14
شابات كۈنىدە كېسەل ساقايتىش
ۋە شۇنداق بولدىكى، بىر شابات كۈنى ئۇ پەرىسىيلەردىن بولغان بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۆيىگە غىزاغا باردى؛ ئەمدى ئۇلار ئۇنى پايلاپ يۈرۈۋاتاتتى. ۋە مانا، ئۇ يەردە سۇلۇق ئىششىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئادەم بار ئىدى. ئەيسا تەۋرات ئەھلىلىرى ۋە پەرىسىيلەردىن:
ــ شابات كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ ــ دەپ سورىدى.
بىراق ئۇلار لام-جىم دېمىدى. ئۇ ھېلىقى كېسەلگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ساقايتىپ يولغا سالدى. ئاندىن ئۇ ئۇلاردىن يەنە:
ــ ئاراڭلاردىن بىرىڭلارنىڭ مۇبادا شابات كۈنىدە ئېشىكى يا كالىسى قۇدۇققا چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقارمايدىغان زادى كىم بار؟ ــ دەپ سورىدى.  
ۋە ئۇلار ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ھېچ جاۋاب بېرەلمىدى.
 
خۇدا كىمنى يۇقىرى قىلىدۇ؟
ئەيسا چاقىرىلغان مېھمانلارنىڭ ئۆزلىرىگە تۆردىن ئورۇنلارنى قانداق تاللىغىنىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى:
ــ بىرسى سېنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلسا، تۆردە ئولتۇرمىغىن. بولمىسا، سەندىن ھۆرمەتلىكرەك بىرسى تەكلىپ قىلىنغان بولسا، ئۇ چاغدا سېنى ۋە ئۇنى چاقىرغان ساھىبخانا كېلىپ ساڭا: «بۇ كىشىگە ئورۇن بەرگەيسىز» دەپ قالسا، سەن خىجالەتتە قېلىپ پەگاھغا چۈشۈپ قالىسەن. 10 لېكىن سەن چاقىرىلغاندا، بېرىپ پەگاھدا ئولتۇرغىن. شۇنىڭ بىلەن سېنى چاقىرغان ساھىبخانا كېلىپ: «ئەي دوستۇم، يۇقىرىغا چىقىڭ» دېيىشى مۇمكىن ۋە شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ساڭا ئىززەت بولىدۇ. 11 چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنىدۇ ۋە كىمدەكىم ئۆزىنى تۆۋۆن تۇتسا ئۈستۈن قىلىنىدۇ.
 
ھەقىقىي مېھماندوستلۇقنىڭ يولى
12 ئۇ ئۆزىنى مېھمانغا چاقىرغان ساھىبخانىغا مۇنداق دېدى:
ــ مېھماننى تاماققا ياكى زىياپەتكە چاقىرغىنىڭدا، دوست-بۇرادەر، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى باي قولۇم-قوشنىلىرىڭنى چاقىرمىغىن. چۈنكى ئۇلارمۇ سېنى مېھمانغا چاقىرىپ، مەرھەمىتىڭنى قايتۇرۇشى مۇمكىن. 13 شۇنىڭ ئۈچۈن زىياپەت بېرەي دېسەڭ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق، كور-ئەمالارنى چاقىرغىن 14 ۋە بەخت-بەرىكەت كۆرىسەن؛ چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭنى قايتۇرۇشنىڭ ئامالى يوقتۇر. شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيلارنىڭ قايتا تىرىلگەن كۈنىدە قىلغىنىڭ ئۆزۈڭگە قايتۇرۇلىدۇ.
 
كاتتا زىياپەت توغرىسىدىكى تەمسىل
مات. 22‏:1-10
15 ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغانلاردىن بىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا:
ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا غىزالانغۇچىلار نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ــ دېدى.
16 بىراق ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
ــ بىر كىشى كاتتا زىياپەتكە تۇتۇش قىلىپ، نۇرغۇن مېھمانلارنى چاقىرىپ قويۇپتۇ. 17 داستىخان سېلىنغان شۇ سائەتتە، چاكىرىنى ئەۋەتىپ، چاقىرىلغان مېھمانلارغا: «مەرھەمەت، ھەممە نەرسە تەييار بولدى!» دەپ ئېيتىپتۇ. 18 بىراق، مېھمانلارنىڭ ھەممىسى بارماسلىققا بىر-بىرلەپ ئۆزرە-باھانە كۆرسەتكىلى تۇرۇپتۇ. بىرىنچىسى ئۇنىڭغا: «مەن ھېلىلا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدىم، بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم بولمايدۇ. مېنى ئەپۇ قىلغايلا، بارالمايمەن» دەپتۇ. 19 يەنە بىرى: «مەن بەش قوشلۇق ئۆكۈز سېتىۋالدىم، ھازىر بېرىپ ئۇلارنى سىناپ كۆرۈشۈم كېرەك. مېنى ئەپۇ قىلغايلا، بارالمايمەن» دەپتۇ.
20 يەنە بىرسى: «مەن يېڭى ئۆيلەنگەن، شۇڭا بارالمايمەن» دەپتۇ.
21 چاكار قايتىپ كېلىپ، بۇ ئىشلارنى خوجايىنىغا مەلۇم قىپتۇ. خوجايىن غەزەپلەنگەن ھالدا چاكىرىغا: «دەرھال شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا كىرىپ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق ۋە كور-ئەمالارنى مۇشۇ يەرگە يىغىپ كەل» دەپتۇ. 22 ئاندىن چاكار قايتىپ كېلىپ: «خوجايىن، ئەمر بەرگىنىڭدەك ئادا قىلىندى، ۋە يەنە بوش ئورۇن بار!» دەپتۇ. 23 شۇنىڭ بىلەن خوجايىن چاكارغا: ــ «ئۆيۈم مېھمانلارغا تولۇش ئۈچۈن يېزىلاردىكى چوڭ-كىچىك يوللارنى، مەھەللىلەرنى ئارىلاپ، ئۇدۇل كەلگەن ئادىمىڭنى زورلاپ ئېلىپ كەلگىن! 24 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، باشتا چاقىرىلغان ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسى داستىخىنىمدىن تېتىمايدۇ»، دەپتۇ.
 
مۇخلىس بولۇش شەرتلىرى
مات. 10‏:37-38
25 ئەمدى توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارغا قاراپ مۇنداق دېدى:
26 ــ ماڭا ئەگەشكەنلەر ماڭا بولغان سۆيۈشلىرىدىن ئۆز ئاتىسى ۋە ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرى، ئاكا-ئۇكىلىرى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىنىمۇ يامان كۆرمىسە ماڭا مۇخلىس بولالماس.    27 كىمدەكىم ئۆزىنىڭ كرېستىنى يۈدۈپ ماڭا ئەگەشمىسە ئۇ ماڭا مۇخلىس بولالماس.    28 ئاراڭلاردىن بىرسى مۇنار سالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئولتۇرۇپ بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزگۈدەك خىراجەت ئۆزۈمدە بارمۇ-يوق دەپ ھېساب قىلماسمۇ؟ 29‏-30 ئۇنداق قىلمىغاندا، ئۇلنى سېلىپ پۈتكۈزەلمىسە، كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلىپ: «بۇ ئادەم بىنانى باشلاپ قويۇپ پۈتكۈزەلمىدى» ــ دېمەي قالمايدۇ.
31 ياكى بىر پادىشاھ يەنە بىر پادىشاھ بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقسا ئالدى بىلەن ئولتۇرۇپ: ــ مېنىڭ ئۈستۈمگە كېلىدىغان يىگىرمە مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئىگىسىگە مەن ئون مىڭ ئەسكىرىم بىلەن تاقابىل تۇرالارمەنمۇ؟ دەپ مۆلچەرلەپ كۆرمەمدۇ؟! 32 ئەگەر ئۇ «سوقۇشالمايمەن» دەپ ئويلىسا، دۈشمەن تېخى يىراقتىكى چاغدا ئەلچى ئەۋەتىپ، سۇلھ شەرتلىرىنى سورايدۇ. 33 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەردىن كىمدەكىم كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ بار-يوقى بىلەن خوشلاشمىسا، ماڭا مۇخلىس بولالماس.
34 تۇز ياخشى نەرسىدۇر؛ ھالبۇكى، تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟    35 ئۇ تۇپراققا ئىشلىتىشكە ياكى ئوغۇتقا ئارىلاشتۇرۇشقىمۇ يارىماي، تالاغا تاشلىنىدۇ. ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن!
 
 
14:5 «ئاراڭلاردىن بىرىڭلارنىڭ مۇبادا شابات كۈنىدە ئېشىكى يا كالىسى قۇدۇققا چۈشۈپ كەتسە...» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئېشىكى» ئەمەس، بەلكى «بالىسى» دەپ ئوقۇلىدۇ. 14:5 مىس. 23‏:5؛ قان. 22‏:4؛ لۇقا 13‏:15. 14:9 «... پەگاھغا چۈشۈپ قالىسەن» ــ گرېك تىلىدا «... ئاخىرقى ئورۇنغا چۈشۈپ قالىسەن». 14:10 پەند. 25‏:6، 7. 14:11 ئايۇپ 22‏:29؛ پەند. 29‏:23؛ مات. 23‏:12؛ لۇقا 1‏:51؛ 18‏:14؛ ياق. 4‏:6،10؛ 1پېت. 5‏:5. 14:12 نەھ. 8‏:10؛ پەند. 3‏:28. 14:15 «خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا غىزالانغۇچىلار...» ــ گرېك تىلىدا «خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا نان يېگۈچىلەر...». 14:16 يەش. 25‏:6؛ مات. 22‏:2؛ ۋەھ. 19‏:7، 9. 14:18 «مەن ھېلىلا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدىم، بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم بولمايدۇ. مېنى ئەپۇ قىلغايلا، بارالمايمەن» ــ كىم يەرنى ئاۋۋال ياخشى كۆرمەي سېتىۋالسۇن؟ 14:19 «ھازىر بېرىپ ئۇلارنى سىناپ كۆرۈشۈم كېرەك» ــ ياكى «ھازىر بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ كېلىشىم كېرەك». «بەش قوشلۇق ئۆكۈز» ــ گرېك تىلىدا: «بەش بويۇنتۇرۇق ئۆكۈز». دېمەك، بويۇنتۇرۇققا قېتىلغاندا بىر-بىرىگە ماس كېلىدىغان بەش جۈپ ئۆكۈز. ئەمدى كىم ئۆكۈزنى ئاۋۋال كۆرمەي سېتىۋالسۇن؟ 14:23 «يېزىلاردىكى چوڭ-كىچىك يوللارنى، مەھەللىلەرنى ئارىلاپ،...» ــ مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا «يېزىلاردىكى يوللاردىن ۋە چىتلىقلاردىن ئۆتۈڭلار،...» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. دېمەك، مېھمانلارنى ھەر بۇلۇڭ-پۇچقاقتىن ئەكىلىش كېرەك. 14:26 «ماڭا ئەگەشكەنلەر ... ئۆز ئاتىسى ۋە ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرى، ئاكا-ئۇكىلىرى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىنىمۇ يامان كۆرمىسە ماڭا مۇخلىس بولالماس» ــ مۇشۇ يەردە «يامان كۆرۈش» دېگەنلىكنىڭ مەنىسى، شۈبھىسىزكى، ئۆز ئادەملىرىگە بولغان مۇھەببەت خۇداغا باغلىغان مۇھەببەت ئالدىدا «يامان كۆرۈش»تەك كۆرۈنىدۇ. مىسال، «يار.» 30:29-31نى كۆرۈڭ. 14:26 قان. 13‏:7؛ 33‏:9؛ مات. 10‏:37. 14:27 «كىمدەكىم ئۆزىنىڭ كرېستىنى يۈدۈپ ماڭا ئەگەشمىسە ئۇ ماڭا مۇخلىس بولالماس» ــ رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر مىخلىنىدىغان كرېستنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ جازا مەيدانىغا باراتتى. «كرېستلىنىش» ئادەمنى قىينايدىغان، ئىنتايىن دەھشەتلىك ۋە ئاھانەتلىك ئۆلۈم جازا ئۇسۇلى بولۇپ، «ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈش» دېگەننىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن: (1) ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا، (2) تىل-ئاھانەت ئىشتىشكە، (3) خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا، «ئۆز-ئۆزىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندەك» ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىشقا تەييار بولۇش. 14:27 مات. 10‏:38؛ 16‏:24؛ مار. 8‏:34؛ لۇقا 9‏:23. 14:31 «... مۆلچەرلەپ كۆرمەمدۇ؟! » ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... مەسلىھەت قىلمامدۇ؟». 14:33 «شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەردىن كىمدەكىم كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ بار-يوقى بىلەن خوشلاشمىسا، ماڭا مۇخلىس بولالماس.» ــ بۇ كۈچلۈك سۆز توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 14:34 «تۇز ياخشى نەرسىدۇر؛ ھالبۇكى، تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟» ــ تۇز بولسا (1) تەم بېرىدۇ؛ (2) چىرىپ كېتىشتىن توسىدۇ؛ (3) زەخىم-يارىلارنى ساقايتىدۇ. مۇخلىسلارنىڭ بۇ دۇنياغا بولغان رولى بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىشى كېرەك. 14:34 مات. 5‏:13؛ مار. 9‏:50. 14:35 «ئۇ تۇز تۇپراققا ئىشلىتىشكە ياكى ئوغۇتقا ئارىلاشتۇرۇشقىمۇ يارىماي، تالاغا تاشلىنىدۇ» ــ مۇشۇ يەردىكى «تۇز» دېگەن تېما ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.