17
گۇناھ، كەچۈرۈم، ئېتىقاد ۋە خىزمەت توغرىسىدا
مات. 18‏:6-7، 21-22؛ مار. 9‏:42
ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى:
ــ ئىنساننى پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولماي قالمايدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرۇش ۋاسىتىچىسى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي!   بۇنداق ئادەمنىڭ بۇ كىچىك بالىلاردىن بىرىنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان بولسا، بوينىغا تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى.
ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار! ئەگەر قېرىندىشىڭ گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت قىلغىن. ئۇ توۋا قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلغىن. مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ساڭا يەتتە مەرتىۋە گۇناھ قىلسا ۋە يەتتە مەرتىۋە يېنىڭغا كېلىپ: توۋا قىلدىم، دېسە، ئۇنى يەنىلا ئەپۇ قىلغىن.
شۇنىڭ بىلەن روسۇللار رەبگە: ئىشەنچ-ئېتىقادىمىزنى ئاشۇرغىن، ــ دېيىشتى.
ۋە رەب ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسا ئىدى، سىلەر ئاۋۇ ئۈجمە دەرىخىگە: «يىلتىزىڭدىن قومۇرۇلۇپ، دېڭىزغا كۆچۈپ تىكىل!» دېسەڭلار، ئۇ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ كۆچەتتى.
 
ھەقىقىي قۇلنىڭ ۋەزىپىسى
لېكىن ئاراڭلاردىن كىمنىڭ يەر ھەيدەيدىغان ياكى مال باقىدىغان بىر قۇلى بولسا ۋە ئۇ ئېتىزلىقتىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا: «تېزرەك كېلىپ داستىخاندا ئولتۇرغىن»، دەيدىغانلار بارمۇ؟ ئۇ بەلكى ئۇنىڭغا: «مېنىڭ تامىقىمنى تەييار قىل، مەن يەپ-ئىچىپ بولغۇچە بېلىڭنى باغلاپ مېنى كۈتكىن، ئاندىن ئۆزۈڭ يەپ-ئىچكىن، دېمەسمۇ؟ قۇل ئەمر قىلىنغىنىدەك قىلغىنى ئۈچۈن خوجايىن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتامدۇ؟ مېنىڭچە، ئېيتمايدۇ. 10 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارغا ئەمر قىلىنغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلغىنىڭلاردىن كېيىن: بىز ئەرزىمەس قۇللارمىز؛ بىز پەقەت تېگىشلىك بۇرجىمىزنى ئادا قىلدۇق، خالاس»، دەيدىغان بولىسىلەر.
 
ئەيسانىڭ ئون ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىشى
11 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتقاندا، سامارىيە بىلەن گالىلىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، 12 بىر كەنتكە كىرگىنىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم ئۇنىڭغا ئۇچراپ، يىراقتا توختاپ، 13 ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ: ئەي ئەيسا، ئۇستاز، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، دەپ ئۆتۈندى. 14 ئۇلارنى كۆرگەندە ئۇ ئۇلارغا: بېرىپ ئۆزۈڭلارنى كاھىنلارغا كۆرسىتىڭلار، دېدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، ماخاۋدىن پاكلاندى.  
15 ئۇلاردىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ساقايغىنىنى كۆرگەندە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، قايتتى. 16 ئۇ كېلىپ ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ دۈم يېتىپ تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ سامارىيەلىك ئىدى. 17 ئەيسا بۇ ئىشقا قاراپ: پاك قىلىنغانلار ئون كىشى ئەمەسمىدى؟ قالغان توققۇزەيلەن قېنى؟ 18 بۇ يات ئەللىك مۇساپىردىن باشقا، خۇداغا ھەمدۇسانا ئوقۇغىلى ھېچكىم قايتىپ كەلمەپتىغۇ؟! ــ دېدى. 19 ئاندىن ئۇ ھېلىقى ئادەمگە: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، يولۇڭغا ماڭغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى!» ــ دېدى.
 
خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇشى
مات. 24‏:23-28، 37-41
20  بىر كۈنى پەرىسىيلەر ئۇنىڭدىن: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى قاچان كېلىدۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولماس؛ 21 كىشىلەر: «قاراڭلار، ئۇ مانا بۇ يەردە!» ياكى «ئۇ يەردە!» دېيەلمەيدۇ. چۈنكى مانا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئاراڭلاردىدۇر.  
 
ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشى
22 كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ «شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدىن بىرەر كۈنىنى بولسىمۇ كۆرۈشكە تەشنا بولىسىلەر، لېكىن كۆرەلمەيسىلەر. 23 شۇ چاغدا كىشىلەر سىلەرگە: «مانا ئۇ بۇ يەردە!» ۋە ياكى «مانا ئۇ ئۇ يەردە!» دەيدۇ؛ سىلەر نە بارماڭلار نە ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمەڭلار.    24 چۈنكى گويا ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن چاقماق چېقىپ يەنە بىر چېتىگىچە يورۇتىدىغاندەك، ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز كۈنىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ. 25 لېكىن ئۇ ئاۋۋال كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشى بۇ دەۋردىكىلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى مۇقەررەردۇر.  
26 ۋە نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ. 27 تاكى نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كېلىۋاتقانىدى؛ ئاندىن توپان كېلىپ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. 28 ھەم يەنە، لۇتنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا شۇنداق بولىدۇ ــ كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، سودا-سېتىق قىلىپ، تېرىقچىلىق قىلاتتى ۋە ئۆيلەرنى سالاتتى. 29 لېكىن لۇت سودوم شەھىرىدىن چىققان كۈنى، ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېغىپ، بۇ شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. 30 ئەمدى ئىنسانئوغلى ئاشكارا بولىدىغان كۈندە ئەنە شۇنداق بولىدۇ.
31 شۇ كۈنى، ھەركىم ئۆگزىدە تۇرۇپ، نەرسە-كېرەكلىرى ئۆيىدە بولسىمۇ، ئالغىلى چۈشمىسۇن؛ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىمكى ئېتىزلىقتا بولسا ئۆيىگە ھېچ يانمىسۇن. 32 لۇتنىڭ ئايالىنى يادىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار!    33 كىمكى ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزماقچى بولسا، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.
34 سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئۇ كېچىدە ئىككى ئادەم بىر ئورۇندا ياتىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ. 35‏-36 ئىككى ئايال يارغۇنچاق بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ».

37 ۋە ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ئەي رەب، بۇ ئىشلار قەيەردە يۈز بېرىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: جەسەت قايسى يەردە بولسا، قۇزغۇنلار شۇ يەرگە توپلىشىدۇ!  
 
 
17:1 «ئىنساننى پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولماي قالمايدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرۇش ۋاسىتىچىسى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي!» ــ بۇ مۇھىم ئايەت ئۈستىدە «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 17:1 مات. 18‏:7؛ مار. 9‏:42. 17:2 «بۇنداق ئادەمنىڭ بۇ كىچىك بالىلاردىن بىرىنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان بولسا...» ــ «بۇ كىچىك بالىلاردىن بىرى» (گرېك تىلىدا «بۇ كىچىكلەردىن بىرى») ــ دېمەك، ئۆز ئەتراپىدىكى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ئاددىي خالايىقنى كۆرسىتىدۇ. 17:3 لاۋ. 19‏:17؛ پەند. 17‏:10؛ مات. 18‏:15؛ ياق. 5‏:19. 17:4 مات. 18‏:21. 17:5 «شۇنىڭ بىلەن روسۇللار رەبگە: ئىشەنچ-ئېتىقادىمىزنى ئاشۇرغىن، ــ دېيىشتى» ــ بۇرادىرىنى ھەركۈندە يەتتە قېتىم ئوخشاش گۇناھ ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلىش كۈچلۈك بولغان ئېتىقادنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە! 17:6 مات. 17‏:20؛ 21‏:21؛ مار. 11‏:23. 17:12 «بىر كەنتكە كىرگىنىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم ئۇنىڭغا ئۇچراپ، يىراقتا توختاپ...» ــ نېمىشقا «يىراقتا توختاپ...»؟ ماخاۋ كېسىلىگە گرىپتار بولغانلار تەۋرات قانۇنى بويىچە ئادەملەرگە يېقىنلىشىشقا بولمايتتى («لاۋ.» 45:13-46، «چۆل.» 2:5-3نى كۆرۈڭ). 17:14 «...ئۆزۈڭلارنى كاھىنلارغا كۆرسىتىڭلار» ــ تەۋرات قانۇنى بويىچە بىرسى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغان بولسا، مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى مەسئۇل كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى «ساق، ياكى ساق ئەمەس» دەپ تەكشۈرتۈپ قۇربانلىق قىلىشى كېرەك ئىدى؛ ئاندىن قايتىدىن جەمئىيەت بىلەن ئارىلىشالايتتى («لاۋ.» ،19:13، 1:14-11، «لۇقا» 14:5نى كۆرۈڭ). دېمىسەكمۇ، مەسىھ كەلگۈچە بۇنداق مۇراسىم بىر قېتىممۇ ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغان. 17:14 لاۋ. 13‏:2؛ 14‏:2؛ مات. 8‏:4؛ لۇقا 5‏:14. 17:16 «ئۇ كېلىپ ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ دۈم يېتىپ تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ سامارىيەلىك ئىدى» ــ يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەرنى «يېرىم كاپىر» دەپ يامان كۆرەتتى. 17:18 «بۇ يات ئەللىك مۇساپىردىن باشقا، خۇداغا ھەمدۇسانا ئوقۇغىلى ھېچكىم قايتىپ كەلمەپتىغۇ؟!» ــ دېمەك، خۇدانىڭ خەلقى بولغان يەھۇدىيلاردىن ھېچكىم رەھمەت ئېيتىشقا قايتمىدى. 17:19 «ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى!» ــ بىز شۇنى بايقايمىزكى، (1) ئۇ (باشقا توققۇزىغا ئوخشاش) مەسىھنىڭ سۆزىگە كىرىپ يولغا چىققانىدى؛ بۇ ئۆز ئىشەنچىنى ئىپادىلىگەن ھەرىكەتتۇر؛ (2) گەرچە كېسەلنى ساقايتقۇچى مەسىھنىڭ ئۆزى بولغىنى بىلەن، ئۇ دائىم ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە باغلىغان ئېتىقادىنى (بار بولسا) ماختاپ ئۇلارنى شۇ يول بىلەن رىغبەتلەندۈرەتتى ــ «سېنىڭ ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى!». 17:20 «خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولماس» ــ مەنىسى، بەلكىم، ئۇنىڭ يەر يۈزىدە نامايان بولۇشى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئالامەتلەر بىلەن بولمايدۇ. مەسىھ دۇنياغا قايتىپ كەلگەندە پادىشاھلىق ھەممە ئادەمگە روشەن بولىدۇ (24-ئايەتنى كۆرۈڭ)؛ لېكىن شۇ ۋاقىتقىچە «كۆز بىلەن كۆرگىلى بولماس» ــ پەقەت ئېتىقاد ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ تېما ئۈستىدە ئازراق توختىلىمىز. 17:21 «مانا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئاراڭلاردىدۇر» ــ «ئاراڭلاردىدۇر» دېگەننىڭ باشقا بىر تەرجىمىسى «ئىچىڭلاردىدۇر» ياكى «دىلىڭلاردىدۇر». لېكىن بىزنىڭچە مەسىھ پۇلپەرەس، تەكەببۇر پەرىسىيلەرگە «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەردە» دەپ ھەرگىز دېمەيتتى. بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 17:21 مات. 24‏:23؛ مار. 13‏:21؛ لۇقا 21‏:7، 8. 17:22 «ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدىن بىرەر كۈنى» ــ دېمەك، ئىنسانئوغلى (مەسىھ) دۇنياغا قايتىپ كېلىپ ھۆكۈم سۈرىدىغان كۈنلەرنىڭ بىرى. 17:23 «شۇ چاغدا كىشىلەر سىلەرگە: «مانا ئۇ بۇ يەردە!» ۋە ياكى «مانا ئۇ ئۇ يەردە!» دەيدۇ» ــ «ئۇ» مۇشۇ يەردە مەسىھنىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە. 17:23 مات. 24‏:23؛ مار. 13‏:21. 17:24 «گويا ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن چاقماق چېقىپ يەنە بىر چېتىگىچە يورۇتىدىغاندەك» ــ ياكى «گويا چاقماق چېقىپ ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە يورۇتىدىغاندەك». 17:25 « ئىنسانئوغلى ئاۋۋال كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشى بۇ دەۋردىكىلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى مۇقەررەردۇر» ــ بۇ دەۋر بولسا ئۆز خەلقىنىڭ شۇ دەۋرى. 17:25 مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:31؛ 24‏:6، 7 17:26 يار. 6‏:2؛ 7‏:7؛ مات. 24‏:37،38؛ 1پېت. 3‏:20. 17:28 «ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە ... لۇتنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا شۇنداق بولىدۇ» ــ «لۇت» ــ ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ جىيەنى. بۇ ۋەقەلەر توغرىسىدا «يار.» 18-19-بابلارنى كۆرۈڭ. 17:29 يار. 19‏:24؛ قان. 29‏:22؛ يەش. 13‏:19؛ يەر. 50‏:40؛ ھوش. 11‏:8؛ ئام. 4‏:11؛ يەھ. 7. 17:31 «شۇ كۈنى، ھەركىم ئۆگزىدە تۇرۇپ، نەرسە-كېرەكلىرى ئۆيىدە بولسىمۇ، ئالغىلى چۈشمىسۇن» ــ بۈگۈنگە قەدەر قانائان (پەلەستىن)دىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىنىڭ سىرتقى پەلەمپېيى بار، ئۆيىگە چۈشمەي قاچقىلى بولىدۇ. «ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىمكى ئېتىزلىقتا بولسا ئۆيىگە ھېچ يانمىسۇن» ــ دېمەك، شۇ كۈنىدە خۇدانىڭ جازاسى شۇنچە تېز كېلىدۇكى، ئېتىقادى بار ھەربىرى كەينىگە ھېچ قارىمايلا، بەدەر قېچىشى كېرەك بولىدۇ. 32-ئايەتنى كۆرۈڭ. 17:32 «لۇتنىڭ ئايالىنى يادىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار!» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا سودوم شەھىرىنى جازالىغان كۈنىدە، لۇت ۋە ئائىلىسىدىكىلەر قاچقاندا، ئۇنىڭ ئايالى ئۆتكەنكى راھەتلىك تۇرمۇشىنى ۋە مال-مۈلكىنى تاشلاشقا كۆزى قىيماي كەينىگە قارىغانىدى، تۇز تۈۋرۈككە ئايلىنىپ قالغان. 17:32 يار. 19‏:15-17، 26. 17:33 مات. 10‏:39؛ 16‏:25؛ مار. 8‏:35؛ لۇقا 9‏:24؛ يـۇھ. 12‏:25. 17:34 مات. 24‏:40،41؛ 1تېس. 4‏:17. 17:35‏-36 «ئىككى ئايال يارغۇنچاق بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ» ــ پىكرىمىزچە «ئېلىپ كېتىلىدىغانلار» ھەققانىيلاردۇر؛ ئېتىقادسىزلار «قالدۇرۇلىدۇ». مەسىلەن، «مات.» 31:24، «1تېس.» 1:4-11نى كۆرۈڭ. نۇھ پەيغەمبەر ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ۋە شۇنىڭدەك لۇتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر خۇدانىڭ جازاسى ئالدىدىن «ئېلىپ كېتىلىپ» قۇتۇلغان، بىراق قالدۇرۇلغانلار ئاسماندىن چۈشۈرۈلگەن جازاغا ئۇچرىغان. بەزى كونا كۆچۈرمىلەردىكى «ئېتىزدا ئىككى كىشى بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ» دېگەن سۆزمۇ مۇشۇ يەردە تېپىلىدۇ. «مات.» 40:24نى كۆرۈڭ. 17:37 «جەسەت قايسى يەردە بولسا، قۇزغۇنلار شۇ يەرگە توپلىشىدۇ!» ــ بۇ سىرلىق سۆزنىڭ مەنىسى بەلكىم: قۇزغۇنلارنىڭ توپلىنىشى جەسەتنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەندەك، بۇ ئالامەتلەر مەن تىلغا ئالغان ئىشلارنىڭ تېز ئارىدا يۈز بېرىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەيسانىڭ بۇ سۆزى يەنە تەۋرات، «ئايۇپ» 26:39-30 ۋە «يەش.» 1:34-8، 15-17-قاتارلىق ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەن، «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»دە بولغان زور قىرغىنچىلىق بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى كېرەك. 17:37 ئايۇپ 39‏:30؛ مات. 24‏:28.