5
ئۈچ تاۋاپگاھ توغرۇلۇق
ئى ئىسرائىل جەمەتى، بۇ سۆزنى،
يەنى مەن سەن توغرۇلۇق ئوقۇيدىغان بىر مەرسىيەنى ئاڭلاپ قوي: ــ
«پاك قىز ئىسرائىل يىقىلدى؛
ئۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرمايدۇ؛
ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا تاشلانغان،
ئۇنى تۇرغۇزۇپ يۆلىگۈچى يوقتۇر».
چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
ئىسرائىلنىڭ مىڭ لەشكەر چىققان بىر شەھىرىنىڭ يۈز لەشكىرىلا تىرىك قالىدۇ؛
يۈز لەشكەر چىققان بىر شەھىرىنىڭ ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن ئون لەشكىرىلا تىرىك قالىدۇ؛
چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دەيدۇ: ــ
مېنى ئىزدەڭلار، ھاياتقا ئېرىشىسىلەر؛
بەيت-ئەلنى ئىزدىمەڭلار،
گىلگالغىمۇ بارماڭلار،
بەئەر-شېباغا سەپەر قىلماڭلار؛
چۈنكى گىلگال ئەسىرگە ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنماي قالمايدۇ،
بەيت-ئەل يوققا چىقىدۇ.
  
پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ھاياتقا ئېرىشىسىلەر؛
بولمىسا ئۇ يۈسۈپ جەمەتى ئىچىدە ئوت كەبى پارتلاپ، ئۇنى يەپ كېتىدۇ،
ھەم بەيت-ئەلدە ئوتنى ئۆچۈرگۈدەك ئادەم تېپىلمايدۇ.
ئى ئادالەتنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغۇچى،
ھەققانىيلىقنى يەرگە تاشلىغۇچىلار،
سىلەر ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە قەلب يۇلتۇز توپىنى ياراتقۇچى،
ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنى تاڭ نۇرىغا ئايلاندۇرغۇچى،
كۈندۈزنى قاراڭغۇلۇق بىلەن كېچىگە ئايلاندۇرغۇچى،
دېڭىزدىكى سۇلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە قۇيغۇچىنى ئىزدەڭلار؛
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر.
ئۇ باتۇرلار ئۈستىگە تۇيۇقسىز ھالاكەتنى پارتلىتىدۇ،
ئىستىھكام ئۈستىگە ھالاكەت چۈشۈرىدۇ.
10 شۇ ئىسرائىللار شەھەر دەرۋازىسىدا تەنبىھ بېرىدىغانلارغا ئۆچ،
دۇرۇس سۆزلەيدىغانلاردىن يىرگىنىدۇ.
11 ئەمدى سىلەر نامراتلارنى ئېزىپ،
ئۇلاردىن بۇغداي «ھەدىيە»لەرنى ئالدىڭلار!
ئويۇلغان تاشلاردىن ئۆيلەرنى سالدىڭلار،
بىراق ئۇلاردا تۇرمايسىلەر؛
سىلەر گۈزەل ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلغانسىلەر،
بىراق ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچەلمەيسىلەر.
  
12 چۈنكى سىلەرنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭلارنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكىنى،
سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن؛
ئۇلار ھەققانىي ئادەمنى ئېزىدۇ،
ئۇلار پارا يەيدۇ،
شەھەر دەرۋازىسىدا مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى قايرىۋالىدۇ.
13 شۇڭا بۇنداق دەۋردە «پەملىك ئادەم» سۈكۈت قىلىدۇ؛
چۈنكى ئۇ رەزىل بىر دەۋردۇر.
 
14 ھايات ياشاش ئۈچۈن يامانلىقنى ئەمەس، مېھرىبانلىق-ياخشىلىقنى ئىزدەڭلار؛
شۇنداق بولغاندا سىلەر دېگىنىڭلاردەك،
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ.
15 يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار، مېھرىبانلىق-ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار،
شەھەر دەرۋازىسىدا ئادالەتنى ئورنىتىڭلار؛
شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا بەلكىم يۈسۈپنىڭ قالدىسىغا شاپائەت كۆرسىتەر.  
16 شۇڭا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا رەب مۇنداق دەيدۇ: ــ
«بارلىق كەڭ رەستە-بازارلاردا ئاھ-زارلار ئاڭلىنىدۇ؛
ئۇلار ھەممە كوچىلاردا «ۋاي... ۋاي!...» دەپ ئاۋازىنى كۆتۈرىدۇ؛
ئۇلار دېھقانلارنىمۇ ماتەم تۇتۇشقا،
ئاھ-زارلار كۆتۈرگۈچى «ئۇستىلار»نى يىغلاشقا چاقىرىدۇ.
17 ھەم بارلىق ئۈزۈمزارلاردىمۇ ئاھ-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ؛
چۈنكى مەن ئۆزۈم ئاراڭلاردىن ئۆتۈپ كېتىمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
 
پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى
18 پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىگە تەقەززار بولغان سىلەرگە ۋاي!
پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى سىلەرگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرەر؟
ئۇ يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېلىدۇ.  
19 ئۇ كۈنى بىرسى شىردىن قېچىپ، ئېيىققا ئۇچراپ،
ئاندىن ئۆيىگە كىرىپ، قولى بىلەن تامغا يۆلەنگەندە،
يىلان ئۇنى چاققاندەك بىر ئىش بولىدۇ!
20 پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقلا ئېلىپ كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟
ئۇنىڭدا پەقەت قاراڭغۇلۇقلا بولۇپ، يورۇقلۇق ھېچ بولمايدىغۇ؟!
 
بىھۇدە ھېيت-بايراملار
21 ھېيتلىرىڭلارغا نەپرەتلىنىمەن، ئۇلاردىن بىزار بولدۇم،
ئىبادەت سورۇنلىرىڭلارنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغۇم يوق.
22 چۈنكى سىلەر ماڭا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ھەم «ئاش ھەدىيە»لىرىڭلارنى سۇنۇپ ئاتىساڭلارمۇ،
مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن؛
سىلەرنىڭ بورداق ماللىرىڭلار بىلەن قىلغان «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلار»غا قارىمايمەن.
23 مەندىن مۇناجاتلىرىڭلارنىڭ سادالىرىنى ئېپكېتىڭلار،
چىلتارلىرىڭلارنىڭ كۈيلىرىنى ئاڭلىمايمەن؛
24 بۇنىڭ ئورنىدا ئادالەت خۇددى شارقىراتمىدەك،
ھەققانىيلىق ئەبەدىي ئاقىدىغان ئېقىمدەك دولقۇنلىسۇن!
25 سىلەر چۆل-باياۋاندىكى قىرىق يىلدا قىلغان قۇربانلىق-ھەدىيىلەرنى ماڭا ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟!  
26 بەرھەق، سىلەر «سۇككوت» دېگەن پادىشاھىڭلار، ھەم «قىئۇن» دېگەن بۇتلىرىڭلارنى، يەنى «يۇلتۇز ئىلاھى»ڭلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار!
27 ئەمدى مەن سىلەرنى ئەسىر قىلىپ، دەمەشقتىن يىراقلارغا سۈرگۈن قىلدۇرىمەن،
ــ دەيدۇ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان پەرۋەردىگار.
 
 
5:5 «بەيت-ئەلنى ئىزدىمەڭلار، گىلگالغىمۇ بارماڭلار، بەئەر-شېباغا سەپەر قىلماڭلار» ــ بەيت-ئەل، گىلگال ھەم بەئەر-شېبا ئىسرائىللار ئۈچۈن ئۈچ تاۋابگاھقا ئايلانغانىدى. بۇ ئۈچ جايغا بېرىپ قۇربانلىق قىلىش قاتارلىقلار «تاۋاپ قىلىش»تەك «ساۋابلىق ئىش» دەپ قارالغان. بۇ ئۈچ جاي ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ، يەشۇئا قاتارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان جايلاردۇر. تەۋراتتا، بۇنداق «تاۋاب قىلىش» ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى خوراپىليلىق دەپ قارىلىدۇ. ئاموس بۇ يەردە سۆز ئويۇنى قىلىدۇ، «گىلگال ئەسىرگە چۈشىدۇ» دەيدۇ. بۇ ئىبرانىي تىلىدا «گىلگال گالاھ-گالاھ» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «بەيت-ئەل يوققا چىقىدۇ» دېگەننىڭ «بەيت-ئەل «يوق» (يوققا باراۋەر بولغان) بىر بۇتقا ئوخشاپ قالىدۇ» دېگەن ئىچكى مەنىسى بار. 5:5 ئام. 4‏:4 5:7 «ئى ئادالەتنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغۇچى» ــ «ئەمەن» دېگەن ئاچچىق بىر ئۆسۈملۈك بولغاچقا، مۇشۇ يەردە ئادەملەرگە قايغۇ-ھەسرەتنى ئېپكېلىدىغان ئادالەتسىزلىكنى بىلدۈرىدۇ. 5:8 ئايۇپ 9‏:9؛ 38‏:31؛ ئام. 9‏:6 5:10 «شۇ ئىسرائىللار شەھەر دەرۋازىسىدا تەنبىھ بېرىدىغانلارغا ئۆچ،...» ــ «شەھەر دەرۋازىسى» شەھەردىكى ئاقساقاللار ئولتۇرىدىغان، ئەرز-دەۋالارنى ئاڭلايدىغان، سوراق قىلىدىغان جاي. 5:11 «ئەمدى سىلەر نامراتلارنى ئېزىپ،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەمدى سىلەر نامراتلارنى دەسسەپ،...». باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «نامراتلاردىن ئېغىر ئىجارە ھەققى ئېلىپ،...». 5:11 زەف. 1‏:13 5:13 ««پەملىك ئادەم» سۈكۈت قىلىدۇ» ــ مۇشۇ «پەملىك ئادەم» بەلكىم «ئۆز بىخەتەرلىكى ياكى مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يۈرىدىغان ئادەم» دېگەن مەنىدە. يۇقىرىقى 10-، 12-ئايەتنى كۆرۈڭ. بۇنىڭغا قارىغاندا، ئاموس پەيغەمبەرنىڭ «ئېپى يوق» ئوخشايدۇ، چۈنكى ئۇ ئوپئوچۇق ھالدا رەزىل ھۆكۈمدارلارغا، بايلارغا تەنبىھ بەرمەكتە. 5:15 «... خۇدا بەلكىم يۈسۈپنىڭ قالدىسىغا شاپائەت كۆرسىتەر» ــ «يۈسۈپنىڭ قالدىسى» شىمالىي پادىشاھلىق بولغان «ئىسرائىل»دىن قالدۇرۇلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. يۈسۈپتىن تۆرۈلگەن ئەفرائىم ۋە ماناسسەھدىن ئىسرائىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قەبىلىلەر چىققان. 5:15 زەب. 34‏:14-15؛ 97‏:10؛ رىم. 12‏:9 5:17 «مەن ئۆزۈم ئاراڭلاردىن ئۆتۈپ كېتىمەن» ــ «مىس.» 12:12دە، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا «مەن مىسىرنى كېزىپ ئۆتىمەن» دەپ مىسىرلىقلارغا ئۆلۈم جازاسىنى يۈرگۈزگەنلىكىگە ئوخشاش، ئۇ ھازىر ئۆز خەلقى ئارىسىدىن «ئۆتۈپ كېتىپ»، ئۆز جازاسىنى ئېلىپ بارىدۇ. 5:18 «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىگە تەقەززار بولغان سىلەرگە ۋاي!» ــ ئاموس دەۋرىدىكىلەر تەۋراتتىكى «ئوبادىيا» ھەم «يوئېل» پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»نى خاتا چۈشىنىپ، بەلكىم «خۇدا ھەممە «كاپىر ئەجنەبىي» ئەللەرنى قاتتىق ئۇرىدۇ، «خۇدانىڭ خەلقى بولغان بىزلەر» كۆتۈرۈلىمىز» دېگەن ئىرقچى، بىمەنە كۆز-قاراشتا بولغانىدى. ئاموس بۇ كۈن بولسا، گۇناھتىن توۋا قىلمىغان ھەربىر ئادەمگە جازا ئېلىپ كېلىدۇ، دەيدۇ. 5:18 يەر. 30‏:7؛ يو. 2‏:2؛ زەف. 1‏:15 5:21 يەش. 1‏:11؛ يەر. 6‏:20 5:25 «سىلەر چۆل-باياۋاندىكى قىرىق يىلدا قىلغان قۇربانلىق-ھەدىيىلەرنى ماڭا ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟!» ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە چۆل-باياۋاندا بولغان دەۋردە، ئىسرائىللار چۆل-باياۋاندا قۇربانلىقلارنى قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ،‭ ‬لېكىن بۇ ئايەتتىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، ئۇلار بۇ قۇربانلىقلارنى خۇدا ئۈچۈن ئاتىغان ئەمەس («ماڭا ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ؟»)؛ بۇ ئىشلار پەقەتلا بىر «دىنىي پائالىيەت» يۇسۇنىدا ئېلىپ بېرىلغان، خالاس. 5:25 روس. 7‏:42 5:26 «بەرھەق، سىلەر ... «يۇلتۇز ئىلاھى»ڭلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار!» ــ پۈتكۈل ئايەتنىڭ تەرجىمىلىرى كۆپ خىل. بىراق ئاساسىي مەنىسى ئوخشاش، ئىسرائىل مۇسا پەيغەمبەر دەۋرىدىن تارتىپ كۆڭلىدىكى بۇتپەرەسلىكنى ھېچ تاشلىمىغان. ئايەتتە ئېيتىلغان بۇتلار ئاساسەن مېسوپوتامىيە، يەنى بابىل رايونىدىكى بۇتلاردۇر. شۇڭا خۇدانىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسى (27-ئايەت) ئۇلارنى بابىلغا ئەسىر قىلدۇرۇپ، شۇ يەرگە سۈرگۈن قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ.