13
مۇقەددەس روھنىڭ بارناباس بىلەن سائۇلنى ئەۋەتىشى
ئانتاكيادىكى جامائەت ئىچىدە بەزى پەيغەمبەرلەر ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بار ئىدى. ئۇلار بارناباس، «قارا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىمېئون، كۇرىنىلىك لۇكىئۇس، ھېرود خان بىلەن بىللە چوڭ بولغان مانائەن ۋە سائۇللار ئىدى.   ئۇلار رەبنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ روزا تۇتۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا:
ــ بارناباس بىلەن سائۇلنى مەن ئۇلارنى قىلىشقا چاقىرغان خىزمەت ئۈچۈن ماڭا ئايرىپ قويۇڭلار، ــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئىككىيلەننىڭ ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ئۇزىتىپ قويدى.
 
بارناباس بىلەن سائۇل سىپرۇستا
ئۇلار مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، سەليۇكىيە شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن كېمىگە چىقىپ سىپرۇس ئارىلىغا قاراپ يولغا چىقتى. سالامىس شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگلىرىدا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. يۇھاننا ئۇلارنىڭ ياردەمچىسى ئىدى.   ئۇلار پۈتۈن ئارالنى ئارىلاپ چىقىپ، پافوس شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردە باريەشۇئا ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ سېھىرگەر بولۇپ، ساختا پەيغەمبەر بولغان بىر يەھۇدىي ئىدى. ئۇ كىشى بۇ ئارالنىڭ رىملىق ۋالىيىسى سېرگىيۇس پاۋلۇسنىڭ ھەمراھى ئىدى. ۋالىي ئۇقۇمۇشلۇق بىر كىشى بولۇپ، بارناباس بىلەن سائۇلنى چاقىرتىپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىماقچى بولدى. لېكىن ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) ئۇلارغا قارشى چىقىپ، ۋالىينىڭ رايىنى ئېتىقادتىن قايتۇرۇشنى ئۇرۇنماقتا ئىدى. بىراق مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان سائۇل (يەنە «پاۋلۇس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھېلىقى سېھىرگەرگە تىكىلىپ قاراپ 10 ئۇنىڭغا:
ــ ئەي، قەلبىڭ ھەرخىل ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان ئىبلىسنىڭ ئوغلى، ھەممە ھەققانىيلىقنىڭ دۈشمىنى! پەرۋەردىگارنىڭ تۈز يوللىرىنى بۇرمىلاشنى زادى توختاتمامسەن؟! 11 ئەمدى رەبنىڭ قولى ئۈستۈڭگە چۈشتى! كۆزلىرىڭ كور بولۇپ، بىر مەزگىل كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەلمەيسەن! ــ دېدى.
شۇئان، بىر خىل تۇمان ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنى باستى. ئۇ يولنى سىلاشتۇرۇپ، كىشىلەردىن مېنى قولۇمدىن يېتىلەڭلار، دەپ ئىلتىجا قىلاتتى. 12 يۈز بەرگەن ئىشنى كۆرگەن ۋالىي رەبنىڭ تەلىمىگە قاتتىق ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.
 
پاۋلۇسنىڭ بىر سىناگوگتا رەبنىڭ تەلىمىنى بېرىشى
13 پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كېمىگە چىقىپ، پافوستىن پامفىلىيە ئۆلكىسىدىكى پەرگە شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە يۇھاننا ئۇلاردىن ئايرىلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى.    14 پاۋلۇسلار بولسا پەرگە شەھىرىدىن چىقىپ، داۋاملىق مېڭىپ پىسىدىيە رايونىدىكى ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، شابات كۈنى سىناگوگقا كىردى. 15 تەۋرات قىسىملىرىدىن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىناگوگنىڭ چوڭلىرى ئۇلارنى چاقىرتىپ:
ــ قېرىنداشلار، ئەگەر خالايىققا بىرەر نەسىھەت سۆزۈڭلار بولسا، ئېيتىڭلار، ــ دېدى.
16 پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قول ئىشىرىتى قىلىپ، خالايىققا مۇنداق دېدى:
ــ ئەي ئىسرائىللار ۋە خۇدادىن قورققانلار، قۇلاق سېلىڭلار!    17 بۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ خۇداسى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى تاللىدى؛ ئۇلار مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنى ئۇلۇغ قىلدى، ئۆزىنىڭ ئېگىز كۆتۈرگەن بىلىكى بىلەن ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. 18 ئۇ چۆلدە ئۇلارغا تەخمىنەن قىرىق يىل غەمخورلۇق قىلدى 19 ئاندىن قانائان زېمىنىدىكى يەتتە ئەلنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەردى. 20 بۇ ئىشلارغا ئالدى-كەينى بولۇپ تەخمىنەن تۆت يۈز ئەللىك يىل كەتتى. كېيىن، تاكى سامۇئىل پەيغەمبەر ئوتتۇرىغا چىققىچە، ئۇ ئۇلارغا باتۇر ھاكىملارنى تىكلەپ بەردى. 21 ئاندىن ئۇلار بىزگە بىر پادىشاھنى بەرسىكەن، دەپ سامۇئىل پەيغەمبەردىن تىلىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئوغلى سائۇلنى تىكلەپ بەردى. ئۇ قىرىق يىل ھۆكۈم سۈردى. 22 بىراق خۇدا سائۇلنى سەلتەنىتىدىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تۇرغۇزۇپ بەردى. خۇدا ئۇنىڭ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ: «كۆڭلۈمدىكىدەك بىر ئادەمنى، يەنى يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتنى تاپتىم. ئۇ مېنىڭ تولۇق ئىرادەمگە ئەمەل قىلىدۇ»، ــ دېدى. 23 ئۆزى ۋەدە قىلغاندەك خۇدا بۇ ئادەمنىڭ نەسلىدىن ئىسرائىل خەلقىگە بىر قۇتقۇزغۇچى تىكلەپ بەردى ــ ئۇ بولسا ئەيسانىڭ ئۆزىدۇر!
24 ئۇ خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىشتىن ئالۋۋال، يەھيا پەيغەمبەر چىقىپ، بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار، دەپ جاكارلىدى. 25 يەھيا پەيغەمبەر ۋەزىپىنى تاماملىغاندا، خالايىققا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ مەن سىلەر كۈتكەن زات ئەمەسمەن. بىراق مانا، مەندىن كېيىن بىرسى كېلىدۇ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئاياغ كەشلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!»   26 ئەي قېرىنداشلار، ئىبراھىمنىڭ جەمەتىنىڭ نەسىللىرى ۋە ئاراڭلاردىكى خۇدادىن قورققانلار، بۇ نىجاتلىقنىڭ سۆز-كالامى سىلەرگە ئەۋەتىلدى!    27 يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى ئەيسانى تونۇماي، ئۇنىڭ ئۈستىدىن گۇناھكار دەپ ھۆكۈم چىقارغىنى بىلەن، ھەر شابات كۈنى ئوقۇلىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.    28 گەرچە ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر گۇناھ تاپالمىغان بولسىمۇ، ۋالىي پىلاتۇستىن يەنىلا ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى ئۆتۈندى. 29 ئۇلار بۇ ئىشلارنى قىلىپ مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇنىڭ ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى بىلمىگەن ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتىنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ، بىر قەبرىگە قويدى. 30 لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى! 31 تىرىلگەندىن كېيىن، ئۇ بۇرۇن ئۆزى بىلەن گالىلىيەدىن يېرۇسالېمغىچە ئەگىشىپ كەلگەنلەرگە كۆپ كۈنلەر ئىچىدە نەچچە قېتىم كۆرۈنۈپ تۇردى. بۇ كىشىلەر ھازىر ئىسرائىل خەلقىگە ئۇنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولۇۋاتىدۇ.
32‏-33 بىزمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قىلىنغان ۋەدىنىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە ھازىر جاكارلايمىز ــ خۇدا ئەيسانى ئارىمىزدا تىكلەپ، بۇ ۋەدىنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بىزلەرگە ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ ھەقتە زەبۇرنىڭ ئىككىنچى كۈيىدە ئالدىنئالا مۇنداق پۈتۈلگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈنىدە تۇغدۇردۇم».    34 ئەمدىلىكتە خۇدانىڭ ئەيساغا چىرىشنى قايتا كۆرگۈزمەي ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق ئالدىن ئېيتقان: «داۋۇتقا ۋەدە قىلغان مېھىر-شەپقەتلەرنى سىلەرگە ئاتا قىلىمەن!»    35 شۇڭا يەنە بۇ ھەقتە يەنە بىر ئايەتتە: ــ «ئى خۇدا، سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا تېنىنىڭ چىرىشىنى كۆرگۈزمەيسەن».  
36 چۈنكى داۋۇت دەرۋەقە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆز دەۋرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىغا قوشۇلۇپ ئۆلۈمدە ئۇخلاپ ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەنىدى.    37 لېكىن خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى بولسا چىرىشنى ھېچ كۆرمىدى.
38 ئەمدى شۇڭا سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئى قېرىنداشلار، ھازىر گۇناھلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىش يولى دەل شۇ كىشى ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلىنىۋاتىدۇ.    39 مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنى بىلەن سىلەر خالاس بولالمايۋاتقان ئىشلاردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۇ ئارقىلىق خالاس قىلىنىپ ھەققانىي قىلىنىدۇ!    40 شۇڭا، پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان شۇ بالايىئاپەت بېشىڭلارغا چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىڭلار! ــ
41 «قاراڭلار، ئى مازاق قىلغۇچىلار، ھەيرانۇھەس بولۇپ ھالاك بولۇڭلار!
چۈنكى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردا بىر ئىش قىلىمەنكى،
ئۇنى بىرسى سىلەرگە ئېلان قىلسىمۇ سىلەر شۇ ئىشقا ھەرگىز ئىشەنمەيسىلەر!»  
 
42 پاۋلۇس بىلەن بارناباس سىناگوگدىن چىقىۋاتقاندا، جامائەت ئۇلارغا كېلەركى شابات كۈنى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە سۆزلەشنى يېلىندى. 43 سىناگوگتىكى جامائەت تارقالغاندا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە خۇدادىن قورققان تەۋراتقا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ پاۋلۇس بىلەن بارناباسقا ئەگەشتى. ئىككىسى ئۇلارغا سۆز قىلىپ، ئۇلارنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدە چىڭ تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.
44 كېيىنكى شابات كۈنى، پۈتۈن شەھەر خەلقى دېگۈدەك خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىغىلى كېلىشتى. 45 بىراق بۇنداق توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرگەن يەھۇدىيلار ھەسەتكە چۆمۈپ، پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە قارشى تەتۈر گەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلدى. 46 ئەمدى پاۋلۇس بىلەن بارناباس تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى:
ــ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئالدى بىلەن سىلەر يەھۇدىي خەلقىگە يەتكۈزۈش كېرەك ئىدى. لېكىن سىلەر ئۇنى چەتكە قېقىپ ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا لايىق كۆرمىگەندىن كېيىن، مانا بىز سىلەردىن بۇرۇلۇپ ئەللەرگە يۈزلىنىمىز!    47 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇقەددەس يازمىلاردا بىزگە مۇنداق بۇيرۇغان: ــ
«مەن سېنى يات ئەللەرگە نۇر بولۇشقا،
يەر يۈزىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە نىجاتلىق بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى ئاتىدىم».  
 
48 ئەللەردىكىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇشۇپ رەبنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلاشتى؛ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە بېكىتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىقاد قىلدى.
49 شۇنداق قىلىپ، رەبنىڭ سۆز-كالامى پۈتكۈل زېمىنغا تارقالدى. 50 بىراق يەھۇدىيلار خۇدادىن قورققان يۇقىرى تەبىقىلىك ئاياللارنى ھەم شەھەر مۆتىۋەرلىرىنى قۇترىتىپ، پاۋلۇس بىلەن بارناباسقا زىيانكەشلىك قىلغۇزۇپ، ئۇلار ئىككىسىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى.    51 ئەمما پاۋلۇس بىلەن بارناباس ئۇلارغا قاراپ ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىشتۇرۇۋېتىپ، كونيا شەھىرىگە قاراپ ماڭدى. 52  ئانتاكيادىكى مۇخلىسلار بولسا خۇشاللىققا ھەمدە مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلدى.
 
 
13:1 ««قارا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىمېئون» ــ گرېك تىلىدا ««نېگىر» دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىمېئون». «نېگەر» دېگەن مەنىسى «قارا». «ھېرود خان» ــ مۇشۇ ئايەتتە «خان» گرېك تىلىدا «تېترارق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «تېترارق» دېگەننىڭ تولۇق مەنىسى «(زېمىننىڭ) تۆتتىن بىر قىسمى ئۈستىدىكى ھاكىم». «تېترارق» دېگەن مەرتىۋە «ۋالىي»دىن تۆۋەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ھېرودلار پونتىي پىلاتۇسقا بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى. 13:1 روس. 14‏:26. 13:2 مات. 9‏:38؛ روس. 9‏:15؛ 22‏:21؛ رىم. 1‏:1؛ 10‏:15؛ گال. 1‏:15؛ 2‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:8؛ 1تىم. 2‏:7؛ 2تىم. 1‏:11؛ ئىبر. 5‏:4. 13:3 روس. 6‏:6؛ 8‏:15؛ 19‏:6. 13:5 «يۇھاننا ئۇلارنىڭ ياردەمچىسى ئىدى» ــ يەنى ماركۇس دەپمۇ ئاتالغان يۇھاننا. 13:5 روس. 12‏:25. 13:6 روس. 8‏:9؛ 19‏:13. 13:9 «سائۇل (يەنە «پاۋلۇس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ)...» ــ «پاۋلۇس» لاتىنچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى بەلكىم «كىچىك». سائۇل مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا چاقىرىلغاچقا، بۇ مۇشۇ يەردىن باشلاپ ئۆزى ئۈچۈن بۇ لاتىنچە ئىسىم ئىشلىتىشكە باشلايدۇ. 13:13 «ئۇ يەردە يۇھاننا ئۇلاردىن ئايرىلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى» ــ مۇشۇ «يۇھاننا» بولسا يۇھاننا ماركۇس ئىدى. 13:13 روس. 15‏:38. 13:16 «ئەي ئىسرائىللار ۋە خۇدادىن قورققانلار... » ــ «خۇدادىن قورققانلار» دېگەن تۇراقلىق ئىبارە تەۋرات ئېتىقادىدا بولغان «يات ئەللىكلەر» (يەھۇدىي ئەمەسلەر)نى كۆرسىتىدۇ. خەتنە قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇلارغا سىناگوگقا قاتنىشىشقا رۇخسەت بېرىلگەن. 13:16 روس. 12‏:17؛ 19‏:33؛ 21‏:40. 13:17 مىس. 1‏:1. 13:18 مىس. 16‏:35؛ چۆل. 14‏:34؛ زەب. 95‏:10. 13:19 يە. 14‏:2. 13:20 ھاك. 2‏:16؛ 3‏:9. 13:21 1سام. 8‏:5؛ 9‏:15؛ 10‏:15؛ ھوش. 13‏:11. 13:22 1سام. 13‏:14؛ 16‏:12؛ زەب. 89‏:19-29؛ روس. 7‏:45. 13:24 مات. 3‏:1؛ مار. 1‏:2؛ لۇقا 3‏:2؛ يـۇھ. 3‏:23. 13:25 «مەن سىلەر كۈتكەن زات ئەمەسمەن» ــ گرېك تىلىدا: «مەن «ئۇ» ئەمەسمەن» ياكى «مەن «شۇ زات» ئەمەسمەن». 13:25 مات. 3‏:11؛ يـۇھ. 1‏:20. 13:26 «...ئىبراھىمنىڭ جەمەتىنىڭ نەسىللىرى ۋە ئاراڭلاردىكى خۇدادىن قورققانلار...» ــ «خۇدادىن قورققانلار» ــ 16-ئايەت ۋە ئىزاھاتنىڭ كۆرۈڭ. 13:26 مات. 10‏:6؛ روس. 3‏:26؛ 13‏:46. 13:27 «يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى ئەيسانى تونۇماي...» ــ گرېك تىلىدا: «يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى ئۇنى تونۇماي...». 13:27 يـۇھ. 16‏:3؛ روس. 3‏:17؛ 1كور. 2‏:8؛ 1تىم. 1‏:13. 13:28 مات. 27‏:20؛ مار. 15‏:11؛ لۇقا 23‏:18؛ يـۇھ. 19‏:6. 13:30 مات. 28‏:6؛ مار. 16‏:6؛ لۇقا 24‏:6. 13:31 مار. 16‏:14؛ يـۇھ. 20‏:19؛ 21‏:1؛ روس. 1‏:3؛ 1كور. 15‏:5. 13:32‏-33 «سەن مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈنىدە تۇغدۇردۇم» ــ «زەب.» 7:2. بەزى ئالىملار، بۇ بېشارەتتىكى «تىكلەش» دېگەن سۆز ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ «تىرىلدۈرۈپ» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تىرىلىشىنى كۆرسىتىدىغان بېشارەتلەرنى نەقىل كەلتۈرىدىغان ئايەتلەر 34-35-ئايەتلەردۇر. شۇڭا زەبۇردىكى بۇ بېشارەت («زەب.» 7:2) ئۇنىڭ پاك قىز مەريەمدىن تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز. 13:32‏-33 يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:15؛ 2سام. 7‏:12؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 4‏:2؛ 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:24؛ دان. 9‏:24،25؛ زەب. 2‏:7. 13:34 «داۋۇتقا ۋەدە قىلغان مېھىر-شەپقەتلەرنى سىلەرگە ئاتا قىلىمەن!» ــ «يەش.» 2:55. 13:34 يەش. 55‏:3. 13:35 «ئى خۇدا، سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا تېنىنىڭ چىرىشىنى كۆرگۈزمەيسەن» ــ «زەب.» 10:16. «سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭ» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. 13:35 زەب. 16‏:10؛ روس. 2‏:27. 13:36 «داۋۇت دەرۋەقە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆز دەۋرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ،...» ــ ياكى «داۋۇت دەرۋەقە ئۆز دەۋرىدە خۇدانىڭ مۇددىئا-مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ،...». «ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەنىدى» ــ گرېك تىلىدا «چىرىشلەرنى كۆردى». 35-ئايەتنى كۆرۈڭ. 13:36 1پاد. 2‏:10؛ روس. 2‏:29. 13:37 «لېكىن خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى بولسا چىرىشنى ھېچ كۆرمىدى» ــ «خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى» ئەيسانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. 13:38 «ھازىر گۇناھلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىش يولى دەل شۇ كىشى ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلىنىۋاتىدۇ» ــ «دەل شۇ كىشى ئارقىلىق» ئەيسا ئارقىلىق، دېمەك. 13:38 لۇقا 24‏:47؛ 1يۇھ. 2‏:12 13:39 «تەۋرات قانۇنى بىلەن سىلەر خالاس بولالمايۋاتقان ئىشلار» ــ «خالاس بولالمايدىغان ئىشلار» ھەرتۈرلۈك ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ؛ گۇناھنىڭ ئىلكىدىن خالاس بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، بەلكى تەۋرات قانۇنىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك قۇربانلىق قىلىش ۋە رەسىم-قائىدىلەردىن خالاس بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 13:39 رىم. 3‏:28؛ 8‏:3؛ 10‏:4؛ گال. 2‏:16؛ ئىبر. 7‏:19. 13:41 «قاراڭلار، ئى مازاق قىلغۇچىلار، ھەيرانۇھەس بولۇپ ھالاك بولۇڭلار! چۈنكى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردا بىر ئىش قىلىمەنكى، ئۇنى بىرسى سىلەرگە ئېلان قىلسىمۇ سىلەر شۇ ئىشقا ھەرگىز ئىشەنمەيسىلەر!» ــ تەۋرات، «ھاب.» 5:1. 13:41 يەش. 28‏:14؛ ھاب. 1‏:5. 13:43 روس. 11‏:23؛ 14‏:22. 13:46 «مانا بىز سىلەردىن بۇرۇلۇپ ئەللەرگە يۈزلىنىمىز!» ــ «ئەللەرگە يۈزلىنىمىز» ــ يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يۈزلىنىمىز». دېمەك، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلارغا يەتكۈزىمىز. 13:46 مىس. 32‏:10؛ يەش. 55‏:5؛ مات. 8‏:12؛ 10‏:6؛ 21‏:43؛ روس. 3‏:26؛ 13‏:26؛ رىم. 10‏:19. 13:47 «مەن سېنى يات ئەللەرگە نۇر بولۇشقا، يەر يۈزىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە نىجاتلىق بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى ئاتىدىم» ــ «يەش.» 6:42 ۋە 6:49نى كۆرۈڭ؛ مۇشۇ ئايەتلەردىكى «سېنى» مەسىهنى كۆرسىتىدۇ. بارناباس ۋە پاۋلۇس «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ يۈرگۈزمەكتە (1-باب، 1-ئايەت). 13:47 يەش. 42‏:6؛ 49‏:6؛ لۇقا 2‏:32. 13:48 «بېكىتىلگەنلەر» ــ ياكى «بەل باغلىغانلار» «مايىل قىلىنغانلار». 13:50 «بىراق يەھۇدىيلار خۇدادىن قورققان يۇقىرى تەبىقىلىك ئاياللارنى ھەم شەھەر مۆتىۋەرلىرىنى قۇترىتىپ...» ــ «خۇدادىن قورققان ئاياللار» بولسا تەۋراتقا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي بولمىغان، سىناگوگتىكى ئىبادەتكە قاتنىشىدىغان ئاياللار. گەرچە ئۇلار «خۇدادىن قورققان» بولسىمۇ، مۇشۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئازدۇرۇلغان. 13:50 2تىم. 3‏:11. 13:51 «پاۋلۇس بىلەن بارناباس ئۇلارغا قاراپ ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىشتۇرۇۋېتىپ،...» ــ «ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىشتۇرۇۋېتىش» دېگەن ھەرىكەت «مۇناسىۋىتىمىز پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى» دېگەن ئاگاھنىڭ ئىپادىسى ئىدى. «مات.» 14:10، «مار.» 11:6، «لۇقا» 9:5نى كۆرۈڭ. «كونيا شەھىرى» ــ ھازىرقى نام. كونا گرېكچە ئىسمى «ئىكونىئۇم» ياكى «ئىكونىئون». ئۇ ھازىرقى تۈركىيەدە.