازاسىنى تارتىدىغان كۈنلەر» ــ «ئىنتىقام جازاسى» گرېك تىلىدا بۇ سۆز ھەم «ئىنتىقام» ھەم «تولۇق، مۇتلەق ھۆكۈم چىقىرىش» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. «مات.» 35:23نى كۆرۈڭ. بۇ «ئىنتىقام» ياكى «ھۆكۈم چىقىرىلىش»نى خۇدا ئۆزىنىڭ خەلقى يەھۇدىيلار ئۈستىگە يۈرگۈزىدۇ. بۇ، مۇشۇ يەردە (12-24-ئايەت) يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ مىلادىيە 70-يىلى مۇھاسىرىگە ئېلىنىشى ۋە ۋەيران قىلىنىشىنى كۆرسىتىغان بېشارەتتۇر. كېيىنكى ئايەتلەر ئاخىر زاماننى كۆرسىتىدۇ. 21:22 دان. 9‏:26،27؛ مات. 24‏:15؛ مار. 13‏:14. 21:23 «بۇ زېمىندا ئېغىر قىسچىلىق بولىدۇ...» ــ ياكى «يەر يۈزىدە ئېغىر قىسچىلىق بولىدۇ». 21:24 «ئۇلار ... تۇتقۇن قىلىنىپ، بارلىق ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ «يات ئەللەرنىڭ ۋاقتى» توشقۇچە، يېرۇسالېم يات ئەللەرنىڭ ئاياغ ئاستىدا قالىدۇ» ــ «ئەللەر» مۇشۇ يەردە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ. «يات ئەللەرنىڭ ۋاقتى» ــ گرېك تىلىدا «يات ئەللەرنىڭ ۋاقىتلىرى». «يات ئەللەرنىڭ ۋاقتى توشقۇچە» دېگەن ئىبارە يەھۇدىي خەلقى ئاخىر زاماندا قايتىدىن يېرۇسالېمدا تۇرىدىغانلىقىنى ۋە يېرۇسالېمنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىبارە ۋە شۇنداقلا بۇ بابتىكى باشقا بېشارەتلەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 21:24 رىم. 11‏:25. 21:25 يەش. 13‏:10؛ ئ‍ەز. 32‏:7؛ يو. 3‏:4؛ 3‏:15؛ مات. 24‏:29؛ مار. 13‏:24؛ ۋەھ. 6‏:12. 21:26 «ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ» ــ «ئاسماندىكى كۈچلەر» بەلكىم ئاسماندىكى جىسىملار (قۇياش، ئاي، يۇلتۇز قاتارلىقلار)نى ۋە ھەم ئاسماندا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان جىن-شەيتانلارنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن. 21:27 دان. 7‏:10؛ مات. 16‏:27؛ 24‏:30؛ 25‏:31؛ 26‏:64؛ مار. 13‏:26؛ 14‏:62؛ روس. 1‏:11؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. 21:28 رىم. 8‏:23. 21:29 مات. 24‏:32؛ مار. 13‏:28. 21:32 «بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ» ــ ئەگەر تىلغا ئېلىنغان ئالامەت يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولۇشىغا (مىلادىيە 70-يىلى) (20-24ئايەت) قارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا «بۇ دەۋر» دېگەن سۆز تەبىئىيكى (1) ئەيسانىڭ دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. (2) ئەگەر مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىگە (27-ئايەت) قارىتىلغان بولسا، «دەۋر» دېگەن سۆز بەلكىم پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنى كۆرسىتىدۇ؛ (3) بۇ ئايەتلەردە ئېيتىلغان ۋەقەلەرنىڭ باشلىنىش دەۋرىدە ياشىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بارلىق ۋەقەلەر شۇ دەۋر ئىچىدە يۈز بېرىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. بىزنىڭچە (3)-شەرھ ئالدى-كەينى ئايەتلەرگە ئەڭ باپ كېلىدۇ. 21:33 «ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ» ــ گرېك تىلى «ئاسمان-زېمىن ئۆتىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز ئۆتمەيدۇ». 21:33 زەب. 102‏:25-27؛ يەش. 51‏:6؛ مات. 24‏:35؛ ئىبر. 1‏:11. 21:34 «شۇ كۈنى ئۈستۈڭلارغا تۇيۇقسىز چۈشمىسۇن» ــ «شۇ كۈن» مۇقەددەس كىتابتا دائىم دېگۈدەك مەسىھ دۇنياغا قايتىپ كېلىدىغان، ئىنسانلاردىن ھېساب ئالىدىغان كۈننى كۆرسىتىدۇ. 21:34 رىم. 13‏:13؛ 1تېس. 5‏:6؛ 1پېت. 4‏:7. 21:35 1تېس. 5‏:2؛ 2پېت. 3‏:10؛ ۋەھ. 3‏:3؛ 16‏:15. 21:36 «يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرۇپ» ــ ياكى «يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن قۇتۇلۇپ...». ئەمدى ئېتقادچىلار بۇ دەھشەتلىك ۋەقەلەردىن ئۆتۈپ كېتەمدۇ، ياكى ئاۋۋال ئېلىپ كېتىلەمدۇ؟ بۇ مۇھىم مەسىلە. ئوقۇرمەنلەر مۇشۇ ئايەتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سۆز-ئايەتلەرگە قاراپ ئۆزلىرى بىر خۇلاسىگە كېلەلەيدۇ. بىز باشقا يەرلەردىمۇ بۇ تېما ئۈستىدە توختالغان («تېسالونىكالىقلارغا (2)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە). «ھازىر بولۇپ لايىق ھېسابلىنىش ئۈچۈن...» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «كۈچلەندۈرۈلۈشۈڭلار ئۈچۈن...» دېيىلىدۇ. 21:36 مات. 24‏:42؛ 25‏:13؛ مار. 13‏:33؛ لۇقا 12‏:40؛ 1تېس. 5‏:6. 21:37 يـۇھ. 8‏:2.