16
ئالدامچى غوجىدار توغرىسىدىكى تەمسىل ــ دۇنيادىكى بايلىقنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟
ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى:
ــ بىر باينىڭ بىر غوجىدارى بار ئىكەن. بىرسى بايغا: «بۇ غوجىدارىڭىز مال-مۈلكىڭىزنى بۇزۇپ چاچتى» دەپ شىكايەت قىپتۇ. ئۇ غوجىدارنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «مېنىڭ سېنىڭ توغراڭدا ئاڭلىغانلىرىم زادى قانداق گەپ؟ غوجىدارلىقىڭدىكى ھېساب-كىتابنى ئېنىق تاپشۇر؛ چۈنكى مۇندىن كېيىن سەن غوجىدار بولمايسەن» ــ دەپتۇ. غوجىدار ئەمدى ئۆز ئىچىدە: «نېمە قىلاي؟ چۈنكى خوجايىنىم مېنى غوجىدارلىقتىن مەھرۇم قىلىدۇ. كەتمەن چاپاي دېسەم ئۇنچىلىك ماغدۇر يوق، تىلەمچىلىك قىلاي دېسەم نومۇس قىلىمەن. ھە، تاپتىم! غوجىدارلىقتىن قالغىنىمدا كىشىلەرنىڭ مېنى ئۆيلىرىگە قارشى ئېلىشى ئۈچۈن، نېمە قىلىشىمنى ئەمدى بىلدىم» دەپ ئۆز خوجايىنىغا قەرزدار بولغانلارنى بىردىن-بىردىن چاقىرىپ كېلىپ، بىرىنچىسىدىن: «خوجايىنىمغا قانچىلىك قەرزىڭىز بار؟» دەپ سوراپتۇ. ۋە قەرزدار: «يۈز تۇڭ زەيتۇن مېيى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. غوجىدار ئۇنىڭغا: «مانا، ھېسابات دەپتىرىڭىزنى ئېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئەللىك تۇڭغا ئۆزگەرتىۋېتىڭ!» دەپتۇ.
ئاندىن ئۇ يەنە بىرىگە: «سىزچۇ، قانچىلىك قەرز بولدىڭىز؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ: «يۈز كۈرە بۇغداي» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. غوجىدار ئۇنىڭغا: «ھېسابات دەپتىرىڭىزنى ئېلىپ سەكسەن كۈرىگە ئۆزگەرتىۋېتىڭ!» دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خوجايىنى سەمىمىيەتسىز غوجىدارنىڭ بۇ ئىشتىكى پەملىكلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ ماختاپتۇ. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ پەرزەنتلىرى ئۆز دەۋرىدە نۇرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن پەملىكتۇر.
ۋە مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، «ناھەق دۇنياغا تەۋە مال-دۇنيا» ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا دوست تۇتۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، مال-دۇنيا كارغا كەلمەيدىغان بولغان كۈنىدە شۇ دوستلار سىلەرنى ئەبەدىي ماكانلارغا قارشى ئالىدۇ.  
10 كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سادىق بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سادىق بولىدۇ؛ ۋە كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سەمىمىيەتسىز بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سەمىمىيەتسىز بولىدۇ. 11 شۇڭا ئەگەر «ناھەق دۇنياغا تەۋە بولغان مال-دۇنيا»دا سادىق بولمىساڭلار، كىم سىلەرگە ھەقىقىي بايلىقلارنى تاپشۇرسۇن؟ 12 ۋە باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىدە سادىق بولمىساڭلار كىم سىلەرگە ئۆزۈڭلارنىڭ نەرسىسىنى بەرسۇن؟
13 ھېچكىم ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئۆزىنى پۈتۈنلەي بېغىشلاپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭمۇ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.
14 ئەمدى پەرىسىيلەر (ئۇلار پۇلغا ئامراق ئىدى) بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى.    15 ۋە ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ھەققانىي قىلىپ كۆرسەتكۈچىدۇرسىلەر؛ لېكىن خۇدا قەلبىڭلارنى بىلىدۇ. چۈنكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا قەدىرلىنىدىغىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر.
16 تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھياغىچە ھىدايەت بولۇپ كەلدى؛ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرى جاكارلىنىپ كېلىۋاتىدۇ؛ پادىشاھلىققا كىرمەكچى بولغانلارنىڭ ھەربىرى ئۇنىڭغا بۆسۈپ كىرىۋېلىشى كېرەكتۇر.    17 لېكىن ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ يوق قىلىۋېتىلىشى تەۋراتنىڭ بىر چېكىتى بىكار قىلىنىشتىن ئاساندۇر.

  
18 ــ ھەر كىم ئۆز ئايالىنى تالاق قىلىپ باشقا بىرىنى ئالسا زىنا قىلغان بولىدۇ ۋە كىمكى ئۆز ئېرىدىن تالاق قىلىنغاننى ئالسا زىنا قىلغان بولىدۇ».
 
باي بىلەن تىلەمچى لازارۇس
19 ــ بۇرۇن بىر باي ئادەم بار ئىدى؛ ئۇ سۆسۈن رەڭلىك تون ۋە كاناپ كىيىملەرنى كىيىپ، ھەركۈنى ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە تەنتەنە قىلاتتى. 20 ۋە پۈتۈن ئەزايىنى چاقا-جاھارەت بېسىپ كەتكەن لازارۇس ئىسىملىك بىر يوقسۇل بار ئىدى؛ ئۇ باينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا ھەركۈنى ياتقۇزۇپ قويۇلاتتى. 21 ئۇنىڭ داستىخىنىدىن چۈشۈپ قالغان پارچى-پۇراتلاردىن قورسىقىنى تويغۇزغۇشقا تەشنا ئىدى. ھالبۇكى، ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايتتى.
22 ئەمدى شۇنداق بولدىكى، يوقسۇل ئۆلدى ۋە پەرىشتىلەر ئۇنى ئىبراھىمنىڭ قۇچىقىغا ئاپاردى. باي ھەم ئۆلۈپ دەپنە قىلىندى؛ 23 ۋە تەھتىسارادا قاتتىق قىينىلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراقتىن ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى لازارۇسنى كۆرۈپ: 24 «ئەي ئاتا ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارۇسنى ئەۋەتكەيسەن، ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچىنى سۇغا چىلاپ، تىلىمغا تېمىتىپ سوۋۇتقاي. چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىدا قاتتىق ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپ يالۋۇردى.
25 لېكىن ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «ئەي ئوغلۇم، ھايات ۋاقتىڭدا ھالاۋەتنى يەتكۈچە كۆرگىنىڭنى ۋە لازارۇسنىڭ دەرد-بالا تارتقىنىنى يادىڭغا كەلتۈرگىن. ھازىر ئۇ تەسەللى تاپتى، ئەمما سەن ئازاب تارتىۋاتىسەن. 26 ۋە بۇلاردىن باشقا، بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئارىلىقىمىزدا يوغان بىر ھاڭ بېكىتىلگەندۇركى، بۇ يەردىن سىلەر تەرەپكە ئۆتەيلى دېگەنلەر ئۆتەلەمەس ۋە ئاندىن بىز تەرەپكە ئۆتىمىز دېگەنلەر ئۆتەلمەس».
27 ئەمدى باي يەنە: «ئۇنداقتا، ئى ئاتا، سەندىن لازارۇسنى ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىشىڭنى ئۆتۈنىمەن. 28 چۈنكى مېنىڭ بەش ئاكا-ئۇكام بار؛ ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن لازارۇس ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن» ــ دېدى.
29 بىراق ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇلاردا مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقى بار؛ ئۇلار شۇلارنى ئاڭلىسۇن» ــ دېدى.
30 لېكىن ئۇ: «ياق، ئى ئىبراھىم ئاتا، ئەگەر ئۆلگەنلەردىن بىرى تىرىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسا، ئۇلار توۋا قىلىدۇ» ــ دېدى.
31 ئەمما ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئەگەر ئۇلار مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىمىسا، ھەتتا ئۆلگەنلەردىن بىرسى تىرىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىشىنىشنى رەت قىلىدۇ» ــ دېدى.
 
 
16:6 «يۈز تۇڭ زەيتۇن مېيى» ــ مۇشۇ يەردە بىر «تۇڭ» (گرېك تىلىدا «بات») 30 لېتر ئىدى. دېمەك، بۇ زەيتۇن مېيى 3000 لىتر بولۇپ شۇ چاغدىكى ئاددىي ئىشچىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەققى (1000 دىنار) بولاتتى. «غوجىدار ئۇنىڭغا: مانا، ھېسابات دەپتىرىڭىزنى ئېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئەللىك تۇڭغا ئۆزگەرتىۋېتىڭ!» دەپتۇ» ــ غوجىدار نېمە قىلدى؟ بەلكىم تۆت مۇمكىنچىلىكى بار: ــ (1) ئۇ قەرزدارنىڭ ھالىغا قاراپ قەرز مىقدارىنى كېمەيتىۋەتتى؛ (2) ئۇ ئۆسۈمىنى يوققا چىقىرىۋەتتى؛ (3) ئۇ ئۆزىنىڭ شېرىنكانىسى («كومىسسىئون»)نى ھېسابتىن چىقىرىۋەتتى؛ (4) بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. رەببىمىز غوجىدارنى «سەمىمىيەتسىز» دەپ ئاتايدۇ (8-ئايەت). لېكىن ئۇنىڭ بۇ «سەمىمىيەتسىزلىكى» غوجىدارلىقىدىكى بۇرۇنقى ئىشلارنى كۆرسىتەمدۇ؟ ياكى ھازىرقى ھەرىكەتلىرىنىمۇ؟ بىزنىڭچە، ئۇنىڭ قىلغىنىنى چوقۇم قەرزنىڭ مىقدارىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دەپ قارايمىز. 16:7 «يۈز كۈرە بۇغداي» ــ مۇشۇ يەردە بىر كۈرە (ئىبرانىي تىلىدا «كور» 390 لىترنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، بۇ چوڭ قەرز ئىدى ــ بەلكىم 30 توننا بۇغداي، ئاددىي ئىشچىنىڭ ئون يىللىق ھەققى (3000 دىنار) بولاتتى. 16:8 «بۇ دۇنيانىڭ پەرزەنتلىرى ئۆز دەۋرىدە نۇرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن پەملىكتۇر» ــ «بۇ دۇنيانىڭ پەرزەنتلىرى» خۇدانى تونۇمايدىغان ئېتىقادسىز ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ؛ «نۇرنىڭ پەرزەنتلىرى» خۇدانىڭ نۇرىنى قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا «نۇردا ياشاۋاتقان» «خۇدانىڭ روھىدىن تۇغۇلغان» روھىي پەرزەنتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەمسىل توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 16:9 ««ناھەق دۇنياغا تەۋە مال-دۇنيا» ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا دوست تۇتۇڭلار» ــ «ناھەق دۇنياغا تەۋە مال-دۇنيا» گرېك تىلىدا «ناھەق ماممون». نېمىشقا «ناھەق» دەيدۇ؟ بىزنىڭچە (1) شەخسىي، يەنى خۇسۇسىي مال-دۇنيا، جۈملىدىن پۇلنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى ئادەمئاتىمىزنىڭ سادىر قىلغان گۇناھىنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر؛ (2) ئادەمدىكى كۆپىنچى مال-دۇنيا، بايلىقلار بولسا، خۇدادىن قورقمايدىغان گۇناھكارلارنىڭ قولىدىدۇر. بىز يەنىلا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ قىزىق سۆز ئۈستىدە ئازراق توختىلىمىز. «شۇنداق قىلساڭلار، مال-دۇنيا كارغا كەلمەيدىغان بولغان كۈنىدە شۇ دوستلار سىلەرنى ئەبەدىي ماكانلارغا قارشى ئالىدۇ» ــ دېمەك، ئۆز بايلىقىڭلار بىلەن ياردەمگە موھتاج بولغانلارغا ياردەم بېرىڭلار؛ شۇ يول بىلەن ئۇلار سىلەرگە دوست بولىدۇ ۋە پانىي دۇنيادىن كەتكىنىڭلاردا ئۇلار باقىي دۇنيادا سىلەرنى قارشى ئېلىشقا كۈتىدىغان بولىدۇ. 16:9 مات. 6‏:19؛ 19‏:21؛ 1تىم. 6‏:19. 16:10 «كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سەمىمىيەتسىز بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سەمىمىيەتسىز بولىدۇ» ــ ياكى «كىمكى كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچسىز بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ ئىشەنچسىز بولىدۇ». 16:11 ««ناھەق دۇنياغا تەۋە بولغان مال-دۇنيا»دا سادىق بولمىساڭلار، كىم سىلەرگە ھەقىقىي بايلىقلارنى تاپشۇرسۇن؟» ــ دېمەك، بۇ ئالەمدىكى مال-دۇنيا بولسا خۇدا ئالدىدا «كىچىككىنە بىر ئىش» (10-ئايەتنى كۈرۈڭ)، خالاس. 16:12 «ۋە باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىدە سادىق بولمىساڭلار كىم سىلەرگە ئۆزۈڭلارنىڭ نەرسىسىنى بەرسۇن؟» ــ بۇ جۈملە توغرۇلۇقمۇ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 16:13 مات. 6‏:24. 16:14 «ئەمدى پەرىسىيلەر ... بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى» ــ نېمىشقا پەرىسىيلەر ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى؟ شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىچە، خۇدانى خۇرسەن قىلغان، شۇنداقلا خۇدا بەرىكەتلىگەن ئادەمنىڭ جەزمەن كۆپ بايلىقى بولىدۇ، دەپ ئويلايتتى. شۇنىڭ بىلەن مەسىھ ئۇلارغا تۆۋەندىكى (19:16-31-ئايەتتىكى) تارىخنى ئېيتىپ بېرىدۇ. 16:14 مات. 23‏:14. 16:15 1سام. 16‏:7؛ زەب. 7‏:9 16:16 «پادىشاھلىققا كىرمەكچى بولغانلارنىڭ ھەربىرى ئۇنىڭغا بۆسۈپ كىرىۋېلىشى كېرەكتۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەربىر كىشىگە ئۇنىڭغا كىرىشكە قەتئىي دەۋەت قىلىنماقتا». بىزنىڭچە بۇ 16-17-ئايەتلەر، شۇنداقلا «مات.» 12:11-14-ئايەتلەر ۋە «مىك.» 12:2-13-ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. «مىكاھ»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ. 16:16 مات. 11‏:12،13. 16:17 «لېكىن ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ يوق قىلىۋېتىلىشى تەۋراتنىڭ بىر چېكىتى بىكار قىلىنىشتىن ئاساندۇر» ــ سۆزمۇسۆز بولسا «لېكىن ئاسمان بىلەن يەرنىڭ يوقالمىقى تەۋراتتىن بىر چېكىتنىڭ چۈشمىكىدىن ئاساندۇر». «چېكىت» ئىبرانىي تىلىدىكى ئەڭ كىچىك تىنىش بەلگە (.). تەۋرات ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى «چۆمۈلدۈرگۈچى يەھياغىچە»لا ئىسرائىلغا يېتەكچى بولغان بىلەن ھازىرمۇ يەنىلا «ئىناۋەتسىز» ئەمەس. تەۋراتتىكى بارلىق بېشارەتلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەۋراتتىكى بارلىق «ھەققانىي تەلەپلەر» ئىنجىلدىكى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن يەنىلا سۆيۈنىدىغان خۇشلۇقتۇر. تۆۋەندىكى 18-ئايەتتىكى تەلەپ، مەسىلەن، تەۋراتتىكى بىۋاسىتە تەلەپ بولمىسىمۇ، تەۋراتتا خاتىرىلەنگەن پرىنسىپلار مۇشۇ ھەقىقەتنى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن، «مار.» 1:10-12نى كۆرۈڭ). 16:17 زەب. 102‏:25-27؛ يەش. 40‏:8؛ 51‏:6؛ مات. 5‏:18. 16:18 مات. 5‏:32؛ 19‏:9؛ مار. 10‏:11؛ 1كور. 7‏:10. 16:21 «ھالبۇكى، ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايتتى» ــ لازارۇس ھېچنېمە يېمىگىنى بىلەن، لېكىن ئىتلار ئۇنىڭدىن ئازراق يەم ئالاتتى. ئۇلارنىڭ لازارۇسقا تېگىشى بىلەن ئۇ «ناپاك» دەپ ھېسابلىناتتى. 16:25 ئايۇپ 21‏:13. 16:29 يەش. 8‏:20؛ 34‏:16؛ يـۇھ. 5‏:39؛ روس. 17‏:11. 16:31 «ئەگەر ئۇلار مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىمىسا، ھەتتا ئۆلگەنلەردىن بىرسى تىرىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىشىنىشنى رەت قىلىدۇ» ــ بۇ سۆز ھەم بىز ئوقۇرمەنلەرگە كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ سۆزدىن كېيىن مەسىھ باشقا بىر لازارۇسنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى («يۇھ.» 11-باب). ھەممىدىن مۇھىمى ئۆزى ئۆلۈمدىن تىرىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان قانچە ئادەم چىقتى؟