17
خۇدانىڭ ئۆز ئەھدىسىنى بېكىتىشى؛ ئەھدە بەلگىسى ــ خەتنە
ئابرام توقسان توققۇز ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ مەن قادىر تەڭرىدۇرمەن. سەن مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ، كامىل بولغىن.   مەن ئۆزۈم بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا ئەھدەمنى بېكىتىپ، سېنى ئىنتايىن زور كۆپەيتىمەن، ــ دېدى.
ئابرام ئۆزىنى تاشلاپ يۈزىنى يەرگە يېقىپ ياتتى؛ خۇدا ئۇنىڭ بىلەن يەنە سۆزلىشىپ مۇنداق دېدى: ــ
ئۆزۈمگە كەلسەم، مانا، مېنىڭ ئەھدەم سەن بىلەن تۈزۈلگەندۇر: ــ سەن نۇرغۇن ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولىسەن.   شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ئىسمىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئابرام ئاتالمايدۇ، بەلكى ئىسمىڭ ئىبراھىم بولىدۇ؛ چۈنكى مەن سېنى نۇرغۇن ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلدىم. مەن سېنى ئىنتايىن زور كۆپەيتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەندىن كۆپ ئەل-قوۋملارنى پەيدا قىلىمەن، پۇشتۇڭدىن پادىشاھلار چىقىدۇ. مەن سەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭنىڭ خۇداسى بولۇش ئۈچۈن ئۆزۈم سەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭنىڭ ئارىسىدا ئەبەدىي ئەھدە سۈپىتىدە بۇ ئەھدەمنى تىكلەيمەن؛ مەن ساڭا ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگە سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بۇ زېمىننى، يەنى پۈتكۈل قانائان زېمىنىنى ئەبەدىي بىر مۈلۈك سۈپىتىدە ئاتا قىلىمەن؛ ۋە مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ــ دېدى.
ئاندىن خۇدا ئىبراھىمغا يەنە: ــ سەن ئۆزۈڭ مېنىڭ ئەھدەمنى تۇتقىن، ئۆزۈڭ ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭمۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا بۇنى تۇتۇشى كېرەك. 10 مەن سەن بىلەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭ بىلەن تۈزگەن، سىلەرنىڭ تۇتۇشۇڭلار كېرەك بولغان ئەھدەم شۇكى، ئاراڭلاردىكى ھەربىر ئەركەك خەتنە قىلىنسۇن. 11 شۇنىڭ بىلەن سىلەر خەتنىلىكىڭلارنى كېسىۋېتىشىڭلار كېرەك؛ بۇ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. 12 بارلىق ئەۋلادلىرىڭلار، نەسىلدىن-نەسىلگە ئاراڭلاردا، مەيلى ئۆيدە تۇغۇلغانلار بولسۇن، ياكى ئەۋلادىڭلاردىن بولماي ياتلاردىن پۇلغا سېتىۋېلىنغانلار بولسۇن، ھەممە ئەركەك سەككىز كۈنلۈك بولغاندا خەتنە قىلىنسۇن. 13 ئۆيۈڭدە تۇغۇلغانلار بىلەن پۇلۇڭغا سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، مېنىڭ ئەھدەم تەنلىرىڭلاردا ئورناپ، ئەبەدىي بىر ئەھدە بولىدۇ. 14 لېكىن خەتنىلىكى تۇرۇپ، تېخى خەتنە قىلىنمىغان ھەربىر ئەركەك مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان ھېسابلىنىپ، ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ــ دېدى.
15 خۇدا ئىبراھىمغا يەنە سۆز قىلىپ: ــ ئايالىڭ ساراينى ئەمدى ساراي دەپ ئاتىمىغىن، بەلكى ئىسمى ساراھ بولسۇن. 16 مەن ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭدىنمۇ ساڭا بىر ئوغۇل بېرىمەن. مەن دەرۋەقە ئۇنى بەرىكەتلەيمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ؛ خەلقلەرنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۇنىڭدىن چىقىدۇ، ــ دېدى.
17 ئىبراھىم يەنە ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ كۈلۈپ كەتتى ۋە كۆڭلىدە: «يۈز ياشقا كىرگەن ئادەممۇ بالىلىق بولالارمۇ؟ توقسان ياشقا كىرگەن ساراھمۇ بالا تۇغارمۇ؟!»، ــ دېدى.
18 ئىبراھىم خۇداغا: ــ ئاھ، ئىسمائىل ئالدىڭدا ياشىسا ئىدى! دېدى.
19 خۇدا ئۇنىڭغا: ــ ياق، ئايالىڭ ساراھ جەزمەن ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. سەن ئۇنىڭغا «ئىسھاق» دەپ ئات قويغىن. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆز ئەھدەمنى تۈزىمەن؛ بۇ ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان نەسلى بىلەن باغلىغان ئەبەدىي بىر ئەھدە سۈپىتىدە بولىدۇ.   20 ئىسمائىلغا كەلسەك، ئۇنىڭ توغرىسىدىكى دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. مانا، مەن ئۇنى بەرىكەتلەپ، نەسلىنى كۆپەيتىپ، ئىنتايىن زور ئاۋۇتىمەن. ئۇنىڭ پۇشتىدىن ئون ئىككى ئەمىر چىقىدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن.   21 بىراق ئەھدەمنى بولسا مەن كېلەر يىلى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ساراھ ساڭا تۇغۇپ بېرىدىغان ئوغۇل ــ ئىسھاق بىلەن تۈزىمەن، ــ دېدى.
22 خۇدا ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن يۇقىرىغا چىقىپ كەتتى.
23 شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنىلا ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسمائىلنى، ئۆز ئۆيىدە تۇغۇلغانلار ۋە پۇلغا سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنى ئۇنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى ئېلىپ، خۇدا ئۇنىڭغا ئېيتقاندەك ئۇلارنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ خەتنە قىلدى.
24 ئىبراھىمنىڭ خەتنىلىكى كېسىلىپ، خەتنە قىلىنغاندا، توقسان توققۇز ياشقا كىرگەنىدى. 25 ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ خەتنىلىكى كېسىلىپ، خەتنە قىلىنغاندا، ئون ئۈچ ياشتا ئىدى. 26‏-27 ئىبراھىم بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىل دەل شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە خەتنە قىلىندى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ھەممە ئەر كىشىلەر، مەيلى ئۆيىدە تۇغۇلغان بولسۇن ياكى ياتتىن پۇلغا سېتىۋېلىنغانلار بولسۇن، ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە خەتنە قىلىندى.
 
 
17:1 «قادىر تەڭرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەل-شادداي». «شادداي» دېگەن سۆز بەلكىم «مۈرە» دېگەن مەنىدىكى سۆزدىن چىققان ــ شۇنىڭ بىلەن «شادداي» «مەن يۆلەنگەن مۈرەم» دېگەندەك يېقىملىق مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ» ــ خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ تەييارلىغان بىر يولى بار، ئۇلار ئۇنىڭدا مېڭىشى كېرەك. دېمەك، ئېتىقادچىلار «خۇدا مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ۋىجدانىم بويىچە مېڭىشىم كېرەك» دېگەن ئۇقۇمدا ياشايدۇ. 17:1 يار. 5‏:22. 17:2 يار. 12‏:2؛ 13‏:16؛ 15‏:5، 18؛ مىس. 2‏:24؛ 6‏:4؛ لاۋ. 26‏:42. 17:4 «مانا، مېنىڭ ئەھدەم سەن بىلەن تۈزۈلگەندۇر» ــ ياكى «مانا، مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەم شۇدۇر: -». 17:4 رىم. 4‏:17. 17:5 «ئىبراھىم» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاۋراھام». بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى «نۇرغۇن ئەۋلادلىرىنىڭ ئاتىسى» ياكى «كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ ئاتىسى». 17:6 مات. 1‏:6. 17:7 يار. 13‏:15. 17:8 يار. 15‏:18؛ قان. 1‏:8. 17:10 «مەن سەن بىلەن...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن سىلەر بىلەن». بۇ «سىلەر» ئىبراھىم ۋە بارلىق ئۆيىدىكى ئادەملەرنى كۆرسىتىشى كېرەك. 17:11 روس. 7‏:8؛ رىم. 4‏:11. 17:12 لاۋ. 12‏:3؛ لۇقا 2‏:21. 17:15 «ساراي» ــ بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى «مېنىڭ مەلىكەم». لېكىن «ساراھ» بولسا پەقەت «مەلىكە» دېگەن مەنىدە. بۇنىڭ ئەھمىيىتى بەلكىم شۇكى، شۇ چاغدىن باشلاپ ساراھ پەقەت ئىبراھىم ئۆزىگىلا «مەلىكە» بولۇپلا قالماي، بەلكى خۇدا ئالدىدىمۇ ئېتىقادى تۈپەيلىدىن «مەلىكە» دەپ ھېسابلىنىدۇ («ئىبر.» 11:11نى كۆرۈڭ). 17:16 «... ئۇ ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ» ــ ساراھدىن بولغان شۇ ئەل-مىللەتلەر «يەھۇدا»، «ئىسرائىل» (ئون قەبىلە) ۋە «ئېدوم» بولىدۇ. ئون قەبىلە سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن ئۇلاردىن ھازىرقى بىرنەچچە مىللەت شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن. 17:17 «ئىبراھىم ... دۈم يېتىپ كۈلۈپ... دېدى» ــ ئىبراھىمنىڭ كۈلگەنلىكى بەلكىم يېرىم ئىشەنچ، يېرىم ئىشەنچسىزلىكتىن، يېرىم گۇماندىن، يېرىم خۇشاللىقتىن بولسا كېرەك. لېكىن «رىم.» 17:4-21دە دېيىلگەنلەر بويىچە، ئىبراھىم تېزلا تولۇق ئىشەنچكە كەلدى. ئۇنىڭ بولغۇسى ئوغلى «ئىسھاق»نىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسى «كۈلكە»دۇر. 17:18 «ئىسمائىل سېنىڭ ئالدىڭدا ياشىسا ئىدى!» ــ مەنىسى، بەلكىم، «ئىسمائىل سەن خۇدانىڭ بەخت-بەرىكىتىگە ئېرىشسۇن!» دېگەندەكتۇر. خېلى روشەنكى، ئىبراھىم مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئىسمائىلنى خۇدا ۋەدە قىلغان ئوغلۇم، دەپ ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدى. 17:19 «ئىسھاق» ــ مەنىسى «كۈلكە». 17:19 يار. 18‏:10؛ 21‏:2. 17:20 «ئۇلۇغ بىر خەلق» ــ بۇ ئەرەبلەردۇر. 17:20 يار. 16‏:10؛ 25‏:12،16. 17:21 يار. 21‏:2.