2
يېڭى خانىش تاللاش
بۇ ئىشلار ئۆتۈپ، پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ غەزىپى بېسىلغاندا، ئۇ ۋاشتىنى سېغىنىپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان يارلىقى ھەققىدە ئەسلەپ ئويلىنىپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە تۇرغان غوجىدارلار ئۇنىڭغا: ــ ئالىيلىرى ئۈچۈن ساھىبجامال ياش قىزلارنى ئىزدەپ تېپىپ كەلتۈرگەيلا؛ ئالىيلىرى پادىشاھلىقىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە بارلىق گۈزەل قىزلارنى يىغىپ، شۇشان قەلئەسىدىكى ھەرەمسارايغا كەلتۈرۈشكە ئەمەلدارلارنى تەيىنگەيلا؛ قىزلار ئوردىدىكى قىز-ئاياللارغا مەسئۇل بولغان ھەرەمئاغىسى ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغاي؛ ئۇلارغا كېرەكلىك ئۇپا-ئەڭلىكلەر تەمىنلەنگەي. ئالىيلىرىنى سۆيۈندۈرگەن قىز ۋاشتىنىڭ ئورنىنى بېسىپ خانىش بولسۇن، دېدى.
بۇ گەپ پادىشاھنى خۇش قىلدى ۋە ئۇ شۇنداق قىلدى.
 
ئەستەرنىڭ ئوردىغا كىرگۈزۈلۈشى
شۇشان قەلئەسىدە بىنيامىن قەبىلىسىدىن، كىشنىڭ ئەۋرىسى، شىمەينىڭ نەۋرىسى، يائىرنىڭ ئوغلى موردىكاي ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بار ئىدى (كىش بولسا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھۇدا پادىشاھى يەكونىياھ بىلەن بىر توپ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ يېرۇسالېمدىن ئەكەتكەندە، ئۇلار بىلەن بىللە ئەسىر قىلىنىپ كېتىلگەنىدى). موردىكاي ئۆزىنىڭ تاغىسىنىڭ قىزى ھاداسساھنى (يەنى ئەستەر) بېقىپ چوڭ قىلغانىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يوق ئىدى. بۇ قىز گۈزەل، تەقى-تۇرقى كېلىشكەن ئىدى؛ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولغاچقا موردىكاي ئۇنى ئۆز قىزى قاتارىدا بېقىپ چوڭ قىلغانىدى. پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋە يارلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن نۇرغۇن قىزلار شۇشان قەلئەسىگە كەلتۈرۈلۈپ ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ شۇنداق بولدىكى، ئەستەرمۇ ئوردىغا كەلتۈرۈلۈپ ئوردىدىكى قىز-ئاياللارغا مەسئۇل بولغان ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى. ئەستەر ھېگايغا ياققان بولۇپ، ئۇ ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ ئۇ تېزلا ئۇنىڭغا ئۇپا-ئەڭلىك ۋە تېگىشلىك يېمەكلىكلەرنى تەمىنلىدى ھەم ئوردىدىن ئۇنىڭغا تاللانغان يەتتە كېنىزەكنى بەردى؛ ئاندىن ئۇنى كېنىزەكلىرى بىلەن ھەرەمساراينىڭ ئەڭ ئېسىل جايىدىن ئورۇن بەردى. 10 ئەستەر ئۆزىنىڭ مىللىتى ۋە تېگى-تەكتىنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى، چۈنكى موردىكاي ئۇنىڭغا بۇنى ئاشكارىلىماسلىقنى تاپىلىغانىدى. 11 موردىكاي ئەستەرنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى ھەرەمساراينىڭ ھويلىسى ئالدىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى. 12 قىزلارغا ئائىت رەسمىيەت بويىچە، ھەربىر قىزنىڭ ئوردىغا كىرىپ پادىشاھ ئاھاشۋېروش بىلەن بىللە بولۇش نۆۋىتىدىن ئاۋۋال، ئون ئىككى ئاي بەدىنىنى تازىلىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى قىزلارنىڭ «تازىلىنىش كۈنلىرى» مۇنداق يول بىلەن ئادا قىلىناتتى: ــ ئالتە ئاي مۇرمەككى مېيى بىلەن، ئالتە ئاي ئەتىر-ئەڭلىك ۋە شۇنداقلا قىزلارنىڭ بەدىنىنى پاكىزلايدىغان باشقا بۇيۇملار بىلەن پەرداز قىلىنىشى كېرەك ئىدى. 13 قىز پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىدىغان چاغدا مۇنداق قائىدە بار ئىدى: ــ ئوردىغا كىرگەندە ئۇنىڭ نېمە تەلىپى بولسا، شۇلار ھەرەمسارايدىن ئۇنىڭغا بېرىلەتتى. 14 قىز ئاخشىمى كىرىپ كېتىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە قايتىپ چىققاندا ھەرەمساراينىڭ «ئىككىنچى بۆلۈم»ىگە قايتۇرۇلۇپ، توقال-كېنىزەكلەرگە مەسئۇل بولغان پادىشاھنىڭ ھەرەمئاغىسى شائاشغازنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلاتتى؛ پادىشاھ ئۇ قىزغا ئامراق بولۇپ قېلىپ، ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرمىغۇچە، ئۇ ئىككىنچى ئوردىغا كىرىپ پادىشاھ بىلەن بىللە بولمايتتى. 15 موردىكاينىڭ تاغىسى ئابىخائىلنىڭ قىزى ئەستەر، يەنى موردىكاي ئۆز قىزى قىلىپ بېقىۋالغان قىزنىڭ پادىشاھ بىلەن بىللە بولۇشقا كىرىش نۆۋىتى كەلگەندە، ئۇ قىزلارغا مەسئۇل بولغان پادىشاھنىڭ ھەرەمئاغىسى ھېگاي ئۆزىگە تەييارلاپ بەرگەن نەرسىلەردىن باشقا ھېچنەرسىنى تەلەپ قىلمىدى. ئەستەرنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياقتۇرۇپ قالاتتى.
 
ئەستەرنىڭ خانىش قىلىپ تىكلىنىشى
16 پادىشاھ ئاھاشۋېروش سەلتەنەت سۈرۈپ يەتتىنچى يىلىنىڭ ئونىنچى ئېيىغا، يەنى تەبەت ئېيىغا كەلگەندە، ئەستەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشقا شاھانە ئوردىغا باشلاپ كىرىلدى . 17 پادىشاھ ئەستەرنى باشقا بارلىق قىزلاردىن ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا، شۇنداقلا ئەستەر ئۇنىڭ ئىلتىپاتى ھەم ئامراقلىقىغا ئېرىشكەن بولغاچقا، پادىشاھ خانىش تاجىنى ئۇنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ، ئۇنى ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش قىلىپ تىكلىدى. 18 ئاندىن پادىشاھ ئۆزىنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ۋە بەگ-ھاكىملىرىغا ئەستەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن كاتتا زىياپەت بەردى؛ ئۇ يەنە ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە باج-ئالۋاندىن ئازاد مەزگىل بولسۇن دەپ ئېلان چىقاردى ھەمدە شاھانە بايلىقلىرىدىن سېخىيلىق بىلەن ئىنئاملارنى بەردى.
 
موردىكاينىڭ سۇيىقەستنى پاش قىلىشى
19 ئىككىنچى قېتىم قىزلار شۇنداق يىغىلغان ۋاقىتتا موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسىدا ئولتۇرىدىغان ئورنى بار بولغانىدى 20 (ئەستەر موردىكاينىڭ تاپىلىغىنى بويىچە، ئۆزىنىڭ مىللىتى ۋە تېگى-تەكتىنى يەنىلا باشقىلارغا ئېيتمىغانىدى؛ چۈنكى ئەستەر موردىكاينىڭ گېپىنى ئىلگىرى باققان ۋاقتىدا ئاڭلىغاندەك ئاڭلايتتى). 21 ئۇ كۈنلەردە، موردىكاي ئوردا دەرۋازىسىدىكى ئورنىدا ئولتۇرغان ۋاقتىدا، پادىشاھنىڭ بىگتان ۋە تەرەش دېگەن ئىككى دەرۋازىۋەن ھەرەمئاغىسى پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىشنى قەستلەۋاتقانىدى. 22 بۇ سۇيىقەستنى موردىكاي سېزىپ قېلىپ، ئۇنى خانىش ئەستەرگە ئېيتتى؛ ئەستەر بۇ ئىشنى موردىكاينىڭ نامىدا پادىشاھقا سۆزلەپ بەردى. 23 بۇ ئىش سۈرۈشتە قىلىنىۋىدى، راست بولۇپ چىقتى ۋە ئۇ ئىككىسى دارغا ئېسىلدى. بۇ ۋەقە پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىدا تارىخ-تەزكىرە كىتابىدا پۈتۈلدى.
 
 
2:1 «ئەسلەپ ئويلىنىپ قالدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆزلەردىن بىرخىل پۇشايماننىڭ پۇرىقى چىقىدۇ. 2:6 2پاد. 24‏:14 2:16 «يەتتىنچى يىلىنىڭ ئونىنچى ئېيى» ــ «ئەستەر» دېگەن كىتابتا ئايلار ئەگەر سان بويىچە ئېلىنغان بولسا، ئىبرانىي كالېندارىدىكى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئايلار ئىسمى بىلەن ئېلىنغان بولسا، پارس كالېندارىدىكى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇشبۇ ئايەتتىكى ۋاقىت تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 478-يىلنىڭ ئون ئىككىنچى ئېيىغا توغرا كېلىدۇ. 2:18 «باج-ئالۋاندىن ئازاد مەزگىل بولسۇن دەپ ئېلان چىقاردى» ــ ياكى «دەم ئېلىش بولسۇن دەپ ئېلان چىقاردى». ئىبرانىي تىلىدا ««بىر «ئازاد» جاكارلىدى». 2:19 «ئىككىنچى قېتىم قىزلار شۇنداق يىغىلغان ۋاقىت» ــ بۇ «يىغىلىش» دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھازىر ئېنىق ئەمەس. بەزى ئالىملار پادىشاھ ئەستەرنى خانىش دەپ تىكلىگەندىن كېيىن، ئىككىنچى بىر توقالنى ئالماقچى ئىدى، دەپ قارايدۇ. «موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسىدا ئولتۇرىدىغان ئورنى بار ئىدى» دېگەن سۆزلەر موردىكاينىڭ مەنسەپدار بولۇپ تىكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى شۇ كۈنلەردە مەلۇم جاينىڭ ئەمەلدارلىرى ياكى ئاقساقاللىرى، شۇنداقلا سوراقچىلار ئىش بېجىرىش ئۈچۈن شەھەر دەرۋازىسىدا ياكى ئوردا دەرۋازىسىدا ئولتۇراتتى.