14
ئابرامنىڭ لۇتنى قۇتقۇزۇشى
شىنارنىڭ پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئارىئوق، ئېلامنىڭ پادىشاھى كېدورلايومەر ۋە گويىمنىڭ پادىشاھى تىدالنىڭ كۈنلىرىدە شۇ ۋەقە بولدىكى، ئۇلار بىرلىشىپ سودومنىڭ پادىشاھى بېرا، گوموررانىڭ پادىشاھى بىرشا، ئادماھنىڭ پادىشاھى شىناب، زەبوئىمنىڭ پادىشاھى شەمئېبەر ۋە بېلا (يەنى زوئار)نىڭ پادىشاھىغا قارشى ھۇجۇمغا ئاتلاندى. بۇ بەشىنىڭ ھەممىسى كېلىشىپ سىددىم ۋادىسىغا، يەنى «شور دېڭىزى» ۋادىسىغا يىغىلدى. ئۇلار ئون ئىككى يىل كېدورلايومەرگە بېقىندى بولدى، ئون ئۈچىنچى يىلغا كەلگەندە، كېدورلايومەرگە قارشى ئىسيان كۆتۈردى.
ئون تۆتىنچى يىلى كېدورلايومەر ۋە ئۇنىڭغا ئىتتىپاقداش بولغان پادىشاھلار ھەممىسى يىغىلىپ، ئاشتاروت-كارنائىم دېگەن يەردە رەفايىيلارغا، شۇنداقلا ھام دېگەن يەردە زۇزىيلارغا، شاۋەھ-كىرىئاتايىمدا ئېمىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى يەڭدى؛ ئاندىن ئۇلار ھورىيلارنى ئۇلارنىڭ سېئىر تېغىدا مەغلۇپ قىلىپ، چۆلنىڭ يېنىدىكى ئەل-پارانغىچە سۈرۈپ-توقاي قىلدى. ئارقىدىنلا، ئۇلار ئەن-مىشپاتقا (يەنى قادەشكە) يېنىپ كېلىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتكۈل يۇرتىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى؛ ھازازون-تاماردا ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىمۇ ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سودومنىڭ پادىشاھى، گوموررانىڭ پادىشاھى، ئادماھنىڭ پادىشاھى، زەبوئىمنىڭ پادىشاھى ۋە بېلانىڭ (يەنى زوئارنىڭ) پادىشاھى چىقىپ، سىددىم ۋادىسىدا ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىشقا سەپ تىزدى؛ مۇشۇ بەشەيلەن ئېلامنىڭ پادىشاھى كېدورلايومەر، گويىمنىڭ پادىشاھى تىدال، شىنارنىڭ پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئارىئوق قاتارلىقلار بىلەن سوقۇشتى؛ يەنى تۆت پادىشاھ بىلەن بەش پادىشاھ ئۆزئارا سوقۇشتى. 10 سىددىم ۋادىسىدىكى ھەممىلا يەردە قارىماي ئورەكلىرى بار ئىدى. سودوم ۋە گوموررانىڭ پادىشاھلىرى قېچىپ، ئورەكلەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئەمما قالغانلار بولسا تاغقا قېچىپ كەتتى.
11  غالىب كەلگەن تۆت پادىشاھ بولسا سودوم بىلەن گوموررانىڭ ھەممە مال-مۈلكىنى ۋە بارلىق ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئېلىپ كەتتى. 12 ئۇلار يەنە ئابرامنىڭ جىيەنى لۇتنىمۇ ماللىرى بىلەن قوشۇپ ئېلىپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ سودومدا ئولتۇراقلاشقانىدى.
13 ھالبۇكى، قۇتۇلۇپ قالغان بىرسى بېرىپ بۇ ئىشلارنى ئىبرانىي ئابرامغا ئېيتتى. شۇ چاغدا ئۇ ئامورىي مامرەنىڭ دۇبزارلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. مامرە بولسا ئەشكول ۋە ئانەرنىڭ ئاكىسى ئىدى؛ بۇ ئۈچەيلەن ئابرام بىلەن ئىتتىپاقداش ئىدى.   14 ئابرام قېرىندىشىنىڭ ئەسىر بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئۆيىدە تۇغۇلغان، ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن ئۈچ يۈز ئون سەككىز ئادەمنى باشلاپ چىقىپ، تۆت پادىشاھنى قوغلاپ دانغىچە باردى. 15 كېچىسى ئۇ ئادەملىرىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى دەمەشقنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ھوباھ دېگەن جايغىچە قوغلاپ بېرىپ، 16 پۈتكۈل ئولجا ئالغان مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇۋالدى؛ ئۆز قېرىندىشى لۇتنى، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ۋە خوتۇن-قىزلىرىنى، شۇنداقلا بارلىق قالغان ئادەملەرنى ياندۇرۇپ كەلدى.
 
مەلكىزەدەكنىڭ ئابرامغا بەخت تىلىشى
17 ئابرام كېدورلايومەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كەلگەندە، سودومنىڭ پادىشاھى شاۋەھ ۋادىسى (يەنى خان ۋادىسى)غا ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. 18 سالېمنىڭ پادىشاھى مەلكىزەدەكمۇ نان بىلەن شاراب ئېلىپ ئالدىغا چىقتى. ئۇ زات بولسا، ھەممىدىن ئالىي تەڭرىنىڭ كاھىنى ئىدى؛   19 ئۇ ئابرامنى بەخت-بەرىكەتلەپ: ــ «ئابرام ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرى تەرىپىدىن بەرىكەتلەنسۇن! 20 شۇنداقلا دۈشمەنلىرىڭنى ئۆز قولۇڭغا تاپشۇرغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرىگە ھەمدۇسانا ئوقۇلغاي!» ــ دېدى.
ئابرام بولسا غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا بەردى.
21 ئاندىن سودومنىڭ پادىشاھى ئابرامغا: ــ ئادەملەرنى ماڭا بەرگەيلا، غەنىيمەتلەرنى ئۆزلىرىگە ئالغايلا، ــ دېدى.
22 لېكىن ئابرام سودومنىڭ پادىشاھىغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بولسام ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرى پەرۋەردىگارغا قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلغانمەنكى، 23 مەن سەندىن ھەتتا بىر تال يىپ نە بىر تال بوغقۇچىنىمۇ نە سېنىڭ باشقا ھەرقانداق نەرسەڭنى ئالمايمەن؛ بولمىسا، سەن كېيىن: «مەن ئابرامنى باي قىلىپ قويدوم» دېيىشىڭ مۇمكىن.
24 شۇڭا يىگىتلىرىمنىڭ يېگەن-ئىچكىنى، شۇنداقلا ماڭا ھەمراھ بولغانلار، يەنى ئانەر، ئەشكول ۋە مامرەلەرگە تېگىشلىك ئۈلۈشتىن باشقا، مەن غەنىيمەتتىن ھېچنەرسە ئالمايمەن؛ شۇلار ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئالسۇن، ــ دېدى.
 
 
14:3 «شور دېڭىزى» ــ «ئۆلۈك دېڭىز» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 14:5 يار. 15‏:20؛ قان. 2‏:10،11. 14:13 «ئىبرانىي» ــ بۇ يەردە «ئىبرانىي» دېگەن سۆز بىرىنچى قېتىم تىلغا ئېلىنغان. «ئىبرانىي» دېگەن سۆز تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل مەنىدە بولۇشى مۇمكىن : ــ (1) ئىبراھىم ئېبەر دېگەن كىشىنىڭ ئەۋلادى (10:21)؛ (2) «ئۆتكۈچى». «ئىبرانىي» دېگەننىڭ بەلكىم «ئابار» («ئۆتمەك») دېگەن پېئىل بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن. ئىبراھىم قانائان زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارغا نىسبەتەن «دەريادىن ئۆتكەن كىشى» ــ دېمەك، ئۇ «ئۇلۇغ دەريا» (ئەفرات دەرياسى)دىن ئۆتۈپ كەلگەن كىشى ئىدى. «بۇ ئۈچەيلەن ئابرام بىلەن ئىتتىپاقداش ئىدى» ــ سەل توغرىراق تەرجىمە قىلساق ««ئابرام بۇ ئۈچەيلەن بىلەن ئىتتىپاقداش ئىدى» 14:13 يار. 13‏:18. 14:14 «ئابرام ... تۆت پادىشاھنى قوغلاپ دانغىچە باردى» ــ تەخمىنەن 150-200 كىلومېترغىچە قوغلىغان. 14:18 «مەلكىزەدەك» ــ بۇ زات توغرۇلۇق «زەبۇر» 110-كۈيدىكى ئىزاھاتلارنى، شۇنداقلا «ئىبرانىيلارغا»دىكى 5-7-بابلارنى ۋە شۇلارنىڭ ئىزاھاتلىرى، «قوشۇمچە سۆز»ىنىمۇ كۆرۈڭ. 14:18 ئىبر. 7‏:1، 2، 3. 14:19 «ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى» ــ ياكى «ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى». 14:24 «يىگىتلەر» ــ ئىبراھىمنىڭ ئۆز خىزمەتكارلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبراھىمنىڭ ھەمراھلىرى ئانەر، ئەشكول ۋە مامرە بەلكىم پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بولمىغاچقا، ئىبراھىم ئۆزىگە قويغان قاتتىق تەلەپنى (ھېچ غەنىيمەت ئالمايمەن دېگەندەك) ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويمايدۇ.