4
سامارىيەدىكى ئاياللارغا ۋە پۈتكۈل ئاھالىگە بولغان ئاگاھلار
ئى باشاندىكى ئىنەكلەر،
سامارىيە تېغىدا تۇرۇپ، نامراتلارنى خارلاۋاتقان، مىسكىنلەرنى ئېزىۋاتقانلار،
خوجىلىرىغا: «شارابنى ئېلىپ كېلىڭلار، بىز ئىچىمىز» دەيدىغانلار،
بۇ سۆزنى ئاڭلاڭلار: ــ
رەب پەرۋەردىگار ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكى بىلەن قەسەم ئىچكەنكى،
مانا، بېشىڭلارغا شۇنداق كۈنلەر چۈشىدۇكى،
ئۇ سىلەرنى ئىلمەكلەر بىلەن،
نەسلىڭلارنى چاڭگاكلار بىلەن ئېلىپ كېتىدۇ.
ھەم سىلەر ئاياللار ھەربىرىڭلار سېپىلنىڭ شورالىرىدىن قىسىلىپ ئۆتۈپ،
ئۇدۇل مېڭىپ تىكىۋېتىسىلەر؛
ۋە سىلەر ھارمون تەرەپكە چۆرۈۋېتىلىسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
 
ئەمدى بەيت-ئەلگە كېلىڭلار، ئاسىيلىق قىلىڭلار!
گىلگالدىمۇ ئاسىيلىقنى كۆپەيتىڭلار!
ئەتىگەندە قۇربانلىقلىرىڭلارنى،
ھەر ئۈچىنچى كۈنى سىلەرنىڭ «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار،  
«تەشەككۈر قۇربانلىقى»نى خېمىرتۇرۇچ بىلەن بىللە كۆيدۈرۈڭلار ــ
سىلەر «خالىس قۇربانلىقلار»ىڭلارنى جاكارلاپ ماختىنىپ يۈرۈڭلار؛
چۈنكى بۇنداق قىلىشقا ئامراقسىلەر، ئى ئىسرائىللار! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
  
«مەن ھەممە شەھەرلىرىڭلاردا «چىشنىڭ پاكىزلىقى»نى چۈشۈردۈم،
ھەممە يېرىڭلاردا سىلەرنى ئاش-نانغا بولغان ھاجەتمەن قىلدىم؛
بىراق سىلەر يەنىلا يېنىمغا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
ھوسۇلغا ئۈچ ئايلا قالغان بولسىمۇ، سىلەردىن يامغۇرنى تارتىۋېلىپ بەرمىدىم؛
بىر شەھەر ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇردۇم،
يەنە بىر شەھەرگە ياغدۇرمىدىم؛
بىر پارچە يەر ئۈستىگە يامغۇر ياغدى؛
يەنە بىر پارچە يەر يامغۇرسىز قاغجىراپ قالدى؛
شۇنىڭ بىلەن ئىككى، ئۈچ شەھەرنىڭ پۇقرالىرى سۇ تىلەپ باشقا بىر شەھەرگە ئەلەڭشىپ باردى،
لېكىن قانمىدى؛
بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
مەن سىلەرنى جۇدۇن ھەم ھال ئاپىتى بىلەن ئۇردۇم؛
«غاجىلىغۇچى قۇرت»لار نۇرغۇنلىغان بېغىڭلار، ئۈزۈمزارلىرىڭلار، ئەنجۈر دەرەخلىرىڭلار ھەم زەيتۈن دەرەخلىرىڭلارنى يەپ كەتتى؛
بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛  
10 مەن ئاراڭلارغا مىسىرغا چۈشۈرۈلگەن ئاپەتلەردەك ئاپەتنى ئەۋەتتىم؛
يىگىتلىرىڭلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزدۇم،
ئاتلىرىڭلارنى ئولجا بولۇشقا قويۇۋەتتىم؛
مەن قارارگاھىڭلاردىن جەسەتلەرنىڭ سېسىقچىلىقىنى پۇرۇتۇۋەتتىم،
ئۇنى دىمىغىڭلارغىمۇ كىرگۈزدۇم،
بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
11 مەن ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى خۇدا سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى ئۆرۈۋەتكىنىدەك ئۆرۈۋەتتىم،
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئوتتىن تارتىۋېلىنغان بىر چۇچۇلا ئوتۇندەك بولۇپ قالدىڭلار؛
بىراق يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛  
12 شۇڭا مەن ساڭا شۇنداق قىلىشىم كېرەك دەۋاتىمەن، ئى ئىسرائىل؛
مەن بۇنى ساڭا قىلىدىغانلىقىم تۈپەيلىدىن،
خۇدايىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارلان، ئى ئىسرائىل!
13 چۈنكى مانا، تاغلارنى شەكىللەندۈرگۈچى،
شامالنى ياراتقۇچى،
ئىنسانغا ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايان قىلغۇچى،
تاڭ سەھەرنى قاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچى،
يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ يۈرگۈچى دەل شۇدۇر،
پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا ئۇنىڭ نامىدۇر!

  
 
 
4:1 «باشاندىكى ئىنەكلەر» ــ بۇ «ئىنەكلەر» سامارىيەدىكى بايلارنىڭ قىز-ئاياللىرىنى كۆرسىتىدۇ. باشان بولسا سېمىز، ساغلام كالىلىرى بىلەن داڭقى چىققان رايون. 4:2 «مانا، بېشىڭلارغا شۇنداق كۈنلەر چۈشىدۇكى، ئۇ سىلەرنى ئىلمەكلەر بىلەن، نەسلىڭلارنى چاڭگاكلار بىلەن ئېلىپ كېتىدۇ» ــ سامارىيە خەلقى ئاخىرىدا ئاسۇرىيە پادىشاھىغا ئەسىرگە چۈشىدۇ؛ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ئەسىرلەرنىڭ كالپۇكلىرىدىن ئىلمەكنى ئۆتكۈزۈپ ئۇلارنى يېتەكلەيدىغان رەھىمسىز ئادىتى بار ئىدى. 4:3 «ۋە ھارمون تەرەپكە چۆرۈۋېتىلىسىلەر» ــ «ھارمون» بىزگە ھازىر نامەلۇم بىر شەھەر. 4:4 «ئەمدى بەيت-ئەلگە كېلىڭلار، ئاسىيلىق قىلىڭلار! گىلگالدىمۇ ئاسىيلىقنى كۆپەيتىڭلار!» ــ بېيت-ئەل ۋە گىلگال (شۇنداقلا شىمالىي تەرەپتە «دان» شەھىرى، جەنۇبىي تەرەپتە بەئەر-شېبا شەھىرى) خەلقلەر كۆپ زىيارەت قىلىدىغان بۇت تاۋاپگاھى ئىدى. 4:4 ھوش. 12‏:12 4:5 ««تەشەككۈر قۇربانلىقى»نى خېمىرتۇرۇچ بىلەن بىللە كۆيدۈرۈڭلار» ــ قۇربانلىقلارنى خېمىرتۇرۇچ سالغان نەرسىلەر بىلەن بىللە سۇنۇشقا قەتئىي بولمايتتى («لاۋ.» 11:2). «سىلەر «خالىس قۇربانلىقلار»ىڭلارنى جاكارلاپ ماختىنىپ يۈرۈڭلار؛ چۈنكى بۇنداق قىلىشقا ئامراقسىلەر، ئى ئىسرائىللار!» ــ 4- ھەم 5-ئايەتتە ئېيتىلغان قۇربانلىقلار ھەمدە ھەر كىشىنىڭ كىرىمىدىن «ئوندىن بىرى»نى ھەر ئۈچ يىلدا خۇداغا ئاتاپ بېغىشلىشى، ئەسلىدە مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇندا بېكىتىلگەنىدى. بىراق ئىسرائىللار ھازىر بۇلارنى ئۆز بۇتلىرىغا ئاتاپ بېغىشلاۋاتىدۇ. ئەسلى خېمىرتۇرۇچ سېلىپ قىلىنغان ئاش ھەدىيەلەرنى قۇربانلىقلارغا قوشۇپ سۇنۇش مەنئى قىلىنغانىدى. بۇ سۆزلەرگە قارىغاندا ئۇلار مۇشۇ پائالىيەتلەردە ئۆزلىرىنى خېلى «تەقۋادار» كۆرسەتمەكچى بولۇپ، «ئىختىيارىي قۇربانلىق»لارنى كۆپ قىلغان ئوخشايدۇ. 4:5 لاۋ. 2‏:1، 15؛ 7‏:13 4:6 «مەن ھەممە شەھەرلىرىڭلاردا «چىشنىڭ پاكىزلىقى»نى چۈشۈردۈم» ــ دېمەك ئۇلاردا يېگۈدەك نەرسە يوق. 4:9 «مەن سىلەرنى جۇدۇن ھەم ھال ئاپىتى بىلەن ئۇردۇم» ــ «ھال ئاپىتى» زىرائەتلەرنىڭ بىرخىل كېسىلى. 4:9 قان. 28‏:22؛ يو. 1‏:4 4:10 «مەن ئاراڭلارغا مىسىرغا چۈشۈرۈلگەن ئاپەتلەردەك ئاپەتنى ئەۋەتتىم» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «مەن (ئەسلى) مىسىرغا چۈشۈرگەن ۋابا كېسىلىنى ئەۋەتتىم» (دېمەك، مۇسا پەيغەمبەر دەۋرىدە مىسىرغا چۈشكەن ۋابالارنى بېشىڭلارغىمۇ چۈزۈردۇم) «ئاتلىرىڭلارنى ئولجا بولۇشقا قويۇۋەتتىم» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇلارنى (دېمەك، يىگىتلىرىڭلارنى) سىلەر بۇلىۋالغان ئاتلار بىلەن بىللە ئۆلتۈرگۈزدۇم». 4:11 «مەن ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى خۇدا سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى ئۆرۈۋەتكىنىدەك ئۆرۈۋەتتىم» ــ «مەن ... بەزىلەرنى خۇدا ... ئۆرۈۋەتكىنىدەك ئۆرۈۋەتتىم» ــ بۇ يەردە سۆز قىلىۋاتقان كىم؟ بىزنىڭچە مۇشۇ بېشارەتنى مەسىھ ئۆزى بەرگەن بولسا كېرەك. 4:11 يار. 19‏:24 4:12 «خۇدايىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارلان!» ــ گەرچە بەلكىم ۋاقىت-پەيتى شۇنچە كېچىككىنى بىلەن، خۇدا يەنىلا ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار تۇرىدۇ، يەنىلا (بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ) ئۇلارغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىشكە تەييار تۇرىدۇ، دېگەنلىك بولسا كېرەك، دەپ قارايمىز (تەۋراتتا ئادەتتە: «خۇدا بىلەن كۆرۈشۈش» دېگەن مەنىدە). بىراق بەزى ئالىملار بۇ جۈملىنى خۇدانىڭ پات ئارىدا چۈشۈرىدىغان جازاسىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. 4:13 «ئىنسانغا ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايان قىلغۇچى...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىنسانغا ئۇنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى...» دېيىلىدۇ. شۇڭا باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئىنسانغا ئۆزىنىڭ (خۇدانىڭ) ئوي-پىكرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايان قىلغۇچى...». بىراق بىز «ئۇنىڭ ئوي-پىكرى» دېگەنلىك خۇدانىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئادەملەرنىڭكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز. «تاڭ سەھەرنى قاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچى» ــ ياكى «قاراڭغۇلۇقنى تاڭ سەھەر قىلغۇچى». 4:13 ناھ. 1‏:3