4
خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھايات يولى
1 ئاخىرىدا، ئى قېرىنداشلار، بىز رەب ئەيسادا تۇرۇپ سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمىز ھەم جېكىلەيمىزكى، سىلەر بىزدىن خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا قانداق مېڭىشىڭلار كېرەكلىكىنى تاپشۇرۇۋالغىنىڭلاردەك ھەم ھازىر شۇ بويىچە مېڭىۋاتقىنىڭلاردەك، شۇنداق قىلىشىڭلار تېخىمۇ ئېشىپ تاشقاي.
2 چۈنكى سىلەر بىزنىڭ رەب ئەيسا ئارقىلىق سىلەرگە نېمە ئەمرلەرنى تاپىلىغانلىقىمىزنى بىلىسىلەر.
3 چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، پاك-مۇقەددەس قىلىنىش، ھەرقانداق بۇزۇقچىلىقتىن ساقلىنىش،
4-5 يەنى ھەربىرىڭلار خۇدانى تونۇمايدىغان تائىپىلەردەك شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلمەي، بەلكى قانداق قىلىپ ئۆز تېنىنى باشقۇرۇپ، ئۇنى پاك-مۇقەددەسلىكتە ئار-نومۇس بىلەن ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىشتۇر.
6 بۇ جەھەتلەردە ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىنىڭ ھەققىگە چاڭ سېلىپ، ئۆز پايدا-مەنپەئىتىنى قوغلىمىسۇن؛ چۈنكى بىز ئىلگىرى سىلەرگە چۈشەندۈرۈپ تولۇق ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، بارلىق مۇشۇنداق ئىشلاردا رەب ئۆزى ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر.
7 چۈنكى خۇدا بىزنى ناپاكلىققا ئەمەس، بەلكى پاك-مۇقەددەسلىكتە ياشاشقا چاقىردى.
8 شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتنى رەت قىلغان ئادەم، ئىنسانىي ھوقۇقنى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئاتا قىلغۇچى خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ.
9 ئەمدى قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەتكە كەلسەك، بۇ توغرىسىدا سىلەرگە يېزىپ ئولتۇرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى خۇدا ئۆزى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۆگەتمەكتە.
10 چۈنكى سىلەر پۈتكۈل ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىكى ھەممە قېرىنداشلارغا شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر؛ شۇنداق بولسىمۇ، ئى قېرىنداشلار، شۇنداق قىلىشقا بېرىلىپ تېخىمۇ ئېشىپ تېشىشىڭلارنى،
11 شۇنداقلا بىز سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزدەك، تىنچ يۈرۈشنى، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماي، ئۆز ئىشىڭلار بىلەن بولۇپ، ئىككى قولۇڭلارغا تايىنىپ ياشاشنى نىشان قىلىپ ئىنتىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمىز.
12 مانا شۇنداق قىلساڭلار، سىرتتىكىلەر ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ماڭىسىلەر ۋە ھېچكىمنىڭ قولىغا بېقىنىپ قالمايسىلەر.
ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى
13 لېكىن، ئەي قېرىنداشلار، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان باشقا ھەممىسىدەك، ئاراڭلاردىكى ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالغانلارغا قايغۇرۇپ ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھالى توغرۇلۇق خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمىز.
14 چۈنكى بىز ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئەيسا قايتا كەلگىنىدە، ئۆلۈمدە ئۇنىڭدا ئۇخلاپ قالغانلارنى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
15 چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى بويىچە سىلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى، رەب قايتا كەلگۈچە تىرىك قالغان بىزلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشىمىز جەزمەن ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالغانلارنىڭكىدىن ئاۋۋال بولمايدۇ؛
16 چۈنكى رەب قاتتىق بىر نەرە تارتىپ، باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدانىڭ كاناي ساداسى ئىچىدە ئاسماندىن چۈشىدۇ ۋە مەسىھدە بولۇپ ئۆلگەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ؛
17 ئاندىن تىرىك قالغان بىزلەر ئۇلار بىلەن بىرگە رەب بىلەن ھاۋادا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا ئېلىنىپ كۆتۈرۈلىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىز رەب بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز.
18 شۇڭا، بىر-بىرىڭلارغا بۇ سۆزلەر بىلەن رىغبەت-تەسەللى بېرىڭلار.