18
ئەرشتىن چۈشكەن ئۈچ مېھمان
پەرۋەردىگار مامرەدىكى دۇبزارلىقنىڭ يېنىدا ئىبراھىمغا كۆرۈندى؛ بۇ كۈن ئەڭ ئىسسىغان ۋاقىت بولۇپ، ئۇ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە ئولتۇراتتى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ نەزەر سېلىۋىدى، مانا ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈچ كىشى ئۆرە تۇراتتى. ئۇلارنى كۆرۈپ ئۇ چېدىرىنىڭ ئىشىكىدىن قوپۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ: ــ ئى رەببىم، ئەگەر پېقىر نەزەرلىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆتۈنىمەنكى، قۇللىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتمىگەيلا؛ ئازغىنا سۇ كەلتۈرۈلسۇن، سىلەر پۇتلىرىڭلارنى يۇيۇپ دەرەخنىڭ تېگىدە ئارام ئېلىۋېلىڭلار. سىلەر ئۆز قۇلۇڭلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنىكەنسىلەر، مەن بىر چىشلەم نان ئېلىپ چىقاي، سىلەر ھاردۇقۇڭلارنى چىقىرىپ، ئاندىن ئۆتۈپ كەتكەيسىلەر، دېدى. ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقىنىڭدەك قىلغىن، دېۋىدى، ئىبراھىم چېدىرىغا ساراھنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئۈچ داس ئېسىل ئۇندىن تېز خېمىر يۇغۇرۇپ توقاچ ئەتكىن، ــ دېدى.
ئاندىن ئىبراھىم كالا پادىسىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يۇمران ئوبدان بىر موزاينى تاللاپ، چاكىرىغا تاپشۇردى؛ ئۇ بۇنى تېزلا تەييار قىلدى.
8‏-9 ئاندىن ئىبراھىم سېرىق ماي، سۈت ۋە تەييارلاتقان موزاينى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇتۇپ، ئۆزى دەرەخنىڭ تېگىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇردى؛ ئۇلار ئۇلاردىن يېدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن: ئايالىڭ ساراھ نەدە، دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، چېدىردا، دېدى.
10 بىرسى: ــ مەن كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا قېشىڭغا جەزمەن قايتىپ كېلىمەن، ۋە مانا ئۇ ۋاقىتتا ئايالىڭ ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ، ــ دېدى. ساراھ بولسا ئۇنىڭ كەينىدىكى چېدىرنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ، بۇلارنى ئاڭلاۋاتاتتى.  
11 ئىبراھىم بىلەن ساراھ ئىككىسى ياشىنىپ، قېرىپ قالغانىدى؛ ساراھتا ئايال كىشىلەردە بولىدىغان ئادەت كۆرۈش توختاپ قالغانىدى. 12 شۇڭا ساراھ ئۆز ئىچىدە كۈلۈپ: ــ مەن شۇنچە قېرىپ كەتكەن تۇرسام، راستتىنلا لەززەت كۆرەلەرمەنمۇ؟ ئېرىممۇ قېرىپ كەتكەن تۇرسا؟ ــ دەپ خىيال قىلدى.
13 پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا: ــ ساراھنىڭ: «مەن قېرىپ كەتكەن تۇرسام، راستتىنلا بالا تۇغارمەنمۇ؟» دەپ كۈلگىنى نېمىسى؟ 14 پەرۋەردىگارغا مۇمكىن بولمايدىغان تىلسىمات ئىش بارمۇ؟ بېكىتكەن ۋاقىتتا، يەنى كېلەر يىلى دەل بۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن ۋە ئۇ ۋاقىتتا ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ، ــ دېدى.
15 ئەمما ساراھ قورقۇپ كېتىپ: ــ كۈلمىدىم، دەپ ئىنكار قىلدى. لېكىن ئۇ: ــ ياق، سەن كۈلدۈڭ، ــ دېدى.
 
ئىبراھىمنىڭ خۇدادىن جىيەنى لۇت ئۈچۈن ئۆتۈنۇشى
16 ئاندىن بۇ زاتلار ئۇ يەردىن قوپۇپ، سودوم تەرەپكە نەزىرىنى ئاغدۇردى. ئىبراھىممۇ ئۇلارنى ئۇزىتىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى.
17 پەرۋەردىگار: ــ مەن قىلىدىغان ئىشىمنى ئىبراھىمدىن يوشۇرسام بولامدۇ؟ 18 چۈنكى ئىبراھىمدىن ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر ئەل چىقىدۇ ۋە شۇنىڭدەك يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-مىللەتلەر ئۇ ئارقىلىق بەخت-بەرىكەتكە مۇيەسسەر بولىدىغان تۇرسا؟ 19 چۈنكى مەن ئۇنى بىلىپ تاللىغانمەن؛ ئۇ چوقۇم ئۆز بالىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ھەققانىيلىقنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزۈشنى ئۆگىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەنكى پەرۋەردىگار ئىبراھىم توغرۇلۇق قىلغان ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، ــ دېدى.
20 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «سودوم ۋە گوموررا توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ گۇناھى ئىنتايىن ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن، 21 مەن ھازىرلا چۈشىمەن، قىلمىشلىرى راستتىنلا شۇ داد-پەريادلاردىن ماڭا مەلۇم بولغاندەك شۇنچە رەزىلمۇ، بىلىپ باقاي؛ ئۇنچە رەزىل بولمىغاندىمۇ، مەن ئۇنى بىلىشىم كېرەك».
22 شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىلەر ئۇ يەردىن قوزغىلىپ، سودوم تەرەپكە يول ئالدى. لېكىن ئىبراھىم يەنىلا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇراتتى.
23 ئىبراھىم يېقىن بېرىپ: ــ سەن راستتىنلا ھەققانىيلارنى رەزىللەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلامسەن؟ 24 شەھەردە ئەللىك ھەققانىي كىشى بار بولۇشى مۇمكىن؛ سەن راستتىنلا شۇ جاينى ھالاك قىلامسەن، ئەللىك ھەققانىي كىشى ئۈچۈن ئۇ جاينى كەچۈرۈم قىلمامسەن؟ 25 ياق، ياق! بۇ ئىش سەندىن نېرى بولغاي! ھەققانىيلارنى رەزىللەرگە قوشۇپ ئۆلتۈرۈپ، ھەققانىيلارغا رەزىللەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش سەندىن نېرى بولغاي! پۈتكۈل جاھاننىڭ سوراقچىسى ئادالەت يۈرگۈزمەمدۇ؟ ــ دېدى.
26 پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر مەن سودوم شەھىرىدە ئەللىك ھەققانىينى تاپسام، ئۇلار ئۈچۈن پۈتكۈل جاينى ئاياپ قالىمەن، ــ دېدى.
27 ئاندىن ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن پەقەت توپا بىلەن كۈلدىن ئىبارەت بولساممۇ، مەن ئىگەم بىلەن سۆزلەشكىلى يەنە پېتىنالىدىم. 28 مۇبادا شۇ ئەللىك ھەققانىيدىن بەش كىشى كەم بولسا، سەن بۇ بەش كىشىنىڭ كەم بولغىنى ئۈچۈن پۈتكۈل شەھەرنى يوقىتامسەن؟ ــ دېدى.
ئۇ: ــ ئەگەر مەن شۇ يەردە قىرىق بەشنى تاپساممۇ، ئۇنى يوقاتمايمەن، دېدى.
29 ئىبراھىم ئۇنىڭغا سۆزىنى داۋام قىلىپ: ــ شۇ يەردە قىرىق كىشىلا تېپىلىشى مۇمكىن، دېۋىدى، پەرۋەردىگار: ــ بۇ قىرىقى ئۈچۈن ئۇنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى.
30 ئۇ يەنە سۆز قىلىپ: ئى ئىگەم، خاپا بولمىغايسەن، مەن يەنە سۆز قىلاي. شۇ يەردە ئوتتۇزى تېپىلىشى مۇمكىن؟ ــ دېدى.
ئۇ: ــ ئەگەر مەن ئۇ يەردە ئوتتۇزنى تاپساممۇ، يوقاتمايمەن، ــ دېدى.
31 ئۇ يەنە سۆز قىلىپ: ــ مانا ئەمدى مەن ئىگەم بىلەن سۆزلەشكىلى جۈرئەت قىلدىم؛ شۇ يەردە يىگىرمىسى تېپىلىشى مۇمكىن، ــ دېدى.
پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: بۇ يىگىرمىسى ئۈچۈن ئۇ يەرنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى.
32 ئۇ سۆزلەپ: ــ ئى ئىگەم، خاپا بولمىغاي، مەن پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا سۆز قىلاي! شۇ يەردە ئونى تېپىلىشى مۇمكىن، دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئونى ئۈچۈن ئۇنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى.
33 پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن كەتتى؛ ئىبراھىممۇ ئۆز جايىغا قايتىپ كەتتى.
 
 
18:2 ئىبر. 13‏:2. 18:3 «رەببىم» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئادوناي». بۇ سۆزىگە قارىغاندا ئىبراھىم بۇ مېھماننىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەنىدى. 18:6 «ئۈچ داس» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۈچ سېئاھ». ئۈچ سېئاھ، بەلكىم 22 لىتر ئۇن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. 18:10 «بىرسى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ». 18:10 يار. 17‏:21،19؛ 21‏:2. 18:11 يار. 17‏:17؛ رىم. 4‏:19؛ ئىبر. 11‏:11. 18:12 ھاك. 19‏:26؛ 1پېت. 3‏:6. 18:14 مات. 19‏:26؛ لۇقا 1‏:37. 18:17 ئام. 3‏:7. 18:18 يار. 12‏:3؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ روس. 3‏:25؛ گال. 3‏:8. 18:19 «چۈنكى مەن ئۇنى بىلىپ تاللىغانمەن؛ ئۇ چوقۇم ئۆز بالىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ، ...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى مەن... ئۇ ئۆز بالىلىرىنى ۋە ئۆيىدىكىلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا ھەققانىيلىقنى ۋە ئادالەتنى ئۆگەتسۇن دەپ ئۇنى بىلىپ تاللىۋالدىم». لېكىن بۇنداق تەرجىمە ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىغا ئانچە ماس كەلمەيدۇ. 18:20 «سودوم بىلەن گوموررا توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد» ــ بۇ پەرياد شۈبھىسىزكى، سودوم بىلەن گوموررا تەرىپىدىن خورلانغان ۋە زۇلۇم يېگەنلەردىن كۆتۈرۈلگەن بولسا كېرەك («ئەز.» 49:16نى كۆرۈڭ). 18:22 «بۇ كىشىلەر» ــ كېيىنكى بايانلار بويىچە، پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن قالدى؛ قالغان ئىككى زات سودومغا ماڭىدۇ ۋە شۇ يەردە (19-باب) لۇتنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ. شۇ ئىككى زات پەرىشتىلەر ئىدى (1:19). 18:25 رىم. 3‏:6.