3
شۇنىڭ بىلەن بىز سىلەردىن خەۋەرسىز تاقىتىمىز تاق بولۇپ، ئۆزىمىز ئافىنا شەھىرىدە يالغۇز قېلىپ، ئالدىڭلارغا قېرىندىشىمىز ھەم خۇدا يولىدا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىدە بولۇۋاتقان خىزمەتدىشىمىز تىموتىينى سىلەرنى ئېتىقادتا مۇستەھكەملەش-كۈچەيتىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق؛ بىزنىڭ ئۇنى ئەۋەتىشتىكى مەقسىتىمىز، ھېچكىمنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن مۇشۇ زەخمەت-قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئېتىقادتا تەۋرىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۆزۈڭلار بۇنداق ئىشلارغا ئۇچراشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەن، دەپ بىلىسىلەر. چۈنكى بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمىزدا، سىلەرگە ھەممىمىز ئازاب-قىيىنچىلىققا ئۇچرىماي قالمايمىز دەپ ئالدىنئالا ئېيتقانىدۇق. ئەمەلىيەتتە ھازىر دېگىنىمىزدەك بولدى، دەپ بىلىسىلەر. شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئازدۇرغۇچى سىلەرنى ئازدۇرۇپ بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىز بىكارغا كەتتىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم.
لېكىن تىموتىي بايا يېنىڭلاردىن قايتىپ كەلگەندە، ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار توغرىسىدا بىزگە ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىپ، سىلەرنىڭ بىزنى ھەردائىم سېغىنىپ تۇرغانلىقىڭلارنى ۋە خۇددى بىز سىلەر بىلەن دىدارلىشىشقا تەلپۈنگىنىمىزدەك، سىلەرنىڭمۇ بىزنى كۆرگۈڭلار كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭدەك، ئەي قېرىنداشلار، بېشىمىزغا چۈشكەن مۇشۇنداق بارلىق ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئېغىرچىلىق ئىچىدە تۇرىۋاتقىنىمىزدا سىلەردىن، يەنى چىڭ ئېتىقادىڭلاردىن رىغبەت-تەسەللى تاپتۇق؛ چۈنكى رەبدە چىڭ تۇرغان بولساڭلار، بىز ئۆلمەي، ھايات قالىمىز! ئەمدى سىلەر ئۈچۈن، خۇدايىمىز ئالدىدا سىلەرنىڭ ۋەجىڭلاردىن تولىمۇ شادلاندۇق، بۇ زور شادلىقىمىزدىن سىلەر ئۈچۈن خۇداغا قانچىلىك دەرىجىدە تەشەككۈر ئېيتساق بولار؟! 10 سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشۈش ۋە ئېتىقادىڭلاردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى مۇكەممەل قىلىشقا مۇيەسسەر بولۇش ئىمكانىيىتى ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز خۇداغا زور تەلمۈرۈپ يېلىنماقتىمىز.
11 ئەمدى بىزنىڭ خۇدائاتىمىزنىڭ ئۆزى ھەم رەببىمىز ئەيسا بىزنىڭ يولىمىزنى يېنىڭلارغا باشلىغاي؛ 12 ئەمدى مېھىر-مۇھەببەتىمىز سىلەرگە تولغاندەك، رەب سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا ۋە ھەممە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئاشۇرۇپ، تولۇپ تاشتۇرغاي؛ 13 ھەم شۇنداق بولغاندا، رەببىمىز ئەيسا ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەندە قەلبىڭلار بىزنىڭ خۇدائاتىمىز ئالدىدا پاك-مۇقەددەسلىكتە نۇقسانسىز بولۇشقا مۇستەھكەملىنىدۇ!
 
 
3:2 روس. 16‏:1؛ رىم. 16‏:21؛ فىل. 2‏:19. 3:3 روس. 14‏:22؛ ئ‍ەف. 3‏:13؛ فىل. 1‏:14؛ 2تىم. 3‏:12. 3:5 «ئازدۇرغۇچى سىلەرنى ئازدۇرۇپ بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىز بىكارغا كەتتىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ،...» ــ «ئازدۇرغۇچى» شەيتان، ئىبلىس. 3:8 «چۈنكى رەبدە چىڭ تۇرغان بولساڭلار، بىز ئۆلمەي، ھايات قالىمىز!» ــ پاۋلۇس تېسالونىكادىكىلەرنى شۇنچە ياخشى كۆرەتتىكى، مۇبادا ئۇلار رەبدىن تېنىپ كەتكەن بولسا، ئۇ ئۆزىمۇ ئۆلەي دەپ قالاتتى. 3:10 رىم. 1‏:10،11؛ 15‏:23؛ 2تىم. 1‏:4. 3:11 «ئەمدى بىزنىڭ خۇدائاتىمىزنىڭ ئۆزى ھەم رەببىمىز ئەيسا بىزنىڭ يولىمىزنى يېنىڭلارغا باشلىغاي» ــ قىزىق بىر ئىش شۇكى، «يولىمىزنى... باشلىغاي» دېگەن پېئىل گرېك تىلىدىكى «بىرلىك شەخس» شەكلىدىدۇر. دېمەك، خۇدائاتا ۋە رەب ئەيسا بىر شەخسدەك ئىش قىلىدۇ. 3:13 1كور. 1‏:8؛ 1تېس. 5‏:23؛ 2تېـس. 2‏:17.