13
«مەن سېنى ھالاك قىلىمەن، ئى ئىسرائىل!» ــ ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش
بۇرۇن ئەفرائىم سۆز قىلغاندا، كىشىلەر ھۆرمەتلەپ تىترەپ كېتەتتى؛
ئۇ ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا كۆتۈرۈلگەن؛
بىراق ئۇ بائال ئارقىلىق گۇناھ قىلىپ ئۆلدى.
ئۇلار ھازىر گۇناھنىڭ ئۈستىگە گۇناھ سادىر قىلماقتا!
ئۆزلىرىگە كۈمۈشلىرىدىن قۇيما مەبۇدلارنى،
ئۆز ئەقلى ئويلاپ چىققان بۇتلارنى ياسىدى؛
بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۈنەرۋەننىڭ ئەجرى، خالاس؛
بۇ كىشىلەر توغرۇلۇق: «ھەي، ئىنسان قۇربانلىقىنى قىلغۇچىلار، موزايلارنى سۆيۈپ قويۇڭلار!» دېيىلىدۇ.  
شۇڭا ئۇلار سەھەردىكى بىر پارچە بۇلۇتتەك،
تېزدىن غايىپ بولىدىغان تاڭ سەھەردىكى شەبنەمدەك،
خاماندىن قارا قۇيۇندا ئۇچقان پاخالدەك،
تۈڭلۈكتىن چىققان ئىس-تۈتەكتەك تېزدىن يوقاپ كېتىدۇ.
بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن؛
سەن مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھنى بىلمەيدىغان بولىسەن؛
مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر.
مەن چۆل-باياۋاندا، قۇرغاقچىلىقنىڭ زېمىنىدا سەن بىلەن تونۇشتۇم؛
ئۇلار ئوزۇقلاندۇرۇلۇپ، تويۇنغان،
تويۇنغاندىن كېيىن كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن؛
شۇڭا ئۇلار مېنى ئۇنتۇغان.
ئەمدى مەن ئۇلارغا شىردەك بولىمەن؛
يىلپىزدەك ئۇلارنى يول بويىدا پايلاپ كۈتىمەن؛
كۈچۈكلىرىدىن مەھرۇم بولغان ئېيىقتەك مەن ئۇلارغا ئۇچراپ،
يۈرەك چاۋىسىنى تىتىۋېتىمەن؛
ئۇلارنى چىشى شىردەك نەق مەيداندا يەۋېتىمەن؛
دالادىكى ھايۋانلار ئۇلارنى يىرتىۋېتىدۇ.
سېنىڭ ھالاكىتىڭ، ئى ئىسرائىل، دەل ماڭا قارشى چىققانلىقىڭ،
يەنى ياردەمچىڭگە قارشى چىققانلىقىڭدىن ئىبارەتتۇر.
10 ئەمدى بارلىق شەھەرلىرىڭدە ساڭا قۇتقۇزغۇچى بولىدىغان پادىشاھىڭ قېنى؟
سېنىڭ سوراقچى-ھاكىملىرىڭ قېنى؟
سەن بۇلار توغرۇلۇق: «ماڭا پادىشاھ ۋە شاھزادىلارنى تەقدىم قىلغايسەن!» دەپ تىلىگەن ئەمەسمۇ؟ ــ
11 مەن غەزىپىم بىلەن ساڭا پادىشاھنى تەقدىم قىلغانمەن،
ئەمدى ئۇنى غەزىپىم بىلەن ئېلىپ تاشلىدىم.  
 
12 ئەفرائىمنىڭ قەبىھلىكى چىڭ ئوراپ-قاچىلانغان؛
ئۇنىڭ گۇناھى جۇغلىنىپ ساقلانغان؛
13 تولغاق باسقان ئايالنىڭ ئازابلىرى ئۇنىڭغا چۈشىدۇ؛
ئۇ ئەقىلسىز بىر ئوغۇلدۇر؛
چۈنكى بالىياتقۇنىڭ ئاغزى ئېچىلغاندا، ئۇ ھازىر بولمىغان!
14 مەن بەدەل تۆلەپ ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرىمەن؛
ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىمەن؛
ئەي، ئۆلۈم، سېنىڭ ۋابالىرىڭ قېنى؟!
ئەي، تەھتىسارا، سېنىڭ ھالاكەتلىرىڭ قېنى؟!
مەن بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن!
  
 
15  ئەفرائىم قېرىنداشلىرى ئارىسىدا «مېۋىلىك» بولسىمۇ،
شەرقتىن بىر شامال چىقىدۇ،
يەنى پەرۋەردىگارنىڭ چۆل-باياۋاندىن چىققان بىر شامىلى كېلىدۇ؛
ئەفرائىمنىڭ بۇلىقى قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ سۇ بېشى قاغجىراپ كېتىدۇ؛
ئۇ شامال خەزىنىسىدىكى بارلىق نەپىس قاچا-قۇچىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ.

16 سامارىيەنىڭ ئۆز گۇناھى ئۆز زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛
چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىغا بوينىنى قاتتىق قىلغان؛
ئۇلار قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ،
بوۋاقلىرى پارە-پارە قىلىپ چېقىۋېتىلىدۇ،
ھامىلىدار ئاياللىرى يېرىۋېتىلىدۇ.
 
 
13:1 «بۇرۇن) ئەفرائىم سۆز قىلغاندا...» ــ «ئەفرائىم» قەبىلىنىڭ ئەجدادى بولغان ئەفرائىمنى ئەمەس، بەلكى قەبىلىنىڭ ئاۋۋالقى تارىخىنى كۆرسىتىدۇ. مۇسا پەيغەمبەردىن كېيىن، ئىسرائىلغا يېتەكلىگۈچى بولغان يەشۇئا پەيغەمبەر ئەفرائىملىق ئىدى. 13:2 «بۇ كىشىلەر توغرۇلۇق: «ھەي، ئىنسان قۇربانلىقىنى قىلغۇچىلار، موزايلارنى سۆيۈپ قويۇڭلار!» دېيىلىدۇ» ــ باشقا بىر تەرجىمىسى: «ئۇ كىشىلەر توغرۇلۇق: «مانا، قۇربانلىق قىلغۇچى ئادەملەر موزايلارنى سۆيۈپ قويۇۋاتىدۇ!» ــ دېيىلىدۇ» ــ ياكى باشقىلار. بىراق ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش تەس بولغىنى بىلەن، تىلشۇناسلارنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتلىرى بويىچە، بۇ ئايەت دەرۋەقە «ئىنسان قۇربانلىقى»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 13:2 ھوش. 8‏:6 13:4 2سام. 22‏:32؛ زەب. 18‏:31؛ يەش. 43‏:11؛ ھوش. 12‏:10 13:6 قان. 32‏:15؛ ھوش. 8‏:14 13:11 «مەن غەزىپىم بىلەن ساڭا پادىشاھنى تەقدىم قىلغانمەن، ئەمدى ئۇنى غەزىپىم بىلەن ئېلىپ تاشلىدىم» ــ ئىسرائىل قانائان زېمىنىنى ئىگىلىۋالغاندىن تارتىپ، خۇدا ئۇلارغا يېتەكچىلىك ۋە سوتچىلىق قىلىدىغان «باتۇر ھاكىملار» ياكى «سوتچى-قۇتقۇزغۇچى» دېگەن ئىخلاسمەن باتۇرلارنى ئايرىم-ئايرىم تەمىنلەپ بەرگەنىدى. ئىسرائىل خۇدانىڭ بۇ «ئايرىم-ئايرىم تەقسىماتى»دىن نارازى بولۇپ، سامۇئىل پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە خۇدادىن پادىشاھ («مۇقىم» سۇلالە تۈزۈمى) تىكلەشنى تىلىگەن. خۇدا سامۇئىل پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەلىپىنى: «ماڭا ئىشەنمەسلىككە باراۋەر» دەپ نارازىلىقىنى كۆرسىتىپ، ئاندىن ئاخىرىدا ئىسرائىلنىڭ بىرىنچى پادىشاھى سائۇلنى تىكلىگەن («1سام.» 8-12-بابلار) 13:11 1سام. 8‏:5؛ 15‏:23؛ 16‏:1 13:12 «ئەفرائىمنىڭ قەبىھلىكى چىڭ ئوراپ-قاچىلانغان؛ ئۇنىڭ گۇناھى جۇغلىنىپ ساقلانغان؛» ــ دېمەك، ئۇنىڭ بارلىق قەبىھلىك-گۇناھلىرى خۇدانىڭ جازالىشى ئۈچۈن ئوبدان ساقلانماقتا. 13:13 «بالىياتقۇنىڭ ئاغزى ئېچىلغاندا، ئۇ ھازىر بولمىغان!» ــ ياكى «بالىياتقۇنىڭ ئاغزى ئېچىلغاندا، ئۇ چىقمايدۇ!». 13:14 «تەھتىسارا» ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاي. «... ئەي، ئۆلۈم، سېنىڭ ۋابالىرىڭ قېنى؟! ئەي، تەھتىسارا، سېنىڭ ھالاكەتلىرىڭ قېنى؟! مەن بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن!» ــ ئالىملار بۇ ئايەت ئۈستىدە ئىككى خىل پىكىردە. بەزىلەر مۇنداق تەرجىمە قىلىدۇ: ــ «مەن ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرامدىمەن؟ مەن ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزامدىمەن؟ ئەي، ئۆلۈم، ۋابالىرىڭنى چىقار! ئەي، تەھتىسارا، ھالاكەتلىرىڭنى چىقار! مەن ئۇلارغا (ئىسرائىلغا) ھېچ رەھىم قىلمايمەن». بۇ تەرجىمە ئالدى-كەينىدىكى ئايەتلەرگە ماسلاشقان بولسىمۇ، بىز يۇقىرىقى تەرجىمىگە قايىلمىز. چۈنكى: (1) ئىبرانىي تىلىدا ئايەتنىڭ بىرىنچى جۈملىسىدە سوئال يۈكلىمىسى يوق، ئۇ ئاددىي بىر «بايان جۈملە». (2) خۇدا ھوشىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق بەرگەن بىرنەچچە بېشارەتلەردە، ئىسرائىلغا بولغان قاتتىق ئەيىبىنى يەتكۈزۈشى بىلەن تەڭ كۈتۈلمىگەن يەردىن ئىسرائىلغا چوڭ ئۈمىدلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن، 9:1-10، 11:8)؛ (3) ئىنجىلدا روسۇل پاۋلۇس بۇ ئايەتلەرنى شۇنداق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ («1كور.» 55:15-56، «ۋەھ.» 13:20-14نى كۆرۈڭ)؛ (4) تېكىستنىڭ ئىككىنچى قىسمىنىڭ تەرجىمىسى: «مەن (ئۆزۈم) ساڭا ھالاكەت بولىمەن، ئى تەھتىسارا!... ساڭا ۋابا بولىمەن، ئى ئۆلۈم! مەن سىلەرگە ھېچ رەھىم قىلمايمەن» بولۇش ئېھتىمالغا بەك يېقىن. يەنە مۇمكىنچىلىكى باركى، ئايەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمى: «مەن ئۆزۈمنى ھېچ ئايىمايمەن!» دېگەن مەنىدە بولىدۇ ــ دېمەك، خۇدا ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە تەيياردۇر. 13:14 يەش. 25‏:8؛ 1كور. 15‏:55 13:15 «ئەفرائىم قېرىنداشلىرى ئارىسىدا «مېۋىلىك» بولسىمۇ» ــ «ئەفرائىم» دېگەن ئىسىمنىڭ ئۆزى «مېۋىلىك» دېگەن مەنىدە. مۇشۇ ئايەتتىكى «مېۋە» پەرزەنتلەرنى كۆرسىتىدۇ (14-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). «شەرقتىن بىر شامال چىقىدۇ» ــ قانائانغا (پەلەستىنگە) نىسبەتەن ئەڭ دەھشەتلىك شامال شەرق شامىلىدۇر. ئۇلارنى نابۇت قىلىدىغان ئاسۇرىيە قوشۇنى دەرۋەقە شەرقتىن كېلىدۇ. «خەزىنىدىكى نەپىس قاچا-قۇچىلار» ــ ئەفرائىمدىكى «كېلىشكەن چوكان-قىزلار»نى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن (16-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). 13:16 ھوش. 10‏:14