15
يوقالغان قوي ۋە ياخشى پادىچى توغرىسىدىكى تەمسىل
مات. 18‏:12-14
ئەمدى باجگىرلار ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشماقتا ئىدى. لېكىن پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى غۇدۇڭشۇپ:
ــ بۇ ئادەم گۇناھكارلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرىدۇ! ــ دېيىشتى. شۇڭا ئۇ ئۇلارغا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:
ــ ئەگەر ئاراڭلاردا بىرەيلەننىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى يىتىپ كەتسە، توقسان توققۇزىنى چۆلدە قويۇپ قويۇپ يىتىپ كەتكىنىنى تاپقۇچە ئىزدىمەسمۇ؟ ئۇنى تېپىۋالغاندا، شادلانغان ھالدا مۈرىسىگە ئارتىدۇ؛ ئاندىن ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، يار-بۇرادەرلىرى بىلەن قولۇم-قوشنىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «مەن يىتكەن قويۇمنى تېپىۋالدىم، مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار!» دەيدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن ئەرشتە زور خۇرسەنلىك بولىدۇ؛ بۇ خۇرسەنلىك توۋىغا موھتاج بولمىغان توقسان توققۇز ھەققانىي كىشىدىن بولغان خۇرسەنلىكتىن كۆپ ئارتۇقتۇر.
 
يىتتىرگەن تەڭگە توغرىسىدىكى تەمسىل
ــ ياكى بىر ئايالنىڭ ئون كۈمۈش دىنارى بولۇپ، بىر دىنارنى يوقىتىپ قويسا، چىراغنى يېقىپ، تاكى ئۇنى تاپقۇچە ئۆينى سۈپۈرۈپ، زەن قويۇپ ئىزدىمەسمۇ؟ ئۇنى تاپقاندا يار-بۇرادەر، قولۇم-قوشنلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار، چۈنكى مەن يوقىتىپ قويغان دىنارىمنى تېپىۋالدىم» ــ دەيدۇ. 10 مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئارىسىدا خۇرسەنلىك بولىدۇ.
 
مېھىر-شەپقەتلىك ئاتا توغرىسىدىكى تەمسىل
11 ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى:
ــ مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. 12 كىچىك ئوغلى ئاتىسىغا: «ئەي ئاتا، مال-مۈلۈكتىن تېگىشلىك ئۈلۈشۈمنى ھازىرلا ماڭا بەرگىن» دەپ ئېيتىپتۇ. ۋە ئۇ ئۆز مال-مۈلۈكلىرىنى ئىككىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ.
13 ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كىچىك ئوغلى بار-يوقىنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر يۇرتقا سەپەر قىلىپتۇ. ئۇ ئۇ يەردە ئەيش-ئىشرەتلىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈپ مال-دۇنياسىنى بۇزۇپ-چېچىپتۇ. 14 دەل ئۇ بار-يوقىنى سەرپ قىلىپ تۈگەتكەن ۋاقتىدا، ئۇ يۇرتتا قاتتىق ئاچارچىلىق بولۇپ، ئۇ خېلىلا قىسىلچىلىقتا قاپتۇ. 15 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، شۇ يۇرتنىڭ بىر پۇقراسىغا مەدىكار بولۇپ ياللىنىپتۇ؛ ئۇ ئۇنى ئېتىزلىقىغا چوشقا بېقىشقا ئەۋەتىپتۇ. 16 ئۇ ھەتتا قورسىقىنى چوشقىلارنىڭ يېمى بولغان پۇرچاق پوستى بىلەن تويغۇزۇشقا تەقەززا بوپتۇ؛ لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا ھېچنەرسە بەرمەپتۇ.
17 ئاخىر بېرىپ ئۇ ھوشىنى تېپىپ: «ئاتامنىڭ شۇنچە كۆپ مەدىكارلىرىنىڭ ئالدىدىن يېمەك-ئىچمەك ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ؛ لېكىن مەن بولسام بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالدىم! 18 ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاتامنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ئەي ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ ۋە سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم. 19 ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن. مېنى مەدىكارلىرىڭ سۈپىتىدە قوبۇل قىلغايسەن! ــ دەيمەن» دەپ ئويلاپتۇ. 20 شۇنىڭ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ مېڭىپتۇ. لېكىن ئاتىسى يىراقتىنلا ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئۇنى سۆيۈپ كېتىپتۇ.    21 ئوغلى: «ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ، سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم. ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن» ــ دەپتۇ. 22 بىراق ئاتىسى چاكارلىرىغا: «دەرھال ئەڭ ئېسىل توننى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈڭلار، قولىغا ئۈزۈك سېلىڭلار، پۇتلىرىغا ئاياغ كىيدۈرۈڭلەر؛ 23 ۋە بورداق تورپاقنى ئەكېلىپ سويۇڭلار؛ ئاندىن ئوبدان يەپ، راۋۇرۇس تەبرىكلەيلى! 24 چۈنكى مېنىڭ بۇ ئوغلۇم ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يىتىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى!» ــ دەپتۇ. ئاندىن ئۇلار تەبرىكلەشكىلى باشلاپتۇ.
25 ئەمدى چوڭ ئوغلى ئېتىزغا كەتكەنىكەن. ئۇ قايتىپ كېلىۋېتىپ ئۆيگە يېقىن كەلگەندە نەغمە-ناۋا بىلەن ئۇسسۇلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. 26 ئۇ چاكارلاردىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولۇۋاتقىنىنى سوراپتۇ.
27 چاكار ئۇنىڭغا: ئۇكاڭ كەلدى ۋە ئاتاڭ ئۇنى ساق-سالامەت تېپىۋالغانلىقى ئۈچۈن بورداق تورپاقنى سويدى» دەپتۇ. 28 لېكىن چوڭ ئوغلى خاپا بولۇپ، ئۆيگە كىرگىلى ئۇنىماپتۇ. ۋە ئاتىسى چىقىپ ئۇنىڭ ئۆيگە كىرىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ. 29 ئەمما ئۇ ئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: «قارا! مەن شۇنچە يىلدىن بېرى قۇلدەك خىزمىتىڭدە بولدۇم، ئەسلا ھېچبىر ئەمرىڭدىن چىقىپ باقمىدىم. بىراق سەن ماڭا ئەل-ئاغىنىلىرىم بىلەن خۇش قىلغىلى ھېچقاچان بىرەر ئوغلاقمۇ بەرمىدىڭ! 30 لېكىن سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭنى پاھىشىلەرگە خەجلەپ تۈگەتكەن بۇ ئوغلۇڭ قايتىپ كەلگەندە، سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بورداق تورپاقنى سويۇپسەن» ــ دەپتۇ. 31 بىراق ئاتىسى يەنە ئۇنىڭغا: «ئەي ئوغلۇم، سەن ھەردائىم مېنىڭ يېنىمدىسەن ۋە مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكىدۇر. 32 ئەمدى تەبرىكلەپ شادلىنىشقا لايىقتۇر؛ چۈنكى بۇ سېنىڭ ئۇكاڭ ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يوقىلىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى» ــ دەپتۇ.
 
 
15:1 مات. 9‏:10؛ مار. 2‏:15؛ لۇقا 5‏:29. 15:3 «شۇڭا ئۇ ئۇلارغا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى...» ــ «مۇشۇ تەمسىل»: ــ بىر تەمسىل، دېمەك. 15-بابتا ئۈچ تەمسىلدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۈچ تەمسىل پەقەت بىرلا مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنى «بىرلا تەمسىل» دەپ قارايمىز. 15:7 لۇقا 5‏:32. 15:8 «بىر ئايالنىڭ ئون كۈمۈش دىنارى بولۇپ...» ــ «كۈمۈش دىنار» بولسا گرېك تىلىدا «دراقما». «دراقما» بىر دىنارغا باراۋەر بولغان پۇل بىرلىكى. 15:10 «توۋا قىلىۋاتقان ...» ــ توۋا قىلىش ئەمەلىيەتتە (مەيلى ناھايىتى قىسقا بولسۇن) بىر جەريان، ئەلۋەتتە. «خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئارىسىدا» ــ گرېك تىلىدا «خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا». بۇ ئىبارىدىن پۇرىتىلىدۇكى، خۇدا ئۆزى «تەڭگىسىنى تاپقان ئايال»دەك خۇرسەن بولىدۇ ۋە پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. 15:12 «ئەي ئاتا، مال-مۈلۈكتىن تېگىشلىك ئۈلۈشۈمنى ھازىرلا ماڭا بەرگىن» ــ دېمىسەكمۇ، بۇنداق تەلەپ ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. «قۆشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. «ئۇ ئۆز مال-مۈلۈكلىرىنى ئىككىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ» ــ «ئۆز مال-مۈلۈكلىرى» گرېك ئىلىدا «ئۇنىڭ ھاياتىنى» ياكى «ئۇنىڭ تىرىكچىلىكىنى». تەۋرات قانۇنى بويىچە تۇنجى ئوغلىغا تەقسىم قىلىنغان مىراس كەنجىسىنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدۇ. 15:13 «ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كىچىك ئوغلى بار-يوقىنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر يۇرتقا سەپەر قىلىپتۇ» ــ «ئۇزۇن ئۆتمەيلا» (گرېك تىلىدا «كۆپ كۈن ئۆتمەيلا») ــ كەنجى ئوغۇل تەلىپى تۈپەيلىدىن جەمىئىيەت ئالدىدا ئىنتايىن نەپرەتلىك بولاتتى. 15:15 «...شۇ يۇرتنىڭ بىر پۇقراسىغا مەدىكار بولۇپ ياللىنىپتۇ» ــ گرېك تىلىدا ««...شۇ يۇرتنىڭ بىر پۇقراسىغا قاتنىشىپتۇ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «ئۇ ئۇنى ئېتىزلىقىغا چوشقا بېقىشقا ئەۋەتىپتۇ» ــ دېمىسەكمۇ، بۇ چوشقىلارنىڭ ئىگىسى يەھۇدىي ئەمەس؛ بۇنداق خىزمەت يەھۇدىي يىگىتكە نىسبەتەن ئىنتايىن يىرگىنچلىك بولاتتى. 15:20 «ئاتىسى يىراقتىنلا ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ...» ــ دېمىسەكمۇ، بۇ ئاتىنىڭ جەمىئىيەت ئالدىدا يۈگۈرۈشى، ۋە شۇنداقلا بۇنى ئاز دەپ ئوغلىنى قارشى ئېلىشقا يۈگۈرۈشى «مۆتىۋەر كىشىنىڭ سالاپىتىگە مۇۋاپىق ئەمەس» دەپ قارىلاتتى. «قۆشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 15:20 روس. 2‏:39؛ ئ‍ەف. 2‏:17،12. 15:30 «سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭنى پاھىشىلەرگە خەجلەپ تۈگەتكەن» ــ گرېك تىلىدا «سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭنى پاھىشىلەرگە خەجلەپ يەۋەتكەن». 15:32 «ئەمدى تەبرىكلەپ شادلىنىشقا لايىقتۇر؛ چۈنكى بۇ سېنىڭ ئۇكاڭ ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يوقىلىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى» ــ 15-بابتىكى ئۈچ قىسىملىق تەمسىلنىڭ مول تەلىمى ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.