15
خۇدانىڭ ئابرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈشى
بۇ ئىشلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئابرامغا ئالامەت كۆرۈنۈشتە كېلىپ: «ئەي ئابرام، قورقمىغىن؛ مەن ئۆزۈم قالقىنىڭ ۋە زور ئىنئامىڭدۇرمەن» ــ دېدى.   لېكىن ئابرام: ــ ئەي رەب پەرۋەردىگار، ماڭا نېمە بېرىسەن؟ مانا، مەن بالىسىز تۇرسام، ئۆي-بىساتلىرىمغا ۋارىسلىق قىلغۇچى مۇشۇ دەمەشقلىك ئەلىئېزەرلا باردۇر، ــ دېدى.
ئابرام يەنە: مانا، سەن ماڭا ھېچ نەسىل بەرمىدىڭ، مانا ئۆيۈمدە تۇرۇۋاتقانلاردىن بىرى ماڭا ۋارىس بولىدۇ، دېدى.
شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنىڭغا كېلىپ: «بۇ كىشى ساڭا ۋارىس بولمايدۇ، بەلكى ئۆز پۇشتۇڭدىن بولىدىغان كىشى ساڭا ۋارىس بولىدۇ»، ــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: ــ ئەمدى ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى سانا ــ قېنى، ئۇلارنى سانىيالامسەنكىن؟! ــ دېدى. ئاندىن ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ نەسلىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى.
ئابرام پەرۋەردىگارغا ئىشەندى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىكى بۇ ئىشەنچنى ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى دەپ ھېسابلىدى. يەنە ئۇنىڭغا: مەن بۇ زېمىنغا ئىگە قىلىشقا سېنى كالدىيەدىكى ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگاردۇرمەن، ــ دېدى.
لېكىن ئابرام: ــ ئى رەب پەرۋەردىگار، مەن ئۇنىڭغا جەزمەن ئىگە بولىدىغىنىمنى قانداق بىلىمەن؟ ــ دەپ سورىدى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۈچۈن ئۈچ ياشلىق بىر ئىنەك، ئۈچ ياشلىق بىر چىشى ئۆچكە، ئۈچ ياشلىق بىر قوچقار بىلەن بىر كەپتەر ۋە بىر باجكا ئېلىپ كەلگىن، ــ دېدى.
10 شۇڭا ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرسىنى يېرىمدىن ئىككى پارچە قىلىپ، يېرىمىنى يەنە بىر يېرىمىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىپ قويۇپ قويدى؛ ئەمما قۇشلارنى پارچىلىمىدى. 11 قاغا-قۇزغۇنلار تاپلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەندە، ئابرام ئۇلارنى ئۈركۈتۈپ ھەيدىۋەتتى.
12 لېكىن كۈن پاتاي دېگەندە، ئابرامنى ئېغىر بىر ئۇيقۇ باستى ۋە مانا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەھشەتلىك بىر ۋەھىمە، توم قاراڭغۇلۇق چۈشتى. 13 ئاندىن پەرۋەردىگار ئابرامغا: ــ جەزمەن بىلىشىڭ كېرەككى، سېنىڭ نەسلىڭ ئۆزلىرىنىڭ بولمىغان بىر زېمىندا مۇساپىر بولۇپ، شۇ يەردىكى خەلقنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ ۋە شۇنداقلا، بۇ خەلق ئۇلارغا تۆت يۈز يىلغىچە جەبىر-زۇلۇم سالىدۇ. 14 لېكىن مەن ئۇلارنى قۇللۇققا سالغۇچى شۇ تائىپىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن. كېيىن ئۇلار نۇرغۇن بايلىقلارنى ئېلىپ شۇ يەردىن چىقىدۇ. 15 ئەمما سەن بولساڭ، ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قوشۇلىسەن؛ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ئاندىن دەپنە قىلىنىسەن.   16 لېكىن شۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ئۆتۈپ، نەسلىڭ بۇ يەرگە يېنىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى ئامورىيلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ زىخى تېخى توشمىدى، دېدى.  
17 شۇنداق بولدىكى، كۈن پېتىپ قاراڭغۇ بولغاندا، مانا، گۆشلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان، ئىس-تۈتەك چىقىپ تۇرغان بىر ئوتدان بىلەن يالقۇنلۇق بىر مەشئەل كۆرۈندى. 18‏-19 دەل شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئابرام بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ زېمىننى مىسىرنىڭ ئېقىنىدىن تارتىپ ئۇلۇغ دەريا، يەنى ئەفرات دەرياسىغىچە بېرىمەن؛ يەنى كېنىيلەر، كەنىززىيلار، كادمونىيلار، 20 ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، رەفايىيلار، 21 ئامورىيلار، قانائانىيلار، گىرگاشىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ يۇرتىنى ئۇلارنىڭكى قىلىمەن» دېدى.
 
 
15:1 «مەن ئۆزۈم قالقىنىڭ ۋە زور ئىنئامىڭدۇرمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن ساڭا زور ئىنئام بەرگۈچىدۇرمەن». 15:1 زەب. 16‏:5؛ 18‏:2؛ 19‏:11 15:5 مىس. 32‏:13؛ قان. 10‏:22؛ رىم. 4‏:18؛ ئىبر. 11‏:12. 15:6 رىم. 4‏:3،9،18،22؛ گال. 3‏:6؛ ياق. 2‏:23. 15:7 زەب. 105‏:9-13 15:10 «چۈشەنمە» ــ كونا زامانلاردا ئىككى تەرەپ بىر-بىرى بىلەن ئەھدە تۈزمەكچى بولسا، ئاۋۋال كالا ياكى قوينى سويۇپ، ئىككى پارچە قىلىپ پارچىلايتتى؛ ئاندىن ئىككى تەرەپ سويۇپ ئىككى پارچە قىلغان مالنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تەڭ ئۆتۈپ بىر-بىرىگە قەسەم قىلاتتى. بۇ ئىشنىڭ مەنىسى، «قايسىمىز ئەھدىنى بۇزساق، خۇدا ئۇنى بۇ سويغان مالغا ئوخشاش قىلسۇن!» دېمەكلىك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئىبرانىي تىلىدا «ئەھدە تۈزۈش» ئادەتتە «ئەھدە كېسىش» دېيىلىدۇ. «يەر.» 8:34, 18-20-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ. 15:13 مىس. 12‏:40؛ روس. 7‏:6؛ گال. 3‏:17. 15:14 مىس. 3‏:22؛ 11‏:2؛ 12‏:35،36. 15:15 «ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قوشۇلىسەن» ــ بۇ سۆز ئېيتىلغان ئوبيېكتقا قاراپ مەنىسىنى بېكىتىش مۇمكىن. ئاڭلىغۇچى ئېتىقادلىق كىشى بولسا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى ھەققانىيلارنىڭ روھلىرىنىڭ قېشىغا كېتىدۇ؛ ئېتىقادسىز بولسا، ئۇلارنىڭ روھى ئېتىقادسىزلار بىلەن بىللە بولىدۇ («لۇقا» 13:16-19 ۋە «قوشۇمچە سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ). 15:15 يار. 25‏:7، 8. 15:16 «ئامورىيلارنىڭ قەبىھلىكى» ــ ئامورىيلار قانائان زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان قەبىلىلەر ئىچدە «يېتەكچى قەبىلە» ھېسابلىناتتى. «ئامورىيلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ زىخى تېخى توشمىغانىدى» ــ دېمەك، خۇدا ئۇلارغا توۋا قىلىش پۇرسىتى بەرسىمۇ، ئۇلار توۋا قىلماي، يەنىلا گۇناھقا پېتىپ، خۇدا بېكىتكەن چەككە يەتكەندە، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىللار ئارقىلىق ئۇلارنى جازالايدۇ؛ ئىسرائىللار ئۇلارنى زېمىنىدىن ھەيدەپ يوقىتىدۇ. بۇ ئىشلار «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر»، «قانۇن شەرھى» ۋە «يەشۇئا»دا تەپسىلىي تەسۋىرلىنىدۇ. «مىسىردىن چىقىش»تىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 15:16 مىس. 12‏:40. 15:17 «چۈشەنمە» ــ بۇ نەرسىلەرنىڭ ئەھمىيىتى، شۇنداقلا خۇدا ئىبراھىم بىلەن باغلىغان شۇ ئەھدە توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 15:18‏-19 يار. 12‏:7؛ 13‏:15؛ 24‏:7؛ 26‏:4؛ مىس. 32‏:13؛ قان. 1‏:8؛ 34‏:4.