12
ئېتىقادچىنىڭ ئۆزىنى خۇداغا ئاتىشى
شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدانىڭ رەھىمدىللىقى بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، تېنىڭلارنى مۇقەددەس، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلاڭلار. مانا بۇ سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.   بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار، بەلكى ئوي-پىكرىڭلارنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن ئۆزگەرتىلىڭلار؛ ئۇنداق قىلغاندا خۇدانىڭ ياخشى، قوبۇل قىلارلىق ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىلەلەيسىلەر.  
ماڭا ئاتا قىلىنغان شاپائەتكە ئاساسەن ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلار توغرۇلۇق ئۆزەڭلاردا بار بولغىنىدىن ئارتۇق ئويلىماي، بەلكى خۇدا ھەربىرىڭلارغا تەقسىم قىلغان ئىشەنچنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن سالماقلىق بىلەن ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار. چۈنكى تېنىمىز كۆپلىگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بولغاندەك، بىزمۇ كۆپ بولغىنىمىز بىلەن مەسىھتە بىر تەن بولۇپ بىر-بىرىمىزگە باغلىنىشلىق ئەزا بولىمىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئاتا قىلىنغان مېھىر-شەپقەت بويىچە، ھەرخىل روھىي ئىلتىپاتلىرىمىزمۇ بار بولدى. بىرسىگە ئاتا قىلىنغان ئىلتىپات ۋەھىينى يەتكۈزۈش بولسا، ئىشەنچىسىنىڭ دائىرىسىدە ۋەھىينى يەتكۈزسۇن؛ باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بولسا، خىزمەت قىلسۇن؛ تەلىم بېرىش بولسا، تەلىم بەرسۇن؛ رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، رىغبەتلەندۈرسۇن؛ سەدىقە بېرىش بولسا، مەردلىك بىلەن سەدىقە بەرسۇن؛ يېتەكلەش بولسا، ئەستايىدىللىق بىلەن يېتەكلىسۇن؛ خەيرخاھلىق كۆرسىتىش بولسا، خۇشال-خۇراملىق بىلەن قىلسۇن.
مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن؛ رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىڭلار، ياخشىلىققا چىڭ باغلىنىڭلار؛ 10 بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە قىزغىن مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيۈڭلار؛ بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇڭلار.  
11 ئىنتىلىشىڭلاردا ئېرىنمەڭلار، روھ-قەلبىڭلار يالقۇنلاپ كۆيۈپ تۇرۇپ، رەبكە قۇللارچە خىزمەت قىلىڭلار.
12 ئۈمىدتە بولۇپ شادلىنىپ يۈرۈڭلار؛ مۇشەققەت-قىيىنچىلىقلارغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭلار؛ دۇئايىڭلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا توختاتماڭلار. 13 مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىڭلار؛ مېھماندوستلۇققا ئىنتىلىڭلار؛ 14 سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار؛ پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار.
15 شادلانغانلار بىلەن بىللە شادلىنىڭلار؛ قايغۇرۇپ يىغلىغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇپ يىغلاڭلار.
16 بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولۇڭلار؛ نەزىرىڭلارنى ئۈستۈن قىلماڭلار، بەلكى تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارنى دانىشمەن دەپ چاغلىماڭلار. 17 ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار. بارلىق كىشىنىڭ ئالدىدا ئىشلىرىڭلار پەزىلەتلىك بولۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار.  
18 ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار؛ 19 ئىنتىقام ئالماڭلار، ئى سۆيۈملۈكلىرىم؛ ئۇنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ئۇنىڭ غەزىپىگە يول قويۇڭلار، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، يامانلىق مەن قايتۇرىمەن».    20 شۇڭا ئەكسىچە «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن».    21 يامانلىق ئالدىدا باش ئەگمەڭلار، بەلكى يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار.
 
 
12:1 «مانا بۇ سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر» ــ «ھەقىقىي ئىبادىتىڭلار» گرېك تىلىدا يەنە «يوللۇق، ئورۇنلۇق، تېگىشلىك، ئەقىلگە مۇۋاپىق خىزمەت» دېگەن مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 12:1 رىم. 6‏:13،16؛ 1پېت. 2‏:5. 12:2 «بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار» ــ باشقا بىرخىل ئىپادىلەش شەكلى: ــ «بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار». ئەينى سۆزلەر «بۇ دۇنيادىكى قېلىپقا شەكىللەندۈرۈلمەڭلار». 12:2 ئ‍ەف. 5‏:17؛ 1تېس. 4‏:3؛ 1يۇھ. 2‏:15. 12:3 رىم. 1‏:5؛ 1كور. 12‏:11؛ ئ‍ەف. 4‏:7. 12:4 1كور. 12‏:27؛ ئ‍ەف. 1‏:23؛ 4‏:16؛ 5‏:23؛ كول. 1‏:24. 12:5 1كور. 12‏:4؛ 2كور. 10‏:13؛ 1پېت. 4‏:10. 12:6 1كور. 12‏:4. 12:7 1كور. 12‏:10؛ 1پېت. 4‏:10، 11. 12:8 قان. 15‏:7؛ مات. 6‏:1، 2، 3؛ 2كور. 9‏:7. 12:10 «بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇڭلار» ــ بۇ سۆزنىڭ: «بىر-بىرىڭلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىشتە بىرىنچى بولۇڭلار، بىر-بىرىڭلارغا بەس-بەستە ھۆرمەت كۆرسىتىڭلار» دېگەن باشقا بىر مەنىسى بار. روسۇل بەلكىم قەستەن ئىككى مەنىسىنى تەڭ ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن. 12:10 ئ‍ەف. 4‏:2؛ فىل. 2‏:3؛ 1پېت. 5‏:5؛ ئىبر. 13‏:1؛ 1پېت. 1‏:22؛ 2‏:17. 12:11 «روھ-قەلبىڭلار يالقۇنلاپ كۆيۈپ تۇرۇپ،...» ــ «مۇقەددەس روھتا، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق قىزغىن بولۇپ...» ياكى «ئۆز روھىڭدا قىزغىن بولۇپ...» دېگەن مەنىلەرنىڭ قايسىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقىغا بىرنېمە دېمەك تەس. ئەمەلىيەتتە نىجاتتا مۇقەددەس روھ ئىشەنگۈچىنىڭ روھى بىلەن بىر بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ئىشلەيدۇ، شۇڭا بۇ ئىككى مەنە ئارىسىدا چوڭ پەرق يوق. 12:12 لۇقا 18‏:1؛ رىم. 15‏:13؛ ئ‍ەف. 6‏:18؛ كول. 4‏:2؛ 1تېس. 5‏:16،17؛ ئىبر. 10‏:36؛ 12‏:1؛ ياق. 5‏:7. 12:13 1كور. 16‏:1؛ ئىبر. 13‏:2؛ 1پېت. 4‏:9. 12:14 مات. 5‏:44؛ 1كور. 4‏:12. 12:16 پەند. 3‏:7؛ يەش. 5‏:21؛ رىم. 15‏:5؛ 1كور. 1‏:10؛ فىل. 2‏:2؛ 3‏:16؛ 1پېت. 3‏:8. 12:17 «بارلىق كىشىنىڭ ئالدىدا ئىشلىرىڭلار پەزىلەتلىك بولۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كۆپچىلىك ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىڭلار». 12:17 پەند. 20‏:22؛ مات. 5‏:39؛ 1كور. 6‏:7؛ 2كور. 8‏:21؛ 1تېس. 5‏:15؛ 1پېت. 2‏:12. 12:18 مار. 9‏:50؛ ئىبر. 12‏:14. 12:19 «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، يامانلىق مەن قايتۇرىمەن» ــ «قان.»، 35:32. 12:19 قان. 32‏:35؛ مات. 5‏:39؛ لۇقا 6‏:29؛ ئىبر. 10‏:30. 12:20 «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن» ــ («پەند.» 21:25-22). «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن» دېگەن مەنىسى: «ئۇنى قاتتىق ئۇيالدۇرىسەن». بۇ ئىبارە مىسىردىكى كونا بىر ئادەتنى كۆرسىتىدۇ. ئادەمنىڭ توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بېشىدا بىر سىۋەت چوغنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. شۇڭا «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن» دېگىنى، ئۇنىڭ توۋا قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيسەن» «ۋىجدانىنى ئويغىتىسەن» دېگەنلىكتۇر. 12:20 پەند. 25‏:21-22؛ مات. 5‏:44.