2
پاۋلۇسنىڭ تېسالونىكادىكى خىزمىتى
چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، بىزنىڭ ئاراڭلارغا كىرگىنىمىز توغرۇلۇق بىلىسىلەركى، ئۇ بىكارغا كەتمىدى. سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، گەرچە ئىلگىرى فىلىپپى شەھىرىدە قىيىن-قىستاق ۋە خارلىققا ئۇچرىغان بولساقمۇ، زور قاتتىق قارشىلىققا قارىماي خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە خۇدايىمىزنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن يۈرەكلىك بولدۇق.   چۈنكى بىزنىڭ ئۆتۈنۈش-جېكىلەشلىرىمىزدە ھېچقانداق ئالدامچىلىق، ناپاك نىيەت ياكى ھىيلىگەرلىك يوقتۇر. ئەكسىچە، بىز خۇدا تەرىپىدىن خۇش خەۋەرنىڭ ئامانەت قىلىنىشقا لايىق كۆرۈلگەن ئادەملەر سۈپىتىدە بىز شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئادەملەرنى ئەمەس، بەلكى قەلبىمىزنى سىنىغۇچى خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن خۇش خەۋەرنى جاكارلايمىز. چۈنكى سىلەر بىلگەندەك بىز ھېچقايسى ۋاقىتتا ئاراڭلارغا خۇشامەتچىلىك بىلەن ۋە ياكى تاماخورلۇققا نىقاب تاقاپ كەلمىدۇق ــ (بۇ ئىشتا خۇدا بىزگە گۇۋاھچىدۇر ــ گەرچە بىز مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ سۈپىتىدە تەلەپ يۈكلىيەلەيدىغان بولساقمۇ، مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى باشقىلار بولسۇن، ھېچبىر ئىنساندىن بىرەر ئىززەت-شۆھرەت ئىزدىگەن ئەمەس ئىدۇق. ئەكسىچە بىز ئاراڭلاردا خۇددى بالا ئىمىتىدىغان ئانا ئۆز بوۋاقلىرىنى كۆيۈنۈپ ئاسرىغاندەك سىلەرگە مۇلايىم مۇئامىلىدە بولدۇق. شۇ چاغدا، سىلەرگە شۇنداق تەلپۈنگەنىدۇق، سىلەرگە پەقەت خۇدانىڭ خۇش خەۋەرىنى تاپشۇرۇشنىلا ئەمەس، ھەتتا ئۆز جېنىمىزنى تاپشۇرۇشقىمۇ رازىمىز؛ چۈنكى سىلەر بىزگە ئىنتايىن قەدىرلىك ئىدىڭلار. چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق جاپالىق ئەمگەك قىلغىنىمىز ئېسىڭلاردا باردۇر؛ ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن كېچە-كۈندۈزلەپ مېھنەت قىلدۇق، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق. 10 ئېتىقادچىلاردىن بولغان سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەمەلىيەتلىرىمىزنىڭ قانداق ئىخلاسمەن، ھەققانىي ۋە ئەيىبسىز ئىكەنلىكىگە ئۆزۈڭلار ۋە خۇدانىڭ ئۆزىمۇ گۇۋاھچىدۇر. 11‏-12 ۋە يەنە سىلەر بىلگىنىڭلاردەك، ئاتىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە نەسىھەت بەرگىنىدەك بىز ھەربىرىڭلارغا شۇنداق جېكىلەپ، رىغبەت-تەسەللى بېرىپ، سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىغا ۋە شان-شەرىپىگە چاقىرىۋاتقان خۇداغا لايىق ھالدا مېڭىشقا دەۋەت قىلدۇق.
13 خۇداغا يەنە شۇ سەۋەبتىن توختاۋسىز تەشەككۈر ئېيتىمىزكى، سىلەرنىڭ بىزدىن ئاڭلىغان خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا قۇلاق سالغىنىڭلاردا، ئۇنى ئىنسانلاردىن كەلگەن سۆز سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەمەلىي سۈپىتىدە، يەنى خۇدادىن كەلگەن سۆز-كالام دەپ ئۇنى قوبۇل قىلدىڭلار؛ ئۇ سۆز-كالام ھازىر ئىشەنگۈچى سىلەردە ئىشلىمەكتە. 14 چۈنكى سىلەر، ئى قېرىنداشلار، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى مەسىھ ئەيسادا بولغان جامائەتلەردىن ئۈلگە ئالدىڭلار؛ ئۇلار شۇ يەردە يەھۇدىيلار تەرىپىدىن قانداق خارلىقلارغا ئۇچرىغان بولسا، سىلەرمۇ ئۆز يۇرتداشلىرىڭلار تەرىپىدىن ئوخشاش خارلىقلارغا ئۇچرىدىڭلار. 15 ئۇلار، يەنى شۇ يەھۇدىيلار، ئەسلىدە رەب ئەيسانى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە بىزنىمۇ زىيانكەشلىك قىلىپ قوغلىۋەتكەنىدى. ئۇلار خۇدانى نارازى قىلىپ، ۋە ھەممە ئىنسان بىلەن قېرىشىپ،    16 «يات ئەللىكلەر»نىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا سۆزلىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىنى ئۈزلۈكسىز چېكىگە يەتكۈزمەكتە؛ لېكىن غەزەپ ئۇلارنىڭ بېشىغا تولۇقى بىلەن چۈشۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ.
 
پاۋلۇسنىڭ ئەنسىرەشلىرى
17 لېكىن بىز، ئى قېرىنداشلار، ئامالسىز سىلەردىن ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت جۇدالاشقان بولساقمۇ (تەندە بولسىمۇ، قەلبدە ئەمەس)، سىلەر بىلەن يەنە دىدار كۆرۈشۈشكە قەۋەتلا ئىنتىزارلىقىمىزدىن يېنىڭلارغا بېرىشقا تېخىمۇ بەك ئىنتىلدۇق! 18 شۇنىڭدەك يېنىڭلارغا بارغۇمىز بار ئىدى ــ ئەمەلىيەتتە مەنكى پاۋلۇس قايتا-قايتا تىرىشىپ باقتىم؛ بىراق بۇنىڭغا شەيتان توسقۇنلۇق قىلدى.    19 چۈنكى بىزنىڭ ئىستەك-ئارزۇيىمىز، شادلىقىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا قايتىپ كەلگەندە پەخىرلىنىدىغان تاجىمىز نېمە بولىدۇ؟ بۇ دەل سىلەر ئۆزۈڭلار ئەمەسمۇ؟ 20 چۈنكى سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز، بىزنىڭ شادلىقىمىز!
 
 
2:1 1تېس. 1‏:5، 9. 2:2 «زور قاتتىق قارشىلىققا قارىماي خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە ... يۈرەكلىك بولدۇق» ــ «خۇدانىڭ خۇش خەۋىرى» بولسا خۇدا ئۆزى ئەۋەتكەن، شۇنداقلا ئۆزى توغرۇلۇق خۇش خەۋەردۇر. 2:2 روس. 16‏:22؛ 17‏:2. 2:4 گال. 1‏:10. 2:5 رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ 2كور. 1‏:23؛ 11‏:31؛ گال. 1‏:20؛ فىل. 1‏:8؛ 1تىم. 5‏:21؛ 2تىم. 4‏:1. 2:6 1كور. 9‏:3؛ 2تېـس. 3‏:9. 2:9 روس. 18‏:3؛ 20‏:34؛ 1كور. 4‏:12؛ 2كور. 11‏:9؛ 12‏:13؛ 2تېـس. 3‏:8. 2:11‏-12 يار. 17‏:1؛ 1كور. 7‏:20؛ ئەف. 4‏:1؛ فىل. 1‏:27؛ كول. 1‏:10. 2:14 روس. 17‏:5،13. 2:15 «ئۇلار، يەنى شۇ يەھۇدىيلار، ئەسلىدە رەب ئەيسانى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن...» ــ «يەھۇدىي پەيغەمبەرلەرنى... ئۆلتۈرگەن» ــ تەۋراتتىكى كۆپ پەيغەمبەرلەر يۇرتداشلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن؛ ئەڭ ئاخىرقى ئۆلتۈرۈلگىنى بولسا رەب ئەيسانى تونۇشتۇرغۇچى پەيغەمبەر يەھيا ئىدى. «...ۋە بىزنىمۇ زىيانكەشلىك قىلىپ قوغلىۋەتكەنىدى» ــ «قوغلىۋەتكەنىدى» ــ يەھۇدىيلار كۆپ ئىشەنگۈچىلەرنى يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن قوغلىۋەتتى («روس.» 1:8)؛ ئاندىن شۇنىڭدىن باشلاپ پاۋلۇس ۋە باشقا روسۇللارنى خۇش خەۋەرنى جاكارلايدىغان جايلاردىنمۇ ھەيدىۋەتتى. 2:15 مات. 23‏:37؛ لۇقا 13‏:34؛ روس. 7‏:52. 2:16 روس. 17‏:13. 2:18 «شۇنىڭدەك يېنىڭلارغا بارغۇمىز بار ئىدى ــ ئەمەلىيەتتە مەنكى پاۋلۇس قايتا-قايتا تىرىشىپ باقتىم» ــ «قايتا-قايتا» گرېك تىلىدا «بىر قېتىم، ئىككى قېتىم». 2:18 رىم. 1‏:13؛ 15‏:22. 2:19 2كور. 1‏:14؛ فىل. 2‏:16؛ 4‏:1.