3
ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت
1‏-2 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئى ئاياللار، سىلەر ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھەتتا سۆز-كالامغا ئىتائەت قىلمايدىغان ئەرلەر بولسا، ئۆز ئايالىنىڭ بۇ پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەن پاك يۈرۈش-تۇرۇشىڭلارغا قاراپ، گەپ-سۆزسىزلا قايىل قىلىنىدۇ. گۈزەللىكىڭلار سىرتقى كۆرۈنۈشتىن، يەنى ئالاھىدە ئۆرۈۋالغان چېچىڭلار ۋە تاقىغان ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەردىن ياكى ئېسىل كىيىملەردىن بولمىسۇن، بەلكى «قەلبىڭلاردىكى ئۆزۈڭلار»، يەنى مۆمىن ۋە تىنچ روھتىن بولغان چىرىماس گۈزەللىكتىن بولسۇن؛ بۇنداق گۈزەللىك خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر. چۈنكى بۇرۇنقى چاغلاردا، خۇداغا ئۈمىدىنى باغلىغان ئىخلاسمەن ئاياللار دەل مۇشۇنداق گۈزەللىك بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلاتتى. دەل مۇشۇنداق يولدا ساراھ ئىبراھىمنى «غوجام» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بويسۇناتتى. سىلەر ھېچقانداق ۋەسۋەسىلەردىن قورقماي ئىشلارنى دۇرۇس قىلساڭلار، سىلەرمۇ ساراھنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بولىسىلەر.  
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەي ئەرلەر، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن تۇرۇشتا، ئۇلارنى ئايال كىشىلەر بىزدىن ئاجىز بەندىلەر دەپ بىلىپ ئۇلارنى چۈشىنىپ يېتىڭلار؛ سىلەر ئۇلار بىلەن خۇدا شاپائەت قىلغان ھاياتقا ئورتاق مىراسخور بولۇپ، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ.  
 
ھەققانىيلىق ئۈچۈن ئازاب چېكىش
ئاخىرىدا، ھەممىڭلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، بىر-بىرىڭلارغا ھەمدەرد بولۇپ، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، ئىچ-باغرى يۇمشاق ۋە كەمتەر بولۇڭلار.   يامانلىققا يامانلىق، ئاھانەتكە ئاھانەت بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە، بەخت تىلەش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار. چۈنكى سىلەر دەل بۇ ئىشقا چاقىرىلغانسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلار بەختكە مىراسخور بولىسىلەر. 10 چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: ــ
«كىمكى ھاياتنى سۆيۈپ، ياخشى كۈن كۆرگۈچى بولاي دېسە،
تىلىنى يامانلىقتىن تارتسۇن،
لەۋلىرى مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛
11 يامانلىقتىن ئۆزىنى تارتىپ،
گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈرسۇن؛
ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈرسۇن.  
12 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ،
ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى رەزىللىك يۈرگۈزگۈچىلەرگە قارشى تۇرىدۇ».  
13 ئەگەر سىلەر دائىم ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئىنتىلسەڭلار، كىم سىلەرگە يامانلىق قىلار؟ 14 لېكىن ھەتتا ھەققانىيلىق يولىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، ئوخشاشلا بەختلىكسىلەر! لېكىن ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسىدىن قورقماڭلار ۋە ئالاقزادە بولماڭلار؛    15 بەلكى قەلبىڭلاردا رەب مەسىھنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار؛ سىلەردە بولغان ئۈمىدنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئىخلاسلىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە ھەمىشە تەييار تۇرۇڭلار.
  
16 ھەردائىم ۋىجدانىڭلارنى پاك تۇتۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە «يامانلىق قىلغۇچىلار» دەپ تۆھمەت قىلغانلار سىلەرنىڭ مەسىھدە بولغان پەزىلەتلىك يۈرۈش-تۇرۇشۇڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن. 17 چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇنداق بولسا، ياخشىلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلار، بۇ يامان ئىش قىلغىنىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن ئەۋزەل، ئەلۋەتتە. 18 چۈنكى مەسىھ بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ھەققانىي ئەمەسلەرنى دەپ، بىرلا قېتىملىق ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى؛ گەرچە ئۇ تەن جەھەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن روھتا جانلاندۇرۇلدى؛   19 شۇنىڭ بىلەن ئۇ سولاپ قويۇلغان روھلارنىڭ يېنىغا مۇشۇ روھىي ھاياتلىقى بىلەن بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ غەلىبىسىنى جاكارلىدى.    20  سولاپ قويۇلغان بۇ روھلار بۇرۇنقى زاماندا، يەنى نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنلىرىدە، كېمە ياسىلىۋاتقان مەزگىلدە خۇدا سەۋرچانلىق بىلەن كىشىلەرنىڭ توۋا قىلىشىنى كۈتكىنىدە، ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلدى. پەقەت شۇ كېمىگە كىرگەن بىرقانچىسى، يەنى جەمئىي سەككىز جان سۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدى.
  
21 مانا بۇ «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نىڭ بېشارىتى بولغان. ئەمدى چۆمۈلدۈرۈش ــ بەدەننىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ پاك ۋىجدان بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق خۇدادىن تىلىگەن تەلىپى ــ بىزنى ھازىر قۇتقۇزۇۋاتىدۇ    22 (مەسىھ تىرىلىپ ئەرشكە چىقىپ، پەرىشتىلەر، بارلىق روھىي ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا بوسۇندۇرۇلدى ۋە ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرماقتا).
 
 
3:1‏-2 يار. 3‏:16؛ 1كور. 14‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:22؛ كول. 3‏:18؛ تىت. 2‏:5. 3:3 1تىم. 2‏:9؛ تىت. 2‏:3. 3:4 «بەلكى «قەلبىڭلاردىكى ئۆزۈڭلار»، يەنى مۆمىن ۋە تىنچ روھتىن بولغان چىرىماس گۈزەللىكتىن بولسۇن» ــ «قەلبىڭلاردىكى ئۆزۈڭلار» گرېك تىلىدا «قەلبدىكى ئىچكى ئىنسان» دېگەن سۆز بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ. 3:5 «خۇداغا ئۈمىدىنى باغلىغان ئىخلاسمەن ئاياللار» ــ «ئىخلاسمەن» مۇشۇ يەردە «مۇقەددەس» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 3:6 «سىلەر ھېچقانداق ۋەسۋەسىلەردىن قورقماي ئىشلارنى دۇرۇس قىلساڭلار، سىلەرمۇ ساراھنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بولىسىلەر» ــ «ھېچقانداق ۋەسۋەسىلەردىن قورقماي ئىشلارنى دۇرۇس قىلساڭلار» دېگەنلىكتە تەكىتلەيدىغان ئىش بەلكىم، ئاياللار ئۆز يولداشلىرىنى ھۆرمەتلىشى بىلەن تەڭ ئۇلاردىن ھېچقانداق قورقماسلىقى، بەلكى خۇدادىنلا قورقۇپ، ئىخلاسمەن بولۇشى كېرەك. دېمەك، ئاياللارنىڭ دۇرۇس ئىشلارنى قىلىشنىڭ تۈرتكىسى ئەرلىرىدىن قورقۇش ئەمەس، بەلكى خۇداغا ئىخلاسمەن بولۇشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. 3:6 يار. 18‏:12. 3:7 «شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەي ئەرلەر، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن تۇرۇشتا، ئۇلارنى ئايال كىشىلەر بىزدىن ئاجىز بەندىلەر دەپ بىلىپ ئۇلارنى چۈشىنىپ يېتىڭلار» ــ «ئاجىز بەندە» گرېك تىلىدا «ئاجىز قاچا-قۇچا» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. روسۇل پېترۇسنىڭ مۇشۇ يەردە ھەم ئەرلەر ھەم ئاياللارمۇ خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغان قوراللار ياكى ئەسۋابلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكچى. مۇشۇ يەردە «چۈشىنىپ يېتىش» گرېك تىلىدا «بىلىش» بىلەن ئىپادلىنىدۇ. «يار.» 1:4 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. بۇ ئىبارە ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئۆز جىنسىي مۇھەببىتىگە بولغان موھتاجلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «سىلەر ئۇلار بىلەن خۇدا شاپائەت قىلغان ھاياتقا ئورتاق مىراسخور بولۇپ، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار» ــ «خۇدا شاپائەت قىلغان ھاياتقا مىراسخور» ــ گرېك تىلىدا «ھاياتنىڭ شاپائىتىگە مىراسخور...». 3:7 ئ‍ەف. 5‏:25-33؛ كول. 3‏:19. 3:8 «...ئىچ-باغرى يۇمشاق ۋە كەمتەر بولۇڭلار» ــ ياكى «... ئىچ-باغرى يۇمشاق ۋە ئەدەپلىك بولۇڭلار». 3:8 رىم. 12‏:16؛ 15‏:5؛ 1كور. 1‏:10؛ فىل. 2‏:2؛ 3‏:16. 3:9 لاۋ. 19‏:18؛ پەند. 20‏:22؛ 24‏:29؛ مات. 5‏:39؛ 25‏:34؛ رىم. 12‏:17؛ 1كور. 6‏:7؛ 1تېس. 5‏:15؛ 1تىم. 4‏:8. 3:10 زەب. 34‏:12-16؛ ياق. 1‏:26 3:11 «ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ،..» ــ ياكى «ھەممەيلەن بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشىپ،...». 3:11 زەب. 37‏:27؛ يەش. 1‏:16؛ 3يۇھ. 11. 3:12 «...چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى رەزىللىك يۈرگۈزگۈچىلەرگە قارشى تۇرىدۇ» ــ (10-12-ئايەت) «زەب.» 12:34-16. 3:12 زەب. 34‏:12-16 3:13 «ئەگەر سىلەر دائىم ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئىنتىلسەڭلار،...» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئەگەر سىلەر ياخشى قىلغۇچىلارنى ئۈلگە قىلساڭلار،...» دېيىلىدۇ. 3:14 «لېكىن ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسىدىن قورقماڭلار ۋە ئالاقزادە بولماڭلار...» ــ «يەش.» 12:8. 3:14 يەش. 8‏:12-13؛ يەر. 1‏:8؛ مات. 5‏:10؛ 1پېت. 2‏:20؛ 4‏:14. 3:15 «بەلكى قەلبىڭلاردا رەب مەسىھنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار» ــ بۇ سۆزلەر «يەش.» 13:8دە تېپىلىدۇ. «رەب مەسىھنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار» گرېك تىلىدا «رەبنى مۇقەددەس قىلىپ» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ ئايەتتە «مۇقەددەس» دېگەن سۆز «پاك» دېگەن ئادەتتىكى مەنىدە ئىشلىتىلمەي، بەلكى رەبنىڭ ھەممە باشقا زاتلاردىن پۈتۈنلەي باشقىچە، پۈتۈنلەي ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. «سىلەردە بولغان ئۈمىدنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلار» ــ «ئۈمىد» ــ مەڭگۈلۈك ھاياتقا باغلىغان، ئەلۋەتتە. «سىلەردە بولغان ئۈمىدنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئىخلاسلىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە ھەمىشە تەييار تۇرۇڭلار» ــ «ئىخلاسلىق بىلەن» گرېك تىلىدا «قورقۇنچ بىلەن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىزنىڭچە بۇ قورقۇنچ: (1) خۇدادىن بولىدۇ ــ دېمەك، مەن جاۋاب بەرگىنىمدە ئادەمنىڭ چىرايىدىن ياكى ئۇنى رەنجىتىشتىن قورقمايمەن، بەلكى پەقەت خۇدادىن قورقىمەن، ۋە (2) جاۋابىمنىڭ بىرەر جايىنىڭ ھەقىقەتتىن ئېزىپ كېتىشىدىن، گېپىمىنىڭ خاتالىق يېرى بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇشمۇ بار. 3:15 ئايۇپ 1‏:21؛ زەب. 119‏:46؛ روس. 4‏:8. 3:16 تىت. 2‏:8؛ 1پېت. 2‏:15،12. 3:18 «يەنى ھەققانىي بولغۇچى ھەققانىي ئەمەسلەرنى دەپ، بىرلا قېتىملىق ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى» ــ «ھەققانىي بولغۇچى» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. «گەرچە ئۇ تەن جەھەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن روھتا جانلاندۇرۇلدى» ــ بۇ ئاجايىب ھەقىقەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 3:18 رىم. 5‏:6؛ ئىبر. 9‏:28،15. 3:19 «شۇنىڭ بىلەن ئۇ سولاپ قويۇلغان روھلارنىڭ يېنىغا مۇشۇ روھىي ھاياتلىقى بىلەن بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ غەلىبىسىنى جاكارلىدى» ــ «مۇشۇ روھىي ھاياتلىق بىلەن بېرىپ...» گرېك تىلىدا «ئۇنىڭدا بېرىپ...» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەينى گرېكچە تېكىستتە ئۇنىڭ نېمىنى جاكارلىغىنى ئېنىق دېيىلمىگەن. بىز «ئۆزىنىڭ غەلىبىسى»نى قوشۇپ يازدۇق. چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدا «جاكارلاش» دېگەن پېئىلنىڭ مەلۇم بىر تولدۇرغۇچىسى بولۇشى كېرەك، شۇنىڭدەك مەسىھ ئۇلارغا ئۇقتۇرغان خەۋەرنىڭ مەزمۇنى چوقۇم ئۆزىنىڭ باياتىن ئادا قىلغان ئۇلۇغ قۇربانلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى لازىم. 3:19 1پېت. 4‏:6. 3:20 «...سولاپ قويۇلغان بۇ روھلار بۇرۇنقى زاماندا، يەنى نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنلىرىدە، كېمە ياسىلىۋاتقان مەزگىلدە خۇدا سەۋرچانلىق بىلەن كىشىلەرنىڭ توۋا قىلىشىنى كۈتكىنىدە، ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلدى. پەقەت شۇ كېمىگە كىرگەن بىرقانچىسى، يەنى جەمئىي سەككىز جان سۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدى» ــ «سولاپ قويۇلغان بۇ روھلار» توغرىسىدا ئالىملارنىڭ ئىككى خىل قارىشى بار: (1) ئۇلار نۇھ پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە قىز-ئاياللارغا نەپس-شەھۋەت قىلغان پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ («يار.» 1:6-6نى ۋە ئىزاھاتنى، «2پېت.» 4:2-5، «يەھ.» 6-8نى كۆرۈڭ)؛ (2) نۇھ پەيغەمبەر دەۋرىدىكى خۇدانىڭ سۆزىگە كىرمىگەن، رەھىمىنى رەت قىلىپ توپاندا ئۆلگەن ئىتائەتسىز ئادەملەرنىڭ ئىنسانىي روھلىرىنى كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ ئىككى پىكىر ۋە تولۇق ئايەتنىڭ مەنىسى ئۈستىدە توختىلىمىز. 3:20 يار. 6‏:14،3؛ 8‏:18؛ مات. 24‏:37؛ لۇقا 17‏:26؛ رىم. 2‏:4؛ 2پېت. 2‏:5. 3:21 «مانا بۇ «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نىڭ بېشارىتى بولغان. ئەمدى چۆمۈلدۈرۈش ــ بەدەننىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ پاك ۋىجدان بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق خۇدادىن تىلىگەن تەلىپى ــ بىزنى ھازىر قۇتقۇزۇۋاتىدۇ» ــ «ئادەمنىڭ پاك ۋىجدانىنىڭ ... خۇدادىن تىلىگەن تەلىپى» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئادەمنىڭ پاك ۋىجدان ئۈچۈن... خۇدادىن تىلىگەن تەلىپى». بۇ ئىككى تەرجىمە، شۇنداقلا بۇ مۇھىم ئايەت ئوغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 3:21 روس. 2‏:38-39؛ ئ‍ەف. 5‏:26؛ كول. 2‏:11-13 3:22 ئ‍ەف. 1‏:20.