3
ھەربىر ئىشنىڭ سەۋەبى باردۇر
پەرۋەردىگار سىلەرنى ئەيىبلەپ ئېيتقان بۇ سۆز-كالامنى ئاڭلاڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى،
يەنى مەن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقارغان بۇ پۈتكۈل جەمەت: ــ
«يەر يۈزىدىكى بارلىق جەمەتلەر ئارىسىدىن پەقەت سىلەرنى تونۇپ كەلدىم؛
شۇڭا ئۈستۈڭلارغا بارلىق قەبىھلىكلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى چۈشۈرىمەن».
 
خىتاب ھەم مۇھاكىمە
ئىككى كىشى بىر نىيەتتە بولمىسا، قانداقمۇ بىللە ماڭالىسۇن؟
ئولجىسى يوق شىر ئورماندا ھۆركىرەمدۇ؟
ئارسلان ھېچنېمىنى ئالمىغان بولسا ئۇۋىسىدا ھۇۋلامدۇ؟
تۇزاقتا يەمچۈك بولمىسا قۇش يەرگە يىقىلامدۇ؟
ئالغۇدەك نەرسە بولمىسا، قىسماق يەردىن ئېتىلىپ چىقامدۇ؟
شەھەردە ئاگاھ كانىيى چېلىنسا، خەلق قورقمامدۇ؟
پەرۋەردىگار قىلمىغان بولسا، شەھەرگە يامانلىق چۈشەمدۇ؟
رەب پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە ئاۋۋال ئاشكارىلىماي تۇرۇپ،
ئۇ ھېچ ئىش قىلمايدۇ.
شىر ھۆركىرىگەن تۇرسا، كىم قورقمايدۇ؟
رەب پەرۋەردىگار سۆز قىلغاندا، كىم ئۇنىڭ بېشارىتىنى يەتكۈزمەي تۇرالايدۇ؟
 
خۇدا ئىسرائىلنى قورشايدىغان دۈشمەن بولۇپ قالدى •••• «ئۇ بۇرۇلۇپلا ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بولدى» {9:3-16:4}
ئاشدودتىكى قەلئە-ئوردىلاردا،
شۇنداقلا مىسىردىكى قەلئە-ئوردىلاردا ئېلان قىلىپ: ــ
«سامارىيە تاغلىرى ئۈستىدە يىغىلىڭلار،
ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زور قىيقاس-سۈرەنلەرنى،
ئۇنىڭ ئىچىدىكى جەبىر-زۇلۇملارنى كۆرۈپ بېقىڭلار» ــ دەڭلار.
10 ــ ئۇلار ھەق ئىش قىلىشنى بىلمەيدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،
ــ ئۇلار ئوردىلىرىغا زۇلۇم-زوراۋانلىق بىلەن تارتىۋالغانلىرىنى ھەم ئولجىلارنى جۇغلىغۇچىلار!
11 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«مانا بىر ياۋ! ئۇ زېمىننى قورشىۋالدى!
ئۇ مۇداپىئەڭنى ئېلىپ تاشلايدۇ،
قەلئە-ئوردىلىرىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ.
12 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــــ پادىچى شىرنىڭ ئاغزىدىن قوينىڭ ئىككى پۇتىنى ياكى قۇلىقىنىڭ بىر پارچىسىنى قۇتقۇزۇپ ئالغاندەك،
سامارىيىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللارمۇ شۇنداق قۇتقۇزۇلىدۇ،
ــ شەھەردە پەقەت كارىۋاتنىڭ بىر بۇرجىكى،
دىۋاندىكى بىر پارچە دەمەشق لىباسىلا قالىدۇ!
13 ــ ئاڭلاڭلار، ياقۇپنىڭ جەمەتىدە گۇۋاھلىق بېرىڭلار،
ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا،
14 ــ مەن ئىسرائىلنىڭ ئاسىيلىقلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرگەن كۈنىدە،
بەيت-ئەل شەھىرىنىڭ قۇربانگاھلىرىنىمۇ جازالايمەن؛
قۇربانگاھنىڭ بۇرجەكلىرىدىكى مۈڭگۈزلەر كېسىۋېتىلىپ يەرگە چۈشۈرۈلىدۇ.
15 مەن «قىشلىق ساراي» ۋە «يازلىق ساراي»نى بىراقلا ئۇرۇۋېتىمەن؛
پىل چىشى ئۆيلەرمۇ يوقىلىپ كېتىدۇ،
كۆپلىگەن ئۆيلەر تۈگىشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
 
 
3:2 «يەر يۈزىدىكى بارلىق جەمەتلەر ئارىسىدىن پەقەت سىلەرنى تونۇپ كەلدىم؛ شۇڭا ئۈستۈڭلارغا بارلىق قەبىھلىكلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى چۈشۈرىمەن» ــ دېمەك، خۇدا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئالاھىدە ئىمتىيازلارنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدە جاۋابكارلىقىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدۇ. 3:4 «ئولجىسى يوق شىر ئورماندا ھۆركىرەمدۇ؟ ئارسلان ھېچنېمىنى ئالمىغان بولسا ئۇۋىسىدا ھۇۋلامدۇ؟» ــ شىرلار ئىككى ئەھۋالدا ھۆركىرەيدۇ. (1) نىشان قىلغان ئوۋنى قورقىتىپ قوزۇقتەك قاتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن؛ (2) ئوۋ-ئولجىنى ئالغاندىن كېيىن باشقا يىرتقۇچ ھايۋانلارغا: «بۇ مېنىڭكى، ئۇنىڭغا چېقىلما» دەپ ئاگاھلاندۈرۈش ئۈچۈن. بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە بەلكىم بىرىنچى مۇمكىنچىلىكنى بىلدۈرىدۇ (8-ئايەتنى كۆرۈڭ). ھېچبولمىغاندا ئىسرائىلغا «ئاخىرقى دەقىقە»، يەنى توۋا قىلىشقا ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت كەلدى؛ توۋا قىلمىساڭلار پەرۋەردىگار شىردەك سىلەرنى ئۆز ئوۋى قىلىدۇ، دېگەنلىك بولسا كېرەك. 3:6 يەش. 45‏:7؛ يىغ. 3‏:37، 38 3:7 «رەب پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە ئاۋۋال ئاشكارىلىماي تۇرۇپ، ئۇ ھېچ ئىش قىلمايدۇ» ــ بۇ ئايەت خۇدانىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر پرىنسىپنى كۆرسىتىدۇ. باشقىچە ئىپادىلىسەك: ــ «رەب پەرۋەردىگار قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدا، ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە ئالدى بىلەن بېشارەت بەرمەي قالمايدۇ». 3:8 «شىر ھۆركىرىگەن تۇرسا، كىم قورقمايدۇ؟ رەب پەرۋەردىگار سۆز قىلغاندا، كىم ئۇنىڭ بېشارىتىنى يەتكۈزمەي تۇرالايدۇ؟» ــ بۇ جۈملىگە قارىغاندا «شىر» تېخى ئوۋنى تۇتمىغان ئوخشايدۇ ــ توۋا قىلىشقا ئازراقلا ۋاقىت قالدى (4-ئايەتنى قايتا كۆرۈڭ). 3:9 «ئاشدودتىكى قەلئە-ئوردىلاردا ... ئېلان قىلىپ: ــ «سامارىيە تاغلىرى ئۈستىدە يىغىلىڭلار، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زور قىيقاس-سۈرەنلەرنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى جەبىر-زۇلۇملارنى كۆرۈپ بېقىڭلار» ــ بۇ سۆز بەلكىم ئۇنى ئاڭلىغان سامارىيەدىكى ھۆكۈمدارلارغا ھەم بايلارغا بەك ئېغىر كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. خۇدا قانداقمۇ ئاشدودتىكى «بۇتپەرەس، كاپىر» فىلىستىيلەرنى (ھەم مىسىرلىقلارنى) مۇشۇ ھۆكۈمدارلارنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قىلغان جەبىر-زۇلۇملىرىنى كۆرۈشكە، يۇرتنىڭ كۆتۈرگەن داد-پەريادلىرىنى ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلسۇن؟ «قىيقاس-سۈرەنلەر» بولسا ئىككى بىسلىق سۆز ــ (1) يۇرتنىڭ داد-پەريادلىرىنى؛ (2) قورشىۋالغان دۈشمەنلەردىن قورقۇش تۈپەيلىدىن كۆتۈرۈلگەن قىيقاس-سۈرەنلەرنى بىلدۈرىدۇ (11-ئايەتنى كۆرۈڭ). 3:10 «ئۇلار ئوردىلىرىغا زۇلۇم-زوراۋانلىق بىلەن تارتىۋالغانلىرىنى ھەم ئولجىلارنى جۇغلىغۇچىلار!» ــ بۇ بەلكىم ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ: ــ (1) ھۆكۇمدارلار خەقلەرنى بوزەك قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ئولجا توپلىغان؛ (2) ئۇلار شۇنداق قىلغانلىقىدىن، بۇ بۇلىۋالغان ھارام ئولجىسى ئاخىرىدا ئۆز بېشىغا دۈشمەنلەرنىڭ زۇلۇملىرى، بۇلاڭچىلىقلىرى بولۇپ چۈشىدۇ. 3:12 «سامارىيىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللارمۇ شۇنداق قۇتقۇزۇلىدۇ، ــ شەھەردە پەقەت كارىۋاتنىڭ بىر بۇرجىكى، دىۋاندىكى بىر پارچە دەمەشق لىباسىلا قالىدۇ!» ــ مۇشۇ ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىنىڭ تەرجىمىلىرى ھەرخىل، بىراق ئومۇمىي مەنىسى بىر-بىرىگە يېقىن كېلىدۇ. سامارىيەدىكىلەرنىڭ ئوڭدا يېتىپ ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشىدا ئىشلەتكەن بۇيۇملىرىدىن ناھايىتى ئاز بىر قىسمى قېلىپ قالىدۇ. 3:13 «ئاڭلاڭلار، ياقۇپنىڭ جەمەتىدە گۇۋاھلىق بېرىڭلار،...» ــ بۇ خۇدانىڭ ھېلىقى تېخىچە «بۇتپەرەس، كاپىر» بولغان ئاشدودتىكىلەرگە قىلغان سۆزى. 3:14 «بەيت-ئەل شەھىرىنىڭ قۇربانگاھلىرىنىمۇ جازالايمەن؛ قۇربانگاھنىڭ بۇرجەكلىرىدىكى مۈڭگۈزلەر كېسىۋېتىلىپ يەرگە چۈشۈرۈلىدۇ» ــ بېشارەتتىن 150 يىل ئىلگىرى «يەروبوئام I»، ئىسرائىل (شىمالىي پادىشاھلىق)نىڭ تۇنجى پادىشاھى بەيت-ئەل شەھىرىدە بىر كالىسىمان بۇتنى ياساپ، ئۇنى «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بىر قۇربانلىق سۇپىسىنى (قۇربانگاھ) ياسىغان. ئاموسنىڭ سۆزىگە قارىغاندا بۇ قۇربانگاھنىڭ يېنىغا خېلى كۆپ قۇربانگاھلار قوشۇپ سېلىنغان. قۇربانگاھنىڭ ھەر تۆت بۇرجىكىگە بىر مۈڭگۈز بېكىتىلگەن. 3:15 «مەن «قىشلىق ساراي» ۋە «يازلىق ساراي»نى بىراقلا ئۇرۇۋېتىمەن» ــ «قىشلىق ساراي»، «يازلىق ساراي» پادىشاھ دەم ئالىدىغان جايلار بولسا كېرەك. «كۆپلىگەن ئۆيلەر» ــ قارىغاندا كۆپلىگەن ئادەملەر كەمبەغەل بولۇپ ماكانسىز قالغان. شۇ ۋاقىتلاردا، بايلار كۆپ ئۆيلەرنى سالغان.