2
يىغىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يىغىڭلار، ئى نومۇسسىز «يات ئەل»،
يارلىق چىققۇچە،
كۈن توپاندەك تېز ئۆتۈپ كەتكۈچە،
پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىق غەزىپى ئۈستۈڭلەرگە چۈشكۈچە،
پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدىغان كۈن ئۈستۈڭلەرگە چۈشكۈچە،
پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ئى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئادا قىلغان زېمىندىكى كەمتەرلەر؛
ھەققانىيلىقنى ئىزدەڭلار، كەمتەرلىكنى ئىزدەڭلار؛
ئېھتىمال سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بولغان كۈنىدە پاناھ تاپقان بولىسىلەر.
 
ئەللەرنىڭ سوراققا تارتىلىشى
چۈنكى گازا تاشلانغان بولىدۇ،
ئاشكېلون ۋەيرانە بولىدۇ؛
ئۇلار ئاشدودتىكىلەرنى چۈش بولمايلا ھەيدىۋېتىدۇ؛
ئەكرون يۇلۇپ تاشلىنىدۇ.
دېڭىز بويىدىكىلەر، يەنى قېرەت ئېلىدىكىلەرگە ۋاي!
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ساڭا قارشىدۇر، ئى قانائان، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنى!
ئاھالەڭ قالمىغۇچە مەن سېنى ھالاك قىلىمەن.
دېڭىز بويى پادىچىلار ئۈچۈن چىمەنزار،
قوي پادىلىرى ئۈچۈن قوتانلار بولىدۇ؛
دېڭىز بويى يەھۇدا جەمەتىنىڭ قالدىسى ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ؛
ئاشۇ يەردە ئۇلار ئوزۇقلىنىدۇ؛
ئاشكېلوننىڭ ئۆيلىرىدە ئۇلار كەچ كىرگەندە ياتىدۇ،
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇداسى ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ،
ئۇلارنى ئاسارەتتىن ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدۇ.
مەن موئابنىڭ دەشنىمىنى، ئاممونىيلارنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلىدىم؛
ئۇلار شۇنداق قىلىپ مېنىڭ خەلقىمنى مازاق قىلىپ،
ئۇلارنىڭ چېگرالىرىنى پايمال قىلىپ ماختىنىپ كەتتى.
شۇڭا مەن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى،
موئاب جەزمەن خۇددى سودومدەك،
ئاممونىيلار خۇددى گوموررادەك بولىدۇ ــ
يەنى چاققاقلار ۋە شورلۇقلار قاپلانغان جاي، دائىم بىر چۆل-جەزىرە بولىدۇ؛
ھەم خەلقىمنىڭ قالدىسى ئۇلاردىن ئولجا ئالىدۇ،
قوۋمىمنىڭ قالغانلىرى بۇلارغا ئىگە بولىدۇ.
10 ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىدىن بۇ ئىش بېشىغا كېلىدۇ،
چۈنكى ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى مازاق قىلىپ ماختىنىپ كەتتى.
11 پەرۋەردىگار ئۇلارغا دەھشەتلىك بولىدۇ؛
چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدىكى بۇتلارنىڭ ھەممىسىنى قۇرۇتىۋېتىدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن ئەللەر، بارلىق چەت ئارالدىكىلەر ھەربىرى ئۆز جايىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ.
12 ئى ئېفىئوپىيلەر، سىلەرمۇ مېنىڭ قىلىچىم بىلەن ئۆلتۈرۈلىسىلەر.
13 ئۇ قولىنى سوزۇپ شىمالغا تەگكۈزۈپ، ئاسۇرىيەنى ھالاك قىلىدۇ،
نىنەۋە شەھىرىنى ۋەيرانە، چۆل-باياۋاندەك قەھەتچىلىك جاي قىلىدۇ.
14 ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا چارۋا پادىلىرى،
شۇنداقلا ھايۋانلارنىڭ ھەرخىللىرى ياتىدۇ؛
چۆل ھۇۋقۇشى، چىرقىرىغۇچى ھۇۋقۇشلار ئۇنىڭ تۈۋرۈك باشلىرىدا قونىدۇ؛
دېرىزىلىرىدىن سايراشلار ئاڭلىنىدۇ؛
بوسۇغىلىرىدا ۋەيرانىلىق تۇرىدۇ؛
چۈنكى ئۇ بۇنىڭ كېدىر ياغاچ نەقىشلىرىنى ئوچۇقچىلىقتا قالدۇرىدۇ؛
15 مانا بۇ ئەندىشىسىز ياشاپ كەلگۈچى شاد-خۇرام شەھەر،
كۆڭلىدە: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» دېگەن شەھەر ــ
ئۇ شۇنچىلىك بىر ۋەيرانە، ھايۋانلارنىڭ بىر قونالغۇسى بولۇپ قالدىغۇ!
ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈشقىرتىدۇ،
قولىنى سىلكىيدۇ.
 
 
2:1 «يىغىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يىغىڭلار، ئى نومۇسسىز «يات ئەل»» ــ «يات ئەل» مۇشۇ يەردە ئىسرائىل خەلقى خۇداغا نىسبەتەن بۇتپەرەس بىر يات ئەلگە ئوخشايدۇ، دېگەنلىك. ئۇلارنىڭ «يىغىلىشى» بەلكىم جامائەتتە بولۇپ دۇئا-تىلاۋەت بىلەن خۇدانى ئىزدەش ئۈچۈن بولسا كېرەك. ئىبرانىي تىلىدىكى «يىغىلىڭلار» دېگەن بۇ پېئىل ئادەتتە پەقەت «پاخال يىغىۋېلىش»نى كۆرسىتىدۇ، بۇ مۇشۇ يەردە ئىنتايىن كىنايىلىك گەپ بولۇپ، ئىسرائىل پاخالدەك بىر خەلق، خۇدانىڭ ئوتىدا تېزلا كۆيدۈرۈلۈش خەتىرىدە تۇرىدۇ، دېگەنلىك (2-ئايەتنى كۆرۈڭ). 2:3 زەب. 27‏:5؛ 32‏:5-7 2:4 «چۈنكى گازا تاشلانغان بولىدۇ، ئاشكېلون ۋەيرانە بولىدۇ؛ ئۇلار ئاشدودتىكىلەرنى چۈش بولمايلا ھەيدىۋېتىدۇ؛ ئەكرون يۇلۇپ تاشلىنىدۇ» ــ بۇ شەھەرلەر فىلىستىيەدىكى بەش چوڭ شەھەرنىڭ تۆتى. ئۇلارنىڭ تەرتىپى شىمالدىن جەنۇبقا بولۇپ، ھۇجۇم شىمالىي تەرىپىدىن كېلىدىغان ئوخشايدۇ. «ئاشدودنى چۈش بولمايلا ھەيدىۋېتىدۇ» دېگەن جۈملە بەلكىم ھۇجۇم ئەتىگەندە باشلىنىپ چۈش بولغۇچە غەلىبىلىك تاماملىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. باشقا بىرخىل چۈشەنچىسى، ھۇجۇم چۈش ۋاقتىدا، يەنى ئادەم ئۇخلىغان ۋاقىتتا قىلىنىدۇ، «ئۇلار ئاشدودتىكىلەرنى چۈشتە ھەيدىۋېتىدۇ» دېگەنلىك. 2:5 «دېڭىز بويىدىكىلەر، يەنى قېرەت ئېلىدىكىلەرگە ۋاي!» ــ بۇ سۆزمۇ فىلىستىيلەرگە قارىتىلغان. «قېرەتلەر» بەلكىم «كرېت»دىكىلەر دېگەن مەنىدە. ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتى (ئوتتۇرا دېڭىزدىكى) كرېت ئارىلى ئىدى. 2:7 «ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇلارنى يوقلاپ...» دېگەن سۆزلەر بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. 2:9 «موئاب جەزمەن خۇددى سودومدەك، ئاممونىيلار خۇددى گوموررادەك بولىدۇ...» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدا بولۇشى مۇمكىنكى، خۇدا سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى رەزىللىكلىرى تۈپەيلىدىن ئاسماندىن ئوت چۈشۈرۈپ ۋەيران قىلىۋەتكەن. 2:12 «ئى ئېفىئوپىيلەر، سىلەرمۇ مېنىڭ قىلىچىم بىلەن ئۆلتۈرۈلىسىلەر» ــ بۇ بېشارەتتىن تەخمىنەن 80 يىلدىن كېيىن «كامبۇسىس II» ئېفىئوپىيەگە تاجاۋۇز قىلدى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 525-يىلى). بېشارەت بۇ ۋەقەنى ياكى بولمىسا ئاخىرقى زاماندىكى بىر ۋەقەنى كۆرسىتىشى كېرەك. 2:13 «ئۇ قولىنى سوزۇپ شىمالغا تەگكۈزۈپ، ئاسۇرىيەنى ھالاك قىلىدۇ، نىنەۋە شەھىرىنى ۋەيرانە، چۆل-باياۋاندەك قەھەتچىلىك جاي قىلىدۇ» ــ بۇ بېشارەتلەر (12-15-ئايەتلەر) زەفانىيانىڭ سۆزلىرىدىن پەقەت بىرنەچچە يىلدىن كىيىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 612-يىلى، بۈيۈك ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى پايتەختى نىنەۋە بىلەن بىللە پۈتۈنلەي بەربات قىلىندى. ئېفىئوپىيە باشقا يۇرتلاردىن يىراق بولسىمۇ، قاتتىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى (12-ئايەت). زەفانىيانىڭ بۇ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» توغرۇلۇق بولغان بېشارەتلىرى ھەم باشقا بېشارەتلىرىنىمۇ بەرىبىر ئاخىرىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، دەپ بىلگەن بولدى. 2:15 «ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈشقىرتىدۇ، قولىنى سىلكىيدۇ» ــ بۇ ھەرىكەتلەر بەلكىم ھەيران بولغانلىق ياكى مازاق قىلغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.