3
تۆتىنچى ئالامەت كۆرۈنۈش ــ •••• يەشۇئا باش كاھىننى كىيندۈرۈش
ئاندىن ئۇ ماڭا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان باش كاھىن يەشۇئانى، شۇنىڭدەك يەشۇئانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىشكە تۇرغان شەيتاننى كۆرسەتتى.

پەرۋەردىگار شەيتانغا: «پەرۋەردىگار سېنى ئەيىبلىسۇن، ئى شەيتان! بەرھەق، يېرۇسالېمنى تاللىۋالغان پەرۋەردىگار سېنى ئەيىبلىسۇن! بۇ كىشى ئوتتىن تارتىۋېلىنغان بىر چۇچۇلا ئوتۇن ئەمەسمۇ؟» ــ دېدى.   
يەشۇئا بولسا پاسكىنا كىيىملەرنى كىيگەن ھالدا پەرىشتىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.
ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلارغا: «بۇ پاسكىنا كىيىمنى ئۇنىڭدىن سالدۇرىۋېتىڭلار» ــ دېدى ۋە ئۇنىڭغا: «قارا، مەن قەبىھلىكىڭنى سەندىن ئېلىپ كەتتىم، ساڭا ھېيتلىق كىيىم كىيگۈزدۈم» ــ دېدى.   
مەن: «ئۇلار بېشىغا پاكىز بىر سەللىنى ئورىسۇن!» ــ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاكىز بىر سەللىنى ئۇنىڭ بېشىغا ئوراپ، ئۇنىڭغا كىيىم كىيدۈردى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىر ياندا تۇراتتى.
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەشۇئاغا مۇنداق جېكىلىدى: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەگەر يوللىرىمدا ماڭساڭ، تاپىلىغىنىمنى چىڭ تۇتساڭ، مېنىڭ ئۆيۈمنى باشقۇرىسەن، ھويلىلىرىمغا قارايدىغان بولىسەن؛ ساڭا يېنىمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن.
ــ ئى باش كاھىن يەشۇئا، سەن ۋە سېنىڭ ئالدىڭدا ئولتۇرغان ھەمراھلىرىڭ ئاڭلاڭلار (چۈنكى ئۇلار بېشارەتلىك ئادەملەر): ــ مانا، مەن «شاخ» دەپ ئاتالغان قۇلۇمنى مەيدانغا چىقىرىمەن.    مانا، مەن يەشۇئانىڭ ئالدىغا قويغان تاشقا قارا! ــ بۇ بىر تاشنىڭ ئۈستىدە يەتتە كۆز بار؛ مانا، مەن ئۇنىڭ نەقىشلىرىنى ئۆزۈم ئويىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە مەن بۇ زېمىننىڭ قەبىھلىكىنى بىر كۈن ئىچىدىلا ئېلىپ تاشلايمەن.  
10 شۇ كۈنى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارنى ئۈزۈم تېلى ۋە ئەنجۈر دەرىخى ئاستىغا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىسىلەر».
 
 
3:1 «ئاندىن ئۇ ماڭا ... باش كاھىن يەشۇئانى، شۇنىڭدەك يەشۇئانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىشكە تۇرغان شەيتاننى كۆرسەتتى» ــ ئوقۇرمەنلەر بەلكىم بىلىدۇكى، «يەشۇئا» (ياكى «يەھوشۇئا») يەھۇدىيلار ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىسىم بولۇپ، مەنىسى: «پەرۋەردىگار قۇتقۇزغۇچى» دېگەنلىكتۇر. «ئەيسا» دېگەن ئىسىم «يەشۇئا»نىڭ ئەرەب تىلىدىكى ئىپادىلىنىشىدۇر. «شەيتان» دېگەننىڭ مەنىسى: «دۈشمەن، كۈشەندە». بۇ ئايەت ئىبرانىي تىلىدا: «ئاندىن ئۇ ماڭا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان باش كاھىن يەشۇئانى، شۇنىڭدەك يەشۇئانىڭ ئوڭ تەرىپىدە شەيتاننىڭ ئۇنىڭغا «شەيتان بولۇش»قا تۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى» ــ دېيىلىدۇ. 3:2 «بەرھەق، يېرۇسالېمنى تاللىۋالغان پەرۋەردىگار سېنى ئەيىبلىسۇن! بۇ كىشى ئوتتىن تارتىۋېلىنغان بىر چۇچۇلا ئوتۇن ئەمەسمۇ؟» ــ بۇ سۆز يەشۇئانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە؛ ۋە بەلكىم يەشۇئانىڭ بابىلغا سۈرگۈن بولۇشتىكى سىناق-ئازدۇرۇشلىرىدىن قۇتقۇزۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە كۆرسەتكىنىمىزدەك، بۇ ئىشتا يەشۇئا ئىسرائىلغا ۋەكىل قىلىنىدۇ. 3:2 يەھ. 9 3:4 «ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلار» ــ بىزنىڭچە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ئالدىدىكى پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 3:4 مىك. 7‏:18 3:5 «مەن: «ئۇلار بېشىغا پاكىز بىر سەللىنى ئورىسۇن!» ــ دېدىم...» ــ بۇ سۆز بەلكىم زەكەرىيانىڭ دۇئاسى ــ دېمەك، «يەشۇئانىڭ كاھىنلىق كىيىملىرى تولۇق بولسۇن!». 3:8 «مانا، مەن «شاخ» دەپ ئاتالغان قۇلۇم...» ــ «مانا» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «چۈنكى، مانا» دېيىلىدۇ. «چۈنكى» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەندە، ئەسلىدە ئۇنىڭ كەينىدە بىر سەۋەب بار بولۇشى كېرەك. بۇ سەۋەب يۇقىرىقى 1-7-ئايەتتە تېپىلىشى مۇمكىن، بىراق بىزگە ھازىرچە نامەلۇم. «مېنىڭ «شاخ» دېگەن قۇلۇم» ــ 6-باب، 12-13-ئايەتتىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. ««شاخ» دېگەن قۇلۇم» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. «شاخ»، «يەشۇئا»، «ئۇنىڭ ئالدىغا ئولتۇرغان ئادەملەر» ۋە تۆۋەندىكى ئايەتتىكى «يەتتە كۆزلۈك تاش» ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 3:8 يەش. 4‏:2؛ 11‏:1؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:15؛ زەك. 6‏:12 3:9 «بۇ بىر تاشنىڭ ئۈستىدە يەتتە كۆز بار؛ مانا، مەن ئۇنىڭ نەقىشلىرىنى ئۆزۈم ئويىمەن» ــ «كۆز» ئىبرانىي تىلىدا «بۇلاق» دېگەن مەنىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار شۇ مەنىدە چۈشىنىپ مۇنداق تەرجىمە قىلىدۇ: «بۇ بىر تاشنىڭ ئۈستىدە يەتتە بۇلاق بار؛ مەن بۇلارنىڭ ئاغزىلىرىنى ئاچىمەن...». 3-باب، 10-ئايەتتە يەتتە كۆز تىلغا ئېلىنغاچقا، بىز ئەسلى «كۆز» دېگەن مەنىدە بولۇشى كېرەك، دەپ قارايمىز. مۇمكىنچىلىكىمۇ باركى، «كۆز» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3:9 زەك. 4‏:10؛ ۋەھ. 5‏:6؛ زەب. 118‏:22؛ يەش. 8‏:14؛ 28‏:16؛ مات. 21‏:42؛ 1پېت. 2‏:4؛ يەش. 49‏:16؛ يـۇھ. 20‏:20، 25-27؛ زەك. 13‏:1