3
يېرۇسالېمنىڭ سوراققا تارتىلىشى
ئاسىيلىق قىلغۇچى، بۇلغانغان، جەبىر-زۇلۇم يەتكۈزگۈچى شەھەرگە ۋاي!
ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىمىدى، تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى؛
پەرۋەردىگارغا تايانمىدى، خۇداسىغا يېقىنلاشمىدى.
ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى ھۆركىرەيدىغان شىرلار،
ئۇنىڭ سوراقچىلىرى بولسا كەچلىكى ئوۋلايدىغان، ئەتىگىنى غاجىلىغۇدەك ھېچنەرسە قالدۇرمايدىغان بۆرىلەردۇر؛
ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋەزىنسىز، ئاسىي كىشىلەر؛
ئۇنىڭ كاھىنلىرى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدىغانلار،
تەۋرات-قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلار.  
ھەققانىي پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر؛
ئۇ ھېچ ھەققانىيەتسىزلىك قىلمايدۇ؛
ھەر ئەتىگەندە ئادىل ھۆكۈمىنى ئايان قىلىدۇ؛
ھۆكۈمىدە كەمچىلىك يوقتۇر؛
بىراق نامەرد ئادەم ھېچ نومۇسنى بىلمەيدۇ.  
ــ مەن ئەللەرنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەنمەن،
ئۇلارنىڭ ئىستىھكام پوتەيلىرى ۋەيرانىدۇر؛
كوچىلىرىنى ھېچبىر ئادەم ئۆتمىگۈدەك قىلىپ خارابە قىلغانمەن؛
شەھەرلىرى ئادەمزاتسىز، ھېچ تۇرغۇچىسى يوق قىلىنىپ ھالاك بولغان.
مەن: «پەقەت مەندىن قورقۇڭلار، تەربىيىنى قوبۇل قىلىڭلار» ــ دېدىم.
شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭغا ھەممە بېكىتكەنلىرىم چۈشۈرۈلمەي، ماكانى ھېچ خانىۋەيران بولماس.
بىراق ئۇلار بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممە ئىشلىرىنى ھارام قىلىۋەتتى.
 
بارلىق ئەللەرنىڭ سوراققا تارتىلىشى
شۇڭا مېنى كۈتۈڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،
مەن گۇۋاھلىق بېرىشكە ئورنۇمدىن قوزغالغان كۈنگىچە ــ
چۈنكى مېنىڭ قارارىم ــ ئەللەرنى يىغىش،
پادىشاھلىقلارنى جەم قىلىشتىن ئىبارەتكى،
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى،
ھەممە دەھشەتلىك ئاچچىقىمنى بېشىغا تۆكۈش ئۈچۈندۇر.
چۈنكى يەر يۈزىنىڭ ھەممىسى ئاچچىق غەزىپىمنىڭ ئوتى بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ.
 
ئىسرائىلنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى، ئەللەرنىڭ خۇدانىڭ يېنىغا كېلىشى
چۈنكى شۇ تاپتا بارلىق ئەللەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ چاقىرىشى ئۈچۈن،
ئۇنىڭ خىزمىتىدە بىر جان بىر تەن بولۇشى ئۈچۈن،
مەن ئۇلارنىڭ تىلىنى ساپ بىر تىلغا ئايلاندۇرىمەن،
10 چۈنكى ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ نېرىسىدىن مېنىڭ دۇئا-تىلاۋەتچىلىرىم،
يەنى مەن تارقاتقانلارنىڭ قىزى،
ماڭا سۇنۇلغان ھەدىيەنى ئېپكېلىدۇ.
 
ئىسرائىلنىڭ خۇدانىڭ روھىدا «قايتىدىن تۇغۇلۇشى»
11 شۇ كۈنى سەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بارلىق قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئىزا تارتىپ قالمايسەن؛
چۈنكى شۇ تاپتا مەن تەكەببۇرلۇقۇڭدىن خۇشاللىنىپ كەتكەنلەرنى ئاراڭدىن ئېلىپ تاشلايمەن،
شۇنىڭ بىلەن سەن مۇقەددەس تېغىم تۈپەيلىدىن ھالىڭنى ئىككىنچى چوڭ قىلمايسەن؛
12 ۋە مەن ئاراڭدا كەمتەر ھەم مىسكىن بىر خەلقنى قالدۇرىمەن،
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تايىنىدۇ.
13 ئىسرائىلنىڭ قالدىسى نە قەبىھلىك قىلمايدۇ،
نە يالغان سۆزلىمەيدۇ،
نە ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئالدامچى تىل تېپىلمايدۇ؛
ئۇلار بەلكى ئوزۇقلىنىپ، ياتىدۇ،
ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ.
 
ئىسرائىلنىڭ قايتىدىن يىغىلىشى ــ ئاخىرقى زاماندىكى شاد-خۇراملىق بىر كۈي
14 يايراپ-ياشنا، ئى زىئون قىزى!
تەنتەنە قىلىپ ۋارقىرا، ئى ئىسرائىل!
پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلان، ئى يېرۇسالېمنىڭ قىزى!
15 پەرۋەردىگار سېنى جازالايدىغان ھۆكۈملەرنى ئېلىپ تاشلىدى،
دۈشمىنىڭنى قايتۇرۇۋەتتى؛
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەرۋەردىگار ئاراڭدىدۇر؛
يامانلىقنى ئىككىنچى كۆرمەيسەن.
16 شۇ كۈنى يېرۇسالېمغا ئېيتىلىدۇكى،
«قورقما، ئى زىئون!
قوللىرىڭ بوشاپ، ساڭگىلاپ كەتمىسۇن!
17 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدا،
قۇتقۇزىدىغان قۇدرەت ئىگىسىدۇر!
ئۇ شادلىق بىلەن ئۈستۈڭدە شادلىنىدۇ؛
ئۆز مېھىر-مۇھەببىتىدە ئارام ئالىدۇ؛
ئۈستۈڭدە ناخشىلار ئېيتىپ يايراپ-ياشنايدۇ.
18 جەمئىيەت سورۇنلىرىدىكى نومۇسسىز ئىبادەت تۈپەيلىدىن ئاراڭلاردىن ئازابلانغانلارنى يىغىمەن؛
بۇلارنىڭ شەرمەندىلىكلىرى ئۇلارغا ئېغىر كېلەتتى.
19 مانا، مەن شۇ تاپتا سېنى خارلىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرەپ قىلىمەن،
ئاقساق بولغان قىزنى قۇتقۇزىمەن
تالاغا ھەيدىۋېتىلگەن قىزنى يىغىمەن؛
دەل ئۇلار خورلانغان بارلىق زېمىنلاردا ئۇلارنى ئۆزۈمگە مەدھىيە كەلتۈرگۈچى، شۆھرەت بولغۇچى قىلىپ تىكلەيمەن.
20 مەن شۇ تاپتا، يەنى سىلەرنى يىغقان ۋاقىتتا، سىلەرنى ئۆيگە ئېپكېلىمەن؛
چۈنكى مەن كۆز ئالدىڭلاردا سىلەرنى ئاسارەتتىن ئازادلىققا چىقارغىنىمدا،
سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئارىسىدا شۆھرەتلىك، ئۆزەمگە مەدھىيە كەلتۈرگۈچى قىلىمەن،
ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
3:2 «ئاسىيلىق قىلغۇچى، بۇلغانغان، جەبىر-زۇلۇم يەتكۈزگۈچى شەھەرگە ۋاي! (1-ئايەت) ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىمىدى، تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى» ــ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغۇچى يېرۇسالېمدىكىلەر بەلكىم زەفانىيا يەنە ئاسۇرىيەنىڭ گۇناھلىرىنى ئەيىبلەۋاتىدۇ، دەپ ئويلىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق كېيىنكى سۆزلىرىدىن ئاڭلىغۇچىلار تۇيۇقسىز: «ئۇنىڭ ئەيىبلىگىنى نىنەۋە ئەمەس، بەلكى بىز يېرۇسالېمدىكىلەر ئىكەنمىز!» دەپ ھەيران قالغان، شۇنداقلا خاپا بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. «ئاۋاز»نىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى زەفانىيا پەيغەمبەر دېمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ دۇنيادا ئاڭلىغۇدەك پەقەت بىرلا ئاۋاز بار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر. 3:3 پەند. 28‏:15؛ ئ‍ەز. 22‏:27 3:4 «ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋەزىنسىز، ئاسىي كىشىلەر؛ ئۇنىڭ كاھىنلىرى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدىغانلار» ــ «پەيغەمبەرلىرى» ساختا پەيغەمبەرلەر، ئەلۋەتتە. «كاھىنلار» مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا پۇقرالار ئۈچۈن مەخسۇس قۇربانلىقنى كۆيدۈرگۈچى خادىملار. 3:4 يەر. 23‏:11، 32؛ ھوش. 9‏:7. 3:5 «ھۆكۈمىدە كەمچىلىك يوقتۇر» ــ ياكى «ئۇ (پەرۋەردىگار) ھۆكۈملىرىنى ئادا قىلماي قالمايدۇ». 3:5 قان. 32‏:4 3:6 «مەن ئەللەرنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەنمەن، ئۇلارنىڭ ئىستىھكام پوتەيلىرى ۋەيرانىدۇر .... شەھەرلىرى ئادەمزاتسىز، ھېچ تۇرغۇچىسى يوق قىلىنىپ ھالاك بولغان» ــ يات ئەللەر ئارىسىدىكى بۇ ۋەقەلەر، شۈبھىسىزكى، ئىسرائىلغا ساۋاق، ئاگاھ ۋە مىسال بولۇشى كېرەك ئىدى. 3:7 «شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭغا ھەممە بېكىتكەنلىرىم چۈشۈرۈلمەي، ماكانى ھېچ خانىۋەيران بولماس. بىراق ئۇلار بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممە ئىشلىرىنى ھارام قىلىۋەتتى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنداق بولغاندا ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ھەممە جازالىرى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ماكانى ھېچ ئۈزۈلمەيدۇ». «بىراق ئۇلار بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممە ئىشلىرىنى ھارام قىلىۋەتتى» ــ دېمەك، تىلغا ئېلىنغان «ھارام ئىشلار»نى قىلىشقا ناھايىتى ئالدىراۋاتقانىدى. 3:8 «مەن گۇۋاھلىق بېرىشكە ئورنۇمدىن قوزغالغان كۈنگىچە...» ــ «گۇۋاھچىلىق بېرىشكە...» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئوۋنى ئېلىشقا...». 3:10 «ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ نېرىسى....» ــ ئېفىئوپىيە ناھايىتى چەت جاي بولۇپ، توۋا قىلىش پۇرسىتى جاھاننىڭ چەتلىرىگىچە بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىدىغان بىر مىسالدۇر. «مېنىڭ دۇئا-تىلاۋەتچىلىرىم، يەنى مەن تارقاتقانلارنىڭ قىزى...» ــ بەلكىم تارقىلىپ كەتكەن، ئەمما توۋا قىلغان ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» شۇنچە دەھشەتلىك بولغىنى بىلەن (8-ئايەت)، 9-10-ئايەتتىكى بېشارەتلەر خۇدانىڭ مېھرى-شەپقىتىگە ھەتتا شۇ كۈنىدىمۇ ئېرىشىش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. 3:11 «مۇقەددەس تېغىم تۈپەيلىدىن» ــ ياكى «مۇقەددەس تېغىمدا» ياكى «مۇقەددەس تېغىم ئۈستىدە». 3:13 «ئىسرائىلنىڭ قالدىسى نە قەبىھلىك قىلمايدۇ» ــ «ئىسرائىلنىڭ قالدىسى» تەۋراتتىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ كىتابلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان تېما ياكى ماۋزۇدۇر. ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى خۇدادىن يىراقلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار ئارىسىدا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن، ئۆزىگە سادىق بىر «قالدى»نىڭ ھامان ھەردائىم تېپىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ. 3:14 زەك. 9‏:9 3:18 «جەمئىيەت سورۇنلىرىدىكى نومۇسسىز ئىبادەت تۈپەيلىدىن ئاراڭلاردىن ئازابلانغانلارنى يىغىمەن؛ بۇلارنىڭ شەرمەندىلىكلىرى ئۇلارغا ئېغىر كېلەتتى» ــ ئايەتنىڭ بىرنەچچە تەرجىمىلىرى بار. بىزنىڭچە مەنىسى شۇكى، ئىبادەت سورۇنلىرىدا بولغان ساختىپەزلىك، ئار-نومۇسسىزلىقلار سورۇنغا قاتناشقان ئىخلاسمەنلەرنى ناھايىتى ئازابلىغان، ئۇلار بۇنىڭغا چىدىماي مۇشۇ ھېيتلارغا، ئىبادەت سورۇنلىرىغا قاتناشماي تارقىلىپ كەتكەنىدى. شۇڭا خۇدا: «مەن ئۇلارنى يىغىمەن» ــ دەيدۇ. «يەش.» 13:1نى كۆرۈڭ. 3:19 «ئاقساق بولغان قىزنى قۇتقۇزىمەن تالاغا ھەيدىۋېتىلگەن قىزنى يىغىمەن» ــ «قىز» مۇشۇ يەردە ئىسرائىلنى كۆرسىتىدۇ. «... ئۇلارنى ئۆزۈمگە مەدھىيە كەلتۈرگۈچى، شۆھرەت بولغۇچى قىلىپ تىكلەيمەن» ــ ياكى «... ئۇلارنى تەرىپلەش ئوبيېكتى ۋە نام-شۆھرەتلىك قىلىپ تىكلەيمەن». 3:20 «سىلەرنى ...شۆھرەتلىك، ئۆزەمگە مەدھىيە كەلتۈرگۈچى قىلىمەن» ــ ياكى «سىلەرنى... نام-شۆھرەتلىك ۋە تەرىپلەش ئوبيېكتى قىلىمەن».