16
پاۋلۇسنىڭ ئاخىرقى سالاملىرى
كەنقرىيا شەھىرىدىكى جامائەتنىڭ خىزمەتچىسى سىڭلىمىز فىبىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ تونۇشتۇرىمەن؛ ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق رەبنىڭ مۇھەببىتىدە قوبۇل قىلىپ كۈتۈۋالغايسىلەر، ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە ھاجىتى چۈشسە، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، جۈملىدىن ماڭىمۇ چوڭ ياردەمچى بولغان.
مەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، مەسىھ ئەيسادا بولغان خىزمەتداشلىرىم پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر   (ئۇلار مېنى دەپ ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىم-خەتىرىگە قارىمىدى. ھەم يالغۇز مەنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەردىكى بارلىق جامائەتلەرمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر). ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە جەم بولىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتقايسىلەر.
ئاسىيا ئۆلكىسىدىن مەسىھكە ئېتىقادتا ئەڭ دەسلەپكى مېۋە بولۇپ چىققان، سۆيۈملۈكۈم ئېپەنىتكە سالام ئېيتقايسىلەر. سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەريەمگە سالام ئېيتقايسىلەر.
مەن بىلەن زىندانداش بولغان، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىكۇس ۋە يۇنياغا سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەندىن ئاۋۋال مەسىھتە بولغان بولۇپ، روسۇللار ئارىسىدىمۇ ئابرۇيلۇقتۇر.
رەببىمىزدە بولغان سۆيۈملۈكۈم ئامپلىياتقا سالام ئېيتقايسىلەر.
بىز بىرگە ئىشلىگەن مەسىھتە بولغان خىزمەتدىشىمىز ئۇربانۇس ۋە سۆيۈملۈكۈم ستاخۇسلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.
10 سىناقلاردىن ئۆتكەن، مەسىھتە سادىق ئىسپاتلىنىپ كەلگەن ئاپېلىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. ئارىستوۋۇلۇسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر.
11 يەھۇدىي قېرىندىشىم ھېرودىيونغا، ناركىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن رەبدە بولغانلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.
12 رەبنىڭ خىزمىتىدە جاپا تارتىۋاتقان ترىفېنا ۋە ترىفوسا خانىمغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەبنىڭ خىزمىتىدە نۇرغۇن جاپا تارتقان سۆيۈملۈك سىڭلىم پەرسىسقا سالام ئېيتقايسىلەر.
13 رەبدە تاللانغان رۇفۇسقا ۋە ئۇنىڭ ماڭىمۇ ئانا بولغان ئانىسىغا سالام ئېيتقايسىلەر.
14 ئاسىنكرىتۇس، فىلىگون، ھەرمىس، پاتروباس، ھېرماس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قېرىنداشلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.
15 فىلولوگۇس ۋە يۇلياغا، نېرىئۇس ۋە سىڭلىسىغا، ئولىمپاس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر.
16 بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. مەسىھنىڭ ھەممە جامائەتلىرىدىن سىلەرگە سالام!
 
ئاخىرقى نەسىھەت
17 قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە قارشى چىققان، ئاراڭلاردا ئىختىلاپلارنى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئادەمنى ئېتىقاد يولىدىن تېيىلدۇرىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن نېرى بولۇڭلار. 18 بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز قارنىغا قۇل بولىدۇ؛ ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەت سۆزلىرى بىلەن ساددىلارنىڭ قەلبىنى ئازدۇرىدۇ.
19 سىلەرنىڭ رەبكە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلاردىن ھەممەيلەن خەۋەر تاپتى. شۇڭا ئەھۋالىڭلاردىن شادلىنىمەن؛ شۇنداقتىمۇ، ياخشى ئىشلار جەھەتتە ئاقىل بولۇشۇڭلارنى، يامان ئىشلارغا نىسبەتەن نادان بولۇشۇڭلارنى خالايمەن. 20 ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا يەنجىيدۇ.
رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!
 
21 خىزمەتدىشىم تىموتىي، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم لۇكيۇس، ياسون ۋە سوسپاتىرلاردىن سىلەرگە سالام. 22 (ئۇشبۇ خەتكە قەلەم تەۋرەتكۈچى مەنكى تەرتىيمۇ رەبدە سىلەرگە سالام يوللايمەن).
23 ماڭا ۋە ئۆيىدە دائىم يىغىلىدىغان پۈتۈن جامائەتكە ساھىبخانلىق قىلىدىغان گايۇستىن سىلەرگە سالام. شەھەرنىڭ خەزىنىچىسى ئېراستۇس سىلەرگە سالام يوللايدۇ، قېرىندىشىمىز كۇۋارتۇسمۇ شۇنداق.
24 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن!
 
دۇئا ۋە مەدھىيە
25 ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان سۈكۈتتە ساقلىنىپ كەلگەن سىرنىڭ ۋەھىي قىلىنىشى بويىچە، مېنىڭ ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بۇ خۇش خەۋەر، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ جاكارلىنىشى بىلەن سىلەرنى مۇستەھكەملەشكە قادىر بولغۇچىغا شان-شەرەپ بولغاي! 26 سىر بولسا ئىنسانلارنى ئېتىقادتىكى ئىتائەتمەنلىك يولىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن ھەم بىۋاسىتە ھەم بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يېزىپ قالدۇرغانلىرى ئارقىلىق، ھازىر بارلىق ئەللەرگە ۋەھىي قىلىندى؛ 27 شۇنداق قىلغان بىردىنبىر دانا بولغۇچى خۇداغا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد بولغاي! ئامىن!
16:2 «ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق رەبنىڭ مۇھەببىتىدە قوبۇل قىلىپ كۈتۈۋالغايسىلەر...» ــ «رەبنىڭ مۇھەببىتىدە» ئەينى گرېك تىلىدا «رەبدە» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ ئىبارە توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «ئۇنىڭ (يەنى فىبىنىڭ) ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە ھاجىتى چۈشسە، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، جۈملىدىن ماڭىمۇ چوڭ ياردەمچى بولغان» ــ بۇ سۆزلەرگە قارىغاندا فىبى ئۆزى مەلۇم سەۋەبتىن رىمغا سەپەر قىلماقچى ئىدى، شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇسنىڭ بۇ سالام خېتىنى ئېلىپ بارىدۇ. مۇشۇنداق ئۇزۇن ۋە خەتەرلىك سەپەر قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. خۇداغا ۋە فىبىگە قولىمىزدا ھازىر تۇرغان بۇ قىممەتلىك خەت ئۈچۈن رەھمەت! 16:3 «مەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، مەسىھ ئەيسادا بولغان خىزمەتداشلىرىم پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر...» ــ پرىسكا (پرىسكىلا) ۋە ئېرى ئاكۋىلا خۇش خەۋەرنىڭ كۆپ خىزمىتىنى قىلغان («روس.» 2:18، 26، «1كور.» 19:16، «2تىم» 19:4نى كۆرۈڭ). 16:3 روس. 18‏:2،26. 16:4 «... ھەم يالغۇز مەنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەردىكى بارلىق جامائەتلەرمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر» ــ «ئەللەر»: يات ئەللەر، يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ. 16:7 «يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىكۇس ۋە يۇنيا» ــ مۇشۇ يەردىكى «قېرىنداشلىرىم» يەنە «ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم» دېگەن مەنىدىمۇ بولۇشى مۇمكىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار روسۇللارنىڭ قارىشىدا بەك ئابرۇيلۇق كىشىلەر». 16:15 «فىلولوگۇس ۋە يۇليا» ــ بەلكىم ئەر-ئايال. 16:16 1كور. 16‏:20؛ 2كور. 13‏:12؛ 1تېس. 5‏:26؛ 1پېت. 5‏:14. 16:17 مات. 18‏:17؛ كول. 2‏:8؛ 2تېـس. 3‏:6؛ 2تىم. 3‏:5؛ تىت. 3‏:10؛ 2يۇھ. 10. 16:18 ئ‍ەز. 13‏:18؛ فىل. 3‏:19. 16:19 مات. 10‏:16؛ 1كور. 14‏:20. 16:20 «ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا» ــ ئەسلىي تىلىدا «ئامانلىق-خاتىرجەملىكنىڭ خۇداسى». 16:21 روس. 13‏:1؛ 16‏:1؛ 17‏:5؛ 20‏:4؛ فىل. 2‏:19؛ كول. 1‏:1؛ 1تېس. 3‏:2؛ 1تىم. 1‏:2. 16:22 «ئۇشبۇ خەتكە قەلەم تەۋرەتكۈچى مەنكى تەرتىيمۇ رەبدە سىلەرگە سالام يوللايمەن» ــ روسۇل پاۋلۇسنىڭ كۆزى ئاجىز بولغاچقا، ئادەتتە ياردەمچىگە خەتلىرىنى يازدۇراتتى. تەرتىي ئۇنىڭ ئۈچۈن «رىملىقلارغا»نىڭ قەلەم تەۋرەتكۈچىسى (خاتىرىلىگۈچى) بولغانىدى. 16:23 روس. 19‏:22؛ 2تىم. 4‏:20. 16:25 ئ‍ەف. 1‏:9؛ 3‏:9،20؛ كول. 1‏:26؛ 2تىم. 1‏:10؛ تىت. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:20.