2
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بارلىق رەزىللىك، بارلىق مەككارلىق، ساختىپەزلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە ھەممە تۆھمەتخورلۇقلارنى تاشلاپ، 2‏-3 رەبنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ بىلگەنىكەنسىلەر، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردەك بولۇپ خۇدانىڭ سۆز-كالامىدىكى ساپ سۈتكە تەشنا بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر نىجاتنىڭ كامالىتىگە يېتىپ ئۆسىسىلەر.  
ئەمدى سىلەر ئۇنىڭغا، يەنى ئادەملەر تەرىپىدىن ئەرزىمەس دەپ تاشلىنىپ، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ۋە قەدىرلەنگەن تىرىك تاش بولغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىپ   سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ تىرىك تاشلار سۈپىتىدە بىر روھىي ئىبادەتخانا قىلىنىشقا، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان روھىي قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان مۇقەددەس كاھىن قاتارىدىكىلەر بولۇشقا قۇرۇلۇۋاتىسىلەر؛
  
چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: ــ
 
«مانا، تاللانغان، قەدىرلەنگەن بۈرجەك ئۇل تېشىنى زىئونغا قويدۇم.
ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەركىم ھەرگىز يەرگە قاراپ قالمايدۇ».  
 
7‏-8 ئەمدى ئېتىقاد قىلغۇچى بولغان سىلەرگە نىسبەتەن تاشنىڭ قەدىرى بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك بولدى: ــ
 
«تامچىلار ئەرزىمەس دەپ تاشلىۋەتكەن بۇ تاش،
بۇرجەك ئۇل تېشى بولۇپ تىكلەندى!»،
ۋە: ــ «بۇ تاش كىشىلەرگە پۇتلىكاشاڭ تاش،
ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش بولىدۇ».
 
چۈنكى مۇشۇنداق كىشىلەر خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا ئىتائەت قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى ئالدىن بېكىتىلگەندۇر.  
لېكىن سىلەر بولساڭلار خۇدا تاللىغان بىر جەمەت، شاھانە بىر كاھىنلىق، پاك-مۇقەددەس بىر ئەل، شۇنداقلا ئۆزىگە ئالاھىدە خاس بولغان بىر خەلقسىلەر؛ بۇنىڭ مەقسىتى، سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ تىلسىمات يورۇقلۇقىغا چاقىرغۇچىنىڭ پەزىلەتلىرىنى نامايان قىلىشىڭلاردىن ئىبارەت.    10 بۇرۇن سىلەر بىر خەلق ھېسابلانمايتتىڭلار، لېكىن ھازىر خۇدانىڭ خەلقىسىلەر؛ بۇرۇن خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشمىگەنىدىڭلار، لېكىن ھازىر ئېرىشتىڭلار.  
 
خۇدانىڭ سادىق خىزمەتكارلىرى بولۇڭلار
11 ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەر بۇ دۇنياغا مۇساپىر ۋە مېھماندۇرسىلەر، سىلەردىن ئۆتۈنۈمەنكى، روھ-قەلبىڭلار بىلەن قارشىلىشىدىغان ئەتلىرىڭلاردىكى نەپس-شەھۋەتلەردىن ئۆزۈڭلارنى يىراق تۇتۇڭلار.
  
12 يۈرۈش-تۇرۇشۇڭلار ئېتىقادسىزلار ئارىسىدا ئېسىل-پەزىلەتلىك بولسۇن. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرگە يامانلىق قىلغۇچىلار دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، دەل تۆھمەت قىلغان ئىشلاردا سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ، خۇدانىڭ ئۇلارنى ئويغىتىپ يوقلايدىغان كۈنىدە ئۇنى ئۇلۇغلىشى مۇمكىن.
  
13‏-14 شۇڭا رەبنىڭ ھۆرمىتىدە ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەربىر ھاكىمىيەتنىڭ تۈزۈمىگە، مەيلى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپتىكى پادىشاھقا بولسۇن ياكى ئۇ تەيىنلىگەن ھوقۇقدارلارغا بولسۇن بويسۇنۇڭلار. چۈنكى بۇ ھوقۇقدارلار پادىشاھ تەرىپىدىن يامان ئىش قىلغۇچىلارنى جازاغا تارتىش، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىش ئۈچۈن تەيىنلەنگەندۇر. 15 چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇنداقكى، ياخشى ئەمەللىرىڭلار بىلەن نادان ئادەملەرنىڭ ئورۇنسىز شىكايەتلىرىنى تۇۋاقلاشتۇر. 16 سىلەر ئەركىن-ئازاد بولغىنىڭلار بىلەن، بۇ ئەركىنلىكىڭلارنى يامانلىق قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالماڭلار، بەلكى خۇدانىڭ قۇلى سۈپىتىدە بولۇپ،    17 بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەڭلار، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، خۇدادىن قورقۇڭلار، پادىشاھنى ھۆرمەتلەڭلار.  
 
ئەيسا مەسىھ سەۋر قىلىشنىڭ ئۈلگىسىدۇر
18 قۇللار، خوجايىنلىرىڭلارغا تولۇق قورقۇنچ بىلەن بويسۇنۇڭلار ــ يالغۇز مېھرىبان ۋە خۇش پېئىل خوجايىنلارغىلا ئەمەس، بەلكى تېرىككەك خوجايىنلارغىمۇ بويسۇنۇڭلار.

  
19 چۈنكى ئەگەر بىرسى خۇدا ئالدىدا پاك ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈن ناھەق ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە ھەمدە بۇلارغا سەۋر-تاقەت قىلسا، بۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.
  
20 چۈنكى ئەگەر سىلەر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، تېگىشلىك ئۇرۇلغىنىڭلاردا، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نېمىسى بار! لېكىن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلار ھەمدە ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسەڭلار، ئۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 21 چۈنكى سىلەر دەل شۇنىڭغا چاقىرىلدىڭلار. چۈنكى مەسىھمۇ سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن دەپ، سىلەرگە ئۈلگە قالدۇردى؛ 22 «ئۇ گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھېچقانداق ئالدامچىلىق-يالغانچىلىقمۇ تېپىلماس».    23 ئۇ ھاقارەتلەنگىنىدە، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ئۇ ھېچ تەھدىت سالمايتتى؛ ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇراتتى.    24 ئۇ ئۆزى بىزنىڭ گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلۈپ، ھەققانىيلىققا نىسبەتەن ياشىشىمىز ئۈچۈن ياغاچ تۈۋرۈكتە گۇناھلىرىمىزنى زىممىسىگە ئالدى؛ سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.    25 چۈنكى بۇرۇن سىلەر قويلاردەك يولدىن ئېزىپ كەتكەنسىلەر، لېكىن ھازىر جېنىڭلارنىڭ پادىچىسى ھەم يېتەكچىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭلار.  
 
 
2:1 مات. 18‏:3؛ رىم. 6‏:4؛ 1كور. 14‏:20؛ ئ‍ەف. 4‏:23؛ كول. 3‏:8؛ ئىبر. 12‏:1. 2:2‏-3 «رەبنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ بىلگەنىكەنسىلەر» ــ «زەب.» 8:34. «خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردەك بولۇپ خۇدانىڭ سۆز-كالامىدىكى ساپ سۈتكە تەشنا بولۇڭلار» ــ «خۇدانىڭ سۆز-كالامىدىكى ساپ سۈت» ياكى «روھىي ساپ سۈت». «بۇنىڭ بىلەن، سىلەر نىجاتنىڭ كامالىتىگە يېتىپ ئۆسىسىلەر» ــ «نىجات» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز» ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 2:2‏-3 زەب. 34‏:8 2:4 «ئەمدى سىلەر ئۇنىڭغا، يەنى ئادەملەر تەرىپىدىن ئەرزىمەس دەپ تاشلىنىپ، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ۋە قەدىرلەنگەن تىرىك تاش بولغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىپ...» ــ «تىرىك تاش بولغۇچى» ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇ خۇدانىڭ سالماقچى بولغان ئىبادەتخانىسىنىڭ تىرىك ئۇل تېشىدۇر. بارلىق ئېتىقادچىلار ئۇنىڭ ئۈستىگە سېلىنىپ ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىپ «خۇدانىڭ تىرىك، كۈنمۇ-كۈن ئۆسۈۋاتقان (روھىي) ئىبادەتخانىسى» بولۇشقا قۇرۇلماقتا. 2:4 ئ‍ەف. 2‏:20. 2:5 «سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ تىرىك تاشلار سۈپىتىدە بىر روھىي ئىبادەتخانا قىلىنىشقا، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان روھىي قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان مۇقەددەس كاھىن قاتارىدىكىلەر بولۇشقا قۇرۇلۇۋاتىسىلەر» ــ «روھىي قۇربانلىقلار» قوي-كالىلاردىن ئەمەس، بەلكى خۇداغا سۇنغان رەھمەت-مەدھىيىلەر ۋە خىزمىتىدىكى ئىشلار، شۇنداقلا باشقىلارغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببەت، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلاردىن بولىدۇ. «مۇقەددەس كاھىنلىق قاتارىدىكىلەر» «لاۋىيلار»دىن بولغان كاھىنلىق ئەمەس، يېڭى ئەھدىگە باغلانغان روھىي كاھىنلىق تۈزۈمىدىن بولىدۇ. 2:5 رىم. 12‏:1؛ ئىبر. 3‏:6؛ 12‏:28؛ ۋەھ. 1‏:6؛ 5‏:10. 2:6 «مانا، تاللانغان، قەدىرلەنگەن بۈرجەك ئۇل تېشىنى زىئونغا قويدۇم. ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەركىم ھەرگىز يەرگە قاراپ قالمايدۇ» ــ «يەش.» 16:28نى كۆرۈڭ. «زىئون» ــ قەدىمكى ئىسرائىلنىڭ پايتەختى، يېرۇسالېمنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشىدۇر. 2:6 يەش. 28‏:16. 2:7‏-8 «ئەمدى ئېتىقاد قىلغۇچى بولغان سىلەرگە نىسبەتەن تاشنىڭ قەدىرى بولىدۇ» ــ ياكى، «بۇ ئۇل تېشى ئېتىقاد قىلغان سىلەرگە نىسبەتەن قىممەتلىكتۇر». «تامچىلار ئەرزىمەس دەپ تاشلىۋەتكەن بۇ تاش، بۇرجەك ئۇل تېشى بولۇپ تىكلەندى!»، ۋە: ــ «بۇ تاش كىشىلەرگە پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش بولىدۇ» ــ «زەب.» 22:118، «يەش.» 14:8. 2:7‏-8 زەب. 118‏:22؛ مات. 21‏:42؛ روس. 4‏:11؛ رىم. 9‏:33؛ يەش. 8‏:14. 2:9 «لېكىن سىلەر بولساڭلار خۇدا تاللىغان بىر جەمەت، شاھانە بىر كاھىنلىق، پاك-مۇقەددەس بىر ئەل، شۇنداقلا ئۆزىگە ئالاھىدە خاس بولغان بىر خەلقسىلەر؛ بۇنىڭ مەقسىتى، سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ تىلسىمات يورۇقلۇقىغا چاقىرغۇچىنىڭ پەزىلەتلىرىنى نامايان قىلىشىڭلاردىن ئىبارەت» ــ «مىس.» 5:19-6، 22:23 (LXX)، «يەش.» 20:43-21، «مال.» 17:3نى كۆرۈڭ. 2:9 مىس. 19‏:5؛ قان. 7‏:6؛ 14‏:2؛ 26‏:18؛ ئ‍ەف. 1‏:14؛ ۋەھ. 1‏:6؛ 5‏:10. 2:10 «بۇرۇن سىلەر بىر خەلق ھېسابلانمايتتىڭلار، لېكىن ھازىر خۇدانىڭ خەلقىسىلەر؛ بۇرۇن خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشمىگەنىدىڭلار، لېكىن ھازىر ئېرىشتىڭلار» ــ «ھوش.» 6:1-9، 23:2نى كۆرۈڭ. 2:10 ھوش. 2‏:1؛ 2‏:25؛ رىم. 9‏:26. 2:11 «سىلەردىن ئۆتۈنۈمەنكى، روھ-قەلبىڭلار بىلەن قارشىلىشىدىغان ئەتلىرىڭلاردىكى نەپس-شەھۋەتلەردىن ئۆزۈڭلارنى يىراق تۇتۇڭلار» ــ گرېك تىلىدا «روھ-قەلب» مۇشۇ يەردە «جان» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «ئەتلىرىڭلاردىكى (ياكى پەقەت «ئەتلەردىكى») نەپس-شەھۋەتلەر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئىنجىلدا «ئەت» بولسا ئادەتتە «گۇناھنىڭ قورالى»، يەنى گۇناھ ئەتلىرىمىزنى قورال قىلىپ ئۇ ئارقىلىق بىزنى ئازدۇرىدىغانلىقى ۋە باشقۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»نى كۆرۈڭ. 2:11 رىم. 13‏:14؛ گال. 5‏:16. 2:12 «يۈرۈش-تۇرۇشۇڭلار ئېتىقادسىزلار ئارىسىدا ئېسىل-پەزىلەتلىك بولسۇن» ــ «ئېتىقادسىزلار» مۇشۇ يەردە «يات ئەللىكلەر» ياكى «يات ئەللەر» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئادەتتە بۇ سۆز «يەھۇدىي بولمىغان ئەللەر»نى كۆرسىتىدۇ، لېكىن مۇشۇ يەردە كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. «مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرگە يامانلىق قىلغۇچىلار دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، دەل تۆھمەت قىلغان ئىشلاردا سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ، خۇدانىڭ ئۇلارنى ئويغىتىپ يوقلايدىغان كۈنىدە ئۇنى ئۇلۇغلىشى مۇمكىن» ــ «خۇدانىڭ ئويغىتىپ يوقلايدىغان كۈنى» دېگەنلىك گرېك تىلىدا «يوقلاش كۈنى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. خۇدانىڭ ئادەمنى «يوقلىغاندا» ئىككى خىل نەتىجىنىڭ بىرى بولىدۇ: (1) بەخت-بەرىكەت، خۇدا شاپائىتىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ، ئىنساننى توۋا قىلىشقا ئويغىتىدۇ؛ (2) خۇدا ئادەمنىڭ گۇناھلىرىنى جازالايدۇ. مۇشۇ يەردىكى نەتىجە ياخشى بولغاچقا، «ئويغىتىپ يوقلاش» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. 2:12 مات. 5‏:16؛ لۇقا 1‏:68؛ 19‏:44؛ رىم. 12‏:17؛ 2كور. 8‏:21؛ فىل. 2‏:15؛ تىت. 2‏:8؛ 1پېت. 3‏:16. 2:13‏-14 رىم. 13‏:1؛ تىت. 3‏:1. 2:15 تىت. 2‏:8. 2:16 «سىلەر ئەركىن-ئازاد بولغىنىڭلار بىلەن،...» ــ بىزنىڭچە، شۈبھىسىزكى، روسۇل پېترۇس مۇشۇ يەردە رەب ئەيسانىڭ «مات.» 24:17-27دە ئۆزىگە ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەسلىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «بۇ ئەركىنلىكىڭلارنى يامانلىق قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالماڭلار» ــ گرېك تىلىدا «بۇ ئەركىنلىكىڭلارنى يامانلىق قىلىشنىڭ نىقابى قىلىۋالماڭلار». «بەلكى خۇدانىڭ قۇلى سۈپىتىدە بولۇپ...» ــ «خۇدانىڭ قۇلى» توغرىسىدا: ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئېنىقكى، تەۋرات-ئىنجىل بويىچە خۇدانىڭ قۇللۇقىدا بولۇش ئادەمنىڭ تولۇق ئەركىنلىكى، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولمىسا «خۇدانىڭ قۇللۇقىدا بولۇش» ھېسابلانمايدۇ. خۇدانىڭ قۇللۇقىدا بولۇش ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئۇلۇغ ئىمتىيازدىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى مەسىھ كۆپ يەرلەردە «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» دەپ ئاتىلىدۇ (مەسىلەن، «يەش.» 1:42دە ۋە باشقا كۆپ يەرلەردە). تەۋراتتا، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ كىتابىدىكى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» توغرۇلۇق بېشارەتلەرنى كۆرۈڭ). 2:16 يـۇھ. 8‏:32؛ رىم. 6‏:18؛ گال. 5‏:1. 2:17 «خۇدادىن قورقۇڭلار، پادىشاھنى ھۆرمەتلەڭلار» ــ خۇدانىڭ قورقۇنچى بولمىسا ھۆكۈمدارلارنى ھۆرمەتلەش پەقەت ئىنسانلاردىن قورقۇش بولىدۇ، خالاس. مەسىلەن، روسۇل پېترۇسنىڭ «روس.» 19:4دە خاتىرىلەنگەن سۆزلىرىنى كۆرۈڭ. 2:17 مات. 22‏:21؛ رىم. 12‏:10؛ ئ‍ەف. 4‏:3؛ ئىبر. 13‏:1؛ 1پېت. 1‏:22؛ 5‏:5. 2:18 «قۇللار، خوجايىنلىرىڭلارغا تولۇق قورقۇنچ بىلەن بويسۇنۇڭلار» ــ «قۇللار» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە ھەم قۇللارنى ھەم ئۆي خىزمەتكارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «تولۇق قورقۇنچ بىلەن بويسۇنۇڭلار» ــ «تولۇق قورقۇنچ بىلەن» دېگەن سۆزلەر گرېك تىلىدا «بارلىق قورقۇنچ بىلەن» دېگەن بىلەن ئىپدىلىنىدۇ. مەنىسى شۈبھىسىزكى، قۇللارنىڭ خوجايىنلىرىنى ھۆرمەتلىشىدە خۇدادىن قورقۇشنىڭ تۈرتكىسى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، «كول.» 22:3 ۋە «ئەف.» 5:6-7نى كۆرۈڭ. 2:18 ئ‍ەف. 6‏:5؛ كول. 3‏:22؛ 1تىم. 6‏:1؛ تىت. 2‏:9. 2:19 «ئەگەر بىرسى خۇدا ئالدىدا پاك ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈن ناھەق ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە...» ــ بۇنىڭ ئىككى مەنىسى بولۇشى مۇمكىن: ــ (1) بۇ ئادەم ۋىجدانى ئارقىلىق مەلۇم بىر ئىشنىڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ياخشى ئىشقا ئەمەل قىلىدۇ، لېكىن خوجايىنى ياخشى قىلغىنىنى چۈشەنمەيلا ئۇنى جازالايدۇ؛ قۇل بۇ ناھەقلىككە سەۋر-تاقەت قىلىدۇ؛ (2) قۇل-خىزمەتكار خىزمىتىنى ياخشى، پۇختا قىلسىمۇ، خوجايىن بەرىبىر ئۇنىڭغا قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ. قۇل-خىزمەتكار قورقۇنچتىن ئەمەس، بەلكى خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، ھەممىگە قادىرنىڭ ئۆزى بۇ يامان ئىشلارغا ئۆز ياخشى مەقسەتلىرى بىلەن يول قويغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈپ، بۇ يامان مۇئامىلىگە سەۋر-تاقەت قىلىپ چىداپ، خوجايىنىنى كەچۈرىۋېتىدۇ. 2:19 مات. 5‏:10. 2:20 1پېت. 3‏:14؛ 4‏:14. 2:21 يـۇھ. 13‏:15؛ فىل. 2‏:5؛ 1يۇھ. 2‏:6. 2:22 «ئۇ گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھېچقانداق ئالدامچىلىق-يالغانچىلىقمۇ تېپىلماس» ــ بۇ سۆزلەر «يەش.» 9:53دىن ئېلىنغان. 2:22 يەش. 53‏:9؛ 2كور. 5‏:21؛ 1يۇھ. 3‏:5. 2:23 «ئۇ ھاقارەتلەنگىنىدە، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ئۇ ھېچ تەھدىت سالمايتتى؛ ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇراتتى» ــ پېترۇسنىڭ بۇ سۆزىدە «يەش.» 7:53دىكى بېشارەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 2:23 مات. 27‏:39؛ يـۇھ. 8‏:49،48. 2:24 «ئۇ ئۆزى بىزنىڭ گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلۈپ، ھەققانىيلىققا نىسبەتەن ياشىشىمىز ئۈچۈن ياغاچ تۈۋرۈكتە گۇناھلىرىمىزنى زىممىسىگە ئالدى؛ سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار» ــ «ياغاچ تۈۋرۈكتە» (گرېك تىلىدا «دەرەختە»)، «كرېست»نى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. مۇشۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «دەرەخ» ئېرەن باغچىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى دەرەخنى، شۇنداقلا تەۋراتتىكى كۆپ باشقا يەرلەدە دېيىلگەن «دەرەخ» توغرىسىدىكى تېمىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىگە كەلتۈرىدۇ (مەسىلەن، «مىس.» 23:15-26، «قان.» 22:21-23، «پەند.» 18:3، 30:11 قاتارلىقلار). 2:24 يەش. 53‏:4؛ مات. 8‏:17؛ رىم. 6‏:11. 2:25 «چۈنكى بۇرۇن سىلەر قويلاردەك يولدىن ئېزىپ كەتكەنسىلەر...» ــ گرېك تىلىدا «كېتىۋاتتاتىسىلەر». «يەش.» 6:53نى كۆرۈڭ. «لېكىن ھازىر جېنىڭلارنىڭ پادىچىسى ھەم يېتەكچىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭلار» ــ «جېنىڭلارنىڭ پادىچىسى ھەم (قوغدايدىغان) يېتەكچىسى» رەب ئەيسا مەسىھ، ئەلۋەتتە. 2:25 يەش. 53‏:6؛ ئ‍ەز. 34‏:6؛ لۇقا 15‏:4.