14
پاۋلۇس بىلەن بارناباس كونيا شەھىرىدە
كونيا شەھىرىدە شۇنداق بولدىكى، پاۋلۇس بىلەن بارناباس يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرگەندە، جامائەتكە شۇنداق سۆزلىدىكى، نەتىجىدە يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەردىنمۇ نۇرغان كىشىلەر ئېتىقاد قىلدى (ھالبۇكى، ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلار يات ئەللىكلەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى زەھەرلەپ، ئۇلارنى قېرىنداشلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى). شۇڭا پاۋلۇس بىلەن بارناباس ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەبگە تايىنىپ يۈرەكلىك ھالدا خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى؛ رەب ئۇلارنىڭ قوللىرى بىلەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ ئۆز مېھىر-شەپقىتىنىڭ سۆز-كالامىغا گۇۋاھلىق بەردى. بۇنىڭ بىلەن شەھەر خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ، بەزىلىرى يەھۇدىيلار تەرەپتە، بەزىلىرى بولسا روسۇللار تەرەپتە تۇردى. ئاخىردا، بىر قىسىم يات ئەللىكلەر بىلەن يەھۇدىيلار ئارىسىدا (ئۆز باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە) روسۇللارنى قىيناپ، چالما-كېسەك قىلىش قۇتراتقۇلۇقى باش كۆتۈردى. 6‏-7 لېكىن ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، شۇ يەردىن قېچىپ لىكاۋۇنيا رايونىدىكى لىسترا ۋە دەربە شەھەرلىرى ھەمدە ئەتراپتىكى يۇرتلارغا قاراپ ماڭدى. ئۇلار شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەرنى داۋاملىق جاكارلاۋەردى.
 
لىسترا ۋە دەربە شەھەرلىرىدە
شۇ چاغدا، لىسترا شەھىرىدە پۇتلىرىدا ماغدۇرى يوق، ھېچ مېڭىپ باقمىغان بىر تۇغما پالەچ ئولتۇراتتى. پاۋلۇس سۆز قىلىۋاتقاندا، بۇ ئادەم ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئولتۇراتتى. پاۋلۇس ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ ئۇنىڭ ساقايتىلىشىغا ئىشەنچى بارلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، 10 يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:
ــ ئورنۇڭدىن دەس تۇر! ــ دېدى.
ھېلىقى ئادەم شۇئان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. 11 لېكىن پاۋلۇسنىڭ بۇ ئىشىنى كۆرگەن توپ-توپ ئادەملەر لىكاۋۇنيا تىلى بىلەن:
ــ ئىلاھلار ئىنسان قىياپىتىگە كىرىپ ئارىمىزغا چۈشۈپتۇ! ــ دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى. 12 ئۇلار بارناباسنى «ئىلاھ زېئۇس» دەپ ئاتاشتى ۋە پاۋلۇسنى سۆزلەشتە باشلامچى بولغاچقا ئۇنى «ئىلاھ ھېرمىس» دەپ ئاتاشتى. 13 شەھەرنىڭ سىرتىدا «زېئۇس ئىلاھ»نىڭ بۇتخانىسى بار ئىدى. شۇ بۇتخانىدىكى كاھىن شەھەر دەرۋازىسىغا ئۆكۈز ۋە گۈل چەمبىرەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ، خەلق بىلەن بىللە روسۇللارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولدى. 14 لېكىن روسۇللار بارناباس بىلەن پاۋلۇس بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتقان ھالدا، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى:
15 ــ خالايىق، بۇ ئىشلارنى نېمە دەپ قىلىۋاتىسىلەر؟! بىز سىلەرگە ئوخشاش ھېسسىياتتىكى ئىنسانلارمىز! بىز سىلەرگە بۇ ئەرزىمەس نەرسىلەرنى تاشلاپ، ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقلارنى ياراتقۇچى ھايات خۇداغىلا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك دەپ جاكارلاۋاتىمىز! 16 بۇرۇنقى دەۋرلەردە، ئۇ ھەرقايسى ئەللەرنى ئۆز يوللىرىدا مېڭىشقا يول قويغان. 17 شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھلىقنى قالدۇرمىغان ئەمەس. چۈنكى ئۇ ھەمىشە سىلەرگە شاپائەت كۆرسىتىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ئەرشتىن ياغدۇرۇپ مول ھوسۇل ئاتا قىلىپ، ئاش-تاماق بىلەن سىلەرنى تويغۇزۇپ، قەلبىڭلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈرۈپ كەلدى.
18 ھەتتا ئۇلار بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، خالايىقنىڭ ئۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىنى ئارانلا توسۇۋالدى.
19 لېكىن ئانتاكيا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىن بەزى يەھۇدىيلار كېلىپ، كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە قايىل قىلىشى بىلەن، خەلق پاۋلۇسنى چالما-كېسەك قىلدى، ئاندىن ئۇنى ئۆلدى دەپ قاراپ، شەھەر سىرتىغا سۆرەپ ئاچىقىپ تاشلىۋەتتى. 20 لېكىن مۇخلىسلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقاندا، پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەرگە قايتىپ كىردى. ئەتىسى، ئۇ بارناباس بىلەن بىللە دەربە شەھىرىگە كەتتى.
 
روسۇللارنىڭ سۇرىيەدىكى ئانتاكياغا قايتىپ كېلىشى
21 ئەمدى ئۇلار دەربە شەھىرىدە خۇش خەۋەر جاكارلاپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى مەسىھگە مۇخلىس بولۇشقا كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئىككىيلەن لىسترا، كونيا ۋە ئانتاكيا شەھەرلىرىگە قايتىپ باردى. 22 ئۇلار ئۇ يەرلەردە مۇخلىسلارنىڭ قەلبلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شۇنداقلا: ــ بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشتە نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ، ــ دەپ نەسىھەت قىلدى.
23 ئۇلار يەنە ھەرقايسى جامائەت ئىچىدە ئاقساقاللارنى تاللاپ بەلگىلەپ، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېتىقاد باغلىغان رەبگە تاپشۇردى. 24 ئىككىيلەن پىسىدىيە رايونىدىن ئۆتۈپ پامفىلىيە ئۆلكىسىگە كەلدى. 25 ئۇلار پەرگە شەھىرىدە سۆز-كالامنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئاتتاليا شەھىرىگە باردى. 26 ئاندىن ئۇ يەردىن كېمىگە چىقىپ، سۇرىيەدىكى ئانتاكياغا قاراپ كەتتى. ئۇلار ئەسلىدە شۇ يەردە ئۆزلىرى ھازىر تاماملىغان بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا جامائەتتىكىلەر تەرىپىدىن خۇدانىڭ مېھرى-شەپقىتىگە تاپشۇرۇلغانىدى.
27 قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار جامائەتنى بىر يەرگە جەم قىلغاندا، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمەللىرىنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئەللەركەئېتىقادنىڭ بىر ئىشىكىنى ئاچقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. 28 ئۇلار ئۇ يەردە مۇخلىسلار بىلەن بىللە ئۇزۇن مەزگىل تۇردى.
 
 
14:1 «نەتىجىدە يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەردىنمۇ نۇرغان كىشىلەر ئېتىقاد قىلدى» ــ «گرېكلەر» بەلكىم شۇ يەردىكى ھەر مىللەتتىن بولغان «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ. 14:3 مار. 16‏:20؛ روس. 19‏:11؛ ئىبر. 2‏:4. 14:4 «شەھەر خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ...» ــ ياكى «شەھەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ...». 14:6‏-7 مات. 10‏:23؛ روس. 8‏:1. 14:8 روس. 3‏:2. 14:11 روس. 28‏:6. 14:12 «ئىلاھ زېئۇس» ــ گرېكلەرنىڭ «باش ئىلاھ»ى («يۇپىتېر» دېگەن پلانېتا). «ئىلاھ ھېرمىس» ــ ھېرمىس («مېركۇرىي» دېگەن پلانېتا) «ئىلاھلارنىڭ ئەلچىسى» دەپ قارىلاتتى. 14:15 يار. 1‏:1؛ زەب. 33‏:6؛ 124‏:8؛ 146‏:6؛ روس. 10‏:26؛ ۋەھ. 14‏:7؛ 19‏:10؛ 22‏:9. 14:16 زەب. 81‏:12 14:17 رىم. 1‏:19. 14:19 2كور. 11‏:25. 14:22 مات. 10‏:38؛ 16‏:24؛ لۇقا 24‏:26؛ روس. 11‏:23؛ 13‏:43؛ 2تىم. 3‏:12. 14:25 «...ئاتتاليا شەھىرىگە باردى» ــ ئاتتاليا شەھىرى دېڭىز بويىدا ئىدى؛ ھازىرقى «ئانتالىيا». 14:26 روس. 13‏:1. 14:27 «خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئەللەركە ئېتىقادنىڭ بىر ئىشىكىنى ئاچقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى» ــ «ئەللەر» مۇشۇ يەردە «يات ئەللەر»، «يەھۇدىي ئەمەسلەر» دېگەن مەنىدە.