14
ئىسرائىلنىڭ كەلگۈسىدە توۋا قىلىشى، قۇتقۇزۇلۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى
1 ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا ئىككىلەنمەي قايتىپ كەل!
چۈنكى ئۆز قەبىھلىكىڭ بىلەن پۇتلىشىپ يىقىلغانسەن.
2 ئۆزۈڭلار بىلەن بىللە سۆزلەرنى ئېپكېلىڭلار،
پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىڭلار؛
ئۇنىڭغا: ــ «بارلىق قەبىھلىكنى كەچۈرگەيسەن،
شاپائەت بىلەن بىزنى قوبۇل قىلغايسەن،
شۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا لەۋلىرىمىزدىكى «بۇقا قۇربانلىقلار»نى تۇتىمىز ــ دەڭلار.
3 ــ «ئاسۇرىيە بىزنى قۇتقۇزمايدۇ،
ئاتلارغا مىنمەيمىز؛
بىز ھەرگىز ئۆز قولىمىز ياسىغىنىغا: ــ «خۇدايىمىز!» دېمەيمىز؛
چۈنكى سەندىنلا يېتىم-يېسىرلار رەھىم-شەپقەت تاپىدۇ».
4 ــ مەن ئۇلارنى «ئارقىغا چېكىنىشلىرى»دىن ساقايتىمەن،
مەن ئۇلارنى چىن كۆڭلۈمدىن خالاپ سۆيىمەن؛
چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم ئۇنىڭدىن ياندى.
5 مەن ئىسرائىلغا شەبنەمدەك بولىمەن؛
ئۇ نىلۇپەردەك بەرق ئۇرىدۇ،
يىلتىزلىرى لىۋان كېدىر دەرىخىدەك يىلتىز تارتىدۇ؛
6 ئۇنىڭ بىخلىرى شاخلاپ يېيىلىدۇ،
ئۇنىڭ گۈزەللىكى زەيتۇن دەرىخىدەك،
پۇرىقى لىۋان كېدىرىنىڭكىدەك بولىدۇ.
7 خەلق قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ؛
ئۇلار زىرائەتلەردەك ياشنايدۇ،
ئۈزۈم تېلىدەك چېچەكلەيدۇ؛
لىۋاننىڭ شارابلىرى ئاغزىدا قالغاندەك، ئېسىدە شېرىن قالىدۇ.
8 ئەفرائىم: «مېنىڭ بۇتلار بىلەن يەنە نېمە كارىم!» ــ دەيدىغان بولىدۇ.
«مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىمەن!»؛
«مەن ياپيېشىل بىر قارىغايدۇرمەن»؛
«سېنىڭ مېۋەڭ مەندىندۇر!»
9 كىم دانا بولۇپ، بۇ ئىشلارنى چۈشىنەر؟ چېچەن بولۇپ، بۇلارنى بىلەر؟
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرى دۇرۇستۇر،
ھەققانىيلار ئۇلاردا ماڭىدۇ؛
بىراق ئىتائەتسىزلەر ئۇلاردا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ.