15
ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىمايلى
ئەمدى ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولغان بىزلەر ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىماي، بەلكى ئېتىقادى ئاجىزلارنىڭمۇ ئاجىزلىقلىرىنى كۆتۈرىشىمىز كېرەك. ھەربىرىمىز ئۆز يېقىنىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى كۆزلەپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىشقا ئىنتىلەيلى. چۈنكى ھەتتا مەسىھمۇ ئۆزىنى قاندۇرۇشنى ئويلىمىغانىدى. بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق پۈتۈلگەن: «سەن خۇدانى ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرى مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى».   چۈنكى بۇرۇندا ۋەھىي بىلەن پۈتۈلگەن يازمىلاردىكى ھەرقايسى سۆزلەر بىزگە ئۆگىتىش ئۈچۈن يېزىلغان بولۇپ، مەقسىتى مۇقەددەس كىتابلاردىن كەلگەن سەۋر-تاقەت ۋە ئىلھامبەخش ئارقىلىق بىزدە ئازرۇ-ئۈمىدنىڭ بولۇشى ئۈچۈندۇر.
ئەمدى سەۋر-تاقەت ۋە ئىلھامبەخشنىڭ ئىگىسى خۇدا سىلەرنى مەسىھ ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزئارا بىر ئوي-نىيەتكە كەلتۈرگەي؛ بۇنىڭ بىلەن سىلەر خۇدانى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىنى بىر جان بىر دىل بىلەن بىر ئېغىزدىن ئۇلۇغلىغايسىلەر.
 
بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار
شۇڭا، مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلىپ، خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار. 8‏-9 چۈنكى سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئاتا-بوۋىلارغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، شۇ ئارقىلىق ئەللەرمۇ خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىنى كۆرۈپ ئۇنى ئۇلۇغلىشى ئۈچۈن، خەتنە قىلىنغانلارغا خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى يەتكۈزگۈچى خىزمەتكار سۈپىتىدە تەيىنلەندى. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: ــ
«شۇڭا ساڭا ئەللەر ئارىسىدا مەدھىيە ئوقۇيمەن،
ۋە سېنىڭ نامىڭنى كۈيلەيمەن» ــ دەپ يېزىلغانىدى.  
10 ۋە ئۇ يەنە: ــ
«ئەي ئەللەر،
خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىللە شاد-خۇرام بولۇڭلار!» ــ دەيدۇ.  
11 ۋە يەنە ئۇ: ــ
«ئەي بارلىق ئەللەر، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار،
ئەي پۈتكۈل قوۋملەر، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار!» ــ دەيدۇ.   12 يەنە، يەشايا پەيغەمبەرمۇ مۇنداق دەيدۇ: ــ
«يەسسەنىڭ يىلتىزى بولغان كىشى مەيدانغا چىقىدۇ،
ئەللەرگە ھاكىملىق قىلىدىغان زات ئورنىدىن تۇرىدۇ؛
ئەللەر دەرۋەقە ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايدۇ».  
13 ئەمدى ئۈمىدنىڭ ئىگىسى خۇدا ئۆزىگە ئىشىنىۋاتقانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى تولۇق شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-خاتىرجەملىككە تولدۇرغاي، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر.
 
پاۋلۇسنىڭ روسۇللۇق خىزمىتى توغرىسىدا
14 ئى قېرىنداشلىرىم، كۆڭلۈڭلارنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن تولغانلىقىغا، مول بىلىملەر بىلەن تولۇق بېزەلگەنلىكىگە، شۇنداقلا بىر-بىرىڭلارغا ئۆزئارا جېكىلەپ بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغىمۇ قايىلمەن. 15 شۇنداق بولسىمۇ، خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان شاپائەت تۈپەيلىدىن مەن سىلەرگە بىر قىسىم تەرەپلەردىن نەچچە ئىشلارنى ئەسلىتىپ قويۇشقا سەل جۈرەتلىك بولۇپ ئۇشبۇ خەتنى يازماقتىمەن. 16 شۇ شاپائەت بىلەن مەن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ كاھىندەك ئۇنىڭ ئىبادىتىنى ھەممە يەردە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش خىزمىتىدە يەھۇدىي ئەمەس ئەللەرگە مەسىھ ئەيسانىڭ خىزمەتكارى بولۇپ تەيىنلەندىم. بۇ خىزمىتىمنىڭ مەقسىتى ئەللەرنىڭ خۇداغا سۇنىدىغان ئىبادىتى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىق بولۇشى ئۈچۈندۇر. 17 شۇنىڭ ئۈچۈن مەسىھ ئەيسادا بولغانلىقىمدىن خۇدانىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن پەخىرلىنىمەن. 18‏-19 چۈنكى ئەللەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن مەسىھنىڭ ماڭا قىلدۇرغانلىرىدىن باشقا ھېچنېمىنى تىلغا ئېلىشقا ھەددىم ئەمەس. سۆز ۋە ئەمەللەر ئارقىلىق، ئالامەتلىك مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر ئارقىلىق، مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىكون ئۆلكىسگىچە ئايلىنىپ ھەممە يەردە مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى تولۇق جاكارلىدىم. 20 شۇنداق قىلىپ باشقىلار سالغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە بىنا سالماسلىق ئۈچۈن، ئەزەلدىن مەسىھنىڭ نامى ئاڭلانمىغان يەرلەردە بۇ خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا ئىنتىلىپ كەلدىم. 21 بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: ــ
«ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولغانلار ئۇنى كۆرىدۇ،
ئاڭلىمىغانلار ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ».  
 
پاۋلۇسنىڭ رىمغا بېرىش پىلانى
22 مانا، شۇ خىزمەتلىرىم سەۋەبىدىن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن توسۇلغۇلارغا ئۇچراپ بارالمىدىم. 23‏-24 لېكىن ھازىر مۇشۇ ئەتراپلاردا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلمىگەن يەرلەر ماڭا قالمىغانلىقتىن، ھەمدە كۆپ يىللاردىن بېرى سىلەرنى يوقلاپ بېرىش ئارزۇيۇم بولغانلىقتىن، ئىسپانىيەگە بېرىشىمدا سىلەرنىمۇ يوقلاپ ئۆتمەكچىمەن. سەپىرىمدە ئالدى بىلەن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر مەزگىل ھەمراھلىقىڭلاردىن تولۇق خۇشاللىنىپ، ئاندىن سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردا سەپىرىمنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن.
25 بىراق ھازىر بولسا يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا كېتىۋاتىمەن. 26 چۈنكى ماكېدونىيە ۋە ئاقايا ئۆلكىلىرىدىكى جامائەتلەر يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلەر ئارىسىدىكى يوقسۇللارغا ئىئانە توپلاپ ياردەم بېرىشنى لايىق كۆردى. 27 بۇ ئىشنى ئۇلار بەرھەق لايىق كۆردى؛ ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار يېرۇسالېمدىكىلەرگە قەرزداردۇر. چۈنكى ئەللەر يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ روھىي بەختلىرىدىن بەھرىمەن بولغان بولسا، ماددىي جەھەتتىن ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
28 مەن بۇ ئىشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنى يېرۇسالېمدىكى قېرىنداشلارنىڭ جامائەتلەرنىڭ ئېتىقادىنىڭ بۇ مېۋىسىنى قوبۇل قىلىشىنى جەزمەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، سىلەرنى يوقلاپ ئۆتۈپ ئىسپانىيەگە بارىمەن. 29 يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، مەسىھنىڭ تولۇق بەخت-بەرىكىتىنى سىلەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىمنى بىلىمەن.
 
30 قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ۋە مۇقەددەس روھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىپ مەن بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلغايسىلەر ــ    31 مېنىڭ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ يامان نىيەتلىرىدىن ساقلىنىشىم، شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا ئىنئامنى يەتكۈزۈش خىزمىتىمنىڭ شۇ يەردىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن 32 ھەمدە ئاخىردا خۇدا بۇيرۇسا، پېقىرنىڭ شاد-خۇراملىق بىلەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن ئورتاق ئىستىراھەت قىلىشىمىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلغايسىلەر.
33 ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي! ئامىن!
 
 
15:1 1كور. 9‏:22؛ گال. 6‏:1 15:3 «سەن خۇدانى ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرى مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى» ــ («زەب.» 9:69). 15:3 زەب. 69‏:7-9؛ يەش. 53‏:4، 5. 15:4 رىم. 4‏:23، 24. 15:5 رىم. 12‏:16؛ 1كور. 1‏:10؛ فىل. 2‏:2؛ 3‏:16؛ 1پېت. 3‏:8. 15:7 «مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلىپ، خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلغاندەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىپ خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار». ئەمەلىيەتتە بۇ مەنىسىمۇ بىزنىڭ تەرجىمىمىزدىن چىقىدۇ. 15:8‏-9 «ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئاتا-بوۋىلارغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن» ــ «خۇدانىڭ ئاتا-بوۋىلارغا بەرگەن ۋەدىلىرى» خۇدا ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ، يۈسۈپ، مۇسا پەيغەمبەر ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگە يەتكۈزگەن ۋەدىلىرى دېگەنلىك. «شۇ ئارقىلىق ئەللەرمۇ خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىنى كۆرۈپ ئۇنى ئۇلۇغلىشى ئۈچۈن...» ــ «ئەللەر» مۇشۇ يەردە يات ئەللەر، يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ. «شۇڭا ساڭا ئەللەر ئارىسىدا مەدھىيە ئوقۇيمەن...» ــ «ئەللەر» يەنە مۇشۇ يەردە يات ئەللەر، يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ. «شۇڭا ساڭا ئەللەر ئارىسىدا مەدھىيە ئوقۇيمەن، ۋە سېنىڭ نامىڭنى كۈيلەيمەن» ــ («زەب.» 49:18). بۇ بېشارەتتە مەسىھ ئۆز روھى ئارقىلىق داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ ئاغزىدىن سۆزلەيدۇ. پاۋلۇس بۇ مۇھىم گەپلىرى (8-9-ئايەتلەر) ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەر ۋە يەھۇدىيلارنىڭ بىر-بىرىنى قوبۇل قىلىشىنى دەۋەت قىلىدۇ؛ چۈنكى مەسىھ ئەيسا ئۆزى يەھۇدىيلار («خەتنە قىلىنغانلار»)غا خىزمەتكار تەيىنلەندى ھەم شۇنىڭدەك يەھۇدىي ئەمەسلەر («يات ئەللەر»)نىڭ خۇدانى مەدھىيىلىشىگە باشلامچىلىق قىلىدۇ؛ دېمەك، مەسىھ ئىككى تەرەپنىڭ خىزمىتىدە بولغاندىن كېيىن، نېمىشقا سىلەر يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەر كىچىك پېئىللىق بىلەن ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئۈلگىسىگە ئەگىشىپ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلمايسىلەر؟ 15:8‏-9 2سام. 22‏:50؛ زەب. 18‏:49-50. 15:10 «ۋە ئۇ يەنە: ... دەيدۇ» ــ بۇ ۋە كېيىنكى ئايەتتىكى «ئۇ» مەسىھدۇر. مۇشۇ ئايەتتىكى بېشارەتلەر ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 15-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «ئەي ئەللەر» ــ «ئەللەر» يات ئەللەر، يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئەي ئەللەر، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىللە شاد-خۇرام بولۇڭلار!» ــ «قان.» 43:32. 15:10 قان. 32‏:43. 15:11 «ئەي بارلىق ئەللەر، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار، ئەي پۈتكۈل قوۋملەر، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار!» ــ («زەب.» 1:117) ــ بۇ ئايەت ۋە يۇقىرىقى نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئىككى ئايەتتە، مەسىھ (دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن) پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزىدىن بېشارەت بېرىپ، كەلگۈسىدە يەھۇدىي ئەمەسلەر بىلەن ئۆزى تاللىغان خەلقى بىللە خۇداغا ئىبادەت قىلىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بىللە بولۇشىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئېيتىدۇ. 15:11 زەب. 117‏:1 15:12 «يەسسەنىڭ يىلتىزى بولغان كىشى مەيدانغا چىقىدۇ، ئەللەرگە ھاكىملىق قىلىدىغان زات ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ ئەللەر دەرۋەقە ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايدۇ» ــ («يەش.» 10:11) مەسىھ توغرۇلۇق يەنە بىر بېشارەت. يەسسە بولسا، داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ ئاتىسى ئىدى. بىراق ئۇنىڭ ئەۋلادى مەسىھ، يەنى «ئۇنىڭ يىلتىزى»دۇر. 15:12 يەش. 11‏:10؛ ۋەھ. 5‏:5؛ 22‏:16. 15:13 «ئۈمىدنىڭ ئىگىسى خۇدا...» ــ ئەينى سۆز «ئۈمىدنىڭ خۇداسى...». 15:16 «بۇ خىزمىتىمنىڭ مەقسىتى ئەللەرنىڭ خۇداغا سۇنىدىغان ئىبادىتى، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ...» ــ «ئەللەر»: يات ئەللەر، يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ. «شۇ شاپائەت بىلەن مەن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ كاھىندەك ئۇنىڭ ئىبادىتىنى ھەممە يەردە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش خىزمىتىدە يەھۇدىي ئەمەس ئەللەرگە مەسىھ ئەيسانىڭ خىزمەتكارى بولۇپ تەيىنلەندىم. بۇ خىزمىتىمنىڭ مەقسىتى ئەللەرنىڭ خۇداغا سۇنىدىغان ئىبادىتى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىق بولۇشى ئۈچۈندۇر» ــ روسۇل پاۋلۇس ئۆزىنى كاھىنغا ئوخشىتىدۇ. خۇدانىڭ كونا زامانلاردىكى ئىبادەتخانىغا كاھىنلارنى تەمىنلەشتىكى مەقسىتى خەلقنىڭ توغرا يولدا خۇداغا ئىبادەت قىلىشىدىن ئىبارەت ئىدى. شۇڭا ئۇلار خەلقنىڭ ئۆز قۇربانلىقلىرىنى توغرا، خۇدانىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىق پېتىدە سۇنۇشىغا ياردەمچى ۋە خىزمەتكار ئىدى. پاۋلۇس ئۆزىنىڭ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى خۇداغا ھەقىقىي، مەنىلىك، چىن دىللىق ئىبادەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر، دەيدۇ. خەقنىڭ بۇ ئىبادىتىنى پاك-مۇقەددەس قىلىش مۇقەددەس روھنىڭ ئىشى، ئەلۋەتتە. بۇ ئىبادەتمۇ پەقەت جامائەت ئىبادەت سورۇنلىرىدا ئەمەس، بەلكى ئىشەنگۈچىنىڭ پۈتۈن ھاياتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ (1:12-2). 15:21 «ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولغانلار ئۇنى كۆرىدۇ، ئاڭلىمىغانلار ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ» ــ «يەش.» 15:52. 15:21 يەش. 52‏:15. 15:22 رىم. 1‏:13؛ 1تېس. 2‏:18. 15:23‏-24 رىم. 1‏:10؛ 15‏:32؛ 1تېس. 3‏:10؛ 2تىم. 1‏:4. 15:25 روس. 19‏:21؛ 24‏:17. 15:27 «چۈنكى ئەللەر يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ روھىي بەختلىرىدىن بەھرىمەن بولغان بولسا، ماددىي جەھەتتىن ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە توغرا كېلىدۇ» ــ «ياردەم بېرىش» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا ئادەتتە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. 15:28 «يېرۇسالېمدىكى قېرىنداشلارنىڭ، جامائەتلەرنىڭ ئېتىقادىنىڭ بۇ مېۋىسىنى قوبۇل قىلىشىنى جەزمەنلەشتۈرگەندىن كېيىن،...» ــ گرېك تىلىدا «(يېرۇسالېمدىكى) قېرىنداشلارغا بۇ مېۋىسىنى يەتكۈزۈپ مۆھۈرلەندۈرگەندىن كېيىن،...» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. روسۇل پاۋلۇس يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ بۇ سوۋغاتنى قوبۇل قىلىشىنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ بىلەتتى. چۈنكى ئۇنى قوبۇل قىلىشى سوۋغات بەرگەنلەرنى، يەنى يەھۇدىي ئەمەس ئىشەنگۈچىلەرنى «بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز» دەپ قوبۇل قىلىشىغا باراۋەر بولاتتى، شۇڭلاشقا بارلىق جامائەتلەرنىڭ بىرلىكى ۋە مۇھەببىتىنى مۇستەھكەملەپ ئالغا سۈرەتتى. خۇداغا تەشەككۈر، يەھۇدىي قېرىنداشلار ئۇنى قوبۇل قىلدى («روس.» 17:21). 15:29 رىم. 1‏:11. 15:30 «مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىپ مەن بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلغايسىلەر» ــ «كۈرەش قىلغايسىلەر» دېگەن سۆزلەر جىن-شەيتانلارنىڭ خۇدانىڭ خىزمىتىگە دائىم قارشى چىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇڭا بۇ خىزمەت ئۈچۈن دۇئا قىلىش (بۇلارنىڭ قارشى چىققانلىقى تۈپەيلىدىن) بىرخىل كۈرەش، تەس بىر ئىش بولىدۇ (مەسىلەن «كول.» 1:2، 11:4نى كۆرۈڭ). 15:30 2كور. 1‏:11. 15:31 2تېـس. 3‏:2. 15:32 رىم. 1‏:10؛ 15‏:23. 15:33 «ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا» ــ ئەسلىي تىلىدا «ئامانلىق-خاتىرجەملىكنىڭ خۇداسى».