3
ئاخىر زامان
ئەمما شۇنىمۇ بىلگىنكى، ئاخىر زامانلاردا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ.   ئۇ چاغدىكى ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، مەنمەنچى، ھاكاۋۇر، كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى تىڭشىمايدىغان، تۇزكور، ئىپلاس، كۆيۈمسىز، كەچۈرۈمسىز، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، خەير-ساخاۋەتلىككە دۈشمەن، ساتقۇن، تەلۋە، شۆھرەتپەرەس، ھۇزۇر-ھالاۋەتنى خۇدادىن ياخشى كۆرىدىغان، سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر.   چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر ئۆيمۇ-ئۆي سوقۇنۇپ كىرىپ، گۇناھلار بىلەن بېسىلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان نادان ئاياللارنى ئازدۇرۇپ ئۆزىگە ئەسىر قىلىدۇ.   بۇنداق ئاياللار دائىم تەلىم ئالسىمۇ، ھەرگىز ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ. ئەمدى ياننىس بىلەن يامبرىس مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ ئازدۇرغۇچىلارمۇ ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ. ئۇلار زېھىن-كۆڭۈللىرى چىرىگەن، ئېتىقاد جەھەتتە داشقال دەپ ئىسپاتلانغان كىشىلەردۇر.   لېكىن ئەمدى ئۇلار بۇ يولدا ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ؛ چۈنكى ياننىس بىلەن يامبرىسنىڭ ھاماقەتلىكى ئوچۇق كۆرۈنگەندەك، بۇلارنىڭمۇ ھەممىگە كۆرۈنىدۇ.
 
پاۋلۇسنىڭ ۋەسىيەتلىرى؛ ئۆگەنگەنلىرىڭدە داۋاملىق ماڭغىن
10‏-11 لېكىن سەن بولساڭ مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، مەقسەت-ئىرادىلىرىم، ئىشەنچ-ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم، مەن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەر ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ، شۇنداقلا مەن بەرداشلىق بەرگەن شۇنچە زىيانكەشلىكلەردىن تولۇق خەۋىرىڭ بار؛ رەب ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مېنى قۇتقۇزدى.    12 دەرۋەقە، مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە تىكلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. 13 لېكىن رەزىل ئادەملەر ۋە ئېزىتقۇ-كاززاپلار بەرىبىر باشقىلارنىمۇ ئالداپ، ئۆزىمۇ ئالدىنىپ، بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىدۇ. 14 لېكىن سەن بولساڭ، ئۆگەنگەن ۋە تولۇق ئىشەندۈرۈلگەن ھەقىقەتلەردە چىڭ تۇر؛ چۈنكى بۇلارنى كىمدىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن، 15 ھەمدە بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى بىلىپ كەلدىڭ؛ بۇلارنىڭ ساڭا مەسىھ ئەيساغا باغلانغان ئېتىقاد ئارقىلىق بولغان نىجات توغرۇلۇق سېنى دانا قىلالايدىغانلىقىنى بىلىسەن. 16 پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ تەلىم بېرىش، تەنبىھ بېرىش، خاتالىقلارنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيەت يولىغا باشلاشقا پايدىلىقتۇر.
  
17 بۇلار ئارقىلىق خۇدانىڭ ئادىمى تولۇق قوراللىنىپ، بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار بولالايدۇ.
 
 
3:1 «ئەمما شۇنىمۇ بىلگىنكى، ئاخىر زامانلاردا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ» ــ «ئېغىر كۈنلەر» گرېك تىلىدا يەنە «خەتەرلىك كۈنلەر»نىمۇ بىلدۈرىدۇ. 3:1 1تىم. 4‏:1؛ 2پېت. 2‏:3؛ يەھ. 18. 3:5 «...سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر» ــ 1-5-ئايەتلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە قىسقىچە توختىلىمىز. 3:5 مات. 18‏:17؛ رىم. 16‏:17؛ 2تېـس. 3‏:6؛ تىت. 3‏:10؛ 2يۇھ. 10. 3:6 «ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان نادان ئاياللار...» ــ ياكى «ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان ئاجىز ئاياللار...». 3:6 مات. 23‏:14؛ تىت. 1‏:11. 3:8 «ئەمدى ياننىس بىلەن يامبرىس مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ ئازدۇرغۇچىلارمۇ ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ» ــ «مىس.» 11:7، 22، 7:8، 18نى كۆرۈڭ. ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىشتىن بۇرۇن، مىسىر پادىشاھىنىڭ سېھىرگەرلىرى مۇسا پەيغەمبەرگە قارشى تۇرغان. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى (ياننىس بىلەن يامبرىس) تەۋراتتا دېيىلگەن ئەمەس، بەلكى يەھۇدىيلارنىڭ باشقا تارىخىي كىتابلىرىدا تېپىلىدۇ. 3:8 مىس. 7‏:11. 3:10‏-11 «جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ...» ــ «ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەر»: ــ بۇ بىر-بىرىگە يېقىن ئۈچ يۇرتتا بولغان ۋەقەلەر توغرۇلۇق مەلۇماتلار «روس.» 13-14-بابتا تېپىلىدۇ. تىموتىي ئۆزى لىسترالىق ئىدى؛ پاۋلۇس دۇچ كەلگەن بۇ زىيانكەشلىكلەر تىموتىينىڭ مەسىھگە ئېتىقاد قىلىشىغا تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. 3:10‏-11 زەب. 34‏:19؛ روس. 13‏:50؛ 14‏:19؛ 2كور. 1‏:10 3:12 مات. 16‏:24؛ لۇقا 24‏:26؛ يـۇھ. 17‏:14؛ روس. 14‏:22؛ 1تېس. 3‏:3. 3:14 «چۈنكى بۇلارنى كىمدىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «كىملەر» دەپ دېيىلىدۇ. لېكىن بىزنىڭچە «كىم» دەپ ئوقۇش توغرا، چۈنكى پاۋلۇس بۇ ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ ئۈلگە بولغانلىقى توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەيدۇ. تۆۋەندىكى 15-ئايەتتە ئۇ باشقا كىشىلەر (تىموتىينىڭ چوڭ ئانا ۋە ئانىسى)نىڭ تەسىرىنى تىلغا ئالىدۇ. 3:16 «پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ...» ــ گرېك تىلىدا «پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى» دېگەن ئىبارە يازمىلاردىكى ھەربىر سۆز-ئايەتنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. «خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان» گرېك تىلىدا «خۇدا نەپىسى بىلەن كىرگۈزۈپ يېزىلغان» دېگەن شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. گرېك تىلىدا ھەم ئىبرانىي تىلىدا «روھ» ۋە «نەپەس» بىر سۆز. 3:16 2پېت. 1‏:21.