13
ھۆكۈمەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز
ھەممە ئادەم ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى ھوقۇق ئىگىلىرىگە بويسۇنسۇن. چۈنكى خۇدا تىكلىمىگەن ھۆكۈمەت يوق؛ قايسى ھوقۇق-ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولسىلا خۇدا تەرىپىدىن تىكلەنگەندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوقۇق-ھۆكۈمەتكە قارشىلىق قىلغۇچى كىشى خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشىلىق قىلغان بولىدۇ. قارشىلىق قىلغۇچىلار سوراققا تارتىلىدۇ (چۈنكى ھۆكۈمرانلار ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى يامانلىق قىلغۇچىلارغا قورقۇنچ كەلتۈرىدۇ). ھۆكۈمرانلاردىن قورقۇشنى خالىمايمەن دېسەڭ، ئۇنداقتا ياخشى ئەمەل قىل. ئۇ چاغدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىدىن تەرىپلىنىسەن. چۈنكى ھۆكۈمرانلار سېنىڭ مەنپەئىتىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ خىزمەتچىسىدۇر. لېكىن يامانلىق قىلساڭ، ئۇنىڭدىن قورقۇشۇڭ كېرەك! ھۆكۈمران قىلىچنى بىكارغا ئېسىۋالمايدۇ، ئۇ يامانلىق قىلغۇچىغا خۇدانىڭ غەزىپىنى كۆرسىتىدىغان جازا بەرگۈچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ خىزمەتچىسىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمرانلارغا بويسۇنۇش كېرەك. بۇ، پەقەت جازالىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پاك ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈندۇر. مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ باج تاپشۇرۇڭلار؛ ھۆكۈمرانلار بولسا، خۇدانىڭ مەخسۇس بۇ ئىشلارنى باشقۇرۇشقا بېكىتكەن خىزمەتكارلىرىدۇر.
ھەركىمگە ئۆز تېگىشلىك ھەققىنى تۆلەڭلار؛ غەللە-پاراق تاپشۇرۇۋالغۇچىغا غەللە-پاراقنى، باج يىغقۇچىلارغا باجنى تاپشۇرۇڭلار؛ ئېھتىرامغا تېگىشلىك بولغانلارغا ئېھتىرام قىلىڭلار، ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغاننى ھۆرمەت قىلىڭلار.
 
باشقىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز
بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈشتىن باشقا، ھېچكىمگە ھېچنەرسىدىن قەرزدار بولماڭلار. چۈنكى باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ. چۈنكى «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، نەپسانىيەتچىلىك قىلما» دېگەن پەرھىزلەر ۋە بۇلاردىن باشقا ھەرقانداق پەرزلەرمۇ، «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بۇ ئەمرگە يىغىنچاقلانغان. 10 مېھىر-مۇھەببەتكە بېرىلگەن كىشى ئۆز يېقىنىغا ھېچقانداق يامانلىق يۈرگۈزمەيدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، مېھىر-مۇھەببەت تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر.
11 ھازىرقى ۋاقىتنىڭ جىددىيلىقىنى بىلىپ، شۇلارنى قىلىڭلار. چۈنكى بىز ئۈچۈن ئاللىقاچان ئۇيقۇدىن ئويغىنىش ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. چۈنكى دەسلەپكى ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمىزغا نىسبەتەن نىجاتىمىز تېخىمۇ يېقىنلاپ قالدى. 12 كېچە ئۆتۈشكە ئاز قالدى، كۈندۈز يېقىنلاشتى. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ، يورۇقلۇقنىڭ قورال-ياراقلىرىنى كىيەيلى. 13 كۈندۈزگە مۇۋاپىق دىيانەتلىك ھايات كەچۈرەيلى، ئەيش-ئىشرەت ۋە شارابخورلۇققا، زىنا ۋە كەيپ-ساپاغا، جېدەل-ماجىرا ۋە ھەسەتخورلۇققا بېرىلمەيلى؛ 14 ئەكسىچە ئۆزۈڭلارغا رەب ئەيسا مەسىھنى كىيىۋېلىڭلار ۋە گۇناھكار ئەتتىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قانداق قاندۇرۇشنى ھېچ ئويلىماڭلار.
 
 
13:1 پەند. 8‏:15؛ دان. 4‏:29؛ تىت. 3‏:1؛ 1پېت. 2‏:13. 13:2 «شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوقۇق-ھۆكۈمەتكە قارشىلىق قىلغۇچى كىشى خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشىلىق قىلغان بولىدۇ. قارشىلىق قىلغۇچىلار سوراققا تارتىلىدۇ» ــ بۇنداق جازا خۇدا تەرىپىدىن ياكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى روسۇل دېمەيدۇ، بىراق مۇشۇ يەردە بەلكىم ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بولۇشى مۇمكىن. 13:8 گال. 5‏:14؛ 1تىم. 1‏:5. 13:9 مىس. 20‏:13-17؛ لاۋ. 19‏:18؛ قان. 5‏:17-19؛ مات. 19‏:18؛ 22‏:39؛ مار. 12‏:31؛ گال. 5‏:14؛ ياق. 2‏:8. 13:11 ئ‍ەف. 5‏:14؛ 1تېس. 5‏:6. 13:12 كول. 3‏:8؛ 1تېس. 5‏:5. 13:13 لۇقا 21‏:34؛ 1كور. 6‏:10؛ ئ‍ەف. 5‏:5؛ فىل. 4‏:8؛ 1تېس. 4‏:12؛ 5‏:6؛ ياق. 3‏:14. 13:14 گال. 3‏:27؛ 1پېت. 2‏:11.