2
مۇشەققەتكە قارىماي رەبنىڭ خىزمىتىدە بولۇش
شۇڭا ئەي ئوغلۇم، سەن مەسىھ ئەيسادا بولغان مېھىر-شەپقەتكە تايىنىپ كۈچلۈك بول؛ ۋە سەن كۆپ گۇۋاھچىلار ئالدىدا مەندىن ئاڭلىغانلىرىڭنى ھەم ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغىمۇ تەلىم بېرەلەيدىغان ئادەملەرگە ئامانەت قىلغىن.   ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇش سۈپىتىدە، خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن. جەڭچى بولغان كىشى ئۆزىنى ئەسكەرلىككە تىزىملىغان سەردارىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئۆزىگە ھەلەك قىلىۋالماسلىقى كېرەك. مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىمۇ مۇسابىقە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمىسا، غەلىبە تاجىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئەجىر سىڭدۈرگەن دېھقان ھوسۇلىدىن بىرىنچى بولۇپ بەھرىمەن بولۇشى تېگىشلىكتۇر. بۇ سۆزلىرىم ئۈستىدە ياخشى ئويلا، شۇنىڭ بىلەن رەب ساڭا ھەممە ئىشتا يورۇتىدۇ.
سەن داۋۇتنىڭ نەسلى بولغان، ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھنى مەن يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر بويىچە ئېسىڭدە چىڭ تۇت. بۇ خۇش خەۋەرنى دەپ كۆپ خارلىق-مۇشەققەت چېكىپ، ھەتتا جىنايەتچى ھېسابلىنىپ كىشەنلىنىپ ياتىمەن. ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ھېچ كىشەنلەنمەيدۇ! 10 ئەمدى مەن دەل شۇ سەۋەبتىن، خۇدا تاللىغان بەندىلەرنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجاتقا مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ بىلەن ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەممە ئىشقا بەرداشلىق بېرىمەن.
11 تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر: ــ
 
«ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز،
ئۇنىڭ بىلەن ھاياتتا بىللە ياشايمىز.  
12 قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرسەك،
ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرىمىز.
بىز ئۇنىڭدىن تانساق،
ئۇمۇ بىزدىن تانىدۇ.
13 بىز ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلساقمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكتۇر؛
چۈنكى ئۇ ئۆزىدىن ھېچ تانالمايدۇ».  
 
خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان خىزمەتكار
14 بۇ ئىشلارنى داۋاملىق قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە سېلىپ، ئۇلارنى رەب ئالدىدا بىمەنە سۆزلەر ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلماسلىقنى ئەستايدىللىق بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن. بۇنداق تالاش-تارتىشلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايلا قالماي، بەلكى ئاڭلىغۇچىلارنى نابۇت قىلىدۇ. 15 ئۇستا تىكىمچى رەختنى توغرا پىچقاندەك ھەقىقەت سۆزىنى دۇرۇس چۈشەندۈرۈپ، ئۆزۈڭنى خۇدا ئالدىدا تەستىقلانغۇدەك، يەرگە قاراپ قالمايدىغان ماھىر بىر خىزمەتكار قىلىپ كۆرسىتىشكە ئىنتىلىپ كۆڭۈل قويغىن؛ 16 لېكىن ئىپلاس، قۇرۇق گەپلەردىن نېرى تۇر. چۈنكى بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچىلار بەرىبىر تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ.    17 مۇشۇنداقلارنىڭ گەپلىرى خۇددى مەرەزدەك تېزلا يامراپ كېتىدۇ. خىمېنېيۇس ۋە فىلېتوسلار مانا شۇنداقلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىدۇر؛ 18 ئۇلار ھەقىقەتتىن چەتنەپ، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن بۇ ئىش ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى، دەيدۇ، شۇنداقلا بەزىلەرنىڭ ئېتىقادىنى غۇلىتىدۇ.
19 ھالبۇكى، خۇدانىڭ مەزمۇت ئۇلى چىڭ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر بىلەن: «رەب ئۆزىگە تەۋە بولغانلارنى تونۇيدۇ» ۋە «رەبنىڭ مۇبارەك نامىنى لەۋزىگە ئالىدىغانلارنىڭ ھەممىسى رەزىللىكتىن قول ئۈزسۇن» دەپ مۆھۈرلەنگەندۇر.    20 باي-باياشات ئادەمنىڭ ئۆيىدە پەقەت ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچا-قۇچىلارلا ئەمەس، ياغاچ، ساپال قاچىلارمۇ بولىدۇ. قاچا-قۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئەتىۋارلىنىدۇ، بەزىلىرى پەس كۆرۈلىدۇ. 21 ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى ئۇنداقلارنىڭ كىرىدىن تازىلاپ خالىي قىلسا، ئۇ مۇقەددەس قىلىنغان، خوجايىنىمىزغا يارايدىغان قاچىدەك، ھەرقانداق گۈزەل ئىشلارغا تەييار بولىدۇ.
22 شۇڭلاشقا، ياشلىقنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرغىن، پاك قەلب بىلەن رەبگە نىدا قىلغۇچى بىلەن بىللە ھەققانىيلىق، ئىشەنچ-ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت ۋە تىنچ-خاتىرجەملىكنى قوغلىشىپ ئىزدە. 23 لېكىن ئەخمىقانە، بىلىمسىزلىكتىن چىققان تالاش-تارتىشلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىل، چۈنكى بۇنداق ئىشلارنىڭ جېدەل تېرىيدىغانلىقىنى بىلىسەن. 24 ئەمدىلىكتە رەبنىڭ قۇلى جېدەللەشمەسلىكى، بەلكى ھەممە كىشىلەرگە مۇلايىم-مېھرىبان، تەلىم بېرىشكە ماھىر، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەك؛ 25 شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا ئۇ خۇدا بەلكىم ئۇلارغا ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىگە توۋا قىلىدىغان قەلبنى بېرەر دەپ، مۆمىن-مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلسۇن؛    26 بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى ئۆز مۇددىئاسىغا ئەمەل قىلىشقا تۇتقۇن قىلغان ئىبلىسنىڭ تۇزىقىدىن قۇتۇلالايدۇ.
 
 
2:2 «... سەن كۆپ گۇۋاھچىلار ئالدىدا مەندىن ئاڭلىغانلىرىڭنى ھەم ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغىمۇ تەلىم بېرەلەيدىغان ئادەملەرگە ئامانەت قىلغىن» ــ نېمىشقا پاۋلۇس «كۆپ گۇۋاھچىلار ئالدىدا مەندىن ئاڭلىغانلىرىڭ» دەيدۇ؟ بۇ «گۇۋاھچىلار»نىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ ئويلىشىمىزچە: (1) گەرچە ئېتىقادتا كۆپ «چوڭقۇر سىرلار» بولسىمۇ، بۇ سىرلارنىڭ ھەممىسى توغرۇلۇق ئىنجىلدىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ؛ ھەقىقىي ئېتىقادتا ھېچقانداق «مەخپىي تەلىم»لەر ۋە «ئاز ساندىكى ئالاھىدە ئادەملەرگە ۋەھىي قىلىنغان» تەلىملەر يوقتۇر؛ (2) مۇشۇ ئېتىقادچى گۇۋاھچىلار پاۋلۇس ۋە باشقا روسۇللارنىڭ تەلىملىرىنىڭ بىرخىل ئىكەنلىكىگە ئىسپات بېرەلەيتتى. 2:2 تىت. 1‏:5. 2:3 «ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇش سۈپىتىدە، خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن» ــ (8:1دە ئېيتىلغاندەك) «ئۆز ھەسسەڭ بويىچە تارتقىن» ــ گرېك تىلىدا «ئۆز ھەسسەڭ بويىچە بىرگە تارتقىن». دېمەك، ھەر دەۋردە ئېتىقادچىلار تارتىشقا تېگىشلىك خارلىق-مۇشەققەت بار؛ تىموتىينىڭ پاۋلۇس (ۋە باشقى ئېتىقادچىلار) بىلەن بىرگە مەلۇم دەرىجىدە خارلىق-مۇشەققەت تارتىشىغا توغرا كېلىدۇ. 2:4 1كور. 9‏:25. 2:5 «مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىمۇ مۇسابىقە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمىسا، غەلىبە تاجىغا ئېرىشەلمەيدۇ» ــ «مۇسابىقە قائىدىلىرى» ــ كونا زامانلاردا بۇ «قائىدىلەر» ھەم مۇسابىقىنىڭ ئۆزىنى ۋە مۇسابىقىگە بولغان تەييارلىق-تەربىيىلەشلەرنىمۇ باشقۇراتتى. 2:6 1كور. 9‏:10. 2:8 «داۋۇتنىڭ نەسلى بولغان، ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھ» ــ «داۋۇت» بولسا داۋۇت پادىشاھ-پەيغەمبەر، ئەلۋەتتە. «سەن داۋۇتنىڭ نەسلى بولغان، ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھنى مەن يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر بويىچە ئېسىڭدە چىڭ تۇت» ــ بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 2:9 ئ‍ەف. 3‏:13،1؛ 4‏:1؛ فىل. 1‏:7؛ كول. 1‏:24؛ 4‏:3،18؛ 2تىم. 1‏:8. 2:11 «ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنىڭ بىلەن ھاياتتا بىللە ياشايمىز...» ــ «ئۇنىڭ بىلەن» دېگەنلىك مەسىھ بىلەن، ئەلۋەتتە. 2:11 رىم. 6‏:8. 2:12 مات. 10‏:33؛ مار. 8‏:38؛ لۇقا 9‏:26؛ 12‏:9؛ رىم. 8‏:17؛ 2كور. 4‏:10؛ فىل. 3‏:10؛ 1پېت. 4‏:13. 2:13 «بىز ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلساقمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇ ئۆزىدىن ھېچ تانالمايدۇ» ــ «چۈنكى ئۇ ئۆزىدىن ھېچ تانالمايدۇ» ياكى «چۈنكى ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ سۆزىدە تۇرماي قالمايدۇ». بۇ مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 2:13 چۆل. 23‏:19؛ رىم. 3‏:3؛ 9‏:6. 2:16 «بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچىلار بەرىبىر تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ» ــ «بۇنداق (كىشىلەر)... تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ» گرېك تىلىدا «بۇنداق (كىشىلەر)... تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا ئالغا باستۇرىدۇ» دېگەن كىنايىلىك، ھەجۋىي سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 2:16 1تىم. 1‏:4؛ 4‏:7؛ 6‏:20؛ تىت. 1‏:14؛ 3‏:9. 2:17 «مۇشۇنداقلارنىڭ گەپلىرى خۇددى مەرەزدەك تېزلا يامراپ كېتىدۇ» ــ «يامراپ كېتىدۇ» گرېك تىلىدا «ئوت-چۆپلەرنى يەپ كېتىدۇ» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. روسۇل پاۋلۇس شۇ سۆزى بىلەن: بۇلارنىڭ گەپلىرى «خۇدانىڭ قويلىرى» بولغان ئېتىقادىچلار ئىستېمال قىلىشى كېرەك بولغان «ئوزۇق»نى، يەنى «ساغلام تەلىم»نى يوققا چىقىرىدۇ، دەپ پۇرىتىدۇ. 2:18 «ئۇلار ھەقىقەتتىن چەتنەپ...» ــ گرېك تىلىدا: «ئۇلار ھەقىقەتنى نىشان قىلماي (چەتنەپ كېتىپ)...». «ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن بۇ ئىش ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى» ــ بۇ بىدئەت تەلىمنىڭ مەنىسى بەلكىم تۆۋەندىكى ئىككى خىل خاتا قاراشنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك: ــ (1) «ئادەملەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغاندا، ئۇنىڭ روھى ئاللىقاچان ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلۈپ تىرىلىدۇ (بۇ گەپ مۇشۇ يەرگىچە ھەقىقەت، ئەلۋەتتە). ئەمدى تىرىلىش پەقەت شۇ روھىي جەھەتتە بولۇپ، كەلگۈسىدە تەن جەھەتتە بولمايدۇ»، ياكى: (2) «بىز ئەيسا مەسىھگە ئىشەنگەنلەردە سۇغا ۋە روھقا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن بىزنىڭ «تىرىلگەن تەن»ىمىز بار بولىدۇ. شۇڭا ھازىرقى تېنىمىز كېسەل بولمايدۇ، ھېچ ئۆلمەيدۇ». 2:19 «ھالبۇكى، خۇدانىڭ مەزمۇت ئۇلى چىڭ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر بىلەن: «رەب ئۆزىگە تەۋە بولغانلارنى تونۇيدۇ» ۋە «رەبنىڭ مۇبارەك نامىنى لەۋزىگە ئالىدىغانلارنىڭ ھەممىسى رەزىللىكتىن قول ئۈزسۇن» دەپ مۆھۈرلەنگەندۇر» ــ بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 2:19 چۆل. 16‏:5؛ يـۇھ. 10‏:14. 2:20 رىم. 9‏:21. 2:21 «ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى ئۇنداقلارنىڭ كىرىدىن تازىلاپ خالىي قىلسا، ئۇ مۇقەددەس قىلىنغان، خوجايىنىمىزغا يارايدىغان قاچىدەك، ھەرقانداق گۈزەل ئىشلارغا تەييار بولىدۇ» ــ «خوجايىنىمىز»: ــ ئىگىمىز، ئەلۋەتتە. بۇ مۇھىم ئايەت توغرلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 2:22 1تىم. 6‏:11. 2:23 1تىم. 1‏:4؛ 6‏:4؛ تىت. 3‏:9. 2:24 1تىم. 3‏:2. 2:25 «...شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا ئۇ خۇدا بەلكىم ئۇلارغا ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىگە توۋا قىلىدىغان قەلبنى بېرەر دەپ، مۆمىن-مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلسۇن» ــ «ئۆز-ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا» دېگەن ئىبارە ئوقۇرمەنلەرگە غەلىتە تۇيۇلغىنى بىلەن، گرېك تىلىدا شۇنداق ئىپادىلىنىدۇ. دېمەك، ھەقىقەتنى جاكارلىغۇچىغا قارشى چىقسا، ئەمەلىيەتتە ئۇ خۇدا ئۆزىگە قىلماقچى بولغان ياخشىلىقتىن مەھرۇم بولۇپ، ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىققان بولىدۇ. «پەند.» 36:8 كۆرۈڭ. 2:25 پەند. 8:36؛ 9:12؛ 11:17؛ گال. 6‏:1. 2:26 «بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى ئۆز مۇددىئاسىغا ئەمەل قىلىشقا تۇتقۇن قىلغان ئىبلىسنىڭ تۇزىقىدىن قۇتۇلالايدۇ.» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ئىبلىسنىڭ تۇزىقىدىن (خۇدانىڭ) ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىشقا قۇتۇلالايدۇ».