3
ھاماننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى يوقىتىش سۇيىقەستى
بۇ ئىشلاردىن كېيىن پادىشاھ ئاھاشۋېروش ئاگاگىيلاردىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاماننىڭ مەنسىپىنى ئۆستۈردى؛ پادىشاھ ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان بارلىق ئەمىرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى قىلدى. پادىشاھ ئۇنىڭ ھەققىدە ئەمر قىلغاچقا، ئوردا دەرۋازىسىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى ھاماننىڭ ئالدىدا تەزىم قىلىپ باش ئۇراتتى؛ لېكىن موردىكاي بولسا ھامانغا نە تەزىم قىلمىدى، نە باش ئۇرمىدى.
ئوردا دەرۋازىسىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى موردىكايدىن: ــ سىلى نېمىشقا پادىشاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىدىلا؟ ــ دەپ سورايتتى. شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ھەر كۈنى نەسىھەت قىلىشقان بولسىمۇ، ئۇ قۇلاق سالمىغاندىن كېيىن، ئۇلار: ــ قېنى، موردىكاينىڭ قىلغان بۇ ئىشىغا يول قويۇلامدۇ-يوق، بىر كۆرەيلىچۇ، دەپ بۇنى ھامانغا ئېيتتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. ھامان موردىكاينىڭ ئۆزىگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندى. لېكىن ئۇ «موردىكاينىڭ ئۈستىگە قول سېلىشنى كىچىككىنە بىر ئىش» دەپ ھېسابلىدى؛ چۈنكى ئۇلار موردىكاينىڭ مىللىتىنى ئۇنىڭغا دەپ قويغانىدى؛ شۇڭا ھامان ئاھاشۋېروشنىڭ پۈتكۈل پادىشاھلىقىدىكى يەھۇدىيلارنى، يەنى موردىكاينىڭ خەلقىنى بىراقلا يوقىتىش يولىنى ئىزدەپ يۈردى.
 
ھاماننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋېتىشنى قەستلىشى
پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا، يەنى نىسان ئېيىدا، بىرسى ھاماننىڭ ئالدىدا قۇتلۇق ئاي-كۈننى بېكىتىش ئۈچۈن ھەر كۈن، ھەر ئاي بويىچە «پۇر»، يەنى چەك تاشلىۋىدى، ئون ئىككىنچى ئايغا، يەنى «ئادار ئېيى»غا چىقتى. ھامان پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا: ــ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئەل-مىللەتلەر ئارىسىدا چېچىلىپ ياشاۋاتقان بىر خەلق بار؛ ئۇلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى باشقا خەلقلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئالىيلىرىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگىمۇ بويسۇنمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئالىيلىرىغا ھېچ پايدا يەتكۈزمەيدۇ. ئەگەر پادىشاھىمغا لايىق كۆرۈنسە، ئۇلارنى يوقىتىش توغرۇلۇق يارلىق پۈتۈپ چۈشۈرگەيلا؛ مانا مەن ئۆز يېنىمدىن ئون مىڭ تالانت كۈمۈشنى ئالىيلىرىنىڭ خەزىنىلىرىگە سېلىش ئۈچۈن پادىشاھلىقنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان خادىملارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، دېدى.
10 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆزىنىڭ بارمىقىدىن ئۈزۈكنى سىيرىپ چىقىرىپ، يەھۇدىيلارنىڭ رەقىبى، ئاگاگىي ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامانغا بېرىپ: 11 ــ شۇ كۈمۈشلەرنى ئۆزۈڭگە ئىنئام قىلدىم، ئۇ خەلقنىمۇ ساڭا تاپشۇردۇم، ئۇلارنى قانداق قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىل! ــ دېدى.
 
پادىشاھنىڭ ھاماننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىشى
12 ئاندىن بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھنىڭ مىرزىلىرى چاقىرىلىپ، يارلىق ھاماننىڭ بارلىق تاپىلىغىنى بويىچە پۈتۈلدى؛ ئۇ ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئۆز يېزىقىدا، ھەرقايسى ئەل-مىللەتكە ئۆز تىلىدا يازدۇرۇلۇپ، ھەربىر ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىيلىرىغا، ھەربىر ئەل-مىللەتنىڭ ئەمىرلىرىگە ئەۋەتىلدى؛ يارلىق پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ نامىدا پۈتۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بىلەن پېچەتلەندى. 13 يارلىق مەكتۇپلىرى چاپارمەنلەرنىڭ قولى بىلەن پادىشاھلىقنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈلدى؛ ئۇنىڭدا بىر كۈن ئىچىدە ــ ئون ئىككىنچى ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى قېرى-ياش، بالىلار ۋە ئاياللار دېمەي، بارلىق يەھۇدىيلارنى قويماي قىرىپ، ئۆلتۈرۈپ، نەسلى قۇرۇتۇۋېتىلسۇن، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى ئولجا قىلىنسۇن، دېيىلگەنىدى. 14 شۇ يارلىق ھەربىر ئۆلكىدە جاكارلىنىش ئۈچۈن، شۇنداقلا شۇ كۈنى ھەربىر خەلق شۇنداق قىلىشقا تەييار بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، مەكتۇپنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىلىرى ھەربىر ئەل-مىللەتكە ئېلان قىلىنماقچى بولدى. 15 چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە دەرھال يولغا چىقتى؛ يارلىق شۇشان قەلئەسىنىڭ ئۆزىدىمۇ ئېلان قىلىندى. بۇ چاغدا پادىشاھ ھامان بىلەن شاراب ئىچىشكە ئولتۇرغانىدى. لېكىن شۇشان شەھىرىدىكىلەر دەككە-دۈككىگە چۆمۈپ كېتىشتى.
 
 
3:2 «...موردىكاي بولسا ھامانغا نە تەزىم قىلمىدى، نە باش ئۇرمىدى» ــ موردىكاينىڭ تەزىم قىلماسلىقى ياكى باش ئۇرماسلىقىنىڭ سەۋەبى بەلكىم تەۋراتتىكى «قان.» 17:25-19دىكى خاتىرە تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك. ھامان ئامالەك ئىدى، ئامالەكلەر بولسا ئىسرائىلنىڭ كونا رەقىبى ئىدى. ھامان ئەسلىدە سامۇئىل پەيغەمبەر ئۆلتۈرگەن ئامالەك بولغان ئاگاگ پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغاچقا، بەلكىم يەھۇدىي خەلقىگە تېخىمۇ ئۆچ بولۇشى مۇمكىن («مىس.» 8:17-16، «1سام.» 17:15-23، «قان.» 17:25-19نى كۆرۈڭ). مەلۇم بىر كىشىگە تەزىم قىلىش تەۋراتقا خىلاپ ئىش ئەمەس. تەۋرات دەۋرىدە ئىسرائىللار ئۆز پادىشاھلىرىغا شۇنداق تەزىم قىلاتتى ياكى گاھى ۋاقىتلاردا بىر-بىرىگە تەزىم قىلاتتى. «يار.» 7:23، «1سام.» 8:24، «2سام.» 4:14، «1پاد.» 16:1نى كۆرۈڭ. ئۇ «بۇتپەرەسلىك» ھېسابلانمايتتى. 3:4 «موردىكاينىڭ قىلغان بۇ ئىشىغا يول قويۇلامدۇ-يوق، بىر كۆرەيلىچۇ؟» ــ ئىبرانىي تىلىدا «موردىكاينىڭ ئىشلىرى تۇرالامدۇ-يوق، بىر كۆرەيلىچۇ؟» دېيىلىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «قېنى موردىكاي گېپىدە ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرالامدىكىن، بىر كۆرەيلىچۇ؟». 3:7 ««پۇر»، يەنى چەك ... ئون ئىككىنچى ئايغا، يەنى «ئادار ئېيى»غا چىقتى» ــ چەكنىڭ ئون ئىككىنچى ئايغا چىقىشى ئىنتايىن ئاجايىب ئىش ئىدى. بىز شۇ ئىش توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 3:9 «ئون مىڭ تالانت» ــ بىر «تالانت»نىڭ توپتوغرا قانچىلىك ئىكەنلىكى ھازىر بىزگە نامەلۇم، پارس ئىمپېرىيەسى بويىچە بەلكىم 43-45 كىلوگرام بولۇشى مۇمكىن؛ شۇڭا 10000 تالانت كۈمۈش بەلكىم ئاز دېگەندە 340 توننىچە بولاتتى؛ بۇ پەۋقۇلئاددە كۆپ پۇل پادىشاھنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا باراۋەر بولۇپ، پارا ھېسابلىناتتى؛ شۈبھىسىزكى، مۇشۇ پارا بەلكىم يەھۇدىي خەلقى يوقىتىلسا، ئۇلار تاپشۇرىدىغان باجلارنىڭ ئورنىغا بولسۇن دەپ بېرىلگەن؛ لېكىن ئۇ يەھۇدىيلار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باجدىن خېلىلا كۆپ ئىدى. ھامان «خەلق»نىڭ يەھۇدىي خەلقى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا پېتىنالمىدى؛ چۈنكى بۇرۇنقى پارس ئىمپېراتورلىرى يەھۇدىي خەلقىگە چوڭ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كەلگەنىدى. 3:11 «شۇ كۈمۈشلەرنى ئۆزۈڭگە ئىنئام قىلدىم» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمدى بۇ سېنىڭ پۇلۇڭ بولغاندىن كېيىن، قوبۇل قىلاي».