20
ئاسماندىكى ھوقۇق
مات. 21‏:23-27؛ مار. 11‏:27-33
ۋە شۇ كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا خەلققە تەلىم بېرىپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىۋاتقاندا، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: ــ بىزگە ئېيتقىن: سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا ئاساسەن قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سورىدى.
ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەنمۇ سىلەردىن بىر ئىشنى سوراي؛ سىلەر ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ، ــ يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ:
ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، بۇ بارلىق خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەھيانىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلگەن، ــ دېيىشتى.
ۋە ئۇلار: ــ ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا ئاساسەن قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى.
 
رەزىل ئىجارىكەشلەر ھەققىدىكى تەمسىل
مات. 21‏:33-46؛ مار. 12‏:1-12
ئۇ خالايىققا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەشكە باشلىدى: ــ «بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئۇنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا بېرىپ ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپتۇ. 10 ئۈزۈملەرنى يىغىدىغان مەزگىل كەلگەندە باغۋەنلەرنىڭ ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىدىن ئۇنىڭغا بېرىشكە قۇللىرىدىن بىرىنى ئۇلارىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن باغۋەنلەر ئۇنى ئۇرۇپ-دۇمبالاپ قۇرۇق قول ياندۇرۇۋېتىپتۇ.
11 ئۇ يەنە باشقا بىر قۇلنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇلار ئۇنىمۇ دۇمبالاپ، خارلاپ، يەنە قۇرۇق قول قايتۇرۇۋېتىپتۇ. 12 ئۇ يەنە ئۈچىنچىسىنى ئەۋەتىپتۇ؛ ئۇلار ئۇنىمۇ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، تالاغا ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. 13  ئاخىردا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى: «قانداق قىلسام بولار؟ سۆيۈملۈك ئوغلۇمنى ئەۋەتەي؛ ئۇلار ئۇنى كۆرسە، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلار؟» دەپتۇ. 14 بىراق باغۋەنلەر ئۇنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى جايلىۋېتەيلى، ئاندىن مىراس بىزنىڭكى بولىدۇ» دېيىشىپتۇ. 15 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. ئەمدى بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى ئۇلارنى قانداق قىلىدۇ؟ 16 ئۇ كېلىپ ئۇ باغۋەنلەرنى يوقىتىپ ئۈزۈمزارلىقنى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ».
خالايىق بۇنى ئاڭلاپ: ــ بۇنداق ئىشلار ھەرگىز بولمىسۇن! ــ دېيىشتى.
17 لېكىن ئۇ ئۇلارغا كۆزلىرىنى تىكىپ مۇنداق دېدى:
ــ ئۇنداق بولسا، مۇقەددەس يازمىلاردا «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا،
بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى» دەپ يېزىلغان سۆز زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟  
18 بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ.  
 
«باج تاپشۇرامدۇق؟» دېگەن قىلتاق
مات. 22‏:15-22؛ مار. 12‏:13-17
19 باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ بۇ تەمسىلى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى بىلىپ شۇ ھامان ئۇنىڭغا قول سېلىش يولىنى ئىزدىدى؛ لېكىن ئۇلار خالايىقتىن قورقۇشتى. 20 شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ كەينىدىن ماراپ، ئۇنى رىم ۋالىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا سوراققا تارتىشقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن بىرنەچچە ئادەملەرنى سېتىۋېلىپ، سوقۇنۇپ كىرىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىدىن يوچۇق ئىزدەپ يۈرەتتى.    21 ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق سوئال قويدى: ــ ئەي ئۇستاز، سىلىنى دۇرۇس سۆز قىلىدىغان ۋە دۇرۇس تەلىم بېرىدىغان، ھېچقانداق ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قەتئىي قىلمايدىغان، بەلكى خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتقان ئادەم دەپ بىلىمىز. 22  رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟».
23 ئەمما ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى كۆرۈپ يېتىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟ 24 ماڭا بىر كۈمۈش دىنار كۆرسىتىڭلار. بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام-ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا: قەيسەرنىڭكى، ــ دېدى.
25 ۋە ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى.    26 ئۇلار خالايىقنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنى تۇتۇۋالغۇدەك ھېچقانداق يوچۇق تاپالمىدى. ئۇلار ئۇنىڭ بۇ جاۋابىغا ھەيرانۇھەس بولۇپ، زۇۋانى تۇتۇلدى.
 
تىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە
مات. 22‏:23-33؛ مار. 12‏:18-27
27 ۋە «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەپ ئىنكار قىلىدىغان سادۇقىيلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سوئال قويۇپ مۇنداق دېدى:  
28 ــ ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا بىزگە: «ئايالى بار، ئەمما پەرزەنت كۆرمىگەن كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى كېرەك» ــ دەپ يازغان.  
29 ئەمدى يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. 30 ئىككىنچى قېرىندىشى ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. 31 ئاندىن ئۈچىنچىسى ئۇنى ئالدى؛ شۇنداق قىلىپ، يەتتىسى ئۇنى ئەمرىگە ئېلىپ پەرزەنت كۆرمەي ئۆلدى. 32 ھەممىسىدىن كېيىن ئايالمۇ ئۆلدى.
33 ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭكى بولار؟ چۈنكى يەتتىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە؟!
34 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ بۇ ئالەمنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆيلىنىدۇ، ياتلىق بولىدۇ. 35 لېكىن ئۇ ئالەمدىن نېسىۋە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۆلۈكلەردىن تىرىلىشكە لايىق سانالغانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ياتلىق بولمايدۇ. 36 چۈنكى ئۇلار يەنە ئۆلمەيدۇ، پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ؛ «ئۆلۈمدىن تىرىلىشتىن تۇغۇلغان پەرزەنتلەر» بولغاچقا، ئۇلار خۇدانىڭ ئوغۇللىرىدۇر.
37 ئەمدى ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىنى ھەتتا مۇسا پەيغەمبەر ئۆزىمۇ ئايان قىلغان؛ چۈنكى تەۋراتتىكى «تىكەنلىك» دېگەن ۋەقەنىڭ خاتىرىسىدە ئۇ پەرۋەردىگارنى: «ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى» دەپ بايان قىلغان.    38 ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممەيلەن تىرىكتۇر!
39 شۇنىڭ بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرقانچىسى باھا بېرىپ: ــ ئۇستاز، ياخشى ئېيتتىڭ، ــ دېدى. 40 چۈنكى ئۇلاردىن ھېچكىم يەنە ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
 
قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ــ داۋۇتنىڭ ئوغلى ھەم رەببى
مات. 22‏:41-46؛ مار. 12‏:35-37
41 ئەمدى ئۇ ئۇلارغا سوئال قويدى: ــ كىشىلەر مەسىھنى قانداقسىگە داۋۇتنىڭ ئوغلى دەيدۇ؟ 42‏-43 چۈنكى داۋۇت ئۆزى زەبۇردا: پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ
«مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە،
مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ دېگەنغۇ؟  
44 ئەمما داۋۇت ئۇنى «رەببىم» دەپ چاقىرغان يەردە، ئۇنداقتا ئۇ قانداقمۇ ئۇنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟
 
ئەيسانىڭ تەۋرات ئۇستازلىرىنى ئەيىبلىشى
مات. 23‏:1-36؛ مار. 12‏:38-40؛ لۇقا 11‏:37-54
45 ۋە بارلىق خالايىق قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتقاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ
46 ــ تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ھوشيار بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىۋالغان ھالدا غادىيىپ يۈرۈشكە، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان سالاملىرىغا، سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا، زىياپەتلەردىمۇ تۆردە ئولتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ.    47 ئۇلار تۇل ئاياللارنىڭ بارلىق ئۆي-بېساتلىرىنى يەۋالىدۇ ۋە كۆز-كۆز قىلىپ يالغاندىن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئالار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تارتىدىغان جازاسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ!
 
 
20:1 مات. 21‏:23؛ مار. 11‏:27؛ روس. 4‏:7؛ 7‏:27. 20:5 «ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» ــ مۇشۇ دىنىي ئەربابلارنىڭ ھەممىسى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىگە جاۋابەن: «بىزگە توۋا قىلىش كېرەك ئەمەس» دېگەن ۋە يەھيا «مېنىڭ كەينىمدە كېلىدىغان» دەپ كۆرسەتكەن مەسىھنىڭ كېلىشىگە ئىشەنمەي، ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى رەت قىلغانىدى، ئەلۋەتتە. 20:9 زەب. 80‏:8-9؛ يەش. 5‏:1؛ يەر. 2‏:21؛ 12‏:10؛ مات. 21‏:33؛ مار. 12‏:1. 20:14 يار. 37‏:18؛ زەب. 2‏:1، 8؛ مات. 26‏:3؛ 27‏:1؛ يـۇھ. 11‏:53؛ ئىبر. 1‏:2. 20:15 «شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» ــ بۇ مەسىھنىڭ يېرۇسالېمنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ كرېستكە مىخلىنىدىغانلىقىغا بىر بېشارەت. 20:16 « ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى كېلىپ ئۇ باغۋەنلەرنى يوقىتىپ ئۈزۈمزارلىقنى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ» ــ بۇ سۆزمۇ بېشارەت، ئەلۋەتتە. 20:17 «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى» ــ «زەب.» 22:118. «بۇرجەك تېشى» بولسا ھەرقانداق ئىمارەتنىڭ ئۇلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇيۇلتاش بولۇپ، ئۇل سېلىنغاندا بىرىنچى بولۇپ قويۇلىدىغان تاشتۇر. يەھۇدىي كاتتىۋاشلار ھاياتىنىڭ بۇرجەك تېشى بولغان مەسىھنى تاشلىۋەتمەكچى ئىدى، ۋە دەرۋەقە تاشلىۋەتتى. 20:17 زەب. 118‏:22؛ يەش. 8‏:14؛ 28‏:16؛ مات. 21‏:42؛ مار. 12‏:10؛ روس. 4‏:11؛ رىم. 9‏:33؛ 1پېت. 2‏:4، 7. 20:18 «بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ» ــ «تاش» بولسا مەسىھ ئۆزى، ئەلۋەتتە. 17-ئايەتنى كۆرۈڭ. ئەيسانىڭ بۇ سۆزى توغرۇلۇق «ماتتا»غا بېرىلىگەن «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىكى ««زەب.» 22:118 توغرۇلۇق» مەزمۇننى كۆرۈڭ. 20:18 يەش. 8‏:15؛ دان. 2‏:34؛ زەك. 12‏:3. 20:20 «ئۇلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ،...» ــ «سەمىمىي» گرېك تىلىدا «ھەققانىي» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 20:20 مات. 22‏:16؛ مار. 12‏:13. 20:22 «رىم ئىمپېراتورى قەيسەر...» ــ رىمنىڭ ھەربىر ئىمپېراتورىغا «قەيسەر» دېگەن نام-ئۇنۋان بېرەلەتتى؛ مەسىلەن قەيسەر ئاۋغۇستۇس، قەيسەر يۇلىئۇس، قەيسەر تىبېرىئۇس قاتارلىقلار. «رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟» ــ ئەينى ۋاقىتتا، يەھۇدىيلار رىملىقلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتقانىدى. ئەگەر ئەيسا: «رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرۇش توغرا» دېسە، بۇ گەپتىن ئازادلىقنى ئىستىگەن كىشىلەر ئۇنى «مانا تازا بىر يالاقچى، خائىن ئىكەن» دەپ تىللىشاتتى. «باج تاپشۇرماسلىق كېرەك» دېگەن بولسا، ئۇ رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىققان بولاتتى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى رىم ۋالىيىسىغا ئەرز قىلغان بولاتتى. ئۇلار مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئەيسانى گېپىدىن تۇتۇۋېلىپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇشقان. 20:23 «نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟» ــ مۇشۇ سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ. 20:24 «ماڭا بىر كۈمۈش دىنار كۆرسىتىڭلار» ــ «بىر كۈمۈش دىنار» گرېك تىلىدا «بىر دىنارىئۇس»، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ پۇل بىرلىكى. مۇشۇنداق پۇلنىڭ يۈزىدە «ئادەمنىڭ سۈرىتى» كۆرسىتىلگەن بولغاچقا، يەھۇدىي موللىلار مۇنداق پۇلنى «مۇقەددەس ئىبادەتخانا»غا ئېلىپ كىرىشىنى مەنئى قىلغانىدى. بىر دىنار تەخمىنەن بىر ئادەمنىڭ كۈنلۈك ئىش ھەققى بولاتتى. 20:25 «قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار» ــ قەيسەرگە قەيسەرنىڭ ھەققى (ئۇنىڭ سۈرىتى بولغان نەرسە)نى تاپشۇرۇڭلار ــ دېمەك، باج تۆلەش كېرەك. ئەمما قانداق نەرسە ئۈستىدە «خۇدانىڭ سۈرىتى» بار؟ ئىنسان ئۆزى «خۇدانىڭ سۈرىتى» بولۇپ، بىز پۈتۈنىمىزنى خۇداغا تاپشۇرىشىمىز كېرەكتۇر («يار.» 26:1-27نى كۆرۈڭ). 20:25 مات. 17‏:25؛ 22‏:21؛ رىم. 13‏:7. 20:27 «سادۇقىيلار» ــ بۇ دىنىي مەزھەپ توغرۇلۇق «مات.» 1:16دىكى ئىزاھاتنى ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. 20:27 مات. 22‏:23؛ مار. 12‏:18؛ روس. 23‏:8. 20:28 «ئايالى بار، ئەمما پەرزەنت كۆرمىگەن كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى كېرەك» ــ «قان.» 5:25. 20:28 قان. 25‏:5-6. 20:30 «ئىككىنچى قېرىندىشى ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى» دېگەن سۆز تېپىلماي، پەقەت «ئىككىنچى...» دېيىلىدۇ. 20:34 «بۇ ئالەمنىڭ پەرزەنتلىرى...» ــ گرېك تىلىدا «بۇ زاماننىڭ ئوغۇللىرى...». 20:35 «ئۆلۈكلەردىن تىرىلىشكە لايىق سانالغانلار...» ــ «ئۆلگەنلەردىن تىرىلىش» دېگەنلىك قىزىق ئىبارە بولۇپ، ھەممە ئادەم ئوخشاش ۋاقىتتا تىرىلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىرىنچى تىرىلىش ھەققانىيلارنىڭكى، ئىككىنچى تىرىلىش ئېتىقادسىزلارنىڭكى بولىدۇ. بۇ ھەقىقەت «ۋەھىي» 20-بابتا كۆرۈنىدۇ. 20:36 1يۇھ. 3‏:2. 20:37 «ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى» ــ «مىس.» 6:3نى كۆرۈڭ. 20:37 مىس. 3‏:6؛ روس. 7‏:32؛ ئىبر. 11‏:16. 20:38 «چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممەيلەن تىرىكتۇر!» ــ بەزى ئالىملار «بۇلارنىڭ ھەممىسى» (ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپلارنىڭ ھەممىسى، دېمەكچى) ۇنىڭغا نىسبەتەن تىرىكتۇر!» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. بىزنىڭچە «ھەممەيلەن» ھەر ئادەمنىڭ روھىنىڭ خۇدا ئالدىدا تىرىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممەيلەن تىرىكتۇر!» ــ ئەيسانىڭ «تىرىلىش» توغرۇلۇق بۇ سۆزلىرى «مات.» 32:22دىمۇ تېپىلىدۇ. «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۇلار توغرۇلۇق ئازراق شەرھ بېرىمىز. 20:41 مات. 22‏:42؛ مار. 12‏:35. 20:42‏-43 «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ «زەب.» 1:110. 20:42‏-43 زەب. 110‏:1؛ روس. 2‏:34؛ 1كور. 15‏:25؛ ئىبر. 1‏:13؛ 10‏:13. 20:46 «...بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمەتلىك سالاملىرىغا، ... ئامراق كېلىدۇ» ــ تارىخ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز ئۇستازلىرىغا قىلغان «سالام»لىرىنى ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ دەپ بىلىمىز. 20:46 مات. 23‏:5، 6؛ مار. 12‏:38، 39؛ لۇقا 11‏:43. 20:47 مات. 23‏:14؛ مار. 12‏:40؛ 2تىم. 3‏:6؛ تىت. 1‏:11.