4
بەشىنچى ئالامەت كۆرۈنۈش ــ ئالتۇن چىراغدان
ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە قايتىپ كېلىپ مېنى ئويغىتىۋەتتى. مەن خۇددى ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىۋېتىلگەن ئادەمدەك بولۇپ قالدىم؛ ئۇ مەندىن: «نېمىنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىدى. مەن: «مانا، مەن پۈتۈنلەي ئالتۇندىن ياسالغان بىر چىراغداننى كۆردۈم؛ ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بىر قاچا، يەتتە چىرىغى ۋە يەتتە چىراغقا تۇتىشىدىغان يەتتە نەيچە بار ئىكەن؛ ئۇنىڭ يېنىدا ئىككى زەيتۇن دەرىخى بار، بىرسى ئوڭ تەرەپتە، بىرسى سول تەرەپتە»، دېدىم. ئاندىن جاۋابەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «ئى تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم.
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: «بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» ــ دېدى. مەن: «ياق، تەقسىر» ــ دېدىم.
ئاندىن ئۇ ماڭا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «مانا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ زەرۇببابەلگە قىلغان سۆزى: «ئىش كۈچ-قۇدرەت بىلەن ئەمەس، ئىقتىدار بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ روھىم ئارقىلىق پۈتىدۇ! ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. ــ ئى بۈيۈك تاغ، سەن زادى كىم؟ زەرۇببابەل ئالدىدا سەن تۈزلەڭلىك بولىسەن؛ ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە جىپسىما تاشنى قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «ئىلتىپاتلىق بولسۇن! ئىلتىپات ئۇنىڭغا!» دېگەن توۋلاشلار ياڭراپ ئاڭلىنىدۇ».  
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ «زەرۇببابەلنىڭ قولى مۇشۇ ئۆينىڭ ئۇلىنى سالدى ۋە ئۇنىڭ قوللىرى ئۇنى پۈتتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. 10 كىم ئەمدى مۇشۇ «كىچىك ئىشلار بولغان كۈن»نى كۆزگە ئىلمىسۇن؟ چۈنكى بۇلار شادلىنىدۇ، ــ بەرھەق، بۇ «يەتتە» شادلىنىدۇ، ــ زەرۇببابەلنىڭ قولى تۇتقان تىك ئۆلچەم تېشىنى كۆرگەندە شادلىنىدۇ؛ بۇ «يەتتە» بولسا پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە سەپسېلىپ قاراۋاتقان كۆزلىرىدۇر».  
11 مەن جاۋابەن پەرىشتىدىن: «چىراغداننىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغان ئىككى زەيتۇن دەرىخى نېمە؟» دەپ سورىدىم؛ 12 ۋە ئىككىنچى قېتىم سوئالنى قويۇپ ئۇنىڭدىن: «ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئىككى ئالتۇن نەيچە ئارقىلىق ئۆزلىكىدىن «ئالتۇن» قۇيۇۋاتقان شۇ ئىككى زەيتۇن شېخى نېمە؟» دەپ سورىدىم.
13 ئۇ مەندىن: «بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» دەپ سورىدى. مەن: «ياق، تەقسىر» ــ دېدىم.
14 ئۇ ماڭا: «بۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان «زەيتۇن مېيىدا مەسىھ قىلىنغان» ئىككى ئوغۇل بالىدۇر» ــ دېدى.


  
 
 
4:2 «يەتتە چىرىغى ۋە يەتتە چىراغقا تۇتىشىدىغان يەتتە نەيچە بار ئىكەن» ــ ياكى «يەتتە چىراغنىڭ ھەربىرىنىڭ يەتتە پىلىكى بار ئىكەن». 4:5 زەك. 4‏:14؛ ئەزرا 5‏:1؛ 6‏:14؛ ۋەھ. 11‏:3-4 4:7 «ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە جىپسىما تاشنى قويىدۇ» ــ «جىپسىما تاش» ــ سېلىنىۋاتقان ئۆينىڭ (مۇشۇ ئايەتتە ئىبادەتخانىنىڭ) ئەڭ ئاخىرقى قويۇلغان تېشىتۇر. «شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «ئىلتىپاتلىق بولسۇن! ئىلتىپات ئۇنىڭغا!» دېگەن توۋلاشلار ياڭراپ ئاڭلىنىدۇ» ــ «ئىلتىپاتلىق بولسۇن! ئىلتىپات ئۇنىڭغا!» دېگەن سۆزلەر بەلكىم ئىبادەتخانىغا، ياكى «ئەڭ ئۈستىدىكى جىپسىما تاش»، ياكى پۈتۈن قۇرۇلۇش ئىشىغا ئېيتىلىدۇ. 4:7 يەش. 40‏:4 4:9 يـۇھ. 2‏:19-21 4:10 «بەرھەق، بۇ «يەتتە» شادلىنىدۇ...» ــ بەزى ئالىملار بۇ «يەتتە»نى چىراغداننىڭ يەتتە شېخىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق چىراغدان خۇدادىن ماي قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا بىزنىڭچە «بۇ «يەتتە»» يۇقىرىقى تاشنىڭ «يەتتە كۆز»ىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى ئادەملەرنىڭ كۆز-قاراشلىرىدا «كىچىك ئىشلار» بولغىنى بىلەن، پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە ئىشنى تەڭ كۆرىدىغان كۆزلىرىدە ئۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، شادلىنارلىق بىر ئىشتۇر. ھەتتا قۇرۇلۇش جەريانىدا، زەرۇببابەلنىڭ «تىك ئۆلچەش تېشى»نى تۇتقانلىقىنى كۆرگەندە، «پەرۋەردىگارنىڭ كۆزلىرى» شادلىنىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 4:10 2تار. 16‏:9؛ ۋەھ. 5‏:6 4:12 «..ئۆزلىكىدىن «ئالتۇن» قۇيۇۋاتقان شۇ ئىككى زەيتۇن شېخى...» ــ مۇشۇ «ئالتۇن» بەلكىم «ئالتۇن رەڭلىك» زەيتۇن مېيى ــ ھەر تەرەپلىك روھىي رىغبەت-تەسەللىنى كۆرسەتسە كېرەك. 4:14 ««زەيتۇن مېيىدا مەسىھ قىلىنغان» ئىككى ئوغۇل بالىدۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «زەيتۇن مايلىق ئىككى ئوغۇل بالا» دېيىلىدۇ. بۇ ئايەتتىك «ئىككى زەيتۇن دەرىخى» توغرىسىدا ئىككى كۆزقاراش بار. (1) ئىككى زەيتۇن دەرىخى زەرۇببابەل ۋە يەشۇئا، يەنى داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان پادىشاھنىڭ ئورنىدا تۇرغۇچى زەرۇببابەل ۋە باش كاھىن يەشۇئا. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ۋە كاھىنلىرى ئالاھىدە بىر پۇراقلىق زەيتۇن مېيى بىلەن «مەسىھ قىلىنغان»، بۇ ماي خۇدانىڭ روھىنىڭ مەدىتىنى بىلدۈرەتتى. شۇنىڭدەك پادىشاھ ۋە كاھىن (باشقا تەرەپلەردىن) خۇداغا ۋەكالەتچى بولاتتى. بۇ بىرىنچى كۆزقاراش بويىچە بۇ ئىككى ئادەمنىڭ خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئىلھام بېرىشى بىلەن، خەلق خۇدانىڭ نۇرىنى دۇنياغا چاچىدىغان «چىراغدان» بولىدۇ. (2) بۇ «مەسىھ قىلىنغان ئىككى ئوغۇل بالا» دەل زەكەرىيا ۋە ھاگاي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى؛ ئۇلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشلىرى بىلەن پۈتۈن خەلق، جۈملىدىن زەرۇببابەل ۋە يەشۇئا مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلماقتا؛ شۇنىڭ بىلەن يەنە «خۇدانىڭ نۇرىنى دۇنياغا چاچىدىغان «چىراغدان» بولىدۇ». بىزنىڭچە بۇ كۆزقاراش ئورۇنلۇق. 4:14 زەك. 4‏:3؛ ئەزرا 5‏:1؛ 6‏:14؛ ۋەھ. 11‏:3-4