6
ئىسرائىلنىڭ ھاكىم-ھۆكۈمدارلىرىغا ۋاي!
ئى زىئوندا خاتىرجەم ئولتۇرغانلار ھەم سامارىيە تېغىغا تايىنىپ ئامان-ئېسەن ياشىغانلار!
ئى ئەللەرنىڭ كاتتىسىنىڭ ئەربابلىرى!
ئىسرائىل جەمەتى سىلەرنى ئىزدەپ كېلىدۇ ــ
ــ سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!
سىلەر خەلققە: ــ «كالنەھ شەھىرىگە بېرىپ كۆرۈڭلار؛
شۇ يەردىن «بۈيۈك خامات» شەھىرىگە بېرىڭلار،
ئاندىن فىلىستىيلەرنىڭ شەھىرى گاتقا چۈشۈپ بېقىڭلار؛
بۇلار سىلەرنىڭ ئىككى پادىشاھلىقىڭلاردىن ئەۋزەلمۇ؟
ئۇلارنىڭ چېگرىسى سىلەرنىڭكىدىن كەڭمۇ؟» ــ دەپ ماختىنىپ سۆزلەيسىلەر.
ئى يامان كۈننى كېچىكتۈرمەكچى بولغانلار!
سىلەر جەبىر-زۇلۇمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىپ، ئۇنى ئۆزۈڭلارغا يېقىن قىلماقچى بولىسىلەر،
پىل چىشىدا نەقىشلەنگەن كارىۋاتلار ئۈستىدە ياتىسىلەر،
دىۋانلىرىڭلار ئۈستىدە كېرىلىپ ياتىسىلەر،
پادا توپىدىن پاخلانلارنى،
كالا قوتانلىرىدىن موزاينى تاللاپ يەيسىلەر،
چىلتار ئاھاڭىغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىسىلەر،
داۋۇتتەك ئۆزۈڭلارغا سازلارنى ئىجاد قىلىسىلەر،
شارابنى چىنىلەپ-چىنىلەپ ئىچىسىلەر،
ئۆزۈڭلارغا سەرخىل مايلىق ئەتىرلەرنى سۈرىسىلەر،
ــ بىراق كۆڭلۈڭلار يۈسۈپ جەمەتىنىڭ زىيان-زەخمىتى ئۈچۈن ھېچ ئازابلانمايدۇ!
شۇڭا ئۇلار تۇنجى ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئارىسىدا ئەسىرگە ئېلىنىدۇ؛
كېرىلىپ ياتقانلارنىڭ ئەيش-ئىشرىتى ئاخىرلىشىدۇ.  
رەب پەرۋەردىگار ئۆز ھاياتى بىلەن قەسەم قىلغانكى،
ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا،
ــ مەن ياقۇپنىڭ غۇرۇرىدىن بىزار بولدۇم،
ئۇنىڭ ئوردا-ئىستىھكاملىرىدىن نەپرەتلىنىمەن؛
مەن بۇ شەھەرنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ھەممىنى دۈشمەنگە تەڭلا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن؛
ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى،
بىر ئۆيدە ئون ئادەم بولۇپ قالسا، بۇ ئونەيلەنمۇ ئۆلىدۇ.
10 ئەگەر مەلۇم بىر ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈشكە مەسئۇل كىشى ئۇستىخانلارنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقىۋېتىپ، ئۆي ئىچىدىكى يەنە بىرسىدىن:
ــ «قېشىڭدا يەنە بىرسى بارمۇ؟» دەپ سورىسا، ئۇ «يوق» دەيدۇ،
ئاندىن تۇغقىنى يەنە: «سۈكۈت! پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشىمىزغا بولمايدۇ!» ــ دەيدۇ.

11 سەۋەبى، پەرۋەردىگار بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ،
ۋە چوڭ ئۆينى پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ،
كىچىك ئۆينىمۇ چاك-چېكىدىن يېرىپ چېقىۋېتىدۇ.
12 ئاتلار تاش ئۈستىدە چاپالامدۇ؟
ئادەملەر ئاشۇ يەرنى كالىلار بىلەن ئاغدۇرالامدۇ؟
بىراق سىلەر ئادالەتنى ئۆت سۇيۇقلىقىغا،
ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسىنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغانسىلەر ــ   
13 ــ يوق بىر نەرسىدىن شادلىنىپ كەتكەنسىلەر،
«ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ قۇدرەتكە ئىگە بولغانمىز» ــ دېگەنسىلەر.
14 چۈنكى مانا، ئى ئىسرائىل جەمەتى،
ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا،
ــ مەن سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان بىر ئەلنى تۇرغۇزىمەن؛
ئۇلار خامات شەھىرىنىڭ داۋىنىدىن ئاراباھ ئېقىمىغىچە سىلەرنى خارلايدۇ.
 
 
6:1 مىس. 19‏:5؛ يەر. 2‏:3 6:2 «بۇلار سىلەرنىڭ ئىككى پادىشاھلىقىڭلاردىن ئەۋزەلمۇ؟» ــ «ئىككى پادىشاھلىق» ــ بىرىنچىسى شىمالىي پادىشاھلىق ــ ئىسرائىل، پايتەختى سامارىيە؛ ئىككىنچىسى جەنۇبىي پادىشالىق ــ يەھۇدا، پايتەختى يېرۇسالېم. «سىلەر خەلققە:... ماختىنىپ سۆزلەيسىلەر» دېگەن سۆزلەر ئەسلىدىكى تېكىستتە يوق. بۇ ئايەتتە ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە بار: ــ ئايەتتىكى سۆزلەرنى ئاموس ئېيتقانمۇ ياكى سامارىيەدىكى ئەمىرلەر سامارىيەنىڭ بىخەتەرلىكى توغرۇلۇق ماختىنىپ ئېيتقانمۇ؟ بىزنىڭچە سامارىيەدىكى ئەمىرلەر ئېيتقان بولۇشى كېرەك؛ چۈنكى ئەگەر پەيغەمبەر ئاگاھلاندۇرۇش تەرىزىدە سورىغان بولسا، سوئالنىڭ ئەكسىچە سورىغان بولاتتى، ــ يەنى «بۇ شەھەرلەر سىلەرنىڭ ئىككى پادىشاھلىقىڭلاردىن ئاجىزمۇ؟» دەپ سورىغان بولاتتى. شۇڭا بۇ سۆزلەرنى قوشتۇق. بۇ ئۈچ شەھەرنىڭ ھەممىسى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىپ، ئاندىن غۇلىغان بولسا كېرەك ــ بىراق ھازىرغىچە بۇ ئىشلار توغرۇلۇق تارىخىي خاتىرىلەر يوق. 6:3 ئ‍ەز. 12‏:27؛ ئام. 5‏:18 6:5 يەش. 5‏:12 6:6 يەش. 5‏:11،12 6:7 «شۇڭا ئۇلار تۇنجى ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئارىسىدا ئەسىرگە ئېلىنىدۇ؛ كېرىلىپ ياتقانلارنىڭ ئەيش-ئىشرىتى ئاخىرلىشىدۇ» ــ تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى مەلۇم بىر يۇرتقا تاجاۋۇز قىلغاندا، ئاۋۋال شۇ يۇرتتىكى مۆتىۋەرلەرنى ئەسىر قىلىپ ئېپكېتىش ئادىتى بار ئىدى. 6:7 يەش. 5‏:13 6:9 «بىر ئۆيدە ئون ئادەم بولۇپ قالسا، بۇ ئونەيلەنمۇ ئۆلىدۇ» ــ 3:5نى كۆرۈڭ. 6:10 «مەلۇم بىر ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەلۇم بىر ئۆلگۈچىنىڭ تاغىسى...». «... جەسىتىنى كۆيدۈرۈشكە مەسئۇل كىشى ئۇستىخانلارنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقىۋېتىپ، ئۆي ئىچىدىكى يەنە بىرسىدىن: ــ «قېشىڭدا يەنە بىرسى بارمۇ؟» دەپ سورىسا، ئۇ «يوق» دەيدۇ، ئاندىن تۇغقىنى يەنە: «سۈكۈت! پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشىمىزغا بولمايدۇ!» ــ دەيدۇ» ــ ئادەتتە يەھۇدىي خەلقى جەسەتلەرنى كۆمىدۇ، «جەسەتنى كۆيدۈرۈش»نى ئۆچ كۆرىدۇ. «جەسىتىنى كۈيدۈرۈش» دېگەن ئىش ئۇلارنىڭ بېشىغا ناھايىتى ئېغىر ئاپەت چۈشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جەسەتلەرنى كۆمۈشكە قەتئىي ۋاقتى چىقمايدۇ، دېمەكچى. شۇڭا بۇ بېشارەت سامارىيەنىڭ ناھايىتى جىددى، بېچارە ئەھۋالغا چۈشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جەسەت ئۆيدە ئۇزۇنغىچە تۇرغان ــ ھازىر پەقەت «ئۇستىخانلار»لا قالغان. ھايات قالغان كىشىلەر شۇنداق قورقىدۇكى، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ئېيتىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. قىزىق بىر ئىش شۇكى، ئۇزۇندىن تارتىپ، بولۇپمۇ يېرۇسالېمنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى ۋەيران قىلىنىشىدىن كېيىن، يەھۇدىيلار «ياھۋەھ» (پەرۋەردىگار) دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشكە پېتىنالمايدۇ. 6:11 «پەرۋەردىگار... چوڭ ئۆينى پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ، كىچىك ئۆينىمۇ چاك-چېكىدىن يېرىپ چېقىۋېتىدۇ» ــ ھاكىم-ھۆكۈمدارلارنىڭ، ئەمەلدارلارنىڭ گۇناھلىرى ھامان باشقىلارنى ئۆز گۇناھلىرىغا چېتىلدۇرۇپ قويىدۇ؛ شۇ ۋەجىدىن «كىچىك ئۆيلەر»مۇ جازاغا ئۇچراپ كېتىدۇ. 6:12 «... ئادالەتنى ئۆت سۈيىگە، ھەققانىيلىقنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغانسىلەر» ــ مۇشۇ ئىبارىنىڭ مەنىسى 5-باب، 7-ئايەتنىڭ مەنىسىگە ئوخشاشتۇر. 6:12 ئام. 5‏:7 6:13 «يوق بىر نەرسە» ــ بىزنىڭچە، شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. پۈتكۈل ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ««لو-دەبار شەھىرىنى ئېلىپ شادلانغانىدۇق، كارنائىم شەھىرىنىمۇ ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئالدۇققۇ؟» ــ دېگەنسىلەر». 6:14 «مەن سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان بىر ئەلنى تۇرغۇزىمەن» ــ «بىر ئەل» ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنى كۆرسىتىدۇ.